مۇسۇلمانلار
قەسەم دېگەن نېمە؟ 1

قەسەم دېگەن نېمە؟

1.     ئېنىقلىمىسى ۋە ماھىيىتى

قەسەم، ئەرەبچە سۆز بولۇپ، سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ياكى قىلمىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ۋە ياكى ئىرادىسىنىڭ چىڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ  ئېيتىلغان سۆز دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. قەسەم تىلىمىزدا «ئانت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

فىقىھ ئاتالغۇسىدا قەسەم – بىر كىشىنىڭ بىر ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەققىدە، بىر ھادىسىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ھەققىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ياكى سۈپەتلىرىدىن بىرنى تىلغا ئېلىپ سۆزىنىڭ راستلىقىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بۇ ئىشنى قىلمايمەن ياكى ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بۇ يەرگە بارمايمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى قەرزىمنى تۆلىدىم، ئاللاھ شاھىد بولسۇن، ئاللاھ ھەققى ئۈچۈن قەسەم قىلىمەن، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن قەسەم قىلىمەن» دېگەن سۆزلەردىن قايسى بىرىنى قەسەم نىيىتى بىلەن ئېيتسا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغان بولىدۇ[1].

خەلق ئارىسىدا بەزى سۆز – ھەرىكەتلەر قەسەم مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: «ئۇۋالىم بولسۇن، ھەرەمنىڭ ھەققى، پەيغەمبەرنىڭ ھۆرمىتى،…» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ۋە قۇرئان تۇتۇپ بېرىش، ناندىن ئاتلاپ بېرىش، تۇزغا دەسسەپ بېرىش،… قاتارلىق ئىشلار بىلەن قەسەم قىلغانلارنىڭ قەسىمى قەسەم ھېسابلانمايدۇ، لېكىن بۇنداق سۆز – ھەرىكەتلەر بىلەن قەسەم قىلغانلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:

«قەسەم قىلماقچى بولغان كىشى ئاللاھتىن غەيرىينىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلمىسۇن»[2].

«كىمكى ئاللاھتىن غەيرىي بىلەن قەسەم قىلىدىكەن چوقۇم شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ»[3].

«ئاللاھ ئاتىلىرىڭلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشىڭلارنى مەنئى قىلدى. كىم قەسەم قىلماقچى بولسا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن»[4].

دىنىمىزدا قەسەم قىلىش رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن تايىنى يوق ئىشلارغا قەسەم قىلىش ياكى قەسەم قىلىشنى ئادەت قىلىۋېلىش توغرا ئەمەس. مۇسۇلمان – قەسەم قىلىشقا ئىھتىياجى چۈشمەيدىغان دەرىجىدە سۆزىدە ئىشەنچلىك بولۇشقا تېرىشىش كېرەك. يالغان قەسەم قىلىش ۋە قەسىمىدە تۇرماسلىق چوڭ خاتالىقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَأَوۡفُواْ بِعَهۡدِ ٱللَّهِ إِذَا عَٰهَدتُّمۡ وَلَا تَنقُضُواْ ٱلۡأَيۡمَٰنَ بَعۡدَ تَوۡكِيدِهَا وَقَدۡ جَعَلۡتُمُ ٱللَّهَ عَلَيۡكُمۡ كَفِيلًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا تَفۡعَلُونَ  ٩١﴾

 «ئاللاھ بىلەن ئەھدىلەشسەڭلار، ئەھدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. ئاللاھنى ئۆزۈڭلارغا گۇۋاھچى قىلىپ تۇرۇپ مۇستەھكەملىگەن قەسەملىرىڭلارنى بۇزماڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ»[5].

بىر كىشى يامان بىر ئىشنى قىلىشقا ياكى ياخشى بىر ئىشنى قىلماسلىقا قەسەم قىلغان بولسا، بۇ قەسىمىنى بۇزۇشى ۋە كەففارەت بېرىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 

﴿وَلَا تَجۡعَلُواْ ٱللَّهَ عُرۡضَةٗ لِّأَيۡمَٰنِكُمۡ أَن تَبَرُّواْ وَتَتَّقُواْ وَتُصۡلِحُواْ بَيۡنَ ٱلنَّاسِۚ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٞ  ٢٢٤﴾

«ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچتىم دەپ ياخشىلىق قىلىشتىن، تەقۋادارلىق قىلىشتىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويۇشتىن باش تارتماڭلار. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[6].

مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىس مۇنداق:

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر ئىشقا قەسەم قىلسا، ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئىشنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق دەپ قارىسا قەسىمىگە كەففارەت بېرىپ ياخشى دەپ بىلگەن ئىشنى قىلسۇن»[7].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 – جىلد، 205 – 208- بەتلەر.

[1] ئەرتۇغرۇل بوينۇقالىن، «يەمىن»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2013)، 43: 417 – 420.

[2] نەسەئى، «ئەيمان»، 4.

[3] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 2: 34.

[4] بۇخارى، «ئەيمان»، 4؛ مۇسلىم، «ئەيمان»، 3؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەيمان»، 5؛ نەسەئى، «ئەيمان»، 3.

[5] 16 – سۈرە نەھل، 91 – ئايەت.

[6] 2 – سۈرە بەقەرە، 224 – ئايەت.

[7] مۇسلىم، «ئەيمان»، 11؛ تىرمىزى، «ئەبۋابۇن نۇزۇر ۋەلئەيمان»، 6؛ نەسەئى، «ئەيمان ۋە نۇزۇر»، 14؛ ئىبنى ماجە، «كەففارات»، 7.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر