باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 ئاتا-ئانىــغا ياخـشىـلـىق قىلىش ۋە سىلە-رەھىم قىلىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَاتَّقُواْ اللّهَ الَّذِي تَسَاءلُونَ بِهِ وَالأَرْحَامَ

«بىر-بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار، سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار»-(سۈرە نىسا، 1- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَالَّذِينَ يَصِلُونَ مَا أَمَرَ اللّهُ بِهِ أَن يُوصَلَ

«ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ خىش-ئەقرىبالارغا سىلە-رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ»-(سۈرە رەئىد، 21- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ حُسْنًا

«ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق»-(سۈرە ئەنكەبۇت، 8- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

 وَقَضَى رَبُّكَ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلاَهُمَا فَلاَ تَقُل لَّهُمَآ أُفٍّ وَلاَ تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلاً كَرِيمًا وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُل رَّبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا 

«پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرسى يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ، ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەللىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن، ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن»، دېگىن»-(سۈرە ئىسرا، 23-، 24- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْنًا عَلَى وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ

«ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق، ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى-ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. ئى ئىنسان! ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن»-(سۈرە لوقمان، 14- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قايسى ئەمەل ئەڭ سۆيۈملۈك ھېسابلىنىدۇ؟»، دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز»، دېدى. مەن: «ئاندىن قالسىچۇ؟»، دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش»، دېدى. مەن: «ئاندىن قالسىچۇ؟»، دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلىش»، دېدى. -بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ خالىس ھەقلىرىدىن ئەڭ ئەۋزىلى كەلىمە شەھادەتتىن قالسا ناماز، كىشىلەرنىڭ ھەققىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققى، قۇربان بېرىشنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى جىھاد ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بالا ئاتىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرالمايدۇ، پەقەت بالىنىڭ ئاتىسى قۇل بولۇپ، بالا ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلسا، ئاندىن ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرغان بولىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى:

 1) ئاتا-ئانىنىڭ بالىدىكى ھەققى، ئەجرىنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقى.

2) ئەگەر ئاتا قۇل ھالىتىدە بولسا، بالىنىڭ ئۇنى سېتىۋېلىشىنىڭ ئۆزىلا قۇللۇقتىن ئازاد قىلغانغا باراۋەر بولىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە مېھمىنىنى ھۆرمەت قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە سىلە-رەھىم قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مېھماننى ھۆرمەتلەش، سىلە-رەھىمنى داۋاملاشتۇرۇش، مۇلايىم، يۇمشاق سۆزلەش، سەت گەپلەرنى قىلماسلىقلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشنىڭ ئالامەتلىرىدىن ھېسابلىنىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارنى يارىتىپ تاماملىغاندىن كېيىن سىلە-رەھىم ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! بۇ ئورۇن سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن پاناھ تىلەپ ساڭا سېغىنغۇچىنىڭ ئورنىمۇ؟»، دېدى. ئاللاھ تائالا: «شۇنداق، سىلە-رەھىم قىلغان كىشىگە رەھىم قىلسام، سىلە-رەھىم قىلمىغان كىشىگە رەھىم قىلمىسام رازى بولامسەن؟»، دېدى. ئۇ: «ھەئە، رازى بولىمەن»، دېدى. ئاللاھ تائالا: «بۇ مەرھەمەت ساڭا خاستۇر»، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: «ئەگەر خالىساڭلار بۇنى ئوقۇڭلار»، دېدى:

فَهَلْ عَسَيْتُمْ إِن تَوَلَّيْتُمْ أَن تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَتُقَطِّعُوا أَرْحَامَكُمْ أُوْلَئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فَأَصَمَّهُمْ وَأَعْمَى أَبْصَارَهُمْ

«سىلەر ئىسلام دىنىدىن يۈز ئۆرىسەڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ؟ ۋە سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟ ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى، (ھىدايەتنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى»-(سۈرە مۇھەممەد 22-، 23- ئايەتلەر)    — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى يوقلاش، ياردەم بېرىش، ئۇلار بىلەن بېرىش-كېلىشنى تەرك ئېتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

2) سىلە-رەھىم قىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەر دادا ۋە ئانا تەرەپتىن بولغان بارلىق ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمغا ئەڭ ھەقلىق ئادىمىم كىم؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭ»، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئادەم: «ئاندىن قالسىچۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭ»، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئادەم: «ئاندىن قالسىچۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭ»، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئادەم: «ئاندىن قالسىچۇ؟»، دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭدىن قالسا داداڭ»، دەپ جاۋاب بەردى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق ئادىمىم كىم؟»، دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: «ئاناڭ، ئاندىن ئاناڭ، ئاندىن ئاناڭ، ئاندىن ئاتاڭ، ئاندىن قالسا يېقىن تۇغقانلىرىڭ»، دېدى، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش، ھۆرمەتلەش دەرىجىلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئانىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە موھتاجلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش تەكىتلەنگەن.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن! ئاتىسى بىلەن ئانىسى، يا ئۇلارنىڭ بىرى قېرىغىچە ياشاپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاتا-ئانا مەيلى ياش ياكى قېرىغاندا بولسۇن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش بالىغا تېگىشلىك ئىكەنلىكى، ھالبۇكى ئۇلار قېرىغاندا ياخشىلىق قىلىشقا تېخىمۇ موھتاج بولىدىغانلىقى، ئۇلارغا قېرىغاندا ياخشى قاراش كېرەكلىكى.

2) ئاتا-ئانىغا ۋاپاسىزلىق قىلىش، ئۇلارنى خارلاش ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىدىغان، دوزاخ ئازابىغا دۇچار قىلىدىغان چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر كىشى: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمغا سىلە-رەھىم قىلسام، ئۇلار مەندىن سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويىدۇ ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلسام، ئۇلار ماڭا يامانلىق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا مۇلايىم بولسام، ئۇلار ماڭا قوپاللىق قىلىدۇ»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر سەن دېگىنىڭدەك قىلغان بولساڭ، گويا ئۇلارغا قوقاسنى يېگۈزگەندەك بولۇپسەن (قوقاسنى يېگۈچىنىڭ ئاغرىققا دۇچار بولغىنىدەك ئۇلارنىڭ گۇناھقا دۇچار بولغىنىغا تەمسىل. — ت)، سەن داۋاملىق مۇشۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ساڭا بىر يۆلەنچۈك بولىدۇ»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يامانلىق قىلغۇچىغا ياخشىلىق قىلىش، بەلكىم ئۇ كىشىنى يامانلىقتىن قايتۇرۇشى مۇمكىنلىكى، ئەگەر يامانلىقىدا قېلىۋەرسە، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدىغانلىقى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشىنى، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ياقتۇرسا، سىلە-رەھىم قىلسۇن». —بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سىلە-رەھىم قىلىشنىڭ پەزلى-ساۋابى، ئۇنىڭ كىشىنىڭ ئۆمرى، رىزقىگە بەرىكەت بولىدىغانلىقى، سىلە-رەھىم قىلىشنىڭ شۇ كىشىنىڭ ساغلاملىقىغا كېپىللىك قىلىدىغان، ئۆلگەندىن كېيىن كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى نام قالدۇرىدىغان، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلدۇرىدىغان، ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمايدىغان، روھىي جەھەتتە خاتىرجەملىك، خۇشاللىق ھېس قىلدۇرىدىغان ساۋابى كۆپ ئەمەل ئىكەنلىكى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىدىكى ئەنسارىيلارنىڭ ئىچىدە خورمىلىق بېغى ئەڭ كۆپ كىشى ئىدى ۋە ماللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەبۇ تەلھە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىگە قاراپ تۇرىدىغان بەيرۇھا دېگەن بېغى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ باغقا كىرىپ باغنىڭ شېرىن سۈيىنى ئېچەتتى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

لَن تَنَالُواْ الْبِرَّ حَتَّى تُنفِقُواْ مِمَّا تُحِبُّونَ

«ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلارنى سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر»-(سۈرە ئال ئىمران، 92- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)، دېگەن ئايەت نازىل بولغان چاغدا، ئەبۇ تەلھە ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا ساڭا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى. بەيرۇھا ماللىرىم ئىچىدىكى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە قىممىتى يۇقىرى ئىدى، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئەسقاتىدىغان قۇرامساق مال بولۇپ قالسۇن دەپ ئۇنى سەدىقە قىلىمەن، ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنى ئاللاھ تائالا ساڭا كۆرسەتكەن يەرگە ئىشلەتكىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پاھ، پاھ! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ! مەن سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم. مەن ئۇنى ئۆز يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى مۇناسىپ كۆرىمەن»، دېدى. ئەبۇ تەلھە: «شۇنداق قىلاي»، دەپ ئۇنى خىش-ئەقرىبالىرىغا ۋە تاغىسىنىڭ بالىلىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى.   — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: «مەن ئاللاھ تائالادىن ساۋاب تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن ھىجرەت قىلىشقا ۋە جىھاد قىلىشقا ساڭا بەيئەت قىلىمەن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سېنىڭ ئاتا-ئاناڭدىن بىرەرسى ھاياتمۇ؟»، دېدى. ئۇ كىشى: «ھەئە، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ھايات»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھ تائالادىن ساۋاب تەلەپ قىلامسەن؟»، دېدى. ئۇ كىشى: «ھەئە»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن ئاتا-ئاناڭنىڭ يېنىغا قايتقىن، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغىن»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: بىر كىشى جىھادقا چىقىشقا ئىزنى سوراپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ھاياتمۇ؟»، دېدى. ئۇ كىشى: «ھەئە»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ ئىككىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، جىھادنىڭ ساۋابىنى ئالغىن»، دېدى.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۇغقانلىرىدىن كۆرگەن ياخشىلىققا جاۋابەن ياخشىلىق قىلغان ئادەم سىلە-رەھىم قىلغان بولمايدۇ، سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويغۇچىغا ياخشىلىق قىلغان كىشى ھەقىقىي سىلە-رەھىم قىلغان بولىدۇ». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سىلە-رەھىم قىلىشنىڭ ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكى، باشقىلار ئۈزۈپ قويغان تەقدىردىمۇ، سىلە-رەھىمنى داۋاملىق زىيادە قىلىشنىڭ پەزلى-ساۋابى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلە-رەھىم ئەرشكە ئېسىقلىق بولۇپ، ئۇ: ‹مېنى كىم ئۇلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مېنى ئۇلايدۇ، مېنى كىم ئۈزۈپ قويسا، ئاللاھ تائالا مېنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويىدۇ›، دەيدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سىلە-رەھىم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ئاگاھلاندۇرغان.

  1. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى مەيمۇنە بىنتى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەيمۇنە رەسۇلۇللاھتىن سورىماستىن دېدىكىنى ئازاد قىلىۋەتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىغا تەقسىم قىلغان كۈنلىرىدىن مەيمۇنەنىڭ نۆۋىتى كەلگەن چاغدا: «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ دېدىكىمنى ئازاد قىلىۋەتكىنىمنى ئۇقمىدىڭمۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇنداق قىلدىڭمۇ؟»، دېدى. مەيمۇنە: «ھەئە»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئەگەر ئۇنى تاغىلىرىڭغا بېرىۋەتكەن بولساڭ، ساڭا تېخىمۇ كاتتا ساۋاب بولاتتى»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

1) ئايالىنىڭ ئۆز شەخسىي مال-مۈلكىنى ئېرىدىن سورىماي تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

2) قۇلىنى موھتاج، كەمبەغەل تۇغقىنىغا بېرىۋېتىشتە ھەم سەدىقە ھەم سىلە-رەھىمنىڭ ساۋابى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ قۇل ئازاد قىلىۋېتىشتىن ئەۋزەل بولىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىسىدا ئانام مېنى يوقلاپ كەلدى. بۇ چاغدا ئۇ تېخى مۇسۇلمان بولمىغانىدى. مەن رەسۇلۇللاھتىن: «ئانام مېنىڭ قېشىمغا مەندىن بىرەر نەرسە تەمە قىلىپ كەپتۇ، ئانامغا سىلە-رەھىم قىلامدىم؟»، دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، سىلە-رەھىم قىلغىن»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۇرۇش ھالىتىدە بولمىغان شارائىتتا مۇشرىك ئاتا-ئانىغا سىلە-رەھىم قىلىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.

  1. زەينەب سەقەفى رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاياللار جامائەسى! زىننەت بۇيۇمىڭلاردىن بولسىمۇ سەدىقە قىلىڭلار!»، دېدى. مەن ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ھەقىقەتەن سەن بولساڭ ئاجىز، قولۇڭ قىسقا ئادەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇدى. سەن بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوراپ باققىنكى، سەدىقىنى دۇرۇس بولسا ساڭا بېرەي، بولمىسا باشقىسىغا بېرەي»، دېدىم. ئابدۇللاھ: «ئۆزۈڭ بېرىپ سورىغىن»، دېدى. مەن بارسام رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشىكىدە ئەنسارىيلاردىنمۇ بىر ئايال بار ئىكەن. ئۇنىڭ سورىماقچى بولغان مەسىلىسى مېنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. بىلال بىز تەرەپكە چىقىپ كەلدى. بىز ئۇنىڭغا: «سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئىشىك ئالدىدا ئىككى ئايال تۇرۇپتۇ، ئۇلار سەدىقىلەرنى ئەرلىرىگە ۋە ئۆيلىرىدىكى ئۇششاق بالىلارغا بەرسە دۇرۇس بولۇش-بولماسلىقىنى سوراۋاتىدۇ، دېگىن ۋە بىزنىڭ كىملىكىمىزنى دېمىگىن»، دېدۇق. بىلال رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىرىپ بىز دېگەن ئىشنى سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «من ھما؟» «ئۇلار كىم؟»، دەپ سورىدى. بىلال: «ئەنسارىيلاردىن بولغان بىر ئايال ۋە زەينەب»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قايسى زەينەب؟»، دېدى. بىلال: «ئابدۇللاھنىڭ ئايالى زەينەب»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ ئىككىسىگە قوش ساۋاب بېرىلىدۇ. بىرى، تۇغقانلىرىغا سىلە-رەھىم قىلغاننىڭ ساۋابى ۋە يەنە بىرى سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابى»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھېچقانداق نەپىقە قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالمىغان ئايالنىڭ سەدىقىنى ھەتتا پەرز زاكاتنى بولسىمۇ ئېرى ۋە بالىلىرىغا سەدىقە قىلىشىنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.

2) دىنىي مەسىلىلەرنى سوراش ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ سىرتقا چىقىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

3) ئىلىم تەلەپ قىلىش ئەرگە ئوخشاش، ئايالغىمۇ پەرز ئىكەنلىكى.

4) دىنىي مەسىلىلەردە مۇجمەل بولۇپ چۈشىنەلمەي قالغاننى سوراش لازىملىقى.

  1. ئەبۇ سۇفيان سەخر ئىبىن ھەرب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىرەقلىنىڭ قىسسىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىسىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: ھىرەقلى ئۇنىڭدىن: «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرنى نېمىلەرگە بۇيرۇيدۇ؟»، دەپ سورىغاندا، ئۇ: «پەيغەمبىرىمىز بىر ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا-بوۋاڭلار چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرنى تاشلاڭلار، دەپ بۇيرۇيدۇ، شۇنىڭدەك، بىزنى ناماز ئوقۇشقا، راستچىل بولۇشقا، ئىپپەتلىك بولۇشقا ۋە سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ»، دەپ جاۋاب بەرگەن. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بايان قىلىنغان.

2) ئېتىقاد مەسىلىسىدە قارىغۇلارچە ئەگەشمەستىن تەپەككۇر قىلىش، ئويلىنىش لازىملىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: {وَأَنذِرْ عَشِيرَتَكَ الْأَقْرَبِينَ}- «يېقىن خىش-ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن»-(سۈرە شورا، 214- ئايەت)، دېگەن ئايەت نازىل بولغان چاغدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرەيش جامائەسىنى چاقىرىپ، ئۇلار توپلانغاندىن كېيىن ئۇلارنى ھەممىسىگە ئورتاق بولغان ئىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئى ئابدۇشەمىس ئەۋلادلىرى! ئى كەئب ئىبن لۇئەينىڭ ئەۋلادلىرى! ئۆزۈڭلارنى دوزاختىن قۇتقۇزۇڭلار! ئى مۇررە ئىبن كەئبنىڭ ئەۋلادلىرى! ئۆزۈڭلارنى دوزاختىن قۇتقۇزۇڭلار! ئى ئابدۇمانافنىڭ ئەۋلادلىرى! ئۆزۈڭلارنى دوزاختىن قۇتقۇزۇڭلار! ئى ھاشىم ئەۋلادلىرى! ئۆزەڭلارغا دوزاختىن قۇتقۇزۇڭلار! ئى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئەۋلادلىرى! ئۆزۈڭلارنى دوزاختىن قۇتقۇزۇڭلار! ئى فاتىمە! ئۆزۈڭنى دوزاختىن قۇتقۇزغىن! مەن ھەقىقەتەن سىلەر ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھېچ نەرسىگە ئارا تۇرالمايمەن. لېكىن، شۇنىسى باركى، پەقەتلا ئارىمىزدا تۇغقاندارچىلىق بولۇپ، بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىمەن»، دېدى.                                                                     — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاخىرەت كۈنىدىكى مۇكاپات ۋە جازانىڭ بەندىنىڭ ئىمانى ۋە ياخشى ئەمەللىرىگە ئاساسەن بولىدىغانلىقى، بۇ دۇنيادىكى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق ۋە نەسەبنىڭ ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقى.

2) بۇ دۇنيادا كىشىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تۇغقاندارچىلىقنى يەتكۈزۈشى لازىملىقى، ئۇنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىش، ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىش بىلەن بولىدىغانلىقى.

  1. ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مەخپىي ئەمەس، ئاشكارا ھالدا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «پالانى جەمەتنىڭ بالىلىرى مېنىڭ دوستلىرىم ئەمەس، مېنىڭ دوستلىرىم پەقەت ئاللاھ تائالادۇر ۋە ياخشى مۇئمىنلەردۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ مەن بىلەن تۇغقاندارچىلىقى باركى، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىمەن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. خالىد ئىبن زەيد ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى: «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ جەننەتكە كىرىشىمگە ۋە دوزاختىن يىراق بولۇشىمغا سەۋەب بولىدىغان بىر ئەمەلنى ئېيتىپ بەرگىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغىلا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگىن، ناماز ئوقۇغىن، زاكات بەرگىن ۋە سىلە-رەھىم قىلغىن»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەدىستە كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدە دوزاختىن يىراق بولۇپ، جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئەمەللەر كۆرسىتىلگەن. سىلە-رەھىم قىلىش ئەنە شۇ ئەمەللەر جۈملىسىدىندۇر.

  1. سەلمان ئىبن ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىپتار قىلسا، خورمىدا قىلسۇن، ھەقىقەتەن خورما بەرىكەتتۇر. ئەگەر خورما تاپالمىسا سۇدا قىلسۇن، سۇ پاكتۇر. مىسكىنگە قىلغان سەدىقىگە بىر سەدىقىنىڭ ساۋابى بولىدۇ، ئۇرۇغ-تۇغقانغا قىلغان سەدىقە سەدىقە ۋە سىلە-رەھىم ھېسابلىنىپ، قوش ساۋاب بېرىلىدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) خورما ياكى سۇ بىلەن ئىپتار قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) ئىنساننىڭ ساۋابى كۆپ بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى تاللىشى كېرەكلىكى.

3) ئۇرۇق-تۇغقانغا سەدىقە قىلىشنىڭ ساۋابى ئارتۇق بولىدىغانلىقى، چۈنكى كىشىنىڭ بۇنىڭ بىلەن سەدىقە ۋە سىلە-رەھىمدىن ئىبارەت قوش ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى.

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مېنىڭ بىر ئايالىم بار ئىدى. مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم. ئاتام ئۇمەر ئۇنى ياقتۇرمىغاچقا ماڭا: «ئۇنى قويۇۋەت»، دېدى. مەن ئۇنىمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاتام رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ بۇ ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى. رەسۇلۇللاھ ماڭا: «ئۇنى قويۇۋەت»، دېدى. — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) شەرىئەتكە ئۇيغۇن دىنىي مەسىلىدە بالىنىڭ دادىغا بويسۇنۇشى كېرەكلىكى، ئىبن ئۇمەر ئايالىنى ئىنسانىي تۇيغۇ بىلەن ياخشى كۆرگەن، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا ئۇ ئايالنى دىنىي جەھەتتىكى مەسىلە سەۋەبىدىن ياقتۇرمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئىبن ئۇمەرنى دادىسىغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان. ئەگەر ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كېلىنىنى ياقتۇرماسلىقى دىنىي جەھەتتىن بولماي، ناھەق بولغان بولسا رەسۇلۇللاھ ھەرگىزمۇ ئىبن ئۇمەرنى خوتۇنىنى قويۇۋېتىشكە بۇيرۇمىغان بولاتتى.

  1. ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى كېلىپ ئۇنىڭغا: «مېنىڭ بىر ئايالىم بار، ئانام ئۇنى قويۇۋېتىشكە بۇيرۇۋاتىدۇ»، دېدى. ئەبۇ دەردا: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئاتا جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ياخشىسىدۇر، ئەگەر خالىساڭ ئۇ ئىشىكنى بۇزۇۋەت، خالىساڭ، ئۇنى پۇختا ساقلا»، دېگەنلىكىنى ئاڭلغانىدىم، دېدى. — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بالىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇشى كېرەكلىكى، چۈنكى ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقى بالىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى، شەرىئەتكە ئۇيغۇن، شۇنداقلا بىراۋغا ناھەق زۇلۇم قىلمىغان ئەھۋالدا ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلماسلىق كېرەكلىكى.

  1. بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھامما (ئانىسىنىڭ ھەمشىرىسى) ئانىنىڭ ئورنىدىدۇر». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئانىنىڭ قىز قېرىندىشىنىڭ بالىلىرىغا مېھرىبانلىق قىلىش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتا ئۇلارنىڭ ئانىسىغا ئوخشاش ئىكەنلىكى.

بۇ بابتا كەلگەن ھەدىسلەر كۆپ، ئۇلار سەھىھلەردە مەشھۇردۇر. ئەسھابۇلغار ھەققىدىكى ھەدىس، جۇرەيج ھەققىدىكى ھەدىسلەر شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇلار يۇقىرىدا ئۆتتى. يەنە بىر مۇنچە مەشھۇر ھەدىسلەر بولۇپ، كىتابنىڭ ئىخچام بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى بايان قىلمىدىم. شۇ ھەدىسلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى ئەمر ئىبن ئەبەسەنىڭ ھەدىسىدۇركى، ئۇ ئۇزۇن ھەدىس بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە-ئەدەبلىرىنىڭ مۇھىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ ھەدىسنى رەجا بابىدا تولۇق بايان قىلىمەن، شۇ ھەدىستە ئەمر مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مەككىدىكى چاغدا، مەن ئۇنىڭ يېنىغا كىردىم. بۇ پەيغەمبەرلىكنىڭ دەسلەپكى چاغلىرى ئىدى. مەن ئۇنىڭغا: «سەن كىم؟»، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: «پەيغەمبەرمەن»، دېدى. مەن: «پەيغەمبەر دېگەن كىم؟»، دەپ سورىدىم. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ تائالا مېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى»، دېدى. مەن: «سېنى نېمە ئۈچۈن ئەۋەتتى؟»، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: «سىلە-رەھىم قىلىشقا، بۇتلارنى چېقىشقا، ئاللاھ تائالانى بىر بىلىپ، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە ئەۋەتتى»، دېدى.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ