مۇسۇلمانلار
زاكاتنىڭ مەنىسى ۋە ھۆكمى 1

زاكاتنىڭ مەنىسى ۋە ھۆكمى

2§. «زاكات» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى

«زاكات» دېگەن سۆز لۇغەتتە پاكلانماق، پاكلىماق، ئۆسمەك، ئۆستۈرمەك، ئاۋۇماق، كۆپەيمەك، مەدھىيەلىمەك، پاك، پاكلىق، بەرىكەت دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ[1]. ئىستىلاھى مەنسى (فىقىھتىكى ئاتالغۇ مەنىسى) – باي ھېسابلىنىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ماللىرىدىن قۇرئاندا بەلگىلەنگەن[2] شەخس ۋە ئورۇنلارغا سەرپ قىلىنىش ئۈچۈن ئېلىنغان مۇئەييەن مىقدار دېگەن بولىدۇ[3]

3§. زاكاتنىڭ ھۆكمى

زاكات بېرىش يەنى پۇلى (ئالتۇن، كۈمۈش ۋە قەغەز پۇلى)، زىرائەت مەھسۇلاتى ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرى مۇئەييەن مىقدارغا يەتكەنلەرنىڭ مەخسۇس شەرتلەر ئاستىدا مەلۇم مىقدارىنى ئايرىپ، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ بەلگىلىگەن سىنىپلارغا بېرىشى پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنفِقُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا كَسَبۡتُمۡ وَمِمَّآ أَخۡرَجۡنَا لَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِۖ وَلَا تَيَمَّمُواْ ٱلۡخَبِيثَ مِنۡهُ تُنفِقُونَ وَلَسۡتُم بِآخِذِيهِ إِلَّآ أَن تُغۡمِضُواْ فِيهِۚ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ  ٢٦٧﴾

«ئى مۇئمىنلار! تاپقان مېلىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن چىقىم قىلىڭلار. ئۆزۈڭلار كۆز يۇممىساڭلار ئالمايدىغان ناچارلىرىنى چىقىم قىلىشقا ئۇرۇنماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر»[4].

بۇ ئايەت تىجارەت ماللىرىغا، ئالتۇن – كۈمۈش ۋە باشقا نەخ پۇللارغا، يەر مەھسۇلاتلىرىغا، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارغا زاكات كېلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

﴿وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَ جَنَّٰتٖ مَّعۡرُوشَٰتٖ وَغَيۡرَ مَعۡرُوشَٰتٖ وَٱلنَّخۡلَ وَٱلزَّرۡعَ مُخۡتَلِفًا أُكُلُهُۥ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُتَشَٰبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٖۚ كُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَءَاتُواْ حَقَّهُۥ يَوۡمَ حَصَادِهِۦۖ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ  ١٤١﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، باراڭلىق ۋە باراڭسىز باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر – بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى، ئانارلارنى بار قىلدى. ھەر بىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[5].

بۇ ئايەت يەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاكىتىنى ئايرىشنىڭ پەرزلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۇنى ئايرىش ۋاقتىنىمۇ بايان قىلىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 77 – 78.

[1]  ئىبنى فارىس ، «زكي»، 3: 17؛ راغىب ئىسفەھانى، «زكو»، 1: 380 – 381؛ ئىبنى مەنزۇر، «زكو»،  14: 358 – 359.

[2] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 60.

[3]  مەھمەت ئەركال، «زەكات»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2013)،  44: 197.   

[4] 2 – سۈرە بەقەرە، 267 -ئايەت.

[5] 6 – سۈرە ئەنئام، 141 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر