باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمىر قىلغان نەرسە ئاللاھ بىلەن توغرا مۇناسىۋەت ئورنىتىشتۇر
كىرىش سۆز
ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى نەرسىلەرنى ھەر بىرىنى ئۆزىنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىگە بىر ئالامەت (ئالەم) سۈپىتىدە ياراتقان؛ ئۇ نەرسىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىنساننى بولسا، ئۆز ئەقلى بىلەن بۇ ھەقىقەتنى تاپالايدىغان قابىلىيەتتە ياراتقان، شۇنداقلا ئۆزىنى «ئالەملەرنىڭ رەببى»، ئۇ نەرسىلەرنى «ئالەملەر» دەپ تونۇشتۇرغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىنسان دۇنياغا كۆز ئېچىپ گەپ قىلالىغۇدەك بولغاندىن تارتىپ ئاللاھنى ئىزدىگىلى باشلىسا، تاكى بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا تاپىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپلا ئەتراپقا قىزىقىش بىلەن قاراپ، ئۆزىدىن بۇنى كىم ياراتقان؟ ئۇنى كىم ياراتقان؟ مېنى كىم ياراتقان؟ دېگەندەك سوئاللارنى سوراشقا باشلايدۇ ۋە جاۋابىنى تېپىشقا تىرىشىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئاتا-ئانىسىدىن ياكى چوڭلاردىن بۇ ھەقتە سوئاللار سورايدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ياشاپ، بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا ئاللاھ تائالا  ئۇ ئالەملەر ئارقىلىق يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمان، ئاي، كۈن، يۇلتۇز، بۇلۇت، يامغۇر ۋە ئۇچارقاناتلار، ئاستىدىكى زېمىن، ئەتراپىدىكى دېڭىز-دەريا، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھ، ئوت- چۆپ ۋە ئېكىنلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ قۇلىقىغا: «ھەي مەخلۇق! ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە باققۇچى مەن ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ- دە، ئۇ ئىچىدە: «شۇنداق، ياراتقۇچى ئەلۋەتتە سەندۇرسەن يارەب! مەن بۇنى ئەمدى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بىلدىم» دەيدۇ ۋە ئىزدىنىشتىن توختايدۇ، باشقىسىدىن سوئال سوراشقىمۇ ئېھتىياج ھېس قىلمايدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش مەسئۇلىيىتى مانا مۇشۇ ۋاقىتتا باشلىنىدۇ.
دۇنياغا كەلگەن ھەر ئىنسان بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا ئاللاھ تائالاغا ئەنە شۇ ئەھدىنى بېرىدۇ، لېكىن ئاللاھ تائالا كىتاب نازىل قىلىپ ئۇ ئەھدىنى چىڭىتقاندىن كېيىن بەزىلەر بۇ ئەھدىسىدە تۇرىدۇ، بەزىلەر تۇرمايدۇ. تۇرمىغانلار ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمىر قىلغان نەرسىنى (ئاللاھقا تەزىم قىلىشنى، ئۇنىڭغا بىۋاسىتە باغلىنىشنى ۋە ئۇ تەلەپ قىلغاندەك ياشاشنى) ئۈزىدۇ، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۆزلىرى زىيان تارتىدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 26- ئايىتىدە ئۆتكەن فاسىقلارنىڭ يەنى مېڭىشقا تېگىشلىك بولغان توغرا يولدىن چىققانلارنىڭ سۈپىتىدۇر. بۇ تەتقىقاتىمىزدا ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەندىن تارتىپ ھەر دائىم ئىچىدە ئاللاھقا ئەھدە بېرىپ تۇرۇشى، ئاندىن ئەمەلىيىتىدە بۇ ئەھدىگە ۋاپا قىلماسلىقى، ۋاپا قىلماسلىقتىكى نىيەتلىرى، ئۇلارنىڭ تۈرلىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.
تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.
1- ئاللاھ تائالا ھەر ئىنساندىن ئەھدە ئالغان
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِن بَنِي آدَمَ مِن ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَى أَنفُسِهِمْ أَلَسْتَ بِرَبِّكُمْ قَالُواْ بَلَى شَهِدْنَا أَن تَقُولُواْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَذَا غَافِلِينَ. أَوْ تَقُولُواْ إِنَّمَا أَشْرَكَ آبَاؤُنَا مِن قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِّن بَعْدِهِمْ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ الْمُبْطِلُونَ﴾
«رەببىڭ ئادەم بالىلىرىدىن يەنى ئۇلارنىڭ بەللىرىدىن ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى ئالغان چاغدا ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ: ‹مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟› دېدى. ئۇلار: ‹ھەئە، رەببىمىزدۇرسەن، بىز بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇق› دېدى. ئى ئىنسانلار! بۇ ‹بىز بۇنىڭدىن غاپىل ئىدۇق› دېمەسلىكىڭلار ياكى: ‹ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى شېرىك كەلتۈرگەن ئىكەن، بىز بولساق ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن بىر نەسىل ئىدۇق. باتىلغا چۆمگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى بىزنى ھالاك قىلامسەن؟› دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر»- ئەئراف 7/172-173.
ئىنسان، كىچىك چېغىدا ئاللاھنى ئىزدەشكە باشلايدۇ ۋە بۇ ھەقتە ئەتراپىدىكىلەردىن سوئال سورايدۇ، بارغانسېرى ئۇنىڭ بۇ توغرىدىكى سوئاللىرى ئازلايدۇ؛ ئۇ بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى توغرىسىدا قىلچە شۈبھە قىلمايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەتراپىدىكى ھەر بىر نەرسىگە قارىغاندا ئاللاھ تائالا ئۇ نەرسە ئارقىلىق گويا ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ رەببىڭ ئەمەسمۇ؟» دەپ سورايدۇ، ئۇ بولسا بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا چىن يۈرەكتىن ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىچىدە: «ھەئە، سەن ئەلۋەتتە مىنىڭ رەببىمدۇرسەن، مەن بۇنى ئەمدى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بولدۇم» دەيدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ھاياتى بويىچە داۋام قىلىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىدۇر. ئۇلار ھەر نەقەدەر گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ئەھدىسىنى بۇزغان بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەب ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىلچە شۈبھە قىلمايدۇ، ھەتتا بۇنى بەزى چاغلاردا تىللىرى بىلەن سۆزلەيدۇ.
 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿قُلْ مَن يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاء وَالأَرْضِ أَمَّن يَمْلِكُ السَّمْعَ والأَبْصَارَ وَمَن يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيَّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ الأَمْرَ فَسَيَقُولُونَ اللّهُ فَقُلْ أَفَلاَ تَتَّقُونَ﴾
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ قۇلاق ۋە كۆزلىرىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئىشلارنى پىلانلاۋاتقان كىمدۇر؟›. ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇ ھالدا قورقمامسىلەر؟›.»- يۇنۇس 10/31.
ئوخشاش مەنىدىكى بەزى ئايەتلەر: ئەنكەبۇت 29/61، 63؛ لۇقمان 31/25؛ زۇمەر 39/38؛ زۇخرۇف 43/9، 87.
﴿فَإِذَا رَكِبُوا فِي الْفُلْكِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ إِذَا هُمْ يُشْرِكُونَ﴾
«ئۇلار كېمىگە چىققان چاغلىرىدا، ئاللاھقا چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا دەرھال شېرىك كەلتۈرىدۇ»- ئەنكەبۇت 29/65.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر ھەر ئىنساننىڭ بالاغەتكە يەتكەن چېغىدىن تارتىپ ئاللاھقا ئەھدە بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئەھدىگە ۋاپا قىلىش ئىمان، ئەمەل، ئەخلاق ۋە مۇئامىلىنى ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان بويىچە شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولسىمۇ، «شەيتانغا ئىبادەت قىلماسلىق، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش» دەپ خۇلاسىلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇ ۋاپاسىزلارغا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَامْتَازُوا الْيَوْمَ أَيُّهَا الْمُجْرِمُونَ. أَلَمْ أَعْهَدْ إِلَيْكُمْ يَا بَنِي آدَمَ أَنْ لَا تَعْبُدُوا الشَّيْطَانَ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ. وَأَنِ اعْبُدُونِي هَذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ﴾
«ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن ئايرىلىڭلار. مەن سىلەردىن: ‹ئى ئادەمنىڭ بالىلىرى! شەيتانغا ئىبادەت قىلماڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر›، دەپ ئەھدە ئالمىدىممۇ؟ سىلەرگە:‹ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر›، دېمىدىممۇ؟ شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن نەسىللەرنى ئازدۇردى. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمىدىڭلارمۇ؟»- ياسىن 36/59-62.
2- ئاللاھ تائالا ھەر ئىنساننى ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشقا بۇيرۇغان
ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ھەر دائىم ئىچىدە ۋە ھەر قىيىنچىلىقتا قالغان چېغىدا: «سەن مېنىڭ رەببىمسەن» دەپ ئەھدە بەرگەن ئىنساننى بۇ ئېتىقادىغا ئىبادەتنى ۋە دۇئانى ئۇلاشقا ئەمىر قىلىدۇ، شېرىك كەلتۈرۈشتىن توسىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:
﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ اعْبُدُواْ رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ وَالَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ﴾
ئى ئىنسانلار! سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، تەقۋادار بولغايسىلەر!»- بەقەرە 2/21.
﴿وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَّسُولاً أَنِ اعْبُدُواْ اللّهَ وَاجْتَنِبُواْ الطَّاغُوتَ﴾
«شۈبھىسىزكى، بىز ھەر ئۈممەتكە بىر ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا ‹ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن نېرى تۇرۇڭلار› دېدى.»- نەھل 16/36.
﴿وَأَنَّ الْمَسَاجِدَ لِلَّهِ فَلَا تَدْعُوا مَعَ اللَّهِ أَحَدًا﴾
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ماڭا يەنە مۇنداق ۋەھىي قىلىندى: مەسچىتلەر ئاللاھنىڭدۇر. شۇڭا ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە دۇئا قىلماڭلار»- جىن 72/18.
ئوخشاش مەنىدىكى بەزى ئايەتلەر: نىسا 4/36، كەھف 18/110، يۇنۇس 10/106، مۇئمىنۇن 23/117، شۇئەرا 26/213، قەسەس 28/88، جىن 72/20.
3- بەزى ئىنسانلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئەھدىسىنى بۇزغان
ئۇلارنىڭ تۈرلىرى ۋە نىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئا- ئىبادەتتە ۋە دۇئادا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى
ئاللاھ تائالا ئۆز كىتابىدا ئىنسانلارنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئۆزىگىلا دۇئا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، لېكىن بەزى ئىنسانلار بۇ ئىلاھىي بۇيرۇققا بويسۇنماي ئاللاھتىن غەيرىيگىمۇ ئىبادەت قىلىش ياكى دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈزۈۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا ھەر دائىم بېرىپ كېلىۋاتقان ئەھدىسىنى ئاللاھ كىتاب نازىل قىلىپ چىڭىتقاندىن كېيىن ئۈزگەن بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللّهِ مَا لاَ يَمْلِكُ لَهُمْ رِزْقاً مِّنَ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ شَيْئاً وَلاَ يَسْتَطِيعُونَ﴾
«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن ھېچبىر رىزىق بېرەلمەيدىغان ۋە بۇنداق قىلىشقا ھەرگىزمۇ كۈچى يەتمەيدىغان ئويدۇرما ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىدۇ»- نەھل 16/73.
﴿وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِ اللّهِ لاَ يَخْلُقُونَ شَيْئاً وَهُمْ يُخْلَقُونَ﴾
«مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان كىشىلىرى ھېچنېمە يارىتالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغان كىشىلەردۇر»- نەھل 16/20.
ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە بەزى ئىنسانلارنىڭ بەزى شەيئى ۋە شەخسلەرگە ئىبادەت ۋە دۇئا قىلىپ مۇشرىك بولۇپ كەتكەنلىنى خەۋەر قىلىدۇ.
بۇ خىل مۇشرىكلار ئۇ كىشىلەر ئۈچۈن ھەيكەل ياساپ، ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ كىشىلەرگە ئىبادەت ياكى دۇئا قىلغان بولسا ئۇ ھەيكەللەر «سەنەم»دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۇ كىشىلەرنىڭ روھلىرىنى بىرەر دەرەختە ياكى بىرەر تاشتا ياكى بىرەر قەبىردە ۋە ياكى قانداقلا بىر نەرسىدە بار، شۇ نەرسىگە چۈشىدۇ، يېنىغا كېلىدۇ، ياكى تۇرغان يېرىمدە چاقىرسام ئالدىمدا ھازىر بولىدۇ… دەپ ئېتىقاد قىلسا، ئۇ روھلارغا ئىبادەت قىلسا، دۇئا قىلسا، ئۇلارنىڭ خىيالىي ھۇزۇرىدا ھۆرمەت بىلەن تەزىمدە تۇرسا، ئۇلاردىن ئەيمەنسە، بالا-مۇسىبەتتىن قۇتۇلۇش، ئارزۇ-ئارمانغا يېتىش ئۈچۈن ئۇلارغا يېلىنسا، مانا بۇنداق نەرسىلەر «ۋەسەن» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاللاھقا مەيلى سەنەمنى شېرىك قىلسۇن، مەيلى ۋەسەننى شېرىك قىلسۇن ئۇلار ئوخشاشلا مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق مۇشرىكلارنىڭ نىيىتى، مەقسىتى، غايىسى ۋە ئارزۇسى تۆۋەندىكى تۆت ئىشنىڭ بىرى بولىدۇ:
1- ئاللاھقا يېقىنلىشىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاء مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَى إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ﴾
«بىلگىنكى، ساپ دىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھدىن غەيرىينى ئۆزلىرىگە ھامىي قىلىۋالغانلار: ‹بىز ئۇلارغا بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن، دەپ ئىبادەت قىلىمىز› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ»- زۇمەر 39/3.
2- ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇلارنىڭ شاپائىتىگە نائىل بولۇش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللّهِ مَا لاَ يَضُرُّهُمْ وَلاَ يَنفَعُهُمْ وَيَقُولُونَ هَؤُلاء شُفَعَاؤُنَا عِندَ اللّهِ قُلْ أَتُنَبِّئُونَ اللّهَ بِمَا لاَ يَعْلَمُ فِي السَّمَاوَاتِ وَلاَ فِي الأَرْضِ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَى عَمَّا يُشْرِكُونَ﴾
«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە: ‹بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزنىڭ شاپائەتچىلىمىزدۇر!› دېيىشىدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھ بىلمەي قالغان بىر نەرسە بولۇپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟› ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر»- يۇنۇس 10/18.
3- ئۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَقَالَ إِنَّمَا اتَّخَذْتُم مِّن دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا مَّوَدَّةَ بَيْنِكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُ بَعْضُكُم بِبَعْضٍ وَيَلْعَنُ بَعْضُكُم بَعْضًا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّاصِرِينَ﴾
«ئىبراھىم ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: ‹سىلەر ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسلەر. بۇنى، بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئاراڭلاردىكى دوستلۇقنى دەپلا قىلىۋاتىسىلەر. ئاندىن قىيامەت كۈنى بىر-بىرىڭلارنى ئىنكار قىلىسىلەر، بىر-بىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر. سىلەرنىڭ بېرىپ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچ ياردەمچى يوقتۇر›.»- ئەنكەبۇت 29/25.
4- ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَاتَّخَذُوا مِن دُونِ اللَّهِ آلِهَةً لِّيَكُونُوا لَهُمْ عِزًّا﴾
«ئۇلار ئىززەت تاپىمىز دەپ ئاللاھنى قويۇپ بىر قىسىم ئويدۇرما ئىلاھلارغا چوقۇندى»- مەريەم 19/81.
ئە- ئىتائەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى
بۇ ئالىم-ئۆلىمالارنى ۋە ئىشان-سوپىلارنى رەب قىلىۋالغان مۇشرىكلار. بۇ خىل مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ موللىسى ياكى پىرى نېمە دېسە شۇنىڭغا مۇتلەق مەنىدە بويسۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە توغرىلاپ باقمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلەتكەنلەرگە ئۆز موللىسىنىڭ ياكى ئۆز پىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ ئۆز پىكرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ.
بۇ خىل مۇشرىكلارنىڭ مەقسىتى ئاللاھ نازىل قىلغان دىنىنى ئۈستۈن بولۇشتىن توسۇش، تارقىلىشىغا، تەرەققىي قىلىشىغا ۋە گۈللىنىشىگە توسالغۇ بولۇش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى «دىن» ىنى راۋاج تاپقۇزۇشتۇر، خالاس.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿اتَّخَذُواْ أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُواْ إِلاَّ لِيَعْبُدُواْ إِلَهًا وَاحِدًا لاَّ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ. يُرِيدُونَ أَن يُطْفِؤُواْ نُورَ اللّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَيَأْبَى اللّهُ إِلاَّ أَن يُتِمَّ نُورَهُ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ﴾
«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ھاخاملىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلىرى قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ. كاپىرلار يامان كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئاللاھ نۇرىنى چوقۇم تاماملايدۇ.»- تەۋبە 9/31-32.
ب- ئۈمىدنى جىنلارغا باغلاش ئارقىلىق شېرىك كەلتۈرگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى
جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلغان مۇشرىكلار. بۇلارنىڭ مەقسىتى قورقۇنچلاردىن خاتىرجەم بولۇش ۋە جىنلاردىن پايدىلىنىش.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَجَعَلُواْ لِلّهِ شُرَكَاء الْجِنَّ وَخَلَقَهُمْ وَخَرَقُواْ لَهُ بَنِينَ وَبَنَاتٍ بِغَيْرِ عِلْمٍ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَى عَمَّا يَصِفُونَ﴾
«ئۇلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ھالبۇكى، جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان. ئۇلار ھېچبىر بىلىمگە ئاساسلانماستىن ‹ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى بار› دېگەن يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر»- ئەنئام 6/100.
﴿وَيَوْمَ يِحْشُرُهُمْ جَمِيعًا يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ قَدِ اسْتَكْثَرْتُم مِّنَ الإِنسِ وَقَالَ أَوْلِيَآؤُهُم مِّنَ الإِنسِ رَبَّنَا اسْتَمْتَعَ بَعْضُنَا بِبَعْضٍ وَبَلَغْنَا أَجَلَنَا الَّذِيَ أَجَّلْتَ لَنَا﴾
«ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە: ‹ئى جىنلار جامائەسى! ئىنسانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردۇڭلار› دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: ‹رەببىمىز! بىز بىر-بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق ۋە سەن بىزگە بەلگىلىگەن مۇددەتنىڭ ئاخىرىغا يەتتۇق› دەيدۇ»- ئەنئام 6/128.
﴿وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ يَقُولُ لِلْمَلَائِكَةِ أَهَؤُلَاء إِيَّاكُمْ كَانُوا يَعْبُدُونَ. قَالُوا سُبْحَانَكَ أَنتَ وَلِيُّنَا مِن دُونِهِم بَلْ كَانُوا يَعْبُدُونَ الْجِنَّ أَكْثَرُهُم بِهِم مُّؤْمِنُونَ﴾
«ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: ‹شۇلار سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟› دەيدۇ. پەرىشتىلەر مۇنداق دەيدۇ: ‹بىز سېنى ئۇلۇغ دەپ بىلىمىز، بىزنىڭ ۋەلىيىمىز ئۇلار ئەمەس، سەندۇرسەن. ئۇلار بىزگە ئەمەس، جىنلارغا چوقۇناتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى جىنلارغا ئىمان كەلتۈرگەن ئىدى›.»- سەبەئ 34/40-41.
﴿وَأَنَّهُ كَانَ رِجَالٌ مِّنَ الْإِنسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٍ مِّنَ الْجِنِّ فَزَادُوهُمْ رَهَقًا﴾
«بىر قىسىم ئىنسانلار بىر قىسىم جىنلارغا سېغىنىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپتۇ»- جىن 72/6.
پ- ئۆزى نەپسىگە چوقۇنۇش ئارقىلىق شېرىك كەلتۈرگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى
ئاللاھقا ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىنى، كۆڭۈل ئارزۇسىنى ۋە ھاۋايى-ھەۋىسىنى شېرىك قىلىدىغان مۇشرىكلاردۇر. بۇلارنىڭ بۇ شېرىكتىن مەقسىتى ئۆزلىرىنى ئىسلامنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىدىن ئازاد ھېس قىلىش ۋە بۇ دۇنيادا خالىغىنىچە ياشاشتىن ئىبارەت.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿أَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَهَهُ هَوَاهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيْهِ وَكِيلًا. أَمْ تَحْسَبُ أَنَّ أَكْثَرَهُمْ يَسْمَعُونَ أَوْ يَعْقِلُونَ إِنْ هُمْ إِلَّا كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ سَبِيلًا﴾
«نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ! سەن ئۇ ئادەمنى توغرا يولغا كەلتۈرەلەمسەن؟ ياكى سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى ئاڭلايدۇ ياكى چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلامسەن؟ شۈبھىسىزكى، ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلار بىلەن ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلار تېخىمۇ تۆۋەندۇر»- فۇرقان 25/43-44.
﴿أَفَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَهَهُ هَوَاهُ وَأَضَلَّهُ اللَّهُ عَلَى عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَى سَمْعِهِ وَقَلْبِهِ وَجَعَلَ عَلَى بَصَرِهِ غِشَاوَةً فَمَن يَهْدِيهِ مِن بَعْدِ اللَّهِ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ. وَقَالُوا مَا هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا الدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا يُهْلِكُنَا إِلَّا الدَّهْرُ وَمَا لَهُم بِذَلِكَ مِنْ عِلْمٍ إِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ﴾
«ئى مۇھەممەد! نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، ئاللاھ بىر ئىلىمگە ئاساسەن ئازدۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆزىنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟
ئۇلار: ‹ھايات بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەتتۇر. ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز. بىزنى پەقەت زامان ھالاك قىلىدۇ› دەيدۇ. ئۇلار بۇ سۆزىدە ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلار گۇمان بىلەنلا گەپ قىلىدۇ»- جاسىيە 45/23-24.
3- مەن مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ شېرىك كەلتۈرگەنلەر
كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا سەنەمگە يەنى جىندىن ياكى پەرىشتىدىن ۋە ياكى ئىنساندىن بىر كىشىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنۇش يوق. لېكىن ۋەسەنگە چوقۇنۇش، موللا-ئىشانلارنى رەب قىلىۋېلىش، جىنلارغا تېۋىنىش ۋە نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋېلىش قاتارلىق شېرىكلەر بار. تۆۋەندە بۇلار ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمەن:
1- مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھقا ئائىت خۇسۇسىيەتلەردىن بىرىنى ياكى بىرقانچىسىنى بىر پەيغەمبەردە ياكى بىر پەرىشتىدە ۋە ياكى بىر ئەۋلىيادا بار دەپ قاراپ، ئاللاھقا قىلىشقا تېگىشلىك ھۆرمەت، ئېھتىرام، ئىتائەت، چوقۇنۇش، تېۋىنىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۇ مەخلۇققا قىلىش بار. مەسىلەن:
مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا «ئۇلۇغلىرىمىزغا ئامانەت، پىرىمگە تاپشۇردۇم، ئەۋلىيالار يار-يۆلەك بولغاي، داد پىرىم، مازار غوجام ئۇرسۇن، پىر دەستىگىر، مەدەت يا جەيلانىي…» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش، ياتقان ـ قوپقان، چىققان-چۈشكەن، ئولتۇرغان-تۇرغان چاغلىرىدا «پىرىم، يا پىرىم، يا پىرىم مەدەت!»، «غەۋسىلئەزەم ئەلمەدەت!» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئادىتى بار.
شۇنىڭدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلۇغلارنىڭ روھلىرىنىڭ بەزى جايلاردا بارلىقىنى ۋە بالا-مۇسىبەتتىن قۇتۇلۇش ياكى ئارزۇ-ئارمانغا يېتىش ئۈچۈن شۇ جايلارغا بېرىپ ئۇلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىش، مازار-غوجاملارغا بېرىپ قان قىلىش، ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تاۋاپ قىلىش، ئوغرىنىڭ بىلىنىشىنى، رەسۋا بولۇشىنى ۋە بالا-قازاغا يولۇقۇشىنى تىلەپ مازارلىقتىكى شاخنى يېرىش، پەرزەنت كۆرۈش ئۈمىدىدە مازار-غوجاملارغا بېرىپ ئۇ يەرلەردىكى كونا دەرەخلەرنى قۇچاقلاپ پەرزەنت تەلەپ قىلىش، قىز تىلەپ يىڭنە سانجىش، ئوغۇل تىلەپ پىچاق چوقۇش، ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش، ئۇلاردىن پايدا كۈتۈش، ئۇلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن قورقۇش، شەھەرنى ئەۋلىيالار تۇتۇپ تۇرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش، ئۇلۇغلىرىم، چىلتەنلىرىم باي قىلالايدۇ، پېقىر قىلالايدۇ، ئەزىز قىلالايدۇ، خار قىلالايدۇ، ساقايتالايدۇ، كېسەل قىلالايدۇ،… دېگەندەك ئېتىقادلار بار.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿قُلْ مَن رَّبُّ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ قُلِ اللّهُ قُلْ أَفَاتَّخَذْتُم مِّن دُونِهِ أَوْلِيَاء لاَ يَمْلِكُونَ لِأَنفُسِهِمْ نَفْعًا وَلاَ ضَرًّا قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الأَعْمَى وَالْبَصِيرُ أَمْ هَلْ تَسْتَوِي الظُّلُمَاتُ وَالنُّورُ أَمْ جَعَلُواْ لِلّهِ شُرَكَاء خَلَقُواْ كَخَلْقِهِ فَتَشَابَهَ الْخَلْقُ عَلَيْهِمْ قُلِ اللّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ﴾
«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن ‹ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى كىم؟› دەپ سورىغىن، ئۇلارغا ‹ئاللاھ!› دەپ جاۋابمۇ بەرگىن. ئاندىن ئېيتقىنكى: ‹ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدا-زىيانغا ئىگە بولالمايدىغانلارنى ئۆزۈڭلارغا قوغدىغۇچىلار قىلىۋالامسىلەر؟›. ئېيتقىنكى: ‹كور ئادەم بىلەن كۆرگۈچى ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇقلار بىلەن يورۇقلۇق باراۋەر بولامدۇ؟›. ياكى ئۇلار ئاللاھقا، ئاللاھ ياراتقاندەك ياراتقان، ياراتقىنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشىشىپ كەتكەن نەرسىلەرنى شېرىك قىلدىمۇ؟[1] ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇ بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر›.»- رەئد 13/16.
2- مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، سىز ئۇنىڭغا: «ئاللاھ مۇنداق دېگەن» دەپ ئايەت ئوقۇشقا باشلىسىڭىز، ئۇ سىزگە: «پالانى داموللام ئۇنداق دېگەن، پۇستانى غوجام شۇنداق قىلغان، پوكۇنى پىرىم مۇنداق ئېيتقان» دەپ ئۆزىچە سىزگە رەددىيە بېرىشكە باشلايدۇ.
«موللامنىڭ سۆزلىگىنى راست، ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ تۇتقىنى توغرا، ئىشانىمنىڭ دېگىنى ھەقىقەت، خەلپەمنىڭ ئېيتقىنى ھېكمەت» دەپ ئايەتكە قارشى چىقىدۇ. ئەپسۇس! بۇنداقلار مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ .
3- يەنە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە جىن-ئالۋاستىلارنىڭ يامانلىقىدىن قۇتۇلۇش ۋە ساقلىنىش ئۈچۈن ياكى ئارزۇ-ئارمانلارغا ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن يېتىش ئۈچۈن ئۇلارغا تېۋىنىش، ئۇلارغا ئاتاپ ئىسرىق سېلىش، كېپەك سېلىش، ياغ پۇرىتىش… قاتارلىق ئادەتلەر بار.
4- مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى، تىرىكچىلىك يولىنى ۋە ياشاش شەكلىنى ئۆزى خالىغان بويىچە بەلگىلەيدۇ. ئىمان شەرتلىرىگە، ئىسلام ئەركانلىرىغا، ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا ۋە شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە پەرۋا قىلمايدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىگە، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلىم-تەربىيەلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ. ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن: «ھايات مېنىڭ ھاياتىم، ئۆزۈم چاغلاپ ياشايمەن، ماڭا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ، ياشاش كېرەك، تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ھاياتنىڭ كەيپىنى سۈرۈش لازىم، موللام نادان، دادام جاھىل، ئانام قاتمال، دىن كونىلىق» دەيدۇ ياكى بۇنى ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا ئاغزىغا كەلگەننى دەيدۇ، ئالدىغا كەلگەننى يەيدۇ، ھالال-ھارامنى ئىلغىمايدۇ، ياخشى-ياماننى ئايرىمايدۇ، گۇناھ-ساۋابنى تاللىمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئەنە شۇ چۈشەنچە ۋە سۆز-ھەرىكەتلىرى بىلەن شەيتانغا مۇرىت، ئۆز نەپسىگە بەندە بولغان بولىدۇ. يەنى بۇنداق كىشى ئۆز نەپسىنى ئۆزىنىڭ ئىلاھى قىلىۋالغان مۇشرىك ئادەم ھېسابلىنىدۇ.
4- مۇشرىكلار ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمىر قىلغان نەرسىنى ئۈزگەنلەردۇر
ئاللاھ تائالا ھەر ئىنساندىن ئۆزىدىن باشقا ياراتقۇچىنىڭ، باشقۇرغۇچىنىڭ، ۋە باققۇچىنىڭ يوق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەر دائىم ئەھدە ئالماقتا. بۇ ئىنسان بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا باشلىغان، ئاخىرقى نەپىسىگە قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانغا پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ئۇ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشىنى (ئىچىدە رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان رەببىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىنى) تەلەپ قىلماقتا.
پۈتۈپ بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن قانداق باھانە، قانداق نىيەت ۋە قانداق شەكىلدە بولسا بولسۇن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش لەۋزىدە تۇرمىغانلىق، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىق، ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمىر قىلغان نەرسىنى ئۈزگەنلىك بولۇپ، بۇ توغرا يولدىن چىققانلارنىڭ سۈپىتىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿الَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِن بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَن يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الأَرْضِ أُولَـئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ﴾
«فاسىقلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزىدۇ، ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمر قىلغان نەرسىنى ئۈزىدۇ ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەنە شۇلار زىيانغا ئۇچرىغۇچىلاردۇر»- بەقەرە 2/27.
ئاخىرقى سۆز شۇكى، شېرىككە ھېچقانداق نەرسە باھانە بولالمايدۇ. بىر قېتىم مۇسۇلمان بولغان كىشى ھەر دائىم مۇسۇلمان قالىدۇ، دەپ بىر قائىدە يوق. مۇشرىك تەۋبە قىلمىسا دۇنيادا مەغپىرەتكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى مۇشرىك ئاللاھ تائالاغا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغان، ئاللاھ تائالا ئۇلاشقا ئەمىر قىلغان نەرسىنى ئۈزگەن ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئادەمدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەبەدىي زىيانغا مەھكۇمدۇر.

[1]– ياق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم ئىبادەتلىرىنى ئاللاھدىن غەيرىيگە قارىتىشى، مەسىلەن ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن غەيرىيگە دۇئا قىلىشى، ئاللاھدىن غەيرىيدىن مەدەت تىلىشى ۋە ئاللاھدىن غەيرىيدىن شاپائەت تىلىشى… ئاللاھدىن غەيرىيدە خالىقلىق كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى ھەددىدىن زىيادە دۆتلۈكى ۋە ئەقىللىرىنى ھېچ ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق مۇشرىكتىن «ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتلارنى كىم ياراتتى؟ رىزىق بېرىش، يامغۇر ياغدۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، تىرىلدۈرۈش ۋە كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى كىم قىلىدۇ؟» دەپ سورالسا، ھېچ ئىككىلەنمەستىن «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىشى لازىمكى، بۇ جاۋاب ئۇلارنى مۇسۇلمان قىلىشقا يەتمەيدۇ. پەيغەمبەرلەرمۇ ئاللاھنىڭ خالىقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كەلمىگەن، چۈنكى ئاللاھنىڭ خالىقلىقىنى ھەر ئىنسان بىلىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئىبادەت قىلىشقا ۋە ياردەم تىلەشكە ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ۋە ھېچنېمىنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن. تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ. 

 


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ