باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 كىشىنى ئاللاھ تائالا يولىدا ياخشى كۆرۈشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش، بىر كىشىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىسىگە ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە بىلدۈرگەن كىشىگە نېمە دېيىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

مُّحَمَّدٌ رَّسُولُ اللَّهِ وَالَّذِينَ مَعَهُ أَشِدَّاء عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاء بَيْنَهُمْ

«مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر»-(سۈرە فەتىھ، 29- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَالَّذِينَ تَبَوَّؤُوا الدَّارَ وَالْإِيمَانَ مِن قَبْلِهِمْ يُحِبُّونَ مَنْ هَاجَرَ إِلَيْهِمْ

«ئۇلاردىن ئىلگىرى مەدىنىگە يەرلەشكەن ۋە قەلبلىرىگە ئىماننى يەرلەشتۈرگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ… »-(سۈرە ھەشىر، 9- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمدە ئۈچ تۈرلۈك نەرسە تېپىلسا، ئۇ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنى ھەممە نەرسىدىن ئارتۇق سۆيۈش، بىرەر بەندىنى دوست تۇتسا، ئۇنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن دوست تۇتۇش، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن كۇفرىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، قايتا كۇفرىغا قايتىشنى تىرىك پېتى ئوتقا تاشلانغاندىنمۇ يامان كۆرۈش». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىش، ئۇنى دۇنيا نېئمەتلىرىدىن ئارتۇق كۆرگەندىلا ئىماننىڭ ھالاۋىتىدىن لەززەتلەنگىلى بولىدىغانلىقى.

2) ئاللاھ تائالانى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈش — ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىنىڭ رازىلىقىنى ئۆز نەپسى-خاھىشىدىن ئارتۇق كۆرۈش بىلەن بولىدىغانلىقى.

3) كۇفرىلىقنى يامان كۆرۈش — ئۇنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبلىرىدىن ۋە كۇفرىلىققا ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلاردىن يىراق بولۇش بىلەن بولىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە يوق قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا يەتتە تۈرلۈك ئادەمنى ئۆز ئەرشى ئاستىدا سايىدىتىدۇ: 1) ئادىل پادىشاھ. 2) رەببى ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادىتىدە ئۆسكەن ياش. 3) ئەس-يادى ھەمىشە مەسجىدتە بولغان ئادەم. 4) ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دوست بولۇشقان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئايرىلىشقان ئادەملەر. 5) ئېسىل ۋە چىرايلىق بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، ‹ئاللاھ تائالادىن قورقىمەن›، دەپ ئۇنى رەت قىلغان كىشى. 6) ئوڭ قولى بىلەن نېمىنى بەرگەنلىكىنى سول قولى بىلمەي قالغۇدەك دەرىجىدە مەخپىي سەدىقە بەرگەن كىشى. 7) خالىي جايدا ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ ياش تۆككەن كىشى». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئادىل سۇلتاننىڭ پەزلى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا بولغان مەرھەمىتى بايان قىلىنغان. ئادىل پادىشاھنىڭ باشقىلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېلىشى نۇرغۇن مەنپەئەت ۋە ھەقنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

2) ئاللاھ تائالانىڭ تائەت-ئىبادىتى بىلەن چوڭ بولغان، گۇناھلاردىن يىراق بولغان ياشنىڭ پەزلى.

3) جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈپ، قەلبى مەسجىدكە باغلانغان كىشىنىڭ پەزلى.

4) دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرى يۈزىسىدىن ئەمەس، ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ جەم بولۇشنىڭ پەزلى.

5) گۇناھنىڭ شارائىتى ھازىرلانغاندا ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ ئىپپەتلىك بولغان كىشىنىڭ پەزلى.

6) كەمبەغەلنىڭ غۇرۇرىغا تېگىشتىن ساقلىنىدىغان، كەمسىتمەيدىغان، شۇنداقلا كىشىلەر ئارىسىدا رىياغا ئېلىپ بارمايدىغان مەخپىي يوسۇندىكى سەدىقىنىڭ پەزلى.

7) ئاللاھ تائالانىڭ ھەر دائىم كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدىغان ۋە خالىي جايدا ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ ياش تۆككەن ئادەمنىڭ پەزلى.

8) باشقا ھەدىسلەردە قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ يەتمىش تۈرلۈك ئادەمنى ئۆز سايىسىدا سايىدىتىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىمام سۇيۇتى بۇ يەتتە تۈرلۈك ئادەمنىڭ ئورنىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ پەزلى سەۋەبىدىن بۇ ھەدىستە يەتتە تۈرلۈك ئادەملا تىلغا ئېلىنغان دەپ كۆرسىتىدۇ.

9) دوستلىشىشنىڭ پرىنسىپىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى: ‹مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن دوستلاشقان كىشىلەر قەيەردە؟ مېنىڭ سايەمدىن باشقا ھېچقانداق سايە بولمىغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنى ئۆز سايەمدە سايىدىتىمەن›، دەيدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر مۇئمىن بولمىغۇچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، ئۆزئارا دوستلاشمىغۇچە مۇئمىن بولالمايسىلەر. مەن سىلەرنى ئۆزئارا دوستلاشتۇرىدىغان بىر ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ ئاراڭلاردا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىمانسىز ھالدا جەننەتكە كىرگىلى بولمايدىغانلىقى، مۇسۇلماننىڭ ئۆزى نېمىنى ياخشى كۆرسە قېرىندىشىغىمۇ شۇنى ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمانىنىڭ كامىل بولمايدىغانلىقى.

2) سالام بېرىش ئۆزئارا دوستلىشىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇركى، ئۇ دوستلۇقنى، مېھرىبانلىقنى پەيدا قىلىدۇ. سالام بېرىش بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت كۈچىيىدۇ. سالام بىلەن مۇسۇلمانلار باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. سالام قىلىش سۈننەت، ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش پەرز، سالام قىلىش قائىدىسى: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ»، دېيىش بولۇپ، باشقا سۆزلەرنى ئېيتىپ سالاملىشىش بۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى باشقا بىر يۇرتتىكى (دىنىي) قېرىندىشىنى يوقلاپ ماڭدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يولىغا بىر پەرىشتىنى قويدى. ئۇ كىشى مېڭىپ پەرىشتىنىڭ قېشىغا كەلگەندە، پەرىشتە: ‹قەيەرگە ماڭدىڭ؟›، دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: ‹بۇ يۇرتتىكى بىر قېرىندىشىمنى يوقلاپ كېلەي، دەپ ماڭدىم›، دېدى. پەرىشتە: ‹سېنىڭ ئۇ كىشىگە قىلغان قانداقتۇر بىرەر ياخشىلىقىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە نەپكە ئېرىشىش ئويۇڭ بارمۇ؟›، دېدى. ئۇ كىشى: ‹ياق، مېنىڭ ئۇنى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشتىن باشقا ئويۇم يوق›، دېدى. پەرىشتە: ‹مەن ئاللاھ تائالانىڭ ساڭا ئەۋەتكەن ئەلچىسى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سېنى سەن قېرىندىشىڭنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆردى›، دېدى». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەنسارىيلارنى پەقەت مۇئمىنلەرلا ياخشى كۆرىدۇ، مۇناپىقلارلا يامان كۆرىدۇ، ئەنسارىيلارنى ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدۇ، ئەنسارىيلارنى يامان كۆرگەن ئادەمنى ئاللاھ تائالامۇ يامان كۆرىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەنسارىيلارنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ نۇسرەت تېپىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى سەۋەبلىك ئەنسارىيلارنى ياخشى كۆرۈش تېگىشلىكتۇر ۋە ئىماننىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر، ئۇلارنى يامان كۆرۈش مۇناپىقلىق بولۇپ، مۇسۇلمانلار تائىپىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكتۇر، ئەمما ئۇلارنىڭ بىرەرسىنى بىرەر ئاداۋەت تۈپەيلى يامان كۆرۈش مۇناپىقلىق ئەمەس، بەلكى گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.

  1. ئەبۇ ئىدرىس خەۋلانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن دەمەشىقنىڭ مەسجىدىگە كىردىم. ئۇ مەسجىدتە خۇش چىراي بىر يىگىت بار ئىكەن، كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپتۇ. ئەگەر ئۇلار بىرەر نەرسىدە دەتالاش قىلىشىپ قالسا، ئۇ يىگىتكە تەلپۈنۈپ، ئۇنىڭ پىكىرىنى ئېلىپ قايتىدىكەن. مەن ئۇ يىگىت توغرۇلۇق سورىسام، ئۇلار: «بۇ مۇئاز ئىبن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولىدۇ»، دېيىشتى. ئەتىسى ئەتتىگەندە مەسجىدكە بالدۇر كىرىپ قارىسام، ئۇ مەندىنمۇ بالدۇر كېلىپ ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ. مەن ئۇنى نامىزىنى ئوقۇپ بولغۇچە كۈتۈپ تۇردۇم، ئاندىن ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئۆتۈپ سالام بېرىپ: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى ئاللاھ تائالا رىزاسى ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن»، دېدىم. ئۇ: «ئاللاھ تائالا ئۈچۈنمۇ؟»، دېدى. مەن: «ئاللاھ تائالا ئۈچۈن»، دېدىم. ئۇ: «ئاللاھ تائالا ئۈچۈنمۇ؟»، دېدى. مەن: «ئاللاھ تائالا ئۈچۈن»، دېدىم. ئۇ مېنى تونۇمنىڭ پىشىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە تارتتى. ئاندىن: «ساڭا خۇش خەۋەر، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ: ‹ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ مۇھەببىتىمنى دەپ دوستلاشقان، مېنى دەپ بىللە ئولتۇرۇشقان، مېنى دەپ زىيارەت قىلىشقان، مېنى دەپ ئۆزئارا بىر نەرسىلەرنى بېرىشكەن كىشىلەرگە مېنىڭ مۇھەببىتىم تېگىشلىك بولدى›، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان»، دېدى. — ئىمام مالىك رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالا ئۈچۈن دوستلاشقان ئادەمنىڭ دوستلاشقان ئادىمىگە ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئىبادەت قىلىۋاتقان بولسا، ئۇ ئىبادەتتىن بوشىغاندا ئاندىن ئۇنىڭغا گەپ قىلىشنىڭ سۆزلىشىش ئەدەبلىرى جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

2) بىرەرسىگە گەپ قىلغاندا، ئۇنى چۆچۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئالدى تەرىپىدىن كېلىپ گەپ قىلىشنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ (كەرىمە) مىقداد ئىبن مەئدى كەرىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر كىشى بىرەر قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭغا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرسۇن». — ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىنىڭ دىنىي قېرىندىشىغا ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇشتىن مەقسەت، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، مېھىر-مۇھەببەت، ھەمكارلىق، قېرىنداشلىق ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر.

  1. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئى مۇئاز! ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن»، دېدى. ئاندىن ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى مۇئاز! ساڭا تەۋسىيە قىلىمەنكى، ھەر نامازنىڭ كەينىدە: ‹ئى ئاللاھ! سېنى زىكىر قىلىشىمغا، ساڭا شۈكۈر قىلىشىمغا ۋە ساڭا ئوبدان قۇلچىلىق قىلىشىمغا يار-يۆلەك بولغايسەن›، دېيىشنى تەرك ئەتمىگىن»، دېدى. — ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

1) ھەر پەرز نامازدىن كېيىن يۇقىرىقى دۇئانى ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئاز ئىبن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بولغان مۇھەببىتى، ھۆرمىتى، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىق ۋە ساۋابقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىدا تۇراتتى. بىر كىشى ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. ئۇ كىشى: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئۇنى ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىمەن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭغا بىلدۈردىڭمۇ؟»، دېدى. ئۇ: «ياق»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويغىن»، دېدى. ئاندىن ئۇ كىشى يېتىشىۋېلىپ: «مەن سېنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن»، دېدى. ئۇ كىشى: «سەن مېنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ياخشى كۆرگەندەك ئاللاھ تائالامۇ سېنى ياخشى كۆرگەي»، دېدى. — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ