باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈمـلىـرىگە بويـسۇنۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئۇنىڭغا چاقىرىلغان ھەم ياخشىلىققا بۇيرۇلغان ۋە يامانلىقتىن توسۇلغان كىشىنىڭ نېمە دەيدىغانلىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

فَلاَ وَرَبِّكَ لاَ يُؤْمِنُونَ حَتَّىَ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لاَ يَجِدُواْ فِي أَنفُسِهِمْ حَرَجًا مِّمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُواْ تَسْلِيمًا

«(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ»-(سۈرە نىسا، 65- ئايەت).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّمَا كَانَ قَوْلَ الْمُؤْمِنِينَ إِذَا دُعُوا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ أَن يَقُولُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا وَأُوْلَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ

«(پەيغەمبەر) مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا، ئۇلار: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق»، دېيىشلىرى كېرەك. مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»-(سۈرە نۇر، 51- ئايەت).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:

لِّلَّهِ ما فِي السَّمَاواتِ وَمَا فِي الأَرْضِ وَإِن تُبْدُواْ مَا فِي أَنفُسِكُمْ أَوْ تُخْفُوهُ يُحَاسِبْكُم بِهِ اللّهُ

«ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەر (ئىگىدارچىلىق قىلىش جەھەتتىن بولسۇن، تەسەررۇپ قىلىش جەھەتتىن بولسۇن) ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدىدۇر. دىلىڭلاردىكى (يامانلىقنى) مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ»-(سۈرە بەقەرە، 284- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەت نازىل بولغان چاغدا، ساھابىلەرگە مۈشكۈل تۇيۇلۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇلار تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! بىز ناماز، جىھاد، روزا تۇتۇش ۋە سەدىقە قىلىش قاتارلىق تاقىتىمىز يېتىدىغان ئەمەللەرگە بۇيرۇلغانىدۇق. لېكىن، ساڭا نازىل بولغان بۇ ئايەتكە (يەنى بۇ ئايەت بويىچە ئىش قىلىشقا) تاقىتىمىز يەتمەيدۇ»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئىلگىرىكى ئەھلى كىتابقا ئوخشاش ‹ئاڭلىدۇق ۋە ئاسىي بولدۇق›، دېمەكچىمۇسىلەر؟ بەلكى، ‹ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز مەغفىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر، دەڭلار›»، دېدى. ئۇ ئايەتنى ساھابىلەر ئوقۇپ، تىللىرى ئوقۇشقا رام بولغاندا ئاللاھ تائالا كەينىدىنلا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:

آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مِن رَّبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ كُلٌّ آمَنَ بِاللّهِ وَمَلآئِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لاَ نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّن رُّسُلِهِ وَقَالُواْ سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ

 «پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى. مۇئمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز دەيدۇ. ئۇلار: بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز! مەغفىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر»-(سۈرە بەقەرە، 285- ئايەت)، دەيدۇ. ساھابىلەر ئايەتلەرنى ئوقۇپ تۇرغان ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ساھابىلەرگە مۈشكۈل تۇيۇلغان ئايەتنى مەنسۇخ قىلىپ (ئەمەلدىن قالدۇرۇپ)، بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:

لاَ يُكَلِّفُ اللّهُ نَفْسًا إِلاَّ وُسْعَهَا لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ رَبَّنَا لاَ تُؤَاخِذْنَا إِن نَّسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا

«ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى ئۆزىگىدۇر، يامانلىقىمۇ ئۆزىگىدۇر. ئۇلار: پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق، بىزنى جازاغا تارتمىغىن»-(سۈرە بەقەرە، 286- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەندە، ئاللاھ تائالا: «ماقۇل»، دېدى.

 رَبَّنَا وَلاَ تُحَمِّلْنَا مَا لاَ طَاقَةَ لَنَا بِهِ

پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش، بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن( («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 286- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەندە، ئاللاھ تائالا: «ماقۇل»، دېدى.

 رَبَّنَا وَلاَ تَحْمِلْ عَلَيْنَا إِصْرًا كَمَا حَمَلْتَهُ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِنَا

«پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن»-(سۈرە بەقەرە، 286- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەندە، ئاللاھ تائالا: «ماقۇل»، دېدى.

 وَاعْفُ عَنَّا وَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَآ أَنتَ مَوْلاَنَا فَانصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ

 «بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغفىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كۇفرى قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن»-(سۈرە بەقەرە، 286- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەندە، ئاللاھ تائالا: «ماقۇل»، دېدى.          — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىلەرنى بىرەر ئىشقا بۇيرۇغان ئەھكاملارنىڭ مەنسۇخ (نازىل قىلىنغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى) قىلىنىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

2) ساھابىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كېچىدىغان بولمىغۇر خىيال، يامانلىقلاردىن ھېساب ئېلىشىدىن قاتتىق قورققان، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭغا كۈچىمىز يەتمەيدۇ، دەپ قارىغان. ئۇلار ئايەتنى ئوقۇپ: «ئاڭلىدۇق ۋە رەببىمىزگە ئىتائەت قىلدۇق»، دېگەندە، ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن مۇشەققەتنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىدىن، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەلگەن ۋە خىيال قىلغان نەرسىلىرى ئۈچۈن ھېساب ئالمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ئۇلارغا قانداق دۇئا قىلىشنى، پەرۋەردىگارىدىن قانداق تىلەشنى ئۆگەتكەن.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ