مۇسۇلمانلار
نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭدىن پاكلىنىش 1

نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭدىن پاكلىنىش

4§. نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن پاكلىنىش

1.    ھەدەس ۋە ئۇنىڭدىن پاكلىنىش

ھەدەس – تاھارەتسىزلىك ياكى جۇنۇپلۇق سەۋەبىدىن ئىنساندا پەيدا بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنغان پاسكىنىلىق (ھۆكمىي نىجاسەت) دېگەن بولىدۇ[1]. بۇنى يوقىتىش ئەھۋالغا قاراپ تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ۋە ياكى تەيەممۇم قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا قُمۡتُمۡ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ فَٱغۡسِلُواْ وُجُوهَكُمۡ وَأَيۡدِيَكُمۡ إِلَى ٱلۡمَرَافِقِ وَٱمۡسَحُواْ بِرُءُوسِكُمۡ وَأَرۡجُلَكُمۡ إِلَى ٱلۡكَعۡبَيۡنِۚ وَإِن كُنتُمۡ جُنُبٗا فَٱطَّهَّرُواْۚ وَإِن كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوۡ جَآءَ أَحَدٞ مِّنكُم مِّنَ ٱلۡغَآئِطِ أَوۡ لَٰمَسۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَلَمۡ تَجِدُواْ مَآءٗ فَتَيَمَّمُواْ صَعِيدٗا طَيِّبٗا فَٱمۡسَحُواْ بِوُجُوهِكُمۡ وَأَيۡدِيكُم مِّنۡهُۚ مَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيَجۡعَلَ عَلَيۡكُم مِّنۡ حَرَجٖ وَلَٰكِن يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمۡ وَلِيُتِمَّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ٦﴾

«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئىككى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار. ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار ئوبدان پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولساڭلار، ئاندىن سۇ تاپالمىساڭلار، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئالىقىنىڭلارنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاڭلار. ئاللاھ سىلەرگە قىيىنلاشتۇرۇشنى ئىرادە قىلمايدۇ، لېكىن سىلەرنى پاكلاشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر‏‎!‎»[2].

بۇ ئايەتتە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەن چاغدا ئۇ نامازنى ئادا قىلماقچى بولغانلار تاھارەتسىز بولسا تاھارەت ئېلىشقا، جۇنۇپ بولسا غۇسۇل قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئايەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان باشقا بىر ھۆكۈم، كېسەللىك ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۇ تاپالمىغان ياكى سۇنى ئىشلىتەلمەيدىغانلارنىڭ تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىشلىرىغا رۇخسەت بېرىلىشىدۇر. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ توغرىدىكى ئىككى ھەدىسى تۆۋەندىكىچە:

«تاھارەتسىز ئوقۇلغان ھېچبىر ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ»[3].

«تاھارىتى سۇنغان كىشىنىڭ نامىزى قايتا تاھارەت ئالمىغۇچە قوبۇل قىلىنمايدۇ»[4].

يۇقىرىدىكى ئايەت مەزكۇر ھەدەستىن پاكلىنىشنى (تاھارەتنى) چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئامىللارنىمۇ بايان قىلىدۇ. ئايەتكە ئاساسەن، تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئامىللار ھاجەتخانىدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ ئاز دېگەندە بىرىنىڭ يۈز بېرىشىدۇر. يەنى ئالدى ۋە ئارقا تەرەت يوللىرىدىن چىققان  ھەر نەرسە تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. بۇ نەرسىلەر ھاجەتخانىنىڭ سىرتىدا چىقسىمۇ ئوخشاشلا تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ.

كىشى ئۇخلىغان چېغىدا تۇيماستىن تاھارىتى سۇنۇپ كەتكەن بولۇش ئېھتىمالىنىڭ دەرىجىسى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن يېتىپ ياكى بىر نەرسىگە يۆلىنىپ ئۇخلاش تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. ئولتۇرغان ياكى ئۆرە تۇرغان ھالەتتە مۈگدەش بولسا تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ.

غۇسۇل – پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي يۇيۇش دېمەكتۇر. بۇنىڭ سەۋەبى جۇنۇپلۇقتۇر. سۇ تاپالمىغانلىقتىن ياكى سۇنى ئىشلىتەلمىگەنلىكتىن تاھارەت ئالالمىغان ياكى غۇسۇل قىلالمىغان كىشى پاك تۇپراق بىلەن تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. تاھارەتنىڭ ئورنىغا قىلىنىدىغان تەيەممۇم بىلەن غۇسۇلنىڭ ئورنىغا قىلىنىدىغان تەيەممۇم ئوخشاشتۇر.

2.    خۇبس ۋە ئۇنىڭدىن پاكلىنىش

خۇبس – ماددىي نىجاسەت دېگەن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى پاكىزلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىرىنسىپلار ناماز ئوقۇلىدىغان جاينىڭ، ناماز ئوقۇلىدىغان كىيىمنىڭ ۋە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ بەدىنىنىڭ بۇ نىجاسەتتىن پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذۡ جَعَلۡنَا ٱلۡبَيۡتَ مَثَابَةٗ لِّلنَّاسِ وَأَمۡنٗا وَٱتَّخِذُواْ مِن مَّقَامِ إِبۡرَٰهِ‍ۧمَ مُصَلّٗىۖ وَعَهِدۡنَآ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِ‍ۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ أَن طَهِّرَا بَيۡتِيَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلۡعَٰكِفِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ ١٢٥﴾

«ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن ساۋاب قازىنىدىغان ۋە ئامانلىقتا بولىدىغان يەر قىلغان ئىدۇق. سىلەر ئىبراھىمنىڭ تۇرغان يەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى نامازگاھ قىلىڭلار. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: ‹ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار‹ دەپ تاپىلىغان ئىدۇق »[5]. ‏

﴿وَإِذۡ بَوَّأۡنَا لِإِبۡرَٰهِيمَ مَكَانَ ٱلۡبَيۡتِ أَن لَّا تُشۡرِكۡ بِي شَيۡ‍ٔٗا وَطَهِّرۡ بَيۡتِيَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلۡقَآئِمِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ ٢٦﴾

«بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىدۇق: ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغىن، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ – سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇتقىن»[6].

 بۇ ئايەتلەر ناماز ئوقۇلىدىغان جاينىڭ پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ 74 – سۈرە مۇددەسسىرنىڭ 4 – ئايىتىدىكى ﴿وَثِيَابَكَ فَطَهِّرْ (كىيىملىرىڭنى پاك تۇتقىن)﴾ دېگەن سۆزى كىيىملەرنى ھەر دائىم پاك تۇتۇشقا، بولۇپمۇ نامازدا پاك تۇتۇشقا  بۇيرۇغانلىقى بولىدۇ. چۈنكى ناماز مۇسۇلماننىڭ ھەر جەھەتتىن پاك ھالەتتە بولغان چېغىدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 222 – ئايىتىدىكى ۋە 9 – سۈرە تەۋبەنىڭ 108 – ئايىتىدىكى ﴿وَاللّهُ يُحِبُّ الْمُطَّهِّرِينَ (ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ)﴾ دېگەن سۆزلىرى يۇقىرىدىكى پاكىزلىقلارنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ بەدىنىنىڭ پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقىغىمۇ دالالەت قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر»[7] دېگەن سۆزى پۈتۈن بۇ پاكىزلىقلارنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:

  • ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە مەسچىتتىكى چېغىمىزدا بىر سەھرالىق ئەرەب كېلىپ، مەسچىتنىڭ ئىچىگە سىيىشكە باشلىدى. ساھابىلەر ئۇنىڭغا: «ئۇنداق قىلما، ھەي! ئۇنداق قىلما!» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا «ئۇنى توسماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتتى. ئۇ كىشى ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇنى يېنىغا چاقىردى ۋە: «بۇ مەسچىتلەر سىيىش ۋە بۇلغاش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ناماز ئۆتەش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈنلا سېلىنغان» دېدى، ئاندىن جامائەتتىن بىرىنى بۇيرىدى، بۇيرۇققا ئاساسەن ئۇ كىشى دەرھال بىر چېلەك سۇ ئەكېلىپ، سۈيدۈكنىڭ ئۈستىگە تۆكۈۋەتتى[8].
  • ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئايال ماڭا: مەن ئۇزۇن كىيىم كىيىمەن ۋە پاسكىنا يەردە ماڭىمەن دېدى. مەن ئۇ ئايالغا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۇنى پاسكىنا يولدىن كېيىنكى پاكىز يول پاكىزلايدۇ» دېگەن سۆزىنى ئېيتىپ بەردىم[9].
  • بەنى ئابدۇل ئەشھەل قەبىلىسىدىن بىر ئايال مۇنداق دەيدۇ: مەن: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزنىڭ مەسچىتكە بارىدىغان يولىمىز سېسىقچىلىق بىر يول. يامغۇر ياغسا قانداق قىلىمىز؟» دېدىم. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئۇ يولدىن كېيىن باشقا پاكىزراق يول بارمۇ؟» دېدى. مەن: «ھەئە، بار» دېگەن ئىدىم. ئۇ، «مانا بۇنىڭ بىلەن ئۇ پاكلىنىدۇ» دېدى[10].
  • ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن بىر كىشى ئاياغ كىيىمى بىلەن نىجاسەتكە دەسسىگەن بولسا، بىلسۇنكى توپا ئۇنى پاكلايدۇ»[11].
  • ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىگە يۇقۇپ قالغان مەنىينى يۇياتتىم. ئۇ كىيىمىنىڭ يۇيۇلغان يېرى قۇرۇماستىن نامازغا چىقاتتى»[12].
  • ئەسما بىنتى ئەبى بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر ئايال رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، كىيىمىگە ھەيزنىڭ قېنى يۇقۇپ قالغان ئايال قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئاۋۋال سۈرتۈۋېتىدۇ، ئاندىن كېيىن سۇ تۆكۈپ بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەن قاننىڭ ئىزى يوقالغانغا قەدەر ئۇۋۇلايدۇ، ئاندىن يۇيىدۇ. ئاندىن ئۇ كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ» دېدى[13].

بۇ ھەدىسلەر تەرەت يوللىرىدىن چىققان ھەر نەرسىنىڭ نىجاسەت ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1 : 20 – 24.

[1]  رەھمى ياران، «ھەدەس»،  تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1997)،  15: 1.

[2] 5 – سۈرە مائىدە، 6 – ئايەت.

[3]  مۇسلىم، «تاھارەت»، 2؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 1؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 103، «زاكات»، 48؛ ئىبنى ماجە، «تاھارەت»، 2؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد،  2 : 51.

[4]  بۇخارى، «ھىيەل»، 2؛ مۇسلىم، «تاھارەت»، 2؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 56؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 2 : 318.

[5] 2 – سۈرە بەقەرە، 125 – ئايەت.

[6] 22 – سۈرە ھەج، 26 – ئايەت.

[7]  مۇسلىم، «تاھارەت»، 1.

[8]  بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 57، 58، «ئەدەب»، 35؛ مۇسلىم، «تاھارەت»، 99؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 45.

[9]  ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 140؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 109.

[10]  ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 140.

[11]  ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 141.

[12]  بۇخارى،  «ۋۇدۇئـ»، 64 – 65؛ مۇسلىم، «تاھارەت»، 108؛ ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 136؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 85 – 86؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 187 – 188.

[13]  بۇخارى، «ھەيز»، 9، «ۋۇدۇئـ»، 63؛ مۇسلىم، «تاھارەت» 110؛ مۇۋاتتا، «تاھارەت»، 103؛ ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 132؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 104؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 185.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر