مۇسۇلمانلار
ھەجنىڭ تارىخى 1

ھەجنىڭ تارىخى

سوئال:

ھەج ئىبادىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئىتىدىمۇ بارمىدى؟ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ھەج قىلغانمۇ؟

جاۋاب:

ھەئە، ھەج ئىبادىتى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئىتىدە بار ئىدى. چۈنكى «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دىن ئىسلامدۇر»[1]، شۇڭا ئاللاھ تائالا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئىسلامنى نازىل قىلغان، ھەج بولسا ئەنە شۇ ئىسلامنىڭ بەش ئەركانىدىن بىرىدۇر[2].

ئاللاھ تائالانىڭ مەككىنى يەر يۈزىنىڭ ئانا كەنتى قىلىشى[3]، كەبىنى بولسا ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئىبادەتگاھى، گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات ۋاسىتىسى[4]، ئالەملەر ئۈچۈن بەرىكەت ۋە ھىدايەت مەنبەسى قىلىشى[5] قاتارلىقلارمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى كەبە تۇنجى ئىبادەتگاھ بولسا، كەبىنىڭ ئەتراپىدا قىلىنىدىغان ئەڭ چوڭ ئىبادەت بولغان ھەجمۇ تۇنجى ئىنسان ئادەم (ئە.س) بىلەن باشلانغان بولىدۇ. لېكىن كەبە نۇھ (ئە.س)نىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن توپان بالاسىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئىبادەت توختاپ قېلىپ، تاكى ئىبراھىم (ئە.س) كەبىنى يېڭىدىن سالغاندىن كېيىن قايتا باشلانغان.

دېمەك، ھەج ئىبادىتى يەر يۈزىگە ئىنسان ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ مەۋجۇت. لېكىن ھەر پەيغەمبەرنىڭ شەرىئىتىدە ھەجنىڭ بەزى ئەھكاملىرى پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ شەرىئىتىدىكى ھەج ئىبادىتىنىڭ «سەئيى[6]» قىسمىنىڭ ئىبراھىم (ئە.س)نىڭ ئايالى ھاجەر ئانىمىزنىڭ بالىسى ئىسمائىلغا سۇ ئىزدەپ مەزكۇر ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا يەتتە قېتىم يۈگۈرۈشىدىن قالغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[7].

تۆۋەندىكى رىۋايەتمۇ ھەجنىڭ بۇرۇنمۇ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ:

ئۇرۋە ئىبىن زۇبەير[8] مۇنداق دەيدۇ: ماڭا مۇنۇ خەۋەر يەتتى:

«بەيتۇللاھ ئادەم (ئە.س) ئۈچۈن ئىبادەتگاھ قىلىپ بېكىتىلدى، ئادەم ئۇنى تاۋاپ قىلاتتى، ئۇنىڭ يېنىدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتى. نۇھ (ئە.س) توپان بالاسىدىن ئىلگىرى بەيتۇللاھنى ھەج قىلغان، ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن، ئۇنى ھۆرمەتلىگەن. ئاللاھ توپان بالاسى بىلەن نۇھ (ئە.س)نىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغاندا بەيتۇللاھمۇ مۇسىبەتكە ئۇچراپ، ئورنى تونۇلىدىغان قىزىل بىر تۆپىلىككە ئايلىنىپ قالغان. ئاندىن ئاللاھ ھۇد (ئە.س)نى ئاد قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، ئۇ قەۋمىنىڭ ئىشى بىلەن بولۇپ كېتىپ، بەيتۇللاھنى ھەج قىلالماي ۋاپات بولدى. ئاندىن ئاللاھ سالىھ (ئە.س)نى سەمۇد قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، ئۇمۇ قەۋمىنىڭ ئىشى بىلەن بولۇپ كېتىپ ھەج قىلالماي ۋاپات بولدى. ئاندىن ئاللاھ بەيتۇللاھنى ئىبراھىم (ئە.س)غا ماكان قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم (ئە.س) بەيتۇللاھنى ھەج قىلدى، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئۆگەتتى ۋە ئۇنى زىيارەت قىلىشقا چاقىردى. ئاندىن ئاللاھ ئىبراھىم (ئە.س)دىن كېيىن ئەۋەتكەن ھەر پەيغەمبەر بەيتۇللاھنى ھەج قىلدى»[9].

[1] ئال ئىمران 3/19.

[2] مۇناسىۋەتلىك ھەدىس: ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى بەش ئەركان ئۈستىگە قۇرۇلغان؛ ‹ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش، روزا تۇتۇش»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[3] ئەنئام 6/92؛ شۇرا 42/7.

[4] يەنى، ئاللاھ تائالا ھەجنىڭ ۋاقتى بولغان زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم ئايلىرىدا ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلدى، بۇ ئايلارنىڭ ھۆرمىتىگە، ھاجىلارغا، ھاجىلارنىڭ قۇربانلىقلىرىغا ۋە بۇ قۇربانلىقلارنىڭ بۇيۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرگە چېقىلىشنى ھارام قىلدى. ھەج ئىبادىتى بىرقانچە كۈنلۈك بىر ئىبادەت بولسىمۇ ھەجنىڭ مەۋسۇمىنى 3 ئاي قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ۋاقىت ئىچىدە تىجارەت قىلىشىغا يول قويدى، ھەتتا بۇنىڭغا تەرغىب قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ تائالا كەبىنى ھەج ئىبادىتىنىڭ مەركىزى قىلىش بىلەن بىرگە، ھاجىلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم مەككىدە يەرمەنكە ئېچىپ مال ئېلىم-سېتىمى ۋە زاكالەت ئېلىم-بېرىمى قىلىش ئارقىلىق مال ۋە ئىشنىڭ ئايىغىنى چىقىرىشى، بىلىم ۋە پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىش ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ زامانىۋىيلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، سىياسىي، ھەربىي ۋە مەدەنىي ساھەلەردە توختام تۈزۈشۈش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي مەنىدە ھاسىل قىلىشى قاتارلىقلارغا شارائىت ياراتقان. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كەبىنى «قىيامەن لىنناس (قياما للناس) يەنى ئىنسانلار ئۈچۈن گۈللىنىش ۋاستىسى» قىلغانلىقىدۇر.

[5] 3 – سۈرە  ئال ئىمران، 3/96؛ مائىدە 5/97.

[6] سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش پائىلىيىتى.

[7] سەھىھۇل بۇخارى، ئەنبىيا، 3364.

[8] ئەبۇ ئابدۇللاھ ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام (ۋاپاتى: 94 ھ). بۇ كىشى تابىئىنلاردىن بولۇپ ھەدىسچى، تارىخچى ۋە مەدىنەدىكى يەتتە فەقىھنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ھاممىسى ئائىشە (ر.ئە)دىن كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.- ئىبىن كەسىر (774 ھ)، بىدايە ۋە نىھايە 12/476. 

[9] ئەبۇل ۋەلىد مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇللاھ ئەزرەقىي، ئەخبارۇ مەككە ۋەما فىيھا مىنەل ئاسار 1/72؛ ئەھمەد ئىبىن ھۇسەين بەيھەقىي، ئەسسۇنەنۇل كۇبر، 5/288.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر