مۇسۇلمانلار

زاكات

زاكات ھەققىدە ئومۇمىي بايان

ئىنسانلار يارىتىلىشىنىڭ تەلىپى بىلەن ئىجتىمائىي ھالدا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان جانلىقلاردۇر[1]. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نەسەب، قۇدا – باجىلىق ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ئاللاھنىڭ بىر نېمىتىدۇر[2]. كۈچ – قۇۋۋەت، ئىمكان – پۇرسەت ۋە مال – مۈلۈك جەھەتتىن پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئوخشاش سەۋىيەدە بولماسلىقى ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىدۇر[3]. جەمئىيەتتە كۈچلۈك – ئاجىز، باي – كەمبەغەل، زەردار – نامرات، دۆلەتمەن ۋە ھاجەتمەن دېگەندەك سىنىپلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۇ ھېكمەتنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدۇر[4]. بىر – بىرىگە ياخشىلىق قىلىش ۋە بىر – بىرىگە ياردەم قىلىش مەزكۇر تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجىدۇر[5].

ئاللاھ تائالا ئەنە شۇ ئېھتىياجنىڭ قامدىلىشى ئۈچۈن كۈچلۈكلەرنى ئاجىزلارغا ياخشىلىق قىلىشقا، بايلارنى كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىشقا، زەردارلارنى نامراتلارنى يۆلەشكە، دۆلەتمەنلەرنى ھاجەتمەنلەرگە خەيرخاھلىق قىلىشقا تەشۋىق ۋە ئەمر قىلغان[6].

شۇنىڭدەك، نەق پۇلى ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرى مەلۇم ئۆلچەمگە يەتكەنلەرنى يىلدا بىر قېتىم مەزكۇر پۇل ۋە ھايۋانلىرىدىن مۇئەييەن بىر مىقدارنى (زاكات سۈپىتىدە) ئايرىشقا[7]، يەردىن ئالغان مەھسۇلاتى مەلۇم ئۆلچەمگە يەتكەنلەرنى مەھسۇلاتىنى يىغقان كۈنى ئۇ مەھسۇلاتىنىڭ ئوندىن بىرىنى (ئۆشرە سۈپىتىدە) ئايرىشقا[8]، شۇنداقلا ئۇلارنى بەلگىلەنگەن كىشى ۋە ئورۇنلارغا بېرىشكە بۇيرۇغان[9].

 شۇڭا ئاتا – ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا غەمخورلۇق قىلىش، پېقىر – مىسكىنلەرگە ياردەم قىلىش ۋە يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش ئىسلامنىڭ پەرزلىرىدۇر[10]. شۇنىڭدەك، ئۆشرە – زاكات ئايرىپ، تېگىشلىك يەرلەرگە بېرىشمۇ ئىسلامنىڭ بىر پەرزىدۇر، ھەتتا بىر ئەركانىدۇر[11].

ئۇ پەرزلەرنى لايىق رەۋىشتە ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇ پەرزلەرنىڭ مەقسەت ۋە غايىلىرىنى[12]، شەرت ۋە شەكىللىرىنى، مىقدار ۋە ئۆلچەملىرىنى قۇرئان – سۈننەتتىن ئۆگىنىش كېرەك[13]. چۈنكى ئۆزىنىڭ قايسى ئەمەلنى، نېمىشقا ۋە قانداق قىلىشىنى بىلمەيلا ئىشقا كىرىشكەن كىشى شەكىلۋازلىق ۋە دورامچۇقلۇق قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ[14].

تۆۋەندە ئايەت – ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا يۇقىرىدىكى ئىلاھىي پەرمانلارنىڭ ئۆشرە – زاكات ۋە سەدىقە پىتىر قىسمى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 75 – 77.

[1] قاراڭ: 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 1 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 72 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 54 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 21 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 11 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 237 – ۋە 266 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 40 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 32 – ۋە 54 – ئايەتلەر؛ 11 – سۈرە ھۇد، 27 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 39 – ئايەت؛ 15 – سۈرە ھىجر، 54 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 70 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 23 – ئايەت؛ 19 – سۈرە مەريەم، 8 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 5 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 22 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 68 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 27 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 32 – ئايەت؛ 95 – سۈرە تىن، 5 – ئايەت؛ 113 – سۈرە فەلەق، 5 – ئايەت.

[4] قۇرئان كەرىمدىكى «پېقىر – مىسكىن، باي – كەمبەغەل» دېگەندەك ئاتالغۇلار بۇنى كۆرسىتىدۇ.

[5] چۈنكى ئۆزىنىڭ مېلىنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن باشقىسىغا بېرىش بىلەن بايلار بېخىللىقتىن قۇتۇلىدۇ ۋە كەمبەغەللەرنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ، كەمبەغەللەر ئېھتىياجىنى قامدايدۇ ۋە بايلارغا قارشى مۇھەببەت ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق مۇناسىۋىتى پەيدا بولىدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەت ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىدۇ. 

[6] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 261 -، 265 – ۋە 274 – ئايەتلەر؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 26 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 38 – ئايەت؛ 51 – سۈرە زارىيات، 19 – ئايەت؛ 70 – سۈرە مەئارىج، 24 ~ 25 – ئايەتلەر. شۇنىڭدەك، قۇرئان كەرىمدىكى «ماللىرىڭلاردىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىڭلار» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتلەرمۇ بۇ مەنىلەرگە دالالەت قىلىدۇ.

[7] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 267 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 141 – ئايەت.

[9] قاراڭ:  9 – سۈرە تەۋبە، 60 – ئايەت.

[10] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 83 -، 177 – ۋە 215 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 36 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 151 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 90 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 23 – ۋە 26 – ئايەتلەر؛ 30 – سۈرە رۇم، 38 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 14 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 15 – ئايەت.

[11]قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 43 -، 83 -، 110 -، 267 – ۋە 277 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 77 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 141 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 60 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 78 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 56 – ئايەت؛ 58 – سۈرە مۇجادەلە، 13 – ئايەت؛ 73 – سۈرە مۇززەممىل، 20 – ئايەت. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى بەش ئەركان ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىرىنچىسى ‹ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ئىككىنچىسى ناماز ئوقۇش، ئۈچىنچىسى زاكات بېرىش، تۆتىنچىسى ھەج قىلىش، بەشىنچىسى روزا تۇتۇش» (بۇخارى، «ئىمان»، 1؛ مۇسلىم، «ئىمان»، 1؛ تىرمىزى،  «ئىمان»، 3؛ نەسەئى، «ئىمان»، 13).

[12] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 112 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 125 – ئايەت؛ 98 – سۈرە بەييىنە، 5 – ئايەت. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىق» (بۇخارى، «بەدئۇل ۋەھىي»، 1، «ئىمان»، 41؛ مۇسلىم، «ئىمارەت»، 155.

[13] چۈنكى ئىبادەت ئىتائەتتىن ھاسىل بولىدۇ. ئىتائەت بۇيرۇلغاننى قىلىش، توسۇلغاندىن يېنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەنە شۇ ئىبادەتنى قىلغان كىشى ئاللاھقا بەندە (قۇل) ھېسابلىنىدۇ. «دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىش» مەزمۇنىدىكى ئايەتلەر بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ.

[14] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 27؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 53.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر