مۇسۇلمانلار
تەۋبە ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى 1

تەۋبە ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى

4§. تەۋبە

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان[1]، كافىر، مۇشرىك ۋە باشقا پۈتۈن گۇناھكارلارنى تەۋبە قىلىشقا تەشۋىق ۋە ئەمر قىلغان[2]، شۇنداقلا تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان[3]. شۇنىڭدەك، تەۋبە قىلمىغانلارنى ئازابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن[4].

1.      كۇفۇر ۋە شېرىكتىن تەۋبە قىلىش

ئاللاھ كۇفۇر ۋە شېرىكنى ئەپۇ قىلمايدۇ، لېكىن بۇ گۇناھنى قىلغان كافىر ۋە مۇشرىكلار تەۋبە قىلسا ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿قُل لِّلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِن يَنتَهُواْ يُغۡفَرۡ لَهُم مَّا قَدۡ سَلَفَ وَإِن يَعُودُواْ فَقَدۡ مَضَتۡ سُنَّتُ ٱلۡأَوَّلِينَ  ٣٨﴾

«ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا ئېيتقىن: ئەگەر ئۇلار دۈشمەنلىشىشتىن يانسا، ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار قايتا دۈشمەنلەشسە، بۇرۇنقىلارغا ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن قانۇنۇم ئۇلارغىمۇ ئىجرا قىلىنىدۇ»[5].

﴿وَإِنِّي لَغَفَّارٞ لِّمَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا ثُمَّ ٱهۡتَدَىٰ  ٨٢﴾

«شۈبھىسىزكى، مەن تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان كىشىگە ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىمەن»[6].

﴿وَٱلَّذِينَ لَا يَدۡعُونَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ وَلَا يَقۡتُلُونَ ٱلنَّفۡسَ ٱلَّتِي حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَلَا يَزۡنُونَۚ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ يَلۡقَ أَثَامٗا  ٦٨ يُضَٰعَفۡ لَهُ ٱلۡعَذَابُ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَيَخۡلُدۡ فِيهِۦ مُهَانًا  ٦٩ إِلَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ عَمَلٗا صَٰلِحٗا فَأُوْلَٰٓئِكَ يُبَدِّلُ ٱللَّهُ سَيِّ‍َٔاتِهِمۡ حَسَنَٰتٖۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا  ٧٠﴾

«ئۇلار ئاللاھقا قوشۇپ باشقا ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ، قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ. تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»[7].

بۇ ئايەتلەر كافىرلىقتىن ۋە مۇشرىكلىقتىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

2.      چوڭ گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ تُوبُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ تَوۡبَةٗ نَّصُوحًا عَسَىٰ رَبُّكُمۡ أَن يُكَفِّرَ عَنكُمۡ سَيِّئَآتِكُمۡ وَيُدۡخِلَكُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ …  ٨﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، رەببىڭلار يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىشى ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىشى مۇمكىن»[8].

ئاللاھ تائالا كۇفۇر ۋە شېرىكتىن باشقا گۇناھلارنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَغۡفِرُ أَن يُشۡرَكَ بِهِۦ وَيَغۡفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَآءُۚ وَمَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدۡ ضَلَّ ضَلَٰلَۢا بَعِيدًا  ١١٦﴾

«ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا گۇناھنى خالىغان كىشى ئۈچۈن مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ چوڭقۇر ئازغۇنلۇققا چۈشكەن بولىدۇ»[9].

 ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە چوڭ گۇناھ قىلغان مۇئمىنلاردىن خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن كىمنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿وَٱلَّذِينَ إِذَا فَعَلُواْ فَٰحِشَةً أَوۡ ظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ ذَكَرُواْ ٱللَّهَ فَٱسۡتَغۡفَرُواْ لِذُنُوبِهِمۡ وَمَن يَغۡفِرُ ٱلذُّنُوبَ إِلَّا ٱللَّهُ وَلَمۡ يُصِرُّواْ عَلَىٰ مَا فَعَلُواْ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ  ١٣٥ أُوْلَٰٓئِكَ جَزَآؤُهُم مَّغۡفِرَةٞ مِّن رَّبِّهِمۡ وَجَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ وَنِعۡمَ أَجۡرُ ٱلۡعَٰمِلِينَ  ١٣٦﴾

«ئۇلار بىرەر قەبىھ ئىش قىلغان ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغلىرىدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ – گۇناھلارنى ئاللاھتىن باشقا كىم مەغپىرەت قىلىدۇ؟ – ۋە قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ مۇكاپاتى رەببىنىڭ مەغپىرىتى ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى!»[10].

﴿إِنَّمَا ٱلتَّوۡبَةُ عَلَى ٱللَّهِ لِلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلسُّوٓءَ بِجَهَٰلَةٖ ثُمَّ يَتُوبُونَ مِن قَرِيبٖ فَأُوْلَٰٓئِكَ يَتُوبُ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا  ١٧ وَلَيۡسَتِ ٱلتَّوۡبَةُ لِلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلسَّيّئَآتِ حَتَّىٰٓ إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ ٱلۡمَوۡتُ قَالَ إِنِّي تُبۡتُ ٱلۡـَٰٔنَ وَلَا ٱلَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمۡ كُفَّارٌۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَعۡتَدۡنَا لَهُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا  ١٨﴾

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. يامانلىقلارنى قىلىپ، تاكى بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا: ‹ئەمدى تەۋبە قىلدىم› دېگۈچىلەرنىڭ ۋە كافىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىز ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق»[11].

3.      تەۋبىنىڭ شەرتلىرى

ئاللاھ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان تەۋبە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر[12] تەۋبىنىڭ بىرقانچە شەرتىنىڭ بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇ شەرتلەر تۆۋەندىكىچە:

1) سەكراتقا چۈشۈپ قېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلىش، قاچان سەكراتقا چۈشۈشنى بىلگىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىنى بىلگەن ھامان تەۋبە قىلىش، گۇناھنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرماسلىق.

2) گۇناھتىن تامامەن قول ئۈزۈش، چۈنكى تەۋبىنىڭ مەنىسى گۇناھ قىلىشتىن يېنىشتۇر. گۇناھ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان كىشى گۇناھ قىلىشتىن يانمىغان بولىدۇ، شۇنداقلا تەۋبە قىلمىغان بولىدۇ.

3) قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاش، چۈنكى بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن گۇناھنى يەنە ئۆتكۈزۈش مەقسىتى بىلەن قىلىنغان تەۋبە، سەمىمىي تەۋبە ھېسابلانمايدۇ.

4) گۇناھنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش (ئىستىغفار).

5) ئەگەر ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ، ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا يەنى قىلىنغان گۇناھ، ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ بولسا، ماددىي ھەقلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك، مەنىۋى ھەقلەر ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىش ياكى زىياننى تۆلەش ۋە رازىلىشىش كېرەك.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 404 – 408.

[1] قاراڭ:   2 – سۈرە بەقەرە، 160 – ئايەت.

[2] قاراڭ:   5 – سۈرە مائىدە، 73 – ۋە 74 – ئايەتلەر؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 74 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 31 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 53 – ئايەت؛ 66 – سۈرە تەھرىم، 8 – ئايەت.

[3] قاراڭ:   2 – سۈرە بەقەرە، 160 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە 104 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 82 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 25 – ئايەت.

[4] قاراڭ:   4 – سۈرە نىسا، 173 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 74 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 87 – ئايەت؛ 48 – سۈرە فەتھ، 17 – ئايەت؛ 88 – سۈرە غاشىيە، 24 – ئايەت.

[5] 8 – سۈرە ئەنفال، 38 – ئايەت.

[6] 20 – سۈرە تاھا، 82 – ئايەت.

[7] 25 – سۈرە فۇرقان، 68 ~ 70 – ئايەتلەر.

[8] 66 – سۈرە تەھرىم، 8 – ئايەت.

[9] 4 – سۈرە نىسا، 116 – ئايەت.

[10]  3 – سۈرە ئال ئىمران، 135 – ۋە 136 – ئايەتلەر.

[11]  4 – سۈرە نىسا، 17 – ۋە 18 – ئايەتلەر.

[12] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 89 – ، 135 – ۋە 136 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 18 – ۋە 146 – ئايەتلەر؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 5 – ۋە 11 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 119 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 5 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر