مۇسۇلمانلار
ئاياللارنى ئۇرۇش 1

ئاياللارنى ئۇرۇش

«ئاياللارنى ئۇرۇش» مەسىلىسى

(«كىتاپ ۋە ھېكمەت» ژورنىلى 16-سان باش ماقالىسى)

يازغۇچى : پروفېسسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق

ئەنئەنىۋى فىقىھتا نىسا سۈرىسىنىڭ 34- ئايىتىدىكى «نۇشۇز»غا ئاسىيلىق قىلىش، «دەرب»كە ئۇرۇش مەنىسى بېرىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرمۇ بۇ رەۋىشتە چۈشىنىلگەنلىكى ئۈچۈن «ئىسلام ئەر كىشىگە خوتۇنىنى ئۇرۇش ھوقۇقى بېرىدۇ» دېگەن كۆزقاراش مەيدانغا كەلگەن.

كىرىش سۆز

نىسا سۈرىسىنىڭ 34- ئايىتىدە «سىلەر نۇشۇزىدىن قورقىدىغان ئاياللىرىڭلارغا نەسىھەت قىلىڭلار، تۆشەكلىرىدە يالغۇز قويۇڭلار ۋە ئۇلارنى دەرب قىلىڭلار» دېگەن ئەمىرلەر بايان قىلىنىدۇ.

نۇشۇز- ئولتۇرغان يېرىدىن سۈرۈلۈپ بىرئاز يىراقلاشماق دېگەنلىكتۇر[1].

دەرب- بىر نەرسىنى بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە ئۇرماق ياكى قويماق دېمەكتۇر[2]. ئاساسەن ھەممە ئىشقا ئىشلەتكىلى بولىدىغان[3] دەرب دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئۇرۇلغان ياكى قويۇلغان نەرسىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ.

«دەرب» كەلىمىسىنىڭ تۈركچىدىكى ئاساسلىق مەنىلىرىدىن بىرى بولغان  «ئۇرماق»نىڭ ئوتتۇز ئەتراپىدا مەنىسى بار: مۆھۈر ئۇرۇش، پۇتىنى يەرگە ئۇرۇش، قورال، مۇش،  تاياق قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئۇرۇش، ئاپتاپنىڭ ئۇرۇشى، قىرغاققا ئۇرۇلۇش دېگەندەك يەرلەردە «بىر نەرسىنى بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇش» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.

 تامغا سىر ئۇرۇش، ئاتقا ئىگەر ئۇرۇش (توقۇش)، ياغلىقىنى بوينىغا ئۇرۇش (يۆگەش)، بىناغا ئۆگزە ئۇرۇش (سېلىش)، باشنى ئۇرۇپ  (پۈركەپ) يېتىش، ئىشىككە قۇلۇپ ئۇرۇش (سېلىش)، مۆلدۈرنىڭ ئۇرۇشى ۋە بىرىگە ئۇرۇلۇپ كېتىش قاتارلىق يەرلەردىكى ئۇرۇش «بىر نەرسىنى بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە قويۇش» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ[4].

    ئەنئەنىۋى فىقىھتا نىسا سۈرىسىنىڭ 34- ئايىتىدىكى «نۇشۇز»غا ئاسىيلىق قىلىش، «دەرب»كە ئۇرۇش مەنىسى بېرىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرمۇ بۇ رەۋىشتە چۈشىنىلگەنلىكى ئۈچۈن «ئىسلام ئەر كىشىگە خوتۇنىنى ئۇرۇش ھوقۇقى بېرىدۇ» دېگەن كۆزقاراش مەيدانغا كەلگەن. ئۇ ئايەتنى تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى مۇنداق تەرجىمە قىلغان:

 «ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى باشقىلىرىدىن ئۈستۈن قىلىش سەۋەبى بىلەن ۋە ماللىرىدىن چىقىم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋە قوغدىغۇچىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سالىھ ئاياللار ئىتائەتكاردۇر. ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدىشىغا قارىتا مەخپىيەت (ھېچكىم كۆرمىسىمۇ نۇمۇسلىرىنى) قوغدىغۇچىلاردۇر. سىلەر بويۇنتاۋلىق قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، ئۇلارنى ياتاقلاردا يالغۇز قويۇڭلار ۋە (بۇنىڭمۇ پايدىسى بولمىسا) ئۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنىڭ زىيىنىغا باشقا يول ئىزدىمەڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر»[5].

بىزنىڭچە، ئايەتكە بېرىلگەن بۇ مەنىلەر ئاساسەن ھەممىسى خاتادۇر. بۇ ماقالىدە، ئايەتنىڭ پەقەتلا «ئاياللارنى ئۇرۇش» قىسمىدىلا توختىلىمىز. ئايەتنىڭ توغرا تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:

«ئەرلەر ئاياللىرىنى، ئالاھىدە قوغدايدۇ ۋە قوللايدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ھەر بىرىگە باشقا بىرىدىن ئۈستۈن ئالاھىدىلىكلەر بېرىشى ۋە ئەرلەرنىڭ ماللىرىدىن خەجلىگەنلىكى سەۋەبىدىندۇر. ياخشى ئاياللار، (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ قوغدىغانلىقى ئۈچۈن يالغۇز چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى قوغدىغان ئاياللاردۇر. نۇشۇزىدىن/ئاجرىشىشىدىن قورققان ئاياللىرىڭلارغا نەسىھەت قىلىڭلار/چىرايلىق گەپ قىلىڭلار، ياتاقلىرىدىن ئايرىلىڭلار ۋە ئۇلارنى (ئۇ يەردە) تۇتۇڭلار. ئۇلار سىلەرنى كۆڭلىدىن قوبۇل قىلسا، ئۇلارغا قارشى باشقا بىر يول ئىزدىمەڭلار. ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر» -4-سۈرە نىسا، 34-ئايەت.

 بۇ ئايەتتىكى «نۇشۇز»غا بويۇنتاۋلىق قىلىش، «دەرب»كە ئۇرۇش مەنىسىنىڭ بېرىلىشى، ھەم قۇرئاننىڭ ھەمدە بۇ ئايەتنىڭ مەنا پۈتۈنلۈكىگە زىتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُم مِّنْ أَنفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِّتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُم مَّوَدَّةً وَرَحْمَةً إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ﴾

«ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ سىلەرگە كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپتلەر يارىتىپ بەردى، ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق ئورناتتى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»- 30- سۈرە رۇم، 21 – ئايەت.

ئۇرۇشنىڭ ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى سۆيگۈ ۋە مەرھەمەتكە زىت كېلىدىغانلىقى ئېنىق.

«ئاللاھ ئىنساننى ئىمتىھان ئۈچۈن ياراتتى ۋە ئۇنىڭغا خەلىپىلىك ئالاھىدىلىكى بەردى»-( بەقەرە 2-سۈرىنىڭ 30-ئايىتى).

خەلىفە، خەلىف (خليف) كەلىمىسىگە مۇبالىغە ئۈچۈن تە (ة)نىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولۇپ، مەنىسى دائىم مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچى ۋە دائىم مۇخالىپەتچىلىككە ئۇچرىغۇچى دېگەن بولىدۇ. بىرىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگۈچى ياكى ئارقىسىدا بىرىنى قالدۇرغۇچى دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ[6]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَلَوْ شَاء رَبُّكَ لَجَعَلَ النَّاسَ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلاَ يَزَالُونَ مُخْتَلِفِينَ.إِلاَّ مَن رَّحِمَ رَبُّكَ وَلِذَلِكَ خَلَقَهُمْ وَتَمَّتْ كَلِمَةُ رَبِّكَ لأَمْلأنَّ جَهَنَّمَ مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ﴾

«ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئىنسانلارنى بىر ئۈممەت قىلغان بولاتتى. ئۇلار ھەمىشە بىر-بىرىگە مۇخالىپ بولىدۇ. ئاللاھ مەرھەمەت قىلغانلار مۇستەسنا. ئاللاھ ئۇلارنى بۇنىڭ ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى ھەقتۇر: جەھەننەمنى ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى بىلەن تولدۇرىمەن» 11- سۈرە ھۇد، 118~119.

 ئىنسان ئۆزىنىڭ مۇخالىف خاراكتېرى سەۋەبلىك، ئەڭ زور ئىمتىھاننى ئۆز ئائىلىسى ئىچىدە بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا يەر يۈزىنىڭ تۇنجى ئائىلىسى بولغان ئادەم بىلەن ھاۋانى، ئۇلار تۇرۇۋاتقان باغچىدىن ھەيدەپ چىقارغان چېغىدا ئۇلارغا مۇنداق دېگەن ئىدى:

﴿ اهْبِطَا مِنْهَا جَمِيعًا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُم مِّنِّي هُدًى فَمَنِ اتَّبَعَ هُدَايَ فَلَا يَضِلُّ وَلَا يَشْقَى﴾

«ئىككىڭلار بىرلىكتە ئۇ باغچىدىن چۈشۈڭلار. بەزىڭلار بەزىڭلارنىڭ دۈشمىنى بولىسىلەر. مەندىن سىلەرگە بىرەر ھىدايەت كېلىپ، كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلار ئازمايدۇ ۋە بەختسىزز بولمايدۇ»- 20- سۈرە تاھا، 123-ئايەت.

 پەقەت ئەر-خوتۇن ئىككىسىلا ئەمەس، ئائىلىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىرى بىرىگە مۇخالىپتۇر. ھەر بىرى باشقىسىنىڭ ھەققىگە كۆز تىكىپ بويۇنتاۋلىق قىلىدۇ. بەخىتلىك بولۇشنى خالىغان كىشىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى تۆۋەندىكى ئايەتكە ئەمەل قىلىشتۇر:

 ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ وَأَوْلَادِكُمْ عَدُوًّا لَّكُمْ فَاحْذَرُوهُمْ وَإِن تَعْفُوا وَتَصْفَحُوا وَتَغْفِرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ﴾

  « ئى مۇئمىنلار! شۈبھىسىزكى، جۈپلىرىڭلاردىن ۋە بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرى بار. ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر ئەپۇ قىلساڭلار، ياخشى مۇئامىلىدە بولساڭلار ۋە ھىمايە قىلساڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ كەچۈرگۈچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر» 64- سۈرە تەغابۇن ، 14 – ئايەت.

ئايەتلەرگە ئاساسەن ئائىلە ئىچىدە ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر-بىرىگە دۈشمەنلىك قىلىشى نورمال ئەھۋال. پەقەتلا ئاياللارنى بويۇنتاۋلىق قىلىدۇ دەپ، نۇشۇز كەلىمىسىگە «ئېرىگە بويۇنتاۋلىق قىلىش» دەپ مەنا بېرىش، ئېرىنىڭ قىلغان نەسىھىتى ۋە بىرگە ياتماسلىقتىن كېيىن يەنە يولغا كىرمىسە، ئۇنىڭدىن ئايالىنى ئۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ئايەتنىڭ روھىغا زىت كېلىدۇ.

 بېرىلگەن بۇ مەنا، نىسا سۈرىسىنىڭ 34- ئايىتىنىڭ  بىر پۈتۈنلىكىگىمۇ زىتتۇر. چۈنكى «ئۇلارنى دەرب قىلىڭلار» سۆزىنىڭ داۋامىدا « فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ – ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا» دېگەن ئىپادە كېلىدۇ. ئەرەپچىدە ئىتائەت ئىشنى كۆڭلىدىن چىقىرىپ قىلىش دېگەن بولىدۇ. تاياق يېگەندىن كېيىن بويسۇنۇش ئىتائەت ئەمەس، زورلىنىش بولىدۇ[7]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿لاَ إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ قَد تَّبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ فَمَنْ يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِن بِاللّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىَ لاَ انفِصَامَ لَهَا وَاللّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ﴾

  «دىندا ھېچ زورلاش يوق. توغرا بىلەن خاتا ئېنىق ئايرىلدى. كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر‏»-2-سۈرە بەقەرە، 256 – ئايەت

«ئايالنىڭ نۇشۇزى»- ئۇنىڭ ئېرىدىن ئاجرىشىش قارارىدۇر. بۇ ئەھۋالدا ئەر ئۇنى قارارىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىقچە سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى يوقىتىشى، ئۇنى قايىل قىلىپ بولغۇچە ياتىقىغا كىرمەسلىكى كېرەك. ئايەتتىكى «دەرب» كەلىمىسىگە «ئايالنى ئۆيدە تۇتۇش» مەنىسىنىڭ بېرىلىشى مانا مۇشۇ سەۋەپتىندۇر. قۇرئان كەرىمدە ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرىدىن ئاجرىشىش ھەققىنىڭ (ئىفتىدا) بارلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھەقكە مۇھەممەد (ئە.س.) ۋە ساھابىلەر  رىئايە قىلغان. لېكىن بۇ ھەقنى مەزھەپلەر ئېتىراپ قىلمايدۇ[8]. تەپسىرلەرمۇ مەزھەبلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئايەتتىكى كەلىمىلەرگە توغرا مەنە بېرىلمىگەن. بۇ خىل مەسىلىلەردە سادىر بولغان خاتالىقلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تەپسىر ئىلمىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلىكىدۇر.

  ئا- تەپسىر ئىلمى

 ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتتە قۇرئاننى مەلۇم بىر ئىلىمگە ئاساسەن ئىزاھلىغانلىقىنى ئېيتىدۇ:

﴿وَلَقَدْ جِئْنَاهُم بِكِتَابٍ فَصَّلْنَاهُ عَلَى عِلْمٍ هُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ﴾

«بىز ئۇلارغا بىر كىتاب كەلتۈردۇق، ئۇنى بىر ئىلىم بىلەن بايان قىلدۇق، ئۇنى ئىشىنىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدۇق»- 7-سۈرە ئەئراف، 52 – ئايەت

بۇ ئىلىمنىڭ ئاساسىي قائىدىسى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسلىكىدۇر. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىدەك:

﴿الَر كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ. أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ اللّهَ إِنَّنِي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ﴾

«ئەلىف، لام، را. بۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن ئايەتلىرى ئىخچام[9] ۋە ئېنىق قىلىپ تۈزۈلگەن ھەمدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر.‏ بۇ ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن‏» 11-سۈرە ھۇد،1- 2 – ئايەت.

بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن باشقىلارنىڭ تەپسىرلىرىگە ئەمەل قىلىش، ئۇنىڭغا قۇل بولۇشتۇر. بۇ ئىلىمنى بىلگەن تەقدىردىمۇ، ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان كىشى ئازغان بولىدۇ.

 ئاللاھ تائالانىڭ قىلغان تەپسىرىنى، پەقەت مۇتەخەسسىس ھەيئەتلا ئوتتۇرىغا چىقىرالايدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن بىلەلەيمىز:

﴿كِتَابٌ فُصِّلَتْ آيَاتُهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لِّقَوْمٍ يَعْلَمُونَ﴾

«بۇ، ئايەتلىرى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئەرەبچە قۇرئان ھالىتىدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر» -41-سۈرە فۇسسىلەت، 3- ئايەت.

 بىلىدىغان قەۋم «قۇرئاننى تەپسىر قىلىش ئىلمى»نى بىلىدىغان ۋە قۇرئاننى ئۇ ئىلىم بىلەن چۈشىنىشكە تىرىشىدىغان جامائەدۇر.

«قۇرئان» دېگەن سۆز جەمئىي قىلىش، يىغىش ۋە توپلاش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان «قەرئ» سۆز تومۇرىدىن (مەسدەردىن) تۈرلەنگەن سۆزدۇر[10].  مەقرۇئ (مقروء)  پۈتۈنلۈك ۋە دۆۋە مەنىسىدە ئىسىم بولۇپ ئىشلىتىلىدۇ. ئوقۇماق- كەلىمىلەرنى يىغىپ، چىققان مەنىنى چۈشەنمەك دېگەن بولغاچقا، قۇرئان كەلىمىسى ئوقۇماق مەنىسىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ كۆپلۈك شەكلى يوق. ھەم بىرلىك (مۇفرەد) ھەم كۆپلۈك (جەمئىي) ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭلاشقا «قۇرئان»غا «قۇرئانلار» دەپ مەنا بېرىشكىمۇ بولىدۇ.

 قۇرئاننىڭ مەنبەسى لەۋھى مەھفۇزدىكى ئانا كىتاپتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّهُ لَقُرْآنٌ كَرِيمٌ فِي كِتَابٍ مَّكْنُونٍ لَّا يَمَسُّهُ إِلَّا الْمُطَهَّرُونَ تَنزِيلٌ مِّن رَّبِّ الْعَالَمِينَ﴾

«شۈبھىسىزكى، ئۇ ھۆرمەتلىك قۇرئاندۇر، ساقلانغۇچى كىتابتىدۇر، ئۇنى پاك قىلىنغانلاردىن باشقىسى تۇتالمايدۇ، ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغۇچىدۇر»_ 56-سۈرە ۋاقىئە 77~80-ئايەتلەر.

قۇرئان سۈرىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. پۈتۈن سۈرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابقا قۇرئان دېيىلگەندەك، سۈرىلەرنىڭ ھەر بىرىگىمۇ قۇرئان دېيىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدْ آتَيْنَاكَ سَبْعًا مِّنَ الْمَثَانِي وَالْقُرْآنَ الْعَظِيمَ﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا مەسانىدىن يەتتىنى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق»- 15-سۈرە ھىجىر، 87 – ئايەت.

بەزى  سۈرىلەرنىڭ ئىچىدە بىر مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر پۈتۈنىگىمۇ قۇرئان دېيىلىدۇ. مەسىلەن: تۇنجى قېتىم نازىل قىلىنغان ئايەتلەر بىر مەسىلە توغرۇلۇق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئۆزئارا بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا قۇرئان دېيىلگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِيَ أُنزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى﴾

 «ئۇ شۇنداق ئايكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت بولغان، ھىدايەتنىڭ ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى بولغان قۇرئان ئەنە شۇ ئايدا نازىل قىلىنغان»- 2-سۈرە بەقەرە، 185 – ئايەت

 قۇرئان كەرىمدە بىر مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك، لېكىن بىر يەرگە يىغىلمىغان ئايەتلەرمۇ بار. ئۇلار «بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان، ئىككىدىن-ئىككىدىن» ئۇسۇلى بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ، بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَقُرْآناً فَرَقْنَاهُ لِتَقْرَأَهُ عَلَى النَّاسِ عَلَى مُكْثٍ وَنَزَّلْنَاهُ تَنزِيلاً﴾

«بىز قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشەنگەنسېرى ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئايەتلەرگە ۋە سۈرىلەرگە ئايرىدۇق[11]. بىز ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق»- 17- سۈرە ئىسرا، 106 – ئايەت.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىر ئايەت نازىل بولغاندا، ئۇ ئايەتنى تەپسىر قىلىدىغان باشقا بىر ئايەت ياكى بىرقانچە ئايەتنىڭ نازىل بولۇشىنى كۈتەتتى. بۇ ئەھۋال بىر مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك  ئايەتلەرنىڭ بىر ۋاقىتتا نازىل بولمايدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ. تۈۋەندىكى ئايەت بۇنى بايان قىلىدۇ:

﴿وَلَا تَعْجَلْ بِالْقُرْآنِ مِن قَبْلِ أَن يُقْضَى إِلَيْكَ وَحْيُهُ وَقُل رَّبِّ زِدْنِي عِلْمًا﴾

«ئى مۇھەممەد! ساڭا قۇرئاننىڭ ۋەھيى تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئالدىرىما، رەببىم! ئىلمىمنى زىيادە قىل دېگىن»- 20- سۈرە تاھا، 114 – ئايەت.

  تېلىفۇندىكى نۆلدىن توققۇزغىچە بولغان رەقەملەر (كۇنۇپكىلار) ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى  كىشى بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ. ھەر تېلىفۇن نومۇرى رەقەملەر توپلىمىدۇر. رەقەملەردىن بىرى خاتا بېسىلسا، تېلېفون ئۇلانمايدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر نەرسىنى بايان قىلىشى مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. مەنا پۈتۈنلۈكىنى تولۇق دىققەتكە ئالماستىن توغرا تەپسىرگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر مەسىلە توغرۇلۇق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىملار ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقى، شۇنداقلا ئىزىدىنىۋاتقان تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە تەھلىل قىلماستىن ھۆكۈم چىقارماسلقى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدا تونۇپ يېتىدۇكى، قۇرئانغا موھتاج بولمايدىغان ھېچقانداق ئىلىم ساھەسى يوقتۇر.

نەبىمىز (س.ئە.ۋ) بىزگە قۇرئاننى ھەم تەبلىغ قىلغان ئەلچى ھەمدە ئۆگەتكەن ئوقۇتقۇچىدۇر[12]. جەبرائىل ئەلەيھىسسالام بولسا نەبىمىزگە ئەۋەتىلگەن ئەلچى[13] ۋە ئوقۇتقۇچىدۇر. نەبىمىز قۇرئاننى ۋە قۇرئاندىن ھۆكۈم چىقىرىشنى ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن[14]. ئۇنىڭ ھەدىسلىرى (سۈننەتلىرى) مانا مۇشۇنداق شەكىللەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان بىلەن سۈننەت ئارىسىدا تولۇق پۈتۈنلۈك باردۇر. ئالىملار قۇرئاننى تەپسىر قىلىش ئىلمىگە بويسۇنسىلا بۇ پۈتۈنلۈكنى ئاسانلا كۆرۈپ يېتەلەيدۇ، ھەدىس توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىقلارنى تېپىپ ئوتتۇرىغا چىقىرالايدۇ. بۇ مەسىلىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇدىغان ئايەت تۆۋەندىكىچە:

  ﴿هُوَ الَّذِيَ أَنزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُّحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ فَأَمَّا الَّذِينَ في قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاء الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاء تَأْوِيلِهِ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلاَّ اللّهُ وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِّنْ عِندِ رَبِّنَا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلاَّ أُوْلُواْ الألْبَابِ﴾

  ئى مۇھەممەد! ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ساڭا بۇ كىتابنى نازىل قىلدى. ئۇنىڭ بىر قىسمى مۇھكەم ئايەتلەردۇر. ئۇلار كىتابنىڭ ئاساسىدۇر. يەنە بىر قىسمى بولسا مۇتەشابىھ ئايەتلەردۇر. قەلبلىرىدە ئەگرىلىك بار كىشىلەر ئۇنىڭ مۇتەشابىھ بولغانلىرىغا ئەگىشىدۇ[15]. ئۇلار پىتنە چىقىرىش ۋە ئۇلارنى تەئۋىل قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ تەئۋىلىنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدۇ. ئىلىمدە چوڭقۇرلاشقان كىشىلەر: «بىز بۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۇق[16]، ھەممىسى رەببىمىز تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان» دەيدۇ. بۇنى پەقەت ساپ ئەقىل ئىگىلىرى تونۇپ يېتەلەيدۇ. ‏ 3-سۈرە ئال ئىمران ، 7 – ئايەت.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى مۇھكەم ئايەتلەردۇر، بۇلار قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر. يەنە بىرى مۇتەشابىھ ئايەتلەردۇر، بۇلار بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ئايەتلەردۇر – (ئال ئىمران 3/7). مۇھكەم ئايەتلەر مەسىلىنىڭ ئاساسىنى ئىخچام ۋە ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇتەشابىھ ئايەتلەر مەنا جەھەتتىن مۇھكەم ئايەتلەرگە ئوخشايدىغان، ئۇلارنى تەپسىر قىلىدىغان ئايەتلەردۇر.

  تەئۋىل بىر نەرسىنى ئەسلى نىشانىغا توغرىلاشتۇر[17]. مۇتەشابىھ ئايەتنىڭ نىشانى مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ئاساسىي بولغان مۇھكەم ئايەتتۇر. بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا تەۋىل: مۇتەشابىھ ئايەت ياكى ئايەتلەرنى ئاساسىي ئايەتكە توغرىلىماقتۇر. ئاللاھ تائالا ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشلىق قىلىپ نازىل قىلغان. ئىنسانلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە ئەرەپچىنى ۋە مەزكۇر تەپسىر ئىلمىنى پۇختا بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت تەشكىللەپ، بۇ باغلىنىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىكە تىرىشىشى كېرەك.

  مەسانى، قوش كېزەكلەر دېمەكتۇر. مۇھكەم ۋە مۇتەشابىھتىن تۈزۈلگەن ئىككىلىك سېستىمىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

﴿اللَّهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ الْحَدِيثِ كِتَابًا مُّتَشَابِهًا مَّثَانِيَ تَقْشَعِرُّ مِنْهُ جُلُودُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمْ وَقُلُوبُهُمْ إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ ذَلِكَ هُدَى اللَّهِ يَهْدِي بِهِ مَنْ يَشَاء وَمَن يُضْلِلْ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ﴾

ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن-ئىككىدىن بولغان بىر كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى. رەببىدىن ئەيمىنىدىغان قىلىدىغانلارنىڭ تېرىلىرى ئۇنىڭدىن تىترەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تېرىلىرى ۋە قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۇمشايدۇ. ئەنە شۇ كىتاب ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.‏

39-سۈرە زۇمەر، 23 – ئايەت

 يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئاللاھنىڭ ئىزاھلىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، مەخسۇس بىر گۇرۇپپىنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانا ئايەتنى يەنى مۇھكەمنى تېپىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئورتاق تەرىپى بار بولغان ئوخىشىپ كېتىدىغان مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى تېپىپ چىقىشى لازىم. قۇرئاننى باشقا بىر ئۇسۇل بىلەن ئىزاھلاش، ئاللاھ قوبۇل قىلمايدىغان بىر يولغا كىرىش دېمەكتۇر.

 قۇرئان، ئاللاھنىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن بېرى نازىل قىلغان بارلىق ئايەتلىرىنى بىريەرگە توپلايدۇ. قۇرئاننى ئىزاھلاش ئىلمى ئۇ ئىتاپلاردىمۇ باردۇر. ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر، قۇرئاننىڭمۇ بېشىغا كەلگەن ئىدى. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

﴿شَرَعَ لَكُم مِّنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَن يَشَاء وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَن يُنِيبُ﴾﴿وَمَا تَفَرَّقُوا إِلَّا مِن بَعْدِ مَا جَاءهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِن رَّبِّكَ إِلَى أَجَلٍ مُّسَمًّى لَّقُضِيَ بَيْنَهُمْ وَإِنَّ الَّذِينَ أُورِثُوا الْكِتَابَ مِن بَعْدِهِمْ لَفِي شَكٍّ مِّنْهُ مُرِيبٍ﴾

ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئيىساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: «دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا پىرقىلەرگە بۆلۈنمەڭلار». ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ.

بۇرۇنقى ئۈممەتلەر پەقەت ئۆزىلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن پىرقىلەرگە بۆلۈندى. ئۇلار ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ مۇشۇنداق قىلىشتى. ئەگەر رەببىڭنىڭ بۇرۇن ئېيتقان «ئۇلارنىڭ جازاسى بەلگىلەنگەن مۇددەتكە قەدەر كېچىكتۈرۈلىدۇ» دېگەن سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن كېيىن كىتابقا ۋارىس قىلىنغانلار قۇرئان توغرىسىدا قاتتىق شۈبھىلەنمەكتىدۇر.

42-سۈرە شۇرا، 13 -14– ئايەت

بۇ ئايەتلەرگە قارىغاندا، قۇرئاننى ئىزاھلاش ئىلمىدىن ئۇزاقلىشىش، مۇسۇلمانلارنىڭ بىربىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن بۆلۈنمىلەر بىلەن باشلانغان ئىدى. بۇ ئىلىمدىن يىراقلىشىپ، مەسىلە ھەل قىلالماس ھالغا كەلگەنلەر، ئارىسالدى بولغان، قۇرئاننى تەپسىلى بايان قىلىنغان كىتاپ دەپ ھېساپلىمغان. ئوتتۇرىغا چىققان بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، سۈننەت، ئىجمائ ۋە قىياس دېگەنگە ئوخشاش يېڭى مەنبەلەرنى ئىجاد قىلىشقان ھەمدە باغلىنىشىدىن ئۈزگەن ئايەتلەر ئارقىلىق، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى قۇرئانغا تەسدىقلاتماقچى بولۇشقان.يۇقۇرىدىكى ئايەتلەرگە قارىغىنىمىزدا، بۇ خىل ئەھۋال پەقەتلا مۇھەممەد ئۈممىتىگ خاس بىر ئىش ئەمەس، باشقىلاردىمۇ يۈز بەرگەن ھادىسىدۇر.

   ئاز دېگەندە 40 يىلغا يېقىنلىشىپ قالاي دېگەن قۇرئاننى چۈشىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سان ساناقسىز يىغىنلارنىڭ نەتىجىسىدە ئاللاھ بىزگە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بۇ ئىلىمنى بەردى. چۈنكى ئۇ، مۇنداق دېگەن ئىدى:

﴿وَأَلْقِ مَا فِي يَمِينِكَ تَلْقَفْ مَا صَنَعُوا إِنَّمَا صَنَعُوا كَيْدُ سَاحِرٍ وَلَا يُفْلِحُ السَّاحِرُ حَيْثُ أَتَى﴾

بىزنىڭ يولىمىزدا جىھاد قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارنى ئەلۋەتتە يوللىرىمىزغا يېتەكلەيمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.‏

 29-سۈرە ئەنكەبۇت، 69 – ئايەت

  ئاللاھنىڭ ئىزاھاتلىرىغا ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىس بىر گۇرۇپپىنىڭ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئانا ئايەتنى يەنى مۇھكەمنى / ھۆكۈم ئايەتلىرىنى تېپىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان / مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى تېپىپ چىقىشى لازىم.

 قۇرئاننى ئىزاھلاش ئىلمىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلغىنىمىزدا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە قالمايدۇ.  مانا ئەمدى بىز، ئەشۇ ئۇسۇلغا ئاساسەن ئۇرۇش مەسىلىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز.

  ب: قۇرئاندا نۇشۇز (نشوز)

  ئەرەپچىدە نۇشۇز=نُشُوزَ، «كېتىدىغان ۋاقتىدا ئولتۇرغان يېرىدىن يېنىك قوپۇش»[18] دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئاننى ئىزاھلاش ئىلمىي، قۇرئاننى لۇغەتتەكلا ئىشلىتىش ئىمكانى بېرىدۇ. نۇشۇزغا بېرىلگەن بۇ مەنانىڭ  قۇرئانغا قانچىلىك چۈشىدىغانلىقىنى ئەشۇ سۆزنىڭ يىلتىزىدىن تۈرلىنىپ چىققان سۆزلەر بار ئايەتلەر بىلەن چۈشىنىشكە تىرىشايلى.

  1. ئىسكىلىتنىڭ نۇشۇزى

تۈۋەندىكى ئايەتتە، نۇشۇزنىڭ مۇتاددى قېلىپىنىڭ بىرىنجى كىشىلىك كۆپلۈكى بولغان نۇنشىز= نۇنشز كەلىمىسى، «ئورنىدىن ئېلىپ كۆتۈرۈش» مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن.

﴿أَوْ كَالَّذِي مَرَّ عَلَى قَرْيَةٍ وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَى عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّىَ يُحْيِي هَذِهِ اللّهُ بَعْدَ مَوْتِهَا فَأَمَاتَهُ اللّهُ مِئَةَ عَامٍ ثُمَّ بَعَثَهُ قَالَ كَمْ لَبِثْتَ قَالَ لَبِثْتُ يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ قَالَ بَل لَّبِثْتَ مِئَةَ عَامٍ فَانظُرْ إِلَى طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمْ يَتَسَنَّهْ وَانظُرْ إِلَى حِمَارِكَ وَلِنَجْعَلَكَ آيَةً لِّلنَّاسِ وَانظُرْ إِلَى العِظَامِ كَيْفَ نُنشِزُهَا ثُمَّ نَكْسُوهَا لَحْمًا فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ قَالَ أَعْلَمُ أَنَّ اللّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ﴾

تۆۋەندىكى كىشىگىمۇ قارىمىدىڭمۇ: ئۇ ئۆگزىلىرى چۆكۈپ ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان بىر كەنتتىن ئۆتكەن ئىدى. ئۇ: «ئاللاھ ئۆلگەن بۇ كەنتنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇنى دەرھال ئۆلتۈردى ۋە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈپ: «ئۆلۈك ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز» دەپ جاۋاب بەردى. ئاللاھ: «ياق، يۈز يىل تۇردۇڭ. يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان نەرسىلىرىڭگە قارا، بۇزۇلمىدى. ئېشىكىڭگە قارا. سېنى ئىنسانلارغا دەلىل قىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈردۇق. شۇ سۆڭەكلەرنى قانداق قۇراشتۇرىدىغانلىقىمىز، ئاندىن ئۇلارغا قانداق گۆش قوندۇرىدىغانلىقىمىزغا قارا» دېدى. ئۇ كىشى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىق كۆرۈپ: «ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئوبدان بىلدىم» دېدى[19].‏ 2-سۈرە بەقەرە ، 259 – ئايەت

  1. ئولتۇرغان يېرىدىن نۇشۇز

تۈۋەندىكى ئايەتتە نۇشۇز، «كېتىش ئۈچۈن ئولتۇرغان يېرىدىن قوپۇش» مەنىسىدە قوللىنىلماقتا.

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قِيلَ لَكُمْ تَفَسَّحُوا فِي الْمَجَالِسِ فَافْسَحُوا يَفْسَحِ اللَّهُ لَكُمْ وَإِذَا قِيلَ انشُزُوا فَانشُزُوا يَرْفَعِ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنكُمْ وَالَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ دَرَجَاتٍ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ﴾

ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە سورۇنلاردا: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئورۇن چىقىرىپ بېرىدۇ. «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار»، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دەرىجىلىرىنى كۆتىرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.

58-سۈرە بەقەرە ، 11 – ئايەت

  بىر يىغىندا سۆزلەنگەن «قوپۇڭ» سۆزى، «كېتىش ئۈچۈن قوپۇش» مەناسىدا بولىدۇ. بۇمۇ كەلىمىنىڭ لۇغەت مەنىسىگە دەل ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  1. ئەركەكنىڭ نۇشۇزى

ئەركەكنىڭ نۇشۇزى، ئايالىدىن ئايرىلىش قارارىدۇر. مۇنداق ئەھۋالدا ئايالنىڭ قانداق قىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئايەت تۆۋەندىكىدەك.

﴿وَإِنِ امْرَأَةٌ خَافَتْ مِن بَعْلِهَا نُشُوزًا أَوْ إِعْرَاضًا فَلاَ جُنَاْحَ عَلَيْهِمَا أَن يُصْلِحَا بَيْنَهُمَا صُلْحًا وَالصُّلْحُ خَيْرٌ وَأُحْضِرَتِ الأَنفُسُ الشُّحَّ وَإِن تُحْسِنُواْ وَتَتَّقُواْ فَإِنَّ اللّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا﴾

ئەگەر بىر ئايال ئېرىنىڭ نۇشۇزىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن قورقسا، ئەر-خوتۇن ئىككىسىگە ئۆزئارا يارىشىپ قالسا ھېچ گۇناھ يوق. يارىشىۋېلىش ياخشىدۇر. نەپسلەرگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن. ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر.

‏4-سۈرە نىسا ، 128 – ئايەت

 ئەركەكنىڭ ئايرىلىش ئىستىكى، ئاياللارنى بىئارام قىلىدۇ. ئائىشە ئانىمىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

  بۇ ئايەت، ئۇزۇن مۇددەت تۇرمۇش قۇرغان ئايالنىڭ، ئۇنى قويۇپ بەرمەكچى بولغان ئېرىگە قارشى مۇنداق تەلەپنى قويغاندا نازىل بولغان: «مېنى قويۇۋەتمە، يېنىڭدا قالاي. ئەمما ماڭا مەسئۇل بولمىساڭمۇ بولىدۇ.»[20]

ئۇرۋە، يەڭگىسى ئائىشەنىڭ ئۆزىگە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتىدۇ:

 «قىز قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! ۋاقت ئايرىش نۇقتىسىدا ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىرسىمىزنى باشقا بىرسىمىزنىڭ ئورنىغا تاللىمايتتى. ھەمىشە يېنىمىزغا كىرەتتى، جىنسى مۇناسىۋەت قىلماستىن ھەر بىر ئايالى بىلەن ئالاقە قىلاتتى؛ كېچىسىنى نۆۋىتى كەلگىنىنىڭ قېشىدا ئۆتكۈزەتتى. سەۋدە بىنتى زەمائ قېرىپ قالغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىنى قويۇۋېتىشىدىن قورقتى ۋە «ماڭا ئايرىغان ۋاقتىڭ ئائىشەنىڭ بولسۇن دېدى. ئۇمۇ قوبۇل قىلدى. مېنىڭچە ئائىشە ھەتتا مۇنداق دېگەندەك قىلاتتى: « مۇنۇ ئايەتنىڭ مانا مۇشۇ ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار ئۈچۈن نازىل بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدۇق: بىر ئايال ئېرىنىڭ نۇشۇزىدىن ياكى ئۆزىدىن يۈزئۆرىشىدىن قورقسا…»[21]

 مۇنۇ ئىككى ئايەتمۇ ئەركەكنىڭ نۇشۇزىغا ئالاقىلىقتۇر:

﴿وَلَن تَسْتَطِيعُواْ أَن تَعْدِلُواْ بَيْنَ النِّسَاء وَلَوْ حَرَصْتُمْ فَلاَ تَمِيلُواْ كُلَّ الْمَيْلِ فَتَذَرُوهَا كَالْمُعَلَّقَةِ وَإِن تُصْلِحُواْ وَتَتَّقُواْ فَإِنَّ اللّهَ كَانَ غَفُورًا رَّحِيمًا وَإِن يَتَفَرَّقَا يُغْنِ اللّهُ كُلاًّ مِّن سَعَتِهِ وَكَانَ اللّهُ وَاسِعًا حَكِيمًا﴾

ئاياللىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىشقا ھەرگىزمۇ قادىر بولالمايسىلەر. بۇنىڭغا قانچە ئىنتىلسەڭلەرمۇ كۈچۈڭلار يەتمەيدۇ. ئۇنداقتا بىرىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ كېتىپ يەنە بىرىنى ئېسىپ قويۇلغان ئايالغا ئوخشاش قىلىپ قويماڭلار. ئەگەر ئىسلاھ قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار[55]، بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتسە، ئاللاھ ھەر بىرىنى كەڭ پەزلىدىن بېرىپ بىھاجەت قىلىدۇ. ئاللاھ كۆپ بەرگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. 4-سۈرە نىسا ، 129-130 – ئايەت

  1. ئايالنىڭ نۇشۇزى

قۇرئاندا، ئەركەككە بېرىلگەن قويۇۋېتىش ھەققىنىڭ ئوخشىشى ئايالغىمۇ بېرىلگەچكە، ئايالنىڭ نۇشۇزى ئېرىدىن ئايرىلىش قارارىدۇر. مۇنداق ئەھۋالدا ئەرنىڭ ئايالىغا قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىشى لازىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئايەت، نىسا 34-ئايەتتۇر.

  ﴿ وَاللاَّتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ وَاضْرِبُوهُنَّ فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلاَ تَبْغُواْ عَلَيْهِنَّ سَبِيلاً إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلِيًّا كَبِيرًا﴾

سىلەر نۇشۇزىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، ئۇلارنى تۆشەكلەردە يالغۇز قويۇڭلار، ئۇلارنى ئۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا قارشى باشقا بىر يول ئىزدىمەڭلار.   4-سۈرە نىسا ، 34 – ئايەت

 بىر ئايال ئېرىدىن نۇشۇز قىلغان ئىدى. بىرلىكتە قازى  شۈرەيھنىڭ[22] ئالدىغا كېلىشىدۇ. شۇرايھ: «ئەرنىڭ ئائىلىسىدىن بىر ھاكەم ۋە ئايالنىڭ ئائىلىسىدىن بىر ھاكەم ئىبەرتىڭ» دېدى. ھاكەملەر كەلدى، ئەر-خۇتۇننىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ چىقىشتى ۋە (شۈرايھقا) ئۇلارنى ئايرىش ھەققىدە كۆز-قاراشلىرىنى ئېيتىشتى. بۇ كۆز-قاراش ئەركەككە خوش ياقمىدى. شۈرايھ: « بىز نېمىنىڭ پېشىدە ئىدۇق؟ / نېمە قىلماقچى ئىدۇق؟» دېدى ۋە ھەكەملەرنىڭ قارارلىرىنى ماقۇللىدى[23].

قازى شۈرايھ، ئايالنىڭ نۇشۇزىغا ئالاقىدار مۇنۇ ئايەتكە ئاساسەن ھەرىكەت قىلغان:

﴿وَإِنْ خِفْتُمْ شِقَاقَ بَيْنِهِمَا فَابْعَثُواْ حَكَمًا مِّنْ أَهْلِهِ وَحَكَمًا مِّنْ أَهْلِهَا إِن يُرِيدَا إِصْلاَحًا يُوَفِّقِ اللّهُ بَيْنَهُمَا إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلِيمًا خَبِيرًا﴾

ئەگەر سىلەر ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئايرىلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ ئائىلىسىدىن بىر ئادىل كىشى، خوتۇننىڭ ئائىلىسىدىن بىر ئادىل كىشى ئەۋەتىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئىسلاھ قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئەپلەشتۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، خەۋەرداردۇر.

4-سۈرە نىسا ، 35 – ئايەت

 ئايەتلەردە ئېنىق ئىپادىلەيدۇكى، نۇشۇزنىڭ «ئىسيان قىلىش» ياكى «بىئارام قىلماق / ھۇزۇرسىزلىق چىقىرىش» بىلەن ئالاقىسى يوق.

 س. قۇرباندا دەرب  (ال )

 بۇرۇنمۇ كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەر ئىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان[24] دەرب بىر نەرسىنى يەنە بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇش ۋەيا بېكىتىشتۇر[25]. قۇرئاندىكى مەنىلىرىنىڭ بىرقىسمى تۆۋەندىكىەردىن ئىبارەت:

دارب ( )، بىرسىنىڭ بەدىنىگە تېپىك، شاپىلاق، تەستەك ۋەيا تاياق بىلەن ئۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بولسا، ئۇرۇش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا بەدر ئۇرۇشىدا مۇنداق بىر ئەمىر بەرگەن ئىدى:

﴿إِذْ يُوحِي رَبُّكَ إِلَى الْمَلآئِكَةِ أَنِّي مَعَكُمْ فَثَبِّتُواْ الَّذِينَ آمَنُواْ سَأُلْقِي فِي قُلُوبِ الَّذِينَ كَفَرُواْ الرَّعْبَ فَاضْرِبُواْ فَوْقَ الأَعْنَاقِ وَاضْرِبُواْ مِنْهُمْ كُلَّ بَنَانٍ﴾

ئۇ چاغدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە ۋەھىي قىلغان ئىدى: مەن چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە. قېنى مۇئمىنلارنى جاسارەتلەندۈرۈڭلار. يېقىندا كافىرلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالىمەن. قېنى ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بارمىقىغا ئۇرۇڭلار! ‏

8-سۈرە ئەنفال ، 12 – ئايەت

  پەرىشتىلەر ئىنسانلارغا ئوخشىمايدىغانلىغى ئۈچۈن، قۇرەيشلىك ئەسكەرلەردە ئۇرۇش ئىزناسى قالغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئىسپات يوق.

  1. ئۆلتۈرۈش

بىرسىنى ئۆلتۈرگۈچى ئەسۋاپ بىلەن ئۇرۇش، ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿فَإِذا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّى إِذَا أَثْخَنتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاء حَتَّى تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا ﴾

جەڭ مەيدانىدا كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنى قىرىپ تاشلاڭلار. ئاخىرى ئۇلارنى يېڭىپ، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ چىڭ تۇتۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى پىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار. ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلىغانغا قەدەر شۇنداق قىلىڭلار.

47-سۈرە مۇھەممەد ، 04 – ئايەت

  1. مىسال ئېلىش

دارب، ئۆرنەك كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدۇ. چۈنكى ئۆرنەك، بىر مەسىلىنى زېھىنغا مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن بېرىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿أَلَمْ تَرَ كَيْفَ ضَرَبَ اللّهُ مَثَلاً كَلِمَةً طَيِّبَةً كَشَجَرةٍ طَيِّبَةٍ أَصْلُهَا ثَابِتٌ وَفَرْعُهَا فِي السَّمَاء﴾

ئاللاھنىڭ ياخشى سۆزنى نېمىگە ئوخشاتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ياخشى سۆزنى يىلتىزى مۇستەھكەم، شاخلىرى ناھايىتى ئېگىز ياخشى دەرەخكە ئوخشاتتى.‏

14-سۈرە ئىبراھىم، 24 – ئايەت

  1. مېڭىش

ئايىغىمىزنى يەرگە مەزمۇت دەسسىمەستىن ماڭغىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن دارب، «مېڭىش» مەنىسىدىمۇ قوللىنىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىدەك:

﴿وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِي الأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَقْصُرُواْ مِنَ الصَّلاَةِ إِنْ خِفْتُمْ أَن يَفْتِنَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُواْ إِنَّ الْكَافِرِينَ كَانُواْ لَكُمْ عَدُوًّا مُّبِينًا﴾

ئى مۇئمىنلار! سەپەرگە چىققان چېغىڭلاردا كافىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقساڭلار، نامازدىن قىسقارتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق[45]. شۈبھىسىزكى، كافىرلار سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر. 4-سۈرە نىسا ، 101 – ئايەت

  1. يۆگەش

يۆگەش، بىر نەرسىنى باشقا بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە مۇقىملاشتۇرۇش

بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:

﴿ضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الذِّلَّةُ أَيْنَ مَا ثُقِفُواْ إِلاَّ بِحَبْلٍ مِّنْ اللّهِ وَحَبْلٍ مِّنَ النَّاسِ وَبَآؤُوا بِغَضَبٍ مِّنَ اللّهِ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الْمَسْكَنَةُ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُواْ يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللّهِ وَيَقْتُلُونَ الأَنبِيَاء بِغَيْرِ حَقٍّ ذَلِكَ بِمَا عَصَوا وَّكَانُواْ يَعْتَدُونَ﴾

ئۇلار نەدە بولسا بولسۇن ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە ۋە مۇئمىنلارنىڭ ھىمايىسىگە سېغىنمىغىچە خارلىققا چۆمىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ ۋە موھتاجىلىققا چۆمىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈندۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈندۇر.‏

3-سۈرە ئال ئىمران ، 112 – ئايەت

پەسلىك، ھەر يەردە ئۇلارنى ياغلىقتەك چېگىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ.

دارب كەلىمىسى، ياغلىقنى باشقا ۋە بوينىغا چىگىش مەنىسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت:

﴿وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ وَلَا يُبْدِينَ…﴾

ياغلىقلىرى بىلەن بويۇن ۋە كۆكسلىرىنى ياپسۇن

24-سۈرەنۇر ، 31 – ئايەت

 ئۆڭكۈردە 309 يىل ئۇخلىغان ئەسھابى كەھىف بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَضَرَبْنَا عَلَى آذَانِهِمْ﴾

شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئىتىۋەتتۇق.

18-سۈرە كەھف، 11 – ئايەت

 زەمەخشەرى بۇ ئايەتنى مۇندق تەفسىر قىلىدۇ: بەندىلىرىنىڭ ئۈستىنى پەردىلىدۇق[26].

ئۇ پەردە تۈپەيلى 309 يىلغىچە سىرتنىڭ ئاۋازىنى تۇيمىغان ئىدى.

  1. ئايالنى ئۇرۇش

نىسا 34-ئايەتتە، كەينى كەينىدىن 3 ئەمىر / بۇيرۇق ۋە بىر توساق يەر ئالىدۇ.

﴿ وَاللاَّتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ وَاضْرِبُوهُنَّ فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلاَ تَبْغُواْ عَلَيْهِنَّ سَبِيلاً ﴾

سىلەر نۇشۇزىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، ئۇلارنى تۆشەكلەردە يالغۇز قويۇڭلار، ئۇلارنى ئۇرۇڭلار.  ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا قارشى باشقا بىر يول ئىزدىمەڭلار.

ئايالنى ئۇرۇش، ئۇنىڭغا ئۇرۇشمۇ ياكى تۇرۇۋاتقان يېرىگە مەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇش يەنى ئۆيدىن چىقارماسلىقمۇ؟ بۇنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەتنى بۆلۈملىرى بىلەن كۆرۈپ چىقايلى:

 ئا- وَاللاَّتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ=سىلەر نۇشۇزىدىن قورقىدىغان ئاياللار

 بۇيەردىكى نۇشۇز، «ئايرىلىش قارارى» بولغانلىقى ئۈچۈن، ئايالىنىڭ نۇشۇزىدىن قورققان ئەركىشىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك تۇنجى ئىشى، ئۇنىڭ بىلەن گەپلىشىشتۇر. شۇڭلاشقا تۇنجى ئەمىر مۇنداق:

ب- فَعِظُوهُنَّ= نەسىھەت قىلىڭلار

 ۋەز-نەسىھەت، كۆڭلىنى يېرىم قىلغان بىر مەسىلىدە قارشى تەرەپكە ياخشىغا ۋە گۈزەلگە يۆنەلتىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتۇر[27]. ئەركەك، ئاجرىشىشنى خالىغان ئايالىنى، گۈزەل سۆزلەر بىلەن قانائەتلەندۈرىشكە تىرىشىدۇ. ئەگەر ئايال، ئاجرىشىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالسا، ئېرى ئۇنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىپ، جىنسى مۇناسىۋەتكە خاتېمە بىرىدۇ. ئىككىنجى بۇيرۇق ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك:

 س- وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ= ئۇلارنى تۆشەكلەردە يالغۇز قويۇڭلار

  ئەر كىشىنىڭ ياتاقتىن ئايرىلىشى، ھەم ئايالنىڭ ئۆز قارارى توغرۇلۇق قايتا ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىدۇ ھەم ئايرىلىشنى خالىغان ئېرىدىن ھامىلە قېلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئېرى ئايالىنى ئۆيىدىن ئايرىمايدۇ. دارب دېگىنى ئەنە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك.

 د- وَاضْرِبُوهُنَّ= ئۇلارنى (ئۇيەرگە) دارب قىلىڭ

دارب الضْرِبُ، بىر نەرسىنى بىر يەرگە مەھكەم بېكىتىش مەناسىغا كەلگەچكە بۇيەردە بۇ كەلىمىگە، ئەرنىڭ ياتاقنى تەرك قىلغاندىن كېيىن ئايالنى ئۆيىدە مەھكەم تۇتۇش مەناسىنى بېرىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئايالنىڭ ئاجرىشىش ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىشىدىن ۋاز كېچىشى پەقەتلا ئۆزىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. بۇنى ئايەتنىڭ مۇنۇ بۆلۈمى كۆرسىتىدۇ:

 ئە- فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلاَ تَبْغُواْ عَلَيْهِنَّ سَبِيلاً= ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا قارشى باشقا بىر يول ئىزدىمەڭلار

 ئەرەپچىدە ئىتائەت، بىر ئىشنى كۆڭلىدىن قوبۇل قىلىپ ئۇنى قىلىش دېگەنلىكتۇر. زىت مەناسى ئىكراھتۇر[28]. بىر ئىشنى تاياق يېگەندىن كېيىن قىلىش ئىكراھ تۇر. «ئۇلارنى ئۇرۇڭلار» ئەمرىدىن كېيىن كەلگەن «سىزگە ئىتائەت قىلسا» ئىپادىسى، داربە، ئۇرۇش مەنىسىنى بېرىشنى ئىمكانسىز ھالغا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان بىردىنبىر مەنا، ئايرىلىشنى خالىغان ئايالنى ئۆيدىن چىقارماسلىق بولىدۇ.

  ئەركەكنىڭ قويۇۋېتىشى بىلەن ئايالنىڭ قويۇۋېتىشى / ئاجرىشىشى ئارىسىدا ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەر بار. بۇنى كۆرسىتىدىغان ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ وَلِلرِّجَالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ وَاللّهُ عَزِيزٌ حَكُيمٌ﴾

ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بولغاندەك، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرى ئۈستىدە مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھەقلىرى بار. لېكىن ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بىر دەرىجە ئارتۇقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ‏

2-سۈرە بەقەرە ، 228 – ئايەت

 ھەر ئىككى ئاجرىشىشتا، ئۆي تەرك ئېتىلمەيدۇ، ئەمما ياتاقلار ئايرىلىدۇ. ئېرى قويۇۋېتىدىغان ئايال توغرىلىق ئايەت تۆۋەندىكىدەك:

﴿وَالْمُطَلَّقَاتُ يَتَرَبَّصْنَ بِأَنفُسِهِنَّ ثَلاَثَةَ قُرُوَءٍ﴾

تالاق قىلىنغان ئاياللار ئېرى بىلەن بىر يەردە بولماستىن ئۈچ قۇرئى[29] ساقلايدۇ.

2-سۈرە بەقەرە ، 228 – ئايەت

  ئايالنىڭ ئۆزى يالغۇز ئىددىتىنى ساقلىشى، ئېرى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتكە كىرمەسلىكى ئۈچۈندۇر. ئۆيىنى تەرك ئەتمەسلىك توغرىلىق ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاء فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَأَحْصُوا الْعِدَّةَ وَاتَّقُوا اللَّهَ رَبَّكُمْ لَا تُخْرِجُوهُنَّ مِن بُيُوتِهِنَّ وَلَا يَخْرُجْنَ إِلَّا أَن يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُّبَيِّنَةٍ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ لَا تَدْرِي لَعَلَّ اللَّهَ يُحْدِثُ بَعْدَ ذَلِكَ أَمْرًا﴾

ئى نەبىي! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنى ئىددىتى ئىچىدە تالاق قىلىڭلار، ئىددەتنى ساناڭلار، رەببىڭلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ چىقمىسۇن. ئۇلار ئوچۇق پاھىشە قىلسا ئەھۋال باشقىدۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدۇر. كىم ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. بىلمەيسەنكى، ئاللاھ بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىش مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

65-سۈرە تالاق ، 1– ئايەت

 ئىددەت، ئېرى تەرىپىدىن قويۇۋېتىلگەن ئايالنىڭ ئاجرىشىش ئېنىق بولغانغا قەدەر، كۈتۈشكە تېگىشلىك ۋاقىتتۇر.  ئىددەت، ئادەت كۆرگەن ئايال ئۈچۈن 3 قېتىم پاكلانغىچىلىك ( بەقەرە 2/228)، ئادەت كۆرمەيدىغان ۋەياكى باشقا بىر سەۋەپ بىلەن ئادەت كۆرمىگەنلەر ئۈچۈن ئۈچ ئاي، ھامىلە ئۈچۈن كۆزى يۇرىغانغا قەدەر. ( تالاق 65/4)

  ئايالنىڭ ئاجرىشىشىدا / قويۇۋېتىشىدە ئىددەت يوق. ئەمما ئايرىلىش تەلىپىنى بىلدۈرگەن ۋاقىتىن ئېتىبارەن، ئەركەك خۇددى ئىددەت سانىغانغا ئوخشاش ياتىقىنى ئايرىشى كېرەك.  

  ھەر ئىككى ئاجرىشىشتا، قويۇۋەتكەنلەرنىڭ يېنىۋېلىش ھەققى باردۇر. ئايالنىڭ نۇشۇزى / ئاجرىشىش قارارى چىققاندا،ئېرىنىڭ ئۇنىڭغا گۈزەل سۆزلەرنى قىلىشى، ئايالىنى نىيىتىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئايالنىڭ بۇ تەلەپنى كۆڭلىدىن قوبۇل قىلىشى بىلەن ھەر ئىشنىڭ ئەسلىدىكى ھالىغا قايتىدىغانلىقىنى يۇقارىدا كۆرگەن ئىدۇق.

  ئەركەك تالاق قىلغان بولسا،ياخشى نىيەتلىك بولۇش شەرت بىلەن، ئىددىتى توشقىچە بولغان ئارلىقتا ئايالى بىلەن ئەپلىشىپ قېلىش ھەققىگىگە ئىگە. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىدەك:

﴿وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِي ذَلِكَ إِنْ أَرَادُواْ إِصْلاَحًا﴾

ئەگەر ئەرلىرى يارىشىپ قېلىشنى خالىسا، ئۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارغا قايتىشقا تېخىمۇ ھەقلىقتۇر. ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بولغاندەك، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرى ئۈستىدە مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھەقلىرى بار[30].

2-سۈرە بەقەرە ، 228 – ئايەت

ئېرى، ئىددەت ئىچىدە ئايالىنى قايتۇرۇۋالمىسا، بۇ ئۆي بوزۇلغان بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ فَارِقُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ وَأَشْهِدُوا ذَوَيْ عَدْلٍ مِّنكُمْ وَأَقِيمُوا الشَّهَادَةَ لِلَّهِ ذَلِكُمْ يُوعَظُ بِهِ مَن كَانَ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَمَن يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَل لَّهُ مَخْرَجًا﴾

  ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا ئۇلارنى چىرايلىقچە[31] نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىڭلار. سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. ئاللاھ ئۈچۈن توغرا گۇۋاھلىق بېرىڭلار. مانا بۇ ھۆكۈملەر بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىم ئاللاھتىن قورقسا ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ.

  65-سۈرە تالاق، 2 – ئايەت

  ئايالنىڭ ئاجرىشىشدا چىڭ تۇرۇۋالىدىغان بولسا، قىلىنىدىغان بىر دىنبىر ئىش نىسا 35-ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك:

ف-وَإِنْ خِفْتُمْ شِقَاقَ بَيْنِهِمَا فَابْعَثُواْ حَكَمًا مِّنْ أَهْلِهِ وَحَكَمًا مِّنْ أَهْلِهَا

ئەگەر سىلەر ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئايرىلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ ئائىلىسىدىن بىر ئادىل كىشى، خوتۇننىڭ ئائىلىسىدىن بىر ئادىل كىشى ئەۋەتىڭلار..

4-سۈرە نىسا ، 35 – ئايەت

ئايال كىشىنىڭ نازۇك تەبىئىتىنىڭ سۈيئىستىمال قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، ھەم ئۆيلىنىشى ھەم ئاجرىشىشىمۇ ئەركەككلەرنىڭككىدىن پەرقلىق ھالدا تەپتىشكە قويۇلىدۇ. ھاكىملارنىڭ ئائىلىلەردىن تاللىنىشىمۇ مۇھىم. چۈنكى ئۇلار، بۇ جۈپتىلەرنىڭ ئەلمى تەلىمىنى ياخشى بىلىدۇ. قۇرئانغا كۆرە چىقىشالماسلىقنىڭ ئاساسلىق مۇنۇ ئىككى سەۋەبى باردۇر:

ئېرى، ئايالىنى باشقا بىرى بىلەن جىنسي مۇناسىۋەت قىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇنى شاھىتلەر بىلەن ئىسپاتلىيالايدىغان بولسا، دېلونى مەھكىمەگە بەرسە بولىدۇ. ئۇنى ئىسپاتلىيالمايدىغان بولسا، يەنە مەھكىمىگە ئەرز قىلىپ لىئان[32] يولى بىلەن نىكاھتىن ئاجراسشسا بولىدۇ. ھەر ئىككى تۈر ئەھۋالدا ئايالىغا بەرگەن مېھىر ھەققىدىن ھېچنېمىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالى قارىلانغان بولىدۇ.

ئېرىنى قارىلىماستىن ئاجرىشىشنى ئويلىسا، ئۇنى ئاجرىشىشقا زورلىسا بولىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿وَلاَ تَعْضُلُوهُنَّ لِتَذْهَبُواْ بِبَعْضِ مَا آتَيْتُمُوهُنَّ إِلاَّ أَن يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُّبَيِّنَةٍ﴾

ئۇلارغا بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ بەزىسىنى ئېلىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار. ئۇلارنىڭ ئاشكارا بىر پاھىشە قىلغان ھالەتلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. 4-سۈرە نىسا ، 19 – ئايەت

  • ئايالنىڭ گۇناھى بولمىغان ئەھۋالدا، ئېرى ئايالىغا بەرگەن مېھىر ھەقلىرىنى ئېلىپ، باشقا بىرى بىلەن ئۆيلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا، جىنسىي جىنايەت ئىشلىگەندەك قىلىپ ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتكەن بولىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿وَإِنْ أَرَدتُّمُ اسْتِبْدَالَ زَوْجٍ مَّكَانَ زَوْجٍ وَآتَيْتُمْ إِحْدَاهُنَّ قِنطَارًا فَلاَ تَأْخُذُواْ مِنْهُ شَيْئًا أَتَأْخُذُونَهُ بُهْتَاناً وَإِثْماً مُّبِيناً وَكَيْفَ تَأْخُذُونَهُ وَقَدْ أَفْضَى بَعْضُكُمْ إِلَى بَعْضٍ وَأَخَذْنَ مِنكُم مِّيثَاقًا غَلِيظًا ﴾

ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ ئورنىغا باشقا بىر خوتۇن ئالماقچى بولساڭلار ۋە خوتۇنلىرىڭلارنىڭ ئىچىدىن قويۇۋەتمەكچى بولغىنىڭلارغا كۆپ مال بەرگەن بولساڭلار، ئۇ مالدىن ھېچ نەرسە ئېلىۋالماڭلار. ئۇنى بوھتان چاپلاپ ۋە ئوچۇق گۇناھ قىلىپ تۇرۇپ ئېلىۋالامسىلەر؟  ئۇنى قانداقمۇ ئېلىۋالىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر بىر يەردە بولۇشقان ۋە ئۇلار سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا!

4-سۈرە نىسا، 20-21- ئايەت

 ئەر-خۇتۇنلارنى ئوبدان تونۇيدىغان ھاكىملار، ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش جەريانىدا بارلىق بۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك.

 گ- إِن يُرِيدَا إِصْلاَحًا يُوَفِّقِ اللّهُ بَيْنَهُمَا إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلِيمًا خَبِيرًا

ئەگەر ئۇلار ئىسلاھ قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئەپلەشتۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، خەۋەرداردۇر. (4-سۈرە نىسا ، 35 – ئايەت)

بۇ ئايەتكە «ھاكىملار ئۇزلاشتۇرۇشنى خالىسا» شەكلىدە مەنا بېرىلىدۇ. ھاكىمنىڭ ۋەزىپىسى ئۇزلاشتۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ شەكىلدىكى تەرجىمە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ھ- ئايالغا ئىفتىدا / ئايرىلىش ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشى

 ھەكەملەر، ئەر-خۇتۇنلارنىڭ ئاجرىشىشى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىپادە بىلدۈرسە، ئايالغا ئىفتىدا / ئاجرىشىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ. ئۇنىمۇ مۇنۇ ئايەتتىن ئۆگىنەلەيمىز:

﴿ وَلاَ يَحِلُّ لَكُمْ أَن تَأْخُذُواْ مِمَّا آتَيْتُمُوهُنَّ شَيْئًا إِلاَّ أَن يَخَافَا أَلاَّ يُقِيمَا حُدُودَ اللّهِ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلاَّ يُقِيمَا حُدُودَ اللّهِ فَلاَ جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا افْتَدَتْ بِهِ تِلْكَ حُدُودُ اللّهِ فَلاَ تَعْتَدُوهَا وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ اللّهِ فَأُوْلَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ﴾

ئى ئەرلەر! ئاياللىرىڭلارغا ئىلگىرى تويلۇق سۈپىتىدە بەرگەن مال-مۈلكۈڭلاردىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتىش ئەسناسىدا بىر نەرسە قايتۇرۇۋېلىشىڭلار سىلەرگە ھالال بولمايدۇ. لېكىن ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقتىن قورقسا، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، بۇ ئەھۋالدا ئايالنىڭ ئېرىگە مال بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇزىشىدا ھەر ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدۇر. ئۇلاردىن ئۆتمەڭلار. ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتكەنلەر ھەقىقەتەن  زالىملاردۇر.‏

2-سۈرە بەقەرە، 229 – ئايەت

ئايەتنىڭ، ئۇلارغا بەرگەنلىرىڭىزدىن… ئىپادىسى، ئېرى بەرگەن مالنىڭ ھەممىسى مەناسىنى بەرگەندەك، بىرقىسمى مەناسىنىمۇ بېرىدۇ. ھوقۇقلۇق  ئورگان بۇ ھەقتە ھەكەملەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئېلىپ، شۇنىڭغا قارىتا قارار بېرىدۇ.

 ئەگەر ھاكەملەر، نىسا 19.ئايەت دائىرىسىدە ئايال قىلغان زىنا سەۋەبى بىلەن قارار بەرگەن بولسا، ئېرىدىن ئالغان مالنىڭ تامامىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

 ئايالنىڭ گۇناھى يوق ئىكەن، ئېرى باشقىسى بىلەن ئۆيلىنىش ئۈچۈن ئايالىغا بېسىم قىلسا ۋە ئايالمۇ بۇنداق ئەر بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى خالىمىسا، ھەكەملەر ئۇنىڭغا ناھايىتى ئاز نەرسە بېرىشى كېرەك ئىكەنلەكىنى ئېيتىدۇ.

ئەمما نىسا 20-21-ئايەتلەرگە قارىغاندا بۇخىل ئەھۋالدىكى بىر ئەرنىڭ، ئۇ كىچىككىنە نەرسىنى ئېلىشقىمۇ ھەققى بولمايدۇ.

 ئەرنىڭ گۇناھى بولمىسا، ئايال ئېرىدىن ئالغاننىڭ ھەممىسىنى بېرىدۇ. نەبىمىز  زامانىدا ئەنسارلاردىن سەھىلنىڭ قىزى ھەبىبە، ئاجراشماقچى بولغان ئېرى سابىت بىن قايس ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئۇنى ئەخلاق ۋە دىن جەھەتتىن گۇناھ ئۆتكۈزدى دېمەيمەن، ئەمما مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن نانكور بولۇشنى خالىمىدىم. قولۇمدىن كەلمەيدۇ[33]، ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىشتىن ئۆزەمنى قەتئىي تۇتالمىدىم. ئاللاھتىن قورقمىسام، يېنىمغا كەلگىنىدە يۈزىگە تۈكۈرگەن بولاتتىم[34]

    ھابىبە، ئاخىرقى قارارىنى بەرگەندىن كېيىن: «ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى تۇرىدۇ» دېدى. نەبىمىزمۇ سابىتكە: «ئۇ ماللارنى ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ ئال» دېدى. سابىت مېلىنى ئالدى. ھەبىبەمۇ ئائىلىسى بىلەن بىرگە تۇرۇش ئۈچۈن كەتتى[35]

 كۆرۈپ چىققىنىمىزدەك، ئېرىدىن ئاجرىشىشنى خالىغان ئاياللارنىڭ، ئەرلىرىگە بېرىلگەن «ئۇلارنى ئۇرۇڭ / ئۇيەرگە دارب قىلىڭ» ئەمرى، ئايالنى ئۆيدە تۇتۇش مەنىسىدىدۇر. ئۇنىڭ، ئايالنى ئۇرۇش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.

 د-ھادىسلەردە دارب (لزرب)

«ئاياللارنى ئۇرۇڭ» ئىپادىسى بار رىۋايەتلەر، نەبىمىزنىڭ ۋىدا ھەججىدە قىلغان ۋىدا خۇتبىسىدە قىلغان نۇتقىدا بار ئىدى. ئىچىدە نۇشۇز ۋە دارب كەلىمىلىرىنىڭ بىر يەردە ئۆتكەن بىردىن بىر رىۋايەتمۇ شۇدۇر:

 «ئاياللار ھەققىدە ئاللاھتىن قورقۇڭلار؛ ئۇلار يېنىڭىزدا ئاۋان=ئۆزلىرىنى سىزلەر ئۈچۈن ساقلىغان كىشىلەردۇر. بۇ ھەقتە جېنى خالىغان ئىشنى قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە، سىزنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ھەققىڭىز باردۇر. سىزنىڭ ئۇلار ئۈستىدىكى ھەقلىرىڭىز؛ باشقىلار بىلەن ياتماسلىقى ۋە سىز قارشى ئالمايدىغان بىرسىنىڭ سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە كىرگۈزمەسلىكىدۇر. «نۇشۇزلىرىدىن / ئاجرىشىشىدىن قورقسىڭىز، ئۇلارغا نەسىھەت / گۈزەل سۆزلەرنى قىلىڭ، ياتىقىدىن ئايرىلىڭ ۋە ئۇلارنى مۇبەررىھ بولمايدىغان شەكىلدە ئۇرۇڭ.

 ئۇلارنىڭ ھەقلىرى، بىلىنگەنگە ئۇيغۇن ھالدا يېگۈزىشىڭىز، ئىچكۈزىشىڭىز ۋە كېيىندۈرىشىڭىزدۇر. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى دەپ ئالدىڭىز ۋە ئاللاھنىڭ بىر سۆزى بىلەن فەرجلىرىنى (جىنسىيتىنى) ئۆزىڭىزگە ھالال قىلدىڭىز.[36]»

 مۇبەررىھنىڭ سۆز يىلتىزى بولغان تەبرىھ=لتبرخ نىڭ مەنىسى، راھەتسىز قىلىش[37] دېگەنلىكتۇر. «ئۇلارنى مۇبەررىھ بولمايدىغان شەكلدە ئۇرۇڭ» سۆزىنىڭ مەنىسىمۇ مۇنداق: ئۇلارنى، راھەتسىز قىلمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇيەردە تۇتۇڭ.» دېگەنلىكتۇر.

  • تۇتۇمى يوق رىۋايەتلەر

نەبىمىزنىڭ سۆز ۋە ئىبارىلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن ھەدىس تېرىمى قوللىنىلىدۇ. ئىككىنجى نەسىل بولغان تابىئىن دەۋرىدە، ھەدس ئورنىغا سۈننەت تېرىمى مۇ قوللىنىلىشقا باشلايدۇ. قولىمىزدىكى كىتاپلارغا قارايدىغان بولساق، بۇ دەۋردە قۇرئاننى ئىزاھلاش ئىلمىي ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولغاچقا، ھەدىس نەبىمىزنىڭ قۇرئان كەرىمدىن چىقارغان ھېكمىتى دەپ قارالمىغان ئىدى. نەبىمىزدىن خېلى كۆپ يىللار كېيىن ھەدىسلەر يازغانلار، ئۇلارنى رىۋايەت قىلغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەنەت، رىۋايەت زەنجىرى تۇرغۇزۇلۇپ، ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى ئەمەسلىكىگە، ئۇ كىشىنىڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ باھا بېرىدۇ. بۇ، تولىمۇ ئىھتىيات قىلمىسا بولمايدىغان ئۇسۇل. ئىنسانلارغا ئىشىنىش جەھەتتە نەبىمىزگە قىلىنغان مۇنداق بىر ئاگاھلاندۇرۇش بار:

﴿وَإِذَا رَأَيْتَهُمْ تُعْجِبُكَ أَجْسَامُهُمْ وَإِن يَقُولُوا تَسْمَعْ لِقَوْلِهِمْ كَأَنَّهُمْ خُشُبٌ مُّسَنَّدَةٌ يَحْسَبُونَ كُلَّ صَيْحَةٍ عَلَيْهِمْ هُمُ الْعَدُوُّ فَاحْذَرْهُمْ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ أَنَّى يُؤْفَكُونَ﴾

ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ جىسىملىرى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە سۆزىگە قۇلاق سالىسەن. ئۇلار خۇددى يۆلەپ قويۇلغان ياغاچلاردۇر. ئۇلار ھەر ئاۋازنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئۇلار دۈشمەندۇر. ئۇلاردىن ئېھتىيات قىل. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟

63-سۈرە مۇنافىقۇن، 4 – ئايەت

سۆزلىرى بىلەن مۇئامىلىلىرى، ھەتتا نەبىمىزنىمۇ ھەيران قالدۇرغان مۇنافىقلار بولغان يەردە، ئىلىملىرى ۋە مۇئامىلىلىرى مۇسۇلمانلارنى ھەيران قالدۇرغان مۇنافىقلارمۇ بولىشى مۇمكىن. ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى بەلگۈلەش ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان رىۋايەت زەنجىرى ئۇسۇلى، ئۇلارغا قۇرئانغا زىت ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان سۆزلەرنى نەبىمىز ئېيتقان دېيىشىگە مەيدان ھازىرلاپ بېرىدۇ.

 قۇرئاننى ئۇچۇقلاش / ئىزاھلاش ئىلمىنىڭ ئۇنۇتۇلىشى بىلەن قۇرئاندىن چارە ئىزدەپ تاپالماس ھالغا كېلىپ قالغانلار، سۈننەتنى قۇرئاننىڭ ئورنىغا قويۇشقا باشلىغان. ئىمام شافىينىڭ (ۋاپاتى 204/820) كىتابى دەپ قارالغان «ئەر-رىسالە»سىدە، باغلىنىشىدىن ئۈزۈپ ئېلىنغان ئايەتلەرنى دەلىل قىلىش ئارقىلىق سۈننەت، قۇرئانغا تەڭ دەپ ھېساپلانغان[38]. تابىئىنلاردىن يەھيا بىن ئەبىي كەسىرنىڭ (ۋاپاتى 129/747)، تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ مۇنداق دېگەنلىكى ئېيتىلىدۇ:

  سۈننەت، كىتاپقا قازى بولىدۇ. كىتاپ، سۈننەتكە ئەمەس.

 تابىئىن مەزگىلىدىكى ئىسلام ھۇقۇقچىلىرى / فىقھى ئۆلىمالاردىن مەكھۇلنىڭ (ۋاپاتى 112/730) مۇ مۇنۇ كۆزقاراشتا ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ:

 «قۇرئاننىڭ سۈننەتكە بولغان ئېھتىياجى، سۈننەتنىڭ قۇرئانغا بولغان ئېھتىياجىدىن كۆپتۇر[39]

ئەڭ خەتەرلىك كىشىلەر، ئىلىم ئادىمى ۋە دىن ئادىمى سىياقىدىكى مۇنافىقلاردۇر. بۇلار، ئۆز تۆھمەتلىرىنى، ھۆرمەتلىك كىشىلەرگە چاپلايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇلارغا قارىتا، مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشنى قىلغان:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِنَّ كَثِيرًا مِّنَ الأَحْبَارِ وَالرُّهْبَانِ لَيَأْكُلُونَ أَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ اللّهِ وَالَّذِينَ يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ وَلاَ يُنفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ اللّهِ فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ﴾

ئى مۇئمىنلار! ئۆلىما ۋە راھىبلارنىڭ[40] كۆپىنچىسى ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى چوقۇم ناھەق يەۋالىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ. ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىدا چىقىم قىلمايدىغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.‏

9-سۈرە تەۋبە ، 34 – ئايەت

 بۇلار، دۇنيانى ئاخىرەتتىن ياخشى كۆرگەن / دۇنيانى ئاخىرەتنىڭ ئورنىغا تاللىغان مەنپەئەتپەرسلىرى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، ھەقىقى ئالىملارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ، ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىمۇ خاتا يەرگە تارتىپ ياكى تىشلاپ يېڭى بىر دىن پەيدا قىلىشتى.

 پۈتكۈل مەزھەپلەرنىڭ كىتاپلىرىنى ۋە تەپسىرلەرنى، قۇرئاننى ئىزاھلاش ئىلمىي نۇرى ئاستىدا كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىدىغان بولساق، ئىلىم ئىگىسى مۇناپىقلارنىڭ، بۇلارغا ئارلىشىپ، يېڭى بىر دىن ئورتىغا چىقارغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئايالنىڭ بىر تەرەپلىمە ئىرادىسى بويۇنچە ئاجرىشىش ھوقۇقىنىڭ ئىتتىپاق / ئىجمائ بىلەن قولىدىن تارتىپ ئېلىنغانلىقىنىڭ باشقا ھېچقانداق ئىزاھاتى يوق.

 يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام بولغانلىقى ئۈچۈن، ئايالنى ئۇرۇشقا ئائىت رىۋايەتلەرنىڭ تۇتارسىزلىقى / قاملاشمىغانلىقىنى ئورتىغا چىقىرىش ئۇنچە تەسكە توختىمايدۇ. بۇ مەسىلىگە ئائىت ئەڭ كەڭ تۈردىكى رىۋايەتتە نەبىمىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى ئېيتىلىدۇ:

 «ئاياللارغا قارشى ۋەزىپىلىرىڭىزنى تولۇق ئادا قىلىڭ؛ ئۇلار يېنىڭىزدىكى ئاۋان=قۇللىرىڭىزدۇر. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە باشقا ھەققە ئىگە ئەمەسسىز. ئۇچۇق شەكىلدە پاھىشە قىلغان بولسا، بۇ ئەھۋال باشقا. ئەگەر ئۇنداق قىلغان بولسا، ياتاقلىرىدا يالغۇز قويۇڭ ھەمدە مۇبەررىھ بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇلارنى ئۇرۇڭ. ئەگەر سىزلەرگە بويۇن ئەگسە، ئۇلارغا قارشى باشقا بىر يول ئىزدىمەڭ. سىزنىڭ ئاياللار ئۈستىدە ھەققى، ئاياللارنىڭمۇ سىزلەرنىڭ ئۈستىدە ھەققى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىڭىز، سىز خالىمىغان كىشىلەرنى ياتىقىڭىزغا ئالماسلىقى ۋە سىز خالىمايدىغان كىشىلەرنى ئۆيىڭىزگە ئالماسلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىكى ھەقلىرى بولسا، ياخشى كېيىندۈرۈش ۋە ياخشى يېگۈزۈشتۇر[41].»  

 بۇ رىۋايەتتە نىسا 34.ئايەتتىن ئېلىنغان بىر بۆلۈمگە بىر نەرسە قوشۇپ مۇنۇ جۈملىنى قۇرغان:

 «ئاياللىرىڭىز ئوچۇق-ئاشكارە پاھىشە قىلغان بولسا، ياتىقىدا يالغۇز قويۇڭ ۋە مۇبەررىھ بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇرۇڭ. ئەگەر سىزگە چىن كۆڭلىدىن ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا قارشى باشقا بىر يول ئىزدەپ يۈرمەڭ.»

  ئايەتتىكى «نۇشۇزلىرىدىن قورقسىڭىز» ئىپادىسىنىڭ ئورنىغا «ئوچۇق-ئاشكارە پاھىشە قىلغان بولسا» ئىپادىسى قويۇلغان. ئايالنىڭ نۇشۇزىدىن قورقۇش بىلەن پاھىشەنىڭ نېمە ئالاقىسى باركىن!

 رىۋايەتلەرنىڭ تېخىمۇ قىسقا بولغىنى تۆۋەندىكىدەك: «…سىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ھەققىڭىز، سىز خالىمايدىغان كىشىلەرنى ياتىقىغا ئالماسلىقىڭىزدۇر. ئەگەر مۇشۇنداق قىلىدىغان بولسا، مۇبەررىھ بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇرۇڭ.[42]»

 بۇيەردە ئايەتنىڭ پەقەتلا بىر كەلىمىسى ئېلىنىپ، مۇنداق بىر جۈملە قۇرۇلغان:

 «سىز خالىمىغان كىشىلەرنى ياتىقىغا ئالسا، مۇبەررىھ بولمىغۇدەك قىلىپ ئۇرۇڭ.»

 ئايال كىشى، ئېرى خالىغان ئادەمنى ياتىقىغا ئالالالمتىكى، نەبىمىز مۇشۇنداق بىر گەپنى قىلغان بولسۇن! بۇنداق سۆزنى پەقەت مۇناپىق بىرى ئويدۇرۇپ، ئاندىن پەيغەمبىرىمىز دېدى دەپ تۆھمەت قىلغان بولسا كېرەك.

 ھەدىسچىلەر، «مۇبەررىھ بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇرۇڭ» سۆزىگە «جېنىنى بەك ئاغرىتىۋەتمىگۈدەك دەرىجىدە ئۇرۇش» دەپ مەنا بەرگەن. دېيىشلەرگە قارىغاندا قاتادە، (ۋاپاتى 11/735) «ئېتىبارىنى زەخمىلەندۈرمىگۈدەك دەرىجىدە، ھەسەن ئەلبەسرى بولسا(ۋاپاتى 110/728) «ئىزى قېپ قالمىغۇدەك شەكىلدە ئۇرۇش» دېگەن مەناسنى ئالغان ئىكەن[43].  توغرا بولغان مەنانىنىڭ «ئۇلارنى رەھەتسىز قىلمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇيەردە تۇتۇڭ.»

 ئىكەنلىكىنى يۇقۇرىدا كۆرگەن ئىدۇق.

  • ئاياللارنىڭ قۇل ھېساپلىنىشى

 يۇقۇرىدىكى رىۋايەتلەردە نەبىمىزنىڭ ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق دېگەنلىكى ئىپادە قىلىنغان:

 «ئاياللار يېنىڭىزدا ئاۋاندۇر»

 ئاۋاننىڭ ( )، ئىنايە ( ) يىلتىزىدىن غانىيە = ئانىيەنىڭ كۆپلىكىدۇر. ئانىيە «ئۆزىگە ئوبدان باققان ۋە ئۆزىنى قوغدىغان ئايال» مەنىسىدىدۇر. چۈنكى ئايال جىنسىي تەرەپتە نىشانىغا پەقەت ئېرىنىلا قويىدۇ ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭغا ساقلايدۇ[44]. ئەرەپچىدىن تىلىمىزغا ئۆتكەن ئىتىنا كەلىمىسىمۇ مۇشۇ يىلتىزدىن. بۇ سۆز، ئايەتنىڭ «(ياخشى ئاياللار) ئاللاھنىڭ ساقلىشىغا جاۋابەن ئۆزلىرىنى ساقلىغانلاردۇر.» دېگەن قىسمىنى ياخشى چۈشۈنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. باشتىكى ھەدىستە دېيىلگەندەك «بۇ جەھەتتە جېنى خالىغاننى قىلالمايدۇ.» ئىپادىسىمۇ بۇنى كۈچلەندۈرمەكتىدۇر:

 ھەدىسچىلەر ئاۋاننىڭ (عوان) كەلىمىسىنىڭ عناية ( ئىنايە) يىلتىزىدىن ئەمەس، عنو=ئۇنۇۋ يىلتىزىدىن تۈرلەنگەنلىكىنى قابۇل قىلغان ئىدى. عنو = ئۇنۇۋۋ، بىر نەرسىنى مەجبۇرلاپ قولغا كىرگۈزۈۋېلىش[45] مەنىسىنى بېرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا عناية=ئانىيە، ئەسىر بولغان ئەمەس، ئەسىر ئالغان ئايال مەنىسىگە كېلىدۇ. نەبىمىزگە ئائىت بىر ھەدىستە، بۇ كەلىمە مۇنداق كەلگەن:

  «مەن ۋارىسى بولمىغاننىڭ ۋارىسىمەن، ئانىيەسىنى (ئۇنى ئەسىر قىلغان نەرسىلەرنى) يوقۇتۇپ مېلىغا مىراسچى بولىمەن.[46]»

 نەبىمىز، دۆلەت رەئىسى سۈپىتى بىلەن مىراسچىسى بولمىغاننىڭ مىراسىنى ئالىدۇ. قەرز، كىشىنى ئەسىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆلگەن كىشىنىڭ قەرزىنى ئۆتەيدۇ. بۇ، مىراس تەقسىماتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىدۇر:

﴿مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِي بِهَا أَوْ دَيْنٍ﴾

مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ

4-سۈرە نىسا ، 11 – ئايەت

 بۇنىڭغا نەبىمىزنىڭ سۆزى دېيىشىمىز، ئايەتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىكىدىن بولغان.

ئەگەردە ئايالنىڭ ئۇرۇلىشى بىلەن ئالاقىدار رىۋايەتتىكى ئانىيە بۇيەردىكى ئانىيە بولسا، ھەدىسنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:

 «ئاياللىرىڭىز يېنىڭىزدا سىزنى ئەسىر ئالغان كىشىلەردۇر»

 چۈنكى كەلىمە ئىسمى فائىل / ئىگىلىك ئىسىمدۇر، پېئىلنى قىلغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇ مەنا ئۇلارنىڭ ئىشىغا يارىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئازدۇرۇپ يۈرۈپ ئۇنى ئىسمى مەفئۇل / تولدۇرغۇچى، يەنى فېئىلدىن تەسىرلەنگۈچى كىشى مەناسىنى بېرىدىغان قىلغان. ھەتتا بۇنى، سۆزلۈكلەرگىمۇ / لۇغەتلەرگىمۇ كىرگۈزۈپ، نەبىمىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكلىرىنى ئېيتىشقان:

 «ئاياللار يېنىڭىزدىكى ئەسىرلەردۇر»

 بۇ مەنا، ھەم ھەدىسنىڭ ئىچ پۈتۈنلىكىگە ھەمدە قۇرئانغا زىتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق بۇيرىغان:

﴿…وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ﴾

ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بولغاندەك، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرى ئۈستىدە مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھەقلىرى بار.

2-سۈرە بەقەرە ، 228 – ئايەت

 ئەسىر بىلەن خوجايىنى ئارىسىدا تەڭ ھوقۇقلاردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن بولمىغىنىدەك، ئايالنىڭ ئېرىنىڭ قۇلى بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ئايال قۇل سانالسا، رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان مۇنۇ سۆزنىڭمۇ بىر مەناسى قالمايدۇ:

«ئۇلارنىڭ ئۈستىدە باشقا بىر نەرسىگە ئىگە ئەمەسسىز.»

 ئەسىرنىڭ ئۈستىدىن ئىگە بولغىلى بولمايدىغان نېمە باركىنە، نەبىمىز ئۇنداق دېگەن بولسۇن!

نەتىجە

 ھەر مەسىلىدە دېگۈدەك سادىر قىلىنغان بۇ خىل خاتالارنىڭ ئانا سەۋەبى، قۇرئاننى ئىزاھلاش ئىلمىنىڭ ئۇنتۇلغان بولىشىدۇر. نىسا 34-ئايەت، ئايالنى ئۇرۇشنىڭ دەلىلى قىلىنغىنىدا، بۇ ئايەتنىڭ ئىچ پۈتۈنلۈكى ۋە ئالاقىدار باشقا ئايەتلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا ئېلىنماسلىقىنىڭ باشقا ئىزاھاتى يوقتۇر. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىنىڭ بىرى بولسا، ئايالنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپلىك ئاجرىشىش ھەققى بارلىقىنى قوبۇل قىلىدىغان ھېچقانداق بىر مەزھەپنىڭ بولماسلىقىدۇر[47].

   ئوخشاش بىر توغرىدا بىرلىككە كەلگىلى بولىدۇ، ئەمما ئوخشاش بىر خاتادا بىرلىككە كەلگىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن مەسىلىلەردە بولغاندەك بۇ ھەقتىمۇ مەزھەپلەرنىڭ ئوخشاش خاتادا ئىتتىپاقلىشىشى، سىرىتقى بىر كۈچنىڭ ئارلىشىشى بولماستىن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئوخشىمىغان ماكان ۋە ئوخشىمىغان زاماندا ياشىغان مەزھەپ قۇرغۇچىلىرىغا بۇنداق مۇداخىل بولغىلى / ئارلاشقىلى بولمايدۇ. بىردىن بىر ئېھتىمال، مەزھەپ كىتاپلىرى ياكى تەفسىرلەرگە قول سېلىنغان بولىشى مۇمكىن. بولمىسا، خاتادا بۇ قەدەر ئىتتىپاق / ئىجمائ بولۇش مۇمكىن ئەمەستۇر.

   بۇنداق ئارلىشىش پۈتۈن كىتاپلارغا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، خاتالارنى تېپىپ چىقىش كاتتا سەبىر ۋە مېھنەت تەلەپ قىلىدۇ. ۋەيرانچىلىقنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزمۇ تۇنجى ئەمگىكىمىزدە مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشتۇق:

 «ئايالىنىڭ پاھىشە قىلغانلىقى ئاشكارا بولغاندا ئېرى ئۇنى ياتىقىدا يالغۇز قويۇش ۋەيا ئۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە[48]

 قۇرئاننى ئىزاھلاش ئىلمىنىڭ نۇرى ئاستىدا خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن يۇقۇرىدىكى نەتىجىگە ئېرىشىش بىزگە نېسىپ بولدى.

 غەلبىنى بەرگەن پەقەتلا ئاللاھتۇر.

[1] خەلىل ئىبىن ئەھمەد، (100~175 ھىجرىيە) ئەل-ئەين، [تھك: مەھدى ئەل-ماھزۇمى، ئىبراھىم ئە-ساماراي]، ئىران 1409/1988.

نشز ينشز نشوزا وينشز لغة. ونشزَ ينشز، إذا زحف عن مجلسه فارتفع فويق ذلك

[2] مۇفرەدات، ئەرراغىب ئەلئىسفاھانى (ۋاپاتى ھىجرىيەنىڭ 425-يىلى)، (ت خ ك: سافۋان ئەدنان داۋۇدى)، دەمەشىق ۋە بەيرۇت، 1412/1992، الضرب ۋە الوقوع ماددىسىگە قاراڭ.

[3] ئەل-ئەين، ضرب ماددىسىگە قاراڭ.

[4] تۈرك تىل قۇرۇمى، تۈركچە سۆزلۈك، ئەنقەرە 2009، ئىلخان ئايۋەردى، مىساللىق تۈركچە سۆزلۈك، (قۇببە ئاستى لوغىتى) ئىستانبۇل 2005.

[5] خەيرەتتىن قارامان، ئالى ئۆزەك، ئىبراھىم كافى دۆنمەز، مۇستافا چاغرىجى، سادرەددىن گۈمۈش، ئالى تۇرگۇت، قۇرئانى كەرىم ۋە ئىزاھاتلىق تەرجىمىسى، ت د ۋ نەشرىياتى، ئىستانبۇل 2009. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى بۇ تەرجىمىنى تۈرك ھاجىملارغا سوۋغا قىلىۋاتىدۇ.

[6]جامالىددىن مۇھەممەد بىن مۇكرىم بىن مەنزۇر (630-711)، لىسانۇل ئەرەب، بەيرۇت، تارىخى بېسىلمىغان، خلف ماددىسىگە قارالسۇن.

[7]  مۇفرەدات، عدو ماددىسىغا قارالسۇن.

[8]  بۇ نوقتىدا تەپسىلات ئۈچۈن «ئايالنىڭ ئاجرىشىشى (ئىفىتىدا)» ماۋزۇلۇق ماقالىمىزنى ئوقۇڭ.

http://www.suleymaniyevakfi.org/kuran-arastirmalari/kadinin-bosanmasi-iftid.html

ئايەتتىكى سۇممە= گە «ئوخشاش ۋاقىتتا» مەنىسىنى ۋە «ھەم…ھەم…» مەنىسى بېرىلگەن. چۈنكى، كەلىمىنىڭ يىلتىز مەنىسى «نازاكەت بىلەن بىر يەردە بولۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. (مۇئجەمۇ مەقايەسۇل لۇغە، ئاھمەد بىن فارىس بىن زەكەرىيا، بەيرۇت، تارىخسىز.) [9]

[10] لىسانۇل ئەرەب، قر ماددىسى

 [11]  ئايەتتىكى ( وَقُرْآناً فَرَقْنَاهُ) ئىپادىسىدە قُرْآناً  كەلىمىسى، مەخپى فَرَقْنَاهُ  كەلىمىسىنىڭ ئىگىسى بولغان.  تولدۇرغۇچىسىنىڭ ھالىتىدۇر. وَقُرْآناً فَرَقْنَاهُ فَرَقْنَاهُ و نىڭ تەقدىرىدۇر. بۇ يەردىكى ئالماش أَنزَلْنَاهُ وَبِالْحَقِّ ئايىتىدىكى ئالماشنىڭ الْقُرْآنَ غا ۋەيا الْكِتَابَ قا كېتىدۇ.

[12]  بەقەرە 2/151، ئالىئىمران 3/164.

[13]  ھاققا 60/40، تەكۋىر 81/19.

[14]  نەجم 53/5، راھمان 55/2. قۇرئان ئاللاھنىڭ ئەلچىسى جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق نازىل بولغان (ھاققا 60/40، تەكۋىر 81/19)، ئۇنى نەبىمىزگە ئۇ ئۈگەتكەن (نەجىم 53/5). ئەلچى پەقەت ئۆزىگە ئۈگىتىلگەن سۆزلەرنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئەسلىدە ئۈگەتكەن ئاللاھتۇر.

[15] ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق:   = كىتاپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئەگرىلىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغانغا ئەگىشىدۇ.» نەجران خىرىستىيانلىرىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر نەبىمىزگە: ئەي مۇھەممەد! سەن ئەيسانىڭ ئاللاھنىڭ كەلىمىسى ۋە ئۇنىڭدىن بىر روھ ئىكەنلىكى قانائەتىدە سەن، شۇنداقمۇ؟ دېگەن ئىدى، ئۇ: ھەئە دېدى. ئۇ «ھەئە» دېگەنلا بولسا «بۇ بىزگە يېتەر» دېيىشكەن ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىنلا يۇقۇرىدىكى مۇنۇ ئايەت نازىل بولغان ئىدى: ئاللاھنىڭ قېتىدا ئەيسانىڭ ئەھۋالى، خۇددى ئادەمنىڭ ئەھۋالىدەكلا. ئادەمنى تۇپراقتىن ياراتتى؛ كېيىن ئۇنىڭغا «بول» دېدى، بولدى.(ئالى ئىمران 3/59) مۇھەممەد بىن جەرىر ئەتابەرى، جامىئۇل بەيان فى تەفسىرىل قۇرئان، بېيرۇت، 1412/1992).

 خىرىستىيانلار، ئۆزلىرىنىڭ ئەگرىلىكلىرىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ دەپ قارىغان مۇنۇ ئايەتكە تايانغان ئىدى: «ئەيسا ئاللاھنىڭ مەريەمگە ئۇلاشتۇرغان «بول» سۆزى ۋە ئۆزىدىن بىر روھتۇر.» (نىسا 4/171) ھالبۇكى ئايەتنىڭ بېشىدا ئۇلار كۆرۈشنى خالىمايدىغان مۇنۇ ئىپادىلەر بار ئىدى: «مەريەم ئوغلى ئەيسا مەسىھ، باشقىنىڭ ئەمەس، پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر.» ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆزلىرىگە ئويدۇرۇشنى خالىغانلار مانا مۇشۇنداق قىلىشىدۇ.

[16]  قۇرئاننى ئىزاھلاش ئىلمىگە ۋە بۇ ئىلىمگە ئالاقىدار تەپسىلىي يازما بۇنىڭ داۋامىدا بار.

[17] مۇفرەدات، أول ماددىسىغا قارالسۇن.

[18] ئەل ئەين، نشز ماددىسى.

[19] قۇددۇستا بەيتىل ماقدىسنىڭ تۇنجى يېقىلىشىدىن كېيىن،(ئىسرا 17/5) بۇختۇنناسر / نابۇكادنەسسار يەھۇدىلەرنى بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بابىلنى فەتھ قىلغان پارس پادىشاھى كورەش مىلادىدىن بۇرۇن 539-يىلىدا، ئۈزەير (ئەزرا)، نەھەميا ۋە باشقىلىرىنى مەسجىدنى يېڭىدىن ئىنشا قىلىشى ئۈچۈن قايتۇرۇۋەتتى. (تەۋرات، ئەرزا 1/1-3) ئۇزەير قۇددۇسنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاللاھ بۇ كەنتنى ئۆلۈمىدىن كېيىن قانداق جانلاندۇرىدىغاندۇ؟» دېدى. ئاللاھمۇ ئۇنى ئۆلتۈردى ۋە يۈزيىل كېيىن قايتا تىرىلدۈردى. بۇ ئەسنادا مەسجىد، دارىئۇسنىڭ پاداشاھلىقىنىڭ 2-يىلىدا ئىنشا قىلىنغان ئىدى. (ئەرزا 4/11-24) ئۇزەير 2-ئارتاخشاستانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يەتتىنجى يىلىنىڭ بەشىنجى ئېيىدا يەنى مىلادىدىن بۇرۇن 437-يىلىدا قۇددۇسقا باردى (ئەرزا 7/8). بۇ، ئۇنىڭ قۇددۇسقا ئىككىنجى بېرىشى ئىدى. تۇنجى بېرىشى بىلەن ئىككىنجى بېرىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا 100 يىل مۇددەت ئىچىدە ئاللاھ ئۇنى ئىنسانلارغا مۆجىزە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ قايتا تىرىلدۈرگەن ئىدى. تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بىزنىڭ مۇنۇ ئۇلانمىدىكى ماقالىمىزغا قاراپ چىقىڭ: http://www.suleymaniyevakfi.org/guncel/uzeyir-aleyhisselam.html

[20]  بۇخارى، نىكاھ 65، مۇسلىم تەفسىر (4/2316) 13 3021

 ” أُنْزِلَتْ فِي الْمَرْأَةِ تَكُونُ عِنْدَ الرَّجُلِ، فَتَطُولُ صُحْبَتُهَا، فَيُرِيدُ طَلَاقَهَا، فَتَقُولُ: لَا تُطَلِّقْنِي، وَأَمْسِكْنِي، وَأَنْتَ فِي حِلٍّ مِنِّي، فَنَزَلَتْ هَذِهِ الْآيَةَ “

[21] ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، ئەل قاسمۇ بەينەن نىسا، 2135.

وعَنْ هِشَامِ بْنِ عُرْوَةَ، عَنْ أَبِيهِ، قَالَ: قَالَتْ عَائِشَةُ: «يَا ابْنَ أُخْتِي كَانَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ لَا يُفَضِّلُ بَعْضَنَا عَلَى بَعْضٍ فِي الْقَسْمِ، مِنْ مُكْثِهِ عِنْدَنَا، وَكَانَ قَلَّ يَوْمٌ إِلَّا وَهُوَ يَطُوفُ عَلَيْنَا جَمِيعًا، فَيَدْنُو مِنْ كُلِّ امْرَأَةٍ مِنْ غَيْرِ مَسِيسٍ، حَتَّى يَبْلُغَ إِلَى الَّتِي هُوَ يَوْمُهَا فَيَبِيتَ عِنْدَهَا» وَلَقَدْ قَالَتْ سَوْدَةُ بِنْتُ زَمْعَةَ: حِينَ أَسَنَّتْ وَفَرِقَتْ (أي خافت) أَنْ يُفَارِقَهَا رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَا رَسُولَ اللَّهِ، يَوْمِي لِعَائِشَةَ، فَقَبِلَ ذَلِكَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مِنْهَا، قَالَتْ: نَقُولُ فِي ذَلِكَ أَنْزَلَ اللَّهُ تَعَالَى وَفِي أَشْبَاهِهَا أُرَاهُ قال: وإن امْرَأَةٌ خَافَتْ مِنْ بَعْلِهَا نُشُوزًا [النساء: 128]

[22] ئەلقادى شۇرەيھ بىن ئەلھارىس (ۋاپاتى 80/699) تابىئىن دەۋرىنىڭ ئاۋانگارت فىقھىشۇناسلىرىدىن، كۇفە قادىسى.

[23]ئەبۇ بەكىر ئەلبەيھەقى(ۋاپاتى 458 ھىجرىيە) ئەسسۇنەنۇل كۇبرا، ت ھ ك، مۇھەممەد ئەبۇلقادىر ئاتا، س.vıı، بەت 500،بېيرۇت، 1424/2000).

روى البيهقي عَنِ الشَّعْبِيِّ، أَنَّ امْرَأَةً نَشَزَتْ عَلَى زَوْجِهَا فَاخْتَصَمُوا إِلَى شُرَيْحٍ فَقَالَ شُرَيْحٌ:” ابْعَثُوا حَكَمًا مِنْ أَهْلِهِ وَحَكَمًا مِنْ أَهْلِهَا” فَفَعَلُوا فَنَظَرَ الْحَكَمَانِ إِلَى أَمْرِهِمَا فَرَأَيَا أَنْ يُفَرِّقَا بَيْنَهُمَا فَكَرِهَ ذَلِكَ الرَّجُلُ فَقَالَ شُرَيْحٌ:” فَفِيمَ كُنَّا فِيهِ الْيَوْمَ وَأَجَازَ أَمْرَهُمَا “

[24]

[25]

[26] ئەبۇلقاسىم مەھمۇد بىن ئۆمەر ئەل زەمەخشىرى ( ۋاپاتى ھ.538) ئەلكەششاف، كەھف، 11، ئىككىنجى جىلد 705-ئايەت، بېيرۇت، 1407 ھىجرىيە.

[27] ئەل ئاين، وعظ ماددىسى.

[28] مۇفرەدات طوع ماددىسى.

الطَّوْعُ: الانقيادُ، ويضادّه الكره قال عزّ وجلّ: ائْتِيا طَوْعاً أَوْ كَرْهاً

[29]ھېيىزدار ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۈزى يالغۇز قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولسا، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا بولىدىغان پاكىزلىنىش ۋاقتىدۇر. بۇ سەۋەپتىن ئۈچ قېتىملىق پاكلىنىش مەزگىلى بولىشى كېرەك.

[30] بەقەرە 231 ۋە 232 بىلەن تالاق 2-ئايەت ئەركەكنىڭ ئايالىغا يارىشىۋېلىشى ئۈچۈن ئىددەتنىڭ تاماملىنىشىنى كۆرسەتمەكتىدۇر. بۇ ئايەت ئەركەكنىڭ ئىددەت تۈگىمەستىنمۇ يېنىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتتىكى ئەھاق =احق  كەلىمىسىگە ئىسمى تافدىل مەنىسىنى بەرگىلى بولمايدۇ. ئۇ مەنىنى بېرىش ئۈچۈن بىر باشقىسىنىڭمۇ ئەشۇ مۇددەت ئىچىدە يېنىشىۋېلىش ھەققى بېرىلگەن بولىشى كېرەك. كەلىمە ئىسمى تافدىل ئەمەس، سۈپەتى مۇشەببەھەدۇر.

[31] مارۇف، مەلۇم بولغان، بىلىنگەن شەيئى دېگەنلىكتۇر. بۇ مەلۇماتقا، يا ئۆرۈپ-ئادەتلەردىن ياكى كىتاپ ۋە ھېكمەتتىن ئېرىشىش مۇمكىن. ئۆرۈپ ئادەتتىن كەلگەن بولسا، كىتاپ ۋە ھېكمەتكە زىت بولمىسىلا بولدى. بۇنداق بىلىم فىترەتنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۈنىۋېرساللىققا ئىگىدۇر.

[32] لىئان، ئايالىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئەمما شاھىتلەر بىلەن ئىسپاتلىشى مۇمكىن بولمىغان بىر ئەر كىشىنىڭ سوتچىنىڭ ئالدىدا، ئايالى بىلەن ئۆز ئارا لەنەتلىشىشىدۇر. (نۇر 24/6-10)

[33] بۇخارى، تالاق 13.

[34] ئىبىن ماجە، تالاق 22.

[35] ئەل مۇۋاتتا، تالاق 11.

[36]ئەھمەد بىن ھەنبەل، مۇسنەد 5/73. ھەدىسنىڭ تېكىستى:

فَاتَّقُوا اللَّهَ فِي النِّسَاءِ، فَإِنَّهُنَّ عِنْدَكُمْ عَوَانٌ، لَا يَمْلِكْنَ لِأَنْفُسِهِنَّ شَيْئًا، وَإِنَّ لَهُنَّ عَلَيْكُمْ، وَلَكُمْ عَلَيْهِنَّ حَقًّا: أَنْ لَا يُوطِئْنَ فُرُشَكُمْ أَحَدًا غَيْرَكُمْ، وَلَا يَأْذَنَّ فِي بُيُوتِكُمْ لِأَحَدٍ تَكْرَهُونَهُ، فَإِنْ خِفْتُمْ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ، وَاضْرِبُوهُنَّ ضَرْبًا غَيْرَ مُبَرِّحٍ «وَلَهُنَّ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ، وَإِنَّمَا أَخَذْتُمُوهُنَّ بِأَمَانَةِ اللَّهِ، وَاسْتَحْلَلْتُمْ فُرُوجَهُنَّ بِكَلِمَةِ اللَّهِ  «

[37] لىسانۇل ئەرەب  برح ماددىسى

وأَصلُ التَّبْرِيحِ: المشقَّةُ وَالشِّدَّةُ. وبَرَّحَ بِهِ إِذا شَقَّ عَلَيْهِ

[38] ئابدۇلئەزىز بايىندېرنىڭ «توغرا بىلگەن خاتالار»، 5-نەشرى، 497-بەت، ئىستانبۇل 2014.

[39] مۇھەممەد بىن ناسىر ئەل مەرۋەزى(ۋاپاتى ھىجرىيە 294)، ئەسسۈننەھ، 33-بەت، تەھقىق سالىم ئابدۇللاھ ئەسسەلەفىي، بېيرۇت 1408.

[40] بۇ ئايەتنى تەرجىمە قىلغانلار بىلگىن / ئالىم ئورنىغا ھاھام، دىن ئادىمى ئورنىغا رۇھبان دېيش ئارقىلىق ئايەتنىڭ مەنانىسىنى بوزۇۋەتكەن. بىر مۇسۇلماننىڭ ھاھام ۋە رۇھبانلار بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بولسۇنكى، ئاللاھ ئۇلارغا مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرسۇن.

[41]  ئىبىن ماجە، نىكاھ، 1851.

اسْتَوْصُوا بِالنِّسَاءِ خَيْرًا فَإِنَّهُنَّ عِنْدَكُمْ عَوَانٍ لَيْسَ تَمْلِكُونَ مِنْهُنَّ شَيْئًا غَيْرَ ذٰلِكَ إِلَّا أَنْ يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ فَإِنْ فَعَلْنَ فَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ وَاضْرِبُوهُنَّ ضَرْبًا غَيْرَ مُبَرِّحٍ فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلَا تَبْغُوا عَلَيْهِنَّ سَبِيلًا إِنَّ لَكُمْ مِنْ نِسَائِكُمْ حَقًّا وَلِنِسَائِكُمْ عَلَيْكُمْ حَقًّا فَأَمَّا حَقُّكُمْ عَلَى نِسَائِكُمْ فَلَا يُوَطِّئَنَّ فُرُشَكُمْ مَنْ تَكْرَهُونَ وَلَا يَأْذَنَّ فِي بُيُوتِكُمْ لِمَنْ تَكْرَهُونَ أَلَا وَحَقُّهُنَّ عَلَيْكُمْ أَنْ تُحْسِنُوا إِلَيْهِنَّ فِي كِسْوَتِهِنَّ وَطَعَامِهِنَّ.

[42] مۇسلىم، ساھىھ، ھەج، 2137، تېكىستى: وَلَكُمْ عَلَيْهِنَّ أَنْ لاَ يُوطِئْنَ فُرُشَكُمْ أَحَدًا تَكْرَهُونَهُ فَإِنْ فَعَلْنَ ذٰلِكَ فَاضْرِبُوهُنَّ ضَرْبًا غَيْرَ مُبَرِّحٍ.

[43] بەدرۇددىن ئەل ئەينى، ( ۋاپاتى ھىجرى 855)، ج، xx، 192-بەت، بېيرۇت.

[44] لىسانۇلئەرەب، عناية.

[45] ئەڭ كونا لۇغەتلەردىن ئەلئەين، عنو= ئۇنۇۋ سۆز يىلتىزىدىن العنوة= ئانۋە سۆزىگە «قىلىچ تەڭلەپ تۇرۇپ مەجبۇرى ئېلىش» دەپ مەنا بەرگەن ئىكەن. بۇ مەنانى توغرا بېرىپتۇ. بۇ ئىش قىلىدىغان كىشى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەلئانىي=العاني غا ئەسىر ئالغان ئەمەس،  ئەسىر بولغان مەناسىنى بېرىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئىپادىنىڭ مۇشۇنداق بىر سۆزلۈكتە ئورۇن ئېلىشى، قىلىنغان مۇداخىلەنىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى تەخمىن قىلغىلى بولىدۇ. بىز ئوقۇپ چىققان سۆزلۈكلەرنىڭ تولىسىدا مۇشۇ سۆزنىڭ مەنىسىدە بۇرمىلاشلار بولغان.   ئەلئەيندە ئۆتكەن  ئىپادە دەل مۇنداق: والعنوة: القهر. أخذها عنوة، أي: قهراً بالسّيف. والعاني مأخوذ من العنوة، أي: الذلة.

[46] ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، مىراسۇ زەۋل ئەرھام، 2901 نومېرلىق ھەدىس. ھەدىسنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىدەك:

حَدَّثَنَا عَبْدُ السَّلَامِ بْنُ عَتِيقٍ الدِّمَشْقِيُّ، حَدَّثَنَا مُحَمَّدُ بْنُ الْمُبَارَكِ، حَدَّثَنَا إِسْمَاعِيلُ بْنُ عَيَّاشٍ، عَنْ يَزِيدَ بْنِ حُجْرٍ، عَنْ صَالِحِ بْنِ يَحْيَى بْنِ الْمِقْدَامِ، عَنْ أَبِيهِ، عَنْ جَدِّهِ، قَالَ: سَمِعْتُ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ: «أَنَا وَارِثُ مَنْ لَا وَارِثَ لَهُ، أَفُكُّ عَانِيَهُ، وَأَرِثُ مَالَهُ، وَالْخَالُ وَارِثُ مَنْ لَا وَارِثَ لَهُ، يَفُكُّ عَانِيَهُ وَيَرِثُ مَالَهُ

[47] ئابدۇلئەزىز بايىندېرنىڭ «توغرا بىلگەن خاتالار»، كىتابىنىڭ 369-بېتى.

[48]ئابدۇلئەزىز بايىندېرنىڭ «توغرا بىلگەن خاتالار»، كىتابىنىڭ 399-بېتى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر