مۇسۇلمانلار

خۇلاسە

خۇلاسە
1- بۈگۈن يەر يۈزىدە مەدىنىگە ئوخشاش ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان بىر ئىسلام دۆلىتى ياكى ھەبەشىستانغا ئوخشاش ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرگە پاناھلىق بېرىدىغان بىر ئادىل پادىشاھ دۆلىتى مەۋجۇت بولغان تەقدىردە، ياشاۋاتقان يېرىدە مۇسۇلمانلىق سۈپىتى بىلەن خاتىرجەم ياشىيالمىغان مۇسۇلمانلارندىن شۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرىگە كېتىشكە قادىر بولالىغانلارنىڭ ھىجرەت قىلىشى پەرزدۇر.
2- مۇسۇلمان قەيەردە ياشىسا ياشىسۇن ھەر دائىم قولىدىن كەلگەن جىھادنى قىلىدۇ يەنى مۇسۇلمان ئۆز نەپسى بىلەن ۋە شەيتان بىلەن ھەر دائىم كۈرەش قىلىدۇ، ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى، تارقىلىشى ۋە قوغدىلىشى، ئىلىم-مەرىپەت نۇرىنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايە قىلىنىشى ۋە قوغدىلىشى ئۈچۈن ئىلمى، پىكرى، ئەقلى ۋە مېلى بىلەن قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدۇ. قوراللىق قىلىنىدىغان جىھادنىڭ شەرتلىرى ھازىرلىنىپ باشلانسا ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ.
3- سۈرىيەدىكى ئۇرۇش ئىسلامىي جىھاد ئەمەس، بەلكىدە سۇرىيە خەلقى ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش بولۇپ سەۋەبى ھوقۇق تالىشىشتۇر، خالاس. بۇ ئۇرۇشنىڭ توختىشى ئۈچۈن ھەر ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىشىچە ھەسسە قوشۇشى كېرەك. ئۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىش «ئوتقا بېنزىن چاچقانلىق» بولىدۇ.
4- بۈگۈن مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىرىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەرنىڭ سەۋەبى ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مۇسۇلمانلار بولماسلىقىدۇر. شۇڭا سۈننەتۇللاھ (ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى) ئۇلارغا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلىنغان نېمەتلەردىن مەھرۇم قېلىش جازاسى بەرگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَا أَصَابَكُمْ مِنْ مُصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَنْ كَثِيرٍ
 «سىلەرگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت ئۆزۈڭلار قىلغان ئىشلار سەۋەبىدىن يېتىدۇ، ئاللاھ تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ»شۇرا 42/30.
﴿إِنَّ اللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّى يُغَيِّرُوا مَا بِأَنْفُسِهِمْ﴾
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»رەئد 13/11.
﴿مَنْ عَمِلَ صَالِحًا فَلِنَفْسِهِ وَمَنْ أَسَاءَ فَعَلَيْهَا وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ﴾
«كىم ياخشى ئىش قىلسا، پايدىسى ئۆزىگىدۇر. كىم يامان ئىش قىلسا زىيىنى ئۆزىگىدۇر. رەببىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر»- فۇسسىلەت 41/46.
5- ۋەتىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىرقى زاماندا مىڭ يىللىق ئىسلام دىيارى بولغان ۋەتىنىنى دۈشمەنگە بىكارلاپ بەرمەي، ئۆزلىرىنىڭ شۇ يەرنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشى ۋە شۇ يەردە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە جىھاد قىلىشى كېرەك. بۇ جىھاد ئوقۇش-ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش-ئۆگىتىش، پەن-تېخنىكا ئىگىلەش ۋە ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ زامانغا ماسلىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر، خالاس.
6- ھازىر زالىملارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجرەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدىكى ھەبەشىستانغا ئوخشاش ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرگە پاناھلىق بېرىدىغان ۋە ئۇلارنى خالىغىنىچە ياشىغىلى قويىدىغان بىر دۆلەت، مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ئوخشاش ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان بىر ھىجرەت دىيارى يوق. ئەمەلىيەت شۇكى، زامانىمىزدا «ھىجرەت قىلدۇق» دەپ ۋەتەننى تەرك ئېتىپ قارىسىغا يولغا چىققانلارنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلارغا بارالىغانلىرى ئۆزلىرى خانىۋەيران بولۇپ كېتىشنىڭ ۋە كەلگۈسى ئەۋلادىنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى ئۇنتۇپ، خرستىئانلىشىپ كېتىشنىڭ بەدىلىگە «تۆت كۈنلۈك باياشاتچىلىق»قا ئېرىشىدۇ، خالاس. شۇڭا «نەگە بارسا قازاننىڭ قۇلىقى تۆت» بولۇپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھىجرەت قىلدۇق، دەپ «تەۋەككۈل» دەپ يولغا چىقماسلىقى، شۇنداقلا پۈتمەس-تۈگىمەس غەم–ئەندىشىگە گىرىپتار بولماسلىقى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿إِنَّ الَّذِينَ تَوَفَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ ظَالِمِي أَنْفُسِهِمْ قَالُوا فِيمَ كُنْتُمْ قَالُوا كُنَّا مُسْتَضْعَفِينَ فِي الْأَرْضِ قَالُوا أَلَمْ تَكُنْ أَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةً فَتُهَاجِرُوا فِيهَا فَأُولَئِكَ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ وَسَاءَتْ مَصِيرًا. إِلَّا الْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاءِ وَالْوِلْدَانِ لَا يَسْتَطِيعُونَ حِيلَةً وَلَا يَهْتَدُونَ سَبِيلًا
«شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنى ۋاپات قىلدۇرىدىغان چاغدا ئۇلارغا: ‹قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟› دەيدۇ. ئۇلار: ‹زېمىندا بوزەك قىلىنغۇچىلار ئىدۇق› دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ھىجرەت قىلساڭلار ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟› دەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! پەقەت چارىسىز قالغان ۋە يول تاپالمىغان بوزەك قىلىنغۇچى ئەر، ئايال ۋە بالىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا»- نىسا 4/97-98.
دېمەككى، مۇسۇلمانلاردىن ياشاۋاتقان يېرىدە بوزەك قىلىنىدىغان، باشقا يەرگە كېتەي دېسە چارە تاپالمايدىغان ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار بولىدۇ. بۇنداقلار «جايى جەھەننەم» بولىدىغانلاردىن ئەمەس.
7- ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادا غالىب كېلىش ئۈچۈن بىر قانۇن يولغا قويغان. ئۇ قانۇن بويىچە ئىش قىلغانلار غالىب كېلىدۇ. ئۇھۇد تېغىدا پەيغەمبىرىمىز بېشىدا بولغان مۇسۇلمانلار بىلەن مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغان ئۇرۇشتا مۇشرىكلار غالىب كەلگەن. دېمەككى، ئۇرۇش قانۇنىغا بويسۇنمىغان ئۇرۇشچى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پەيغەمبەر بولسىمۇ مەغلۇپ بولۇپ كېتىدۇ.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى «بىز ئۇنداق مىللەت، بىز تارىختا ئۇنداق ئىش قىلغان مىللەت، بىزدىن پالانى ئالىم چىققان، پوكۇنى زات يېتىشكەن» دەپ ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدىن پەخىرلىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى ئىسلام دىيارى دەپ ئاتىلىدىغان يەردە ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن ۋە ياكى باشقىلارنىڭ مۇسۇلمان دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمان دەپ چۈشىنىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى، شۇنداقلا ئۆگىنىشى، ئىشلىشى ۋە سۈننەتۇللاھقا مۇۋاپىق ئىش قىلىشى شەرت[1].
بىز تارىختا ئۆتكەن ئالىم، سېخىي ۋە مەرد ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇلار بىلەن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز. لېكىن بۇ يەردە شۇنى بىلىشىمىز زۆرۈركى: ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرى بىزنىڭ «ياخشى ئادەم» بولۇشىمىزغا يەتمەيدۇ. «ياخشى ئادەم» بولۇشىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ياخشى ئىش قىلىشىمىز لازىم، چۈنكى مۇسۇلماننىڭ بالىسى بولۇش باشقا مۇسۇلمان بولۇش باشقىدۇر، ھەقنى كۆرگەنلىك باشقا ھەقنى كۆزلىگەنلىك باشقىدۇر، ھەقىقەتنى چۈشەنگەنلىك باشقا ھەقىقەتكە ئىشەنگەنلىك باشقىدۇر، ھەققانىيەتنى تونۇغانلىق باشقا ھەققانىيەتتە تۇرغانلىق باشقىدۇر.
دەرۋەقە، دۇنيادا ھېچبىر چېمپىيون چېمپىيون دادىنىڭ بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن چېمپىيون ھېسابلانمايدۇ. ئەكسىچە ھەر چېمپىيون ئۆزىنىڭ تەنھەرىكەت ساھەسى بويىچە پۈتۈن مۇسابىقىلەردە بىرىنچى بولۇپ چېمپىيون بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ تەنھەرىكەت ساھەسى بويىچە بىرىنچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان مۇكاپات لوڭقىسىنى ئالىدۇ.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇسۇلمانلىق، تەقۋادارلىق، مەردلىك، سېخىيلىق ۋە باتۇرلۇق قاتارلىق ئالىي خىسلەتلەر ساھەسىدىمۇ ھەر چېمپىيوننىڭ چېمپىيون بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇسابىقىگە بىۋاسىتە قاتنىشىشى ۋە بىرىنچى بولۇپ چىقىشى شەرت. شۇنداق بولغاندا ئۇ جەننەتتىن ئىبارەت بولغان مۇكاپات لوڭقىسىنى ئالالايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَسَارِعُوا إِلَى مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ
«رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا تەڭ كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىڭلار! ئۇ جەننەت تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان»- ئال ئىمران 3/133.
﴿سَابِقُوا إِلَى مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا كَعَرْضِ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أُعِدَّتْ لِلَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ ذَلِكَ فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ
«رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ كەڭلىكىدەك كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىڭلار. ئۇ جەننەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان. بۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپاتنىڭ ئىگىسىدۇر»- ھەدىد 57/21.
8- مۇسۇلمان ھەر جايدا ۋە ھەر چاغدا ھەقنى كۆزلەيدۇ ۋە ھەقنى سۆزلەيدۇ، لېكىن بەزى شارائىتلاردا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى يوشۇرۇپ ياشىسا ياشايدۇكى، ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە يېقىنلىرىغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشتىن يىراق تۇرىدۇ. ھەتتا بەزى چاغلاردا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، نامازلىرىنى ئۆيىدە ئوقۇسا ئوقۇيدۇكى، ئۆزىنى خەتەرگە ئاتمايدۇ. ئۆز جەمئىيىتىدىكى توغرا ئىشلارنى قوللايدۇ، خاتا ئىشلارغا مەدەنىي يول ۋە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن قارشى تۇرىدۇ.
مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ھەر دائىم ئۆزى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىگە ۋە ئۆزىنى ياردەمسىز قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنى ئاللاھنىڭ ئىمتىھانى دەپ چۈشىنىپ سەۋر قىلىدۇ ۋە ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، شۇنداقلا ئىمانىدىن يانمايدۇ، ئىسلامىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئوڭ-سولغا بۇرۇلماستىن ئىسلام يولىدا ئۇدۇل ماڭىدۇ. 
قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان قىسسىلەر تارىخىي ۋەقەلەر بولۇپ، ئۇ ۋەقەلەر ھەر زامان ۋە ھەر ماكان تەكرارلىنىدۇ. مۇئمىن ئەنە شۇ ۋەقەلەرنىڭ ئالدىدا تېڭىرقاپ ئىمانىنى ۋە ئىشەنچىسىنى يوقاتماستىن، ئىلگىرىكى مۇئمىن قېرىنداشلىرى شۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئالدىدا ئىمانىنى ساقلاپ قالغاندەك، ئىمانىنى ساقلاپ قالىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ جىھاد قىلغانلىقىدۇر.
تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

[1]ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «وَأَنْ لَيْسَ لِلْإِنْسَانِ إِلَّا مَا سَعَى»-«ئىنسانغا ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىدىن باشقا بىر نەرسە يوقتۇر».– نەجم 53/39.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر