مۇسۇلمانلار
ئائىلە ھاياتى ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى 1

ئائىلە ھاياتى \ ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى

    ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرى

1)     ياخشى مۇئامىلە قىلىش

ئەرنىڭ، ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ئايالنىڭ ئېرى ئۈستىدىكى بىر ھەققىدۇر، ياخشى مۇئامىلە قىلىش دېمەك يېگىنىدىن يىگۈزۈش، كىيگىنىدىن كىيىندۈرۈش، كۆڭلىنى ئاياش، ئۇرۇپ – تىللىماسلىق، تىل – ھاقارەت قىلماسلىق ۋە كەمسىتمەسلىك دېگەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، «ئايالىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققى قايسى يارەسۇلەللاھ؟» دەپ سورىغان بىر كىشىگە مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئايالىڭغا يېگەن چېغىڭدا يىگۈزىسەن، كىيىنگەن چېغڭدا كىيىندۈرىسەن، يۈزىگە ئۇرمايسەن، تىللىمايسەن، ئۇنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتمەيسەن»[1].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھېچبىر مۇئمىن ئەر، ئۆزىنىڭ مۇئمىن ئايالىنى يامان كۆرمىسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ بىر خۇيى دېتىغا ياقمىسا، يەنە بىر خۇيى ياقىدۇ ئەمەسمۇ!»[2].

2)     دىنىنى ئۆگىتىش

ئەر ئايالىنى، دىنى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغۇدەك دەرىجىدە دىنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ، دىنى ۋەزىپىلىرىنى تەلەپكە لايىق ئورۇنداش ئارقىلىق روھىنى غىزالاندۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى، ئۇنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئارقىلىق بەدىنىنى غىزالاندۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى بىلەن ئوخشاشتۇر، بەلكىدە تېخىمۇ زۆرۈردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ وَأَهۡلِيكُمۡ نَارٗا …  ٦﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار…»[3].

3)     ھىمايە قىلىش

ئەر كىشى، ئايالىنى ئىسلام تەلىماتلىرى بويىچە ساقلىشى، ھىمايە قىلىشى ۋە باشقۇرۇشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱلرِّجَالُ قَوَّٰمُونَ عَلَى ٱلنِّسَآءِ بِمَا فَضَّلَ ٱللَّهُ بَعۡضَهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ وَبِمَآ أَنفَقُواْ مِنۡ أَمۡوَٰلِهِمۡۚ ….  ٣٤﴾

«ئەرلەر ئاياللىرىنى باشقۇرغۇچى ۋە ساقلىغۇچىلاردۇر. بۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقى ۋە ئەرلەرنىڭ ماللىرىدىن چىقىم قىلغانلىقى[4] سەۋەبىدىندۇر… »[5].

ئاللاھ تائالا ئەرلەرنى بەدەن جەھەتتە كۈچلۈك، ئەقىل – پاراسىتى بىلەن ئىش قىلىشقا مايىل قىلىپ ياراتقان. ئاياللارنى بولسا بەدەن جەھەتتە نازۇك، مېھىر – شەپقىتى بىلەن ئىش قىلىشقا مايىل قىلىپ ياراتقان. شۇنىڭ بىلەن ئەرلەرگە ئائىلىسىنى بېقىش ۋە قوغداش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەرگەن[6].

4)     سىرىنى ساقلاش

ئەر ئايالىنىڭ سىرلىرىنى ۋە ئەيىپلىرىنى ئاشكارىلىماسلىقى لازىم. چۈنكى ئەر – ئاياللارنىڭ سىرلىرى بىر – بىرىگە ئامانەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَخُونُواْ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ وَتَخُونُوٓاْ أَمَٰنَٰتِكُمۡ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ  ٢٧﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا خىيانەت قىلماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئامانەتلىرىڭلارغا خىيانەت قىلماڭلار»[7].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:

ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ يامان ھېساپلىنىدىغان ئەر، ئايالىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىغان ئەردۇر»[8].

[1] ئەبۇ داۋۇد، «نىكاھ»، 41.

[2] مۇسلىم، «نىكاھ»،  61.

[3] 66 – سۈرە تەھرىم، 6 – ئايەت.

[4] ‎ئەر كىشى توي ئەسناسىدا ئايالغا تويلۇق بېرىدۇ ۋە تويدىن كېيىن ئائىلىنىڭ پۈتۈن چىقىمى ئەرگە يۈكلىنىدۇ.

[5] 4 – سۈرە نىسا، 34 – ئايەت.

[6] قاراڭ: ئەنەس ئالىم، قۇرئان كەرىم ئىزاھلىق تەرجىمىسى (ئىستانبۇل: سۇلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2017)، 209 – 210. (2 – سۈرە بەقەرە، 228 – ئايەتنىڭ ئۈچىنچى ئىزاھاتى، 49 – ئىزاھات).

[7] 8 – سۈرە ئەنفال، 27 – ئايەت.

[8] مۇسلىم، «نىكاھ»، 123.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر