باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

تائەت-ئىبادەتتە ئوتتۇراھال بولۇش 

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

طه مَا أَنزَلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ لِتَشْقَى إِلَّا تَذْكِرَةً لِّمَن يَخْشَى

«تاھا (يەنى ئى مۇھەممەد!)، قۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن نازىل قىلمىدۇق»- (سۈرە تاھا، 1 ~ 3- ئايەتلىرى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

يُرِيدُ اللّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلاَ يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ

«ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ»-(سۈرە بەقەرە، 185- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇنىڭ قېشىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىردى. ئائىشەنىڭ قېىشىدا بىر ئايال بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ كىم بولىدۇ؟»، دەپ سورىدى. ئائىشە: «بۇ پالانى بولىدۇ»، دەپ ئۇنىڭ ئوقۇيدىغان نامازلىرىنى سۆزلەپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بولدى قىلغىن، سىلەر ئۆزۈڭلار زورۇقماي قىلالايدىغان ئىبادەتلەرنى قىلىڭلار، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، سىلەر زېرىكىپ قالمىغۇچە ئاللاھ تائالا زېرىكىپ قالمايدۇ. ئۈزۈپ قويۇلماي قىلىنغان تائەت-ئىبادەت ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ سۆيۈملۈك ھېسابلىنىدىغان تائەت-ئىبادەتتۇر». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ زېرىكىپ، قېچىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق ئىبادەت قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.

2) تائەت-ئىبادەتتە ئوتتۇراھال بولۇش لازىملىقى.

3) ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ساۋابلىقى ئاز بولسىمۇ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملاشقىنىدۇر.

4) ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقان تائەت-ئىبادەتتە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش، ئىخلاس بىلەن ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇش بار ئىكەنلىكى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۈچ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادىتى توغرۇلۇق سورىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىبادىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى ئاز ساناپ: «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆتكەنكى ۋە كېيىنكى گۇناھىنى كەچۈرگەن تۇرسا، بىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلەيتتۇق»، دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بىرى: «مەن ھەمىشە كېچىچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ چىقىمەن»، دېدى. يەنە بىرسى: «مەن ھەمىشە روزا تۇتىمەن، ھەرگىزمۇ ئېغىزىم ئوچۇق يۈرمەيمەن»، دېدى. يەنە بىرسى: «مەن ئاياللاردىن يىراق بولىمەن، ھەرگىز ئۆيلەنمەيمەن»، دېدى. رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئۇلارغا: «سىلەر مۇنداق-مۇنداق دەپسىلەر. ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلەرگە قارىغاندا ئاللاھتىن بەكرەك قورقىمەن ۋە ئەڭ تەقۋادارمەن. مەن بەزىدە روزا تۇتىمەن، بەزىدە تۇتمايمەن، كېچىسى ھەم ناماز ئوقۇيمەن، ھەم ئۇخلايمەن. خوتۇنمۇ ئالىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمنى تەرك ئېتىدىكەن، ئۇ مېنىڭ سۈننىتىمگە مەنسۇپ ئەمەس»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىبادەتنى ئاشۇرۇۋەتمەستىن، نورمال قىلىش كېرەكلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ تائەت-ئىبادەتنى كۆپرەك قىلىشقا ھېرىس ئىكەنلىكى.

3) قۇربى يەتكەنلەرنى توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

4) يىل بويى روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.

5) داۋاملىق كېچىچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.

6) ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەقۋادارلىق قىلىپ، تائەت-ئىبادەتنى ئوتتۇراھال قىلىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىش لازىملىقى.

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «(ئەمەللىرىدە) قاتتىق يول تۇتقۇچىلار ھالاك بولدى». ئۇ بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغانىدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆز ۋە ئەمەللىرىدە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

2) ئەمەللىرىدە ھەددىدىن ئارتۇق قاتتىق يول تۇتۇشنىڭ ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن دىن ئاساندۇر، دىندا قاتتىق يول تۇتۇشقا بولمايدۇ. كىمكى دىندا قاتتىق يول تۇتسا ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالماي، ئىشلىرىدا يېڭىلىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇڭلار. مۇكەممەللىك قولۇڭلاردىن كەلمىسە، شۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار. ئۈمىدۋار بولۇڭلار، ئەتىگىنى، كەچقۇرۇنلۇقى ۋە كېچىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدىن (ئىبادەت ئۈچۈن) پايدىلىنىڭلار».

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئوتتۇرا ھاللىققا يېقىن بولۇڭلار، ئەتىگەنلىكى، كەچقۇرۇنلۇقى ۋە كېچىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدىن (ئىبادەت ئۈچۈن) پايدىلىنىڭلار، نورمال بولۇڭلار، مەقسەتكە ئېرىشىسىلەر»، دېيىلگەن.     — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىنى سەگەك ۋاقتىنى ئىبادەت ئۈچۈن تاللاشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) بەندىنىڭ ئاشۇرۇۋەتمەستىن نورمال ئىبادەت قىلىشى بەندىنى رەببىنىڭ رازىلىقىغا ۋە پەرزلىرىنى داۋاملىق ئادا قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدكە كىرگەندە ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىلىقىغا ئارغامچا تارتىپ قويۇلغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ نېمە ئارغامچا؟»، دەپ سورىدى. كىشىلەر: «بۇ زەينەبنىڭ ناماز ئوقۇپ ھېرىپ قالغاندا ئېسىلىدىغان ئارغامچىسى»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى يېشىۋېتىڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازنى روھلۇق، تېتىك ھالىتىدە ئوقۇسۇن، ئەگەر بوشاپ قالسا، بېرىپ ئۇخلىسۇن»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىسلام دىنىنىڭ ئاسانلىق دىنى ئىكەنلىكى.

2) ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ مەسجىدتە نەفلى ناماز ئوقۇشىنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.

3) ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقاندا بىرەر نەرسىگە يۆلىنىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.

4) ئىبادەتتە ئوتتۇراھال بولۇش ۋە سەگەك ۋاقتىدا ئىبادەت قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئوقۇۋېتىپ، مۈگدەپ قالسا بېرىپ ئۇيقۇسىغا قانغۇچە ئۇخلىسۇن. ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار مۈگدەپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇسا، مەغفىرەت تىلەيمەن دەپ تۇرۇپ، ئۆزى بىلمەستىن بەد دۇئا قىلىپ سېلىشى مۇمكىن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ ھېرىپ-چارچاپ كەتكەن ھالىتىدە ئۆزىنى تائەت-ئىبادەتكە زورلىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.

2) ئىبادەتتە چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەكلىكى.

  1. جابىر ئىبن سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ناماز ئوقۇغانىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىمۇ، خۇتبىسىمۇ ئوتتۇرا ھال ئىدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىقتىدا قىلىپ بىللە ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى كېسەل ۋە ھاجەتمەن كىشىلەرگە رەھىم قىلىپ، نامازنى ۋە خۇتبىنى ئوتتۇراھال ئوقۇيدىغانلىقى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پاساھەتلىك ۋە مېغىزلىق سۆزلەيدىغان نۇتۇق قابىلىيىتى ئاتا قىلغانلىقى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشلاردا ئاشۇرۇۋەتمەيدىغانلىقى.

3) ئىشلاردا مۆتىدىل بولۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ جۇھەيفە ۋەھىب ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەلمان بىلەن ئەبۇ دەردائنى قېرىنداش قىلىپ قويدى. بىر قېتىم سەلمان ئەبۇ دەردائنى يوقلاپ كېلىپ، ئەبۇ دەردائنىڭ ئايالىنىڭ سالتاڭ كىيىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «نېمە ئىش بولدى؟»، دېدى. ئۇ ئايال: «قېرىندىشىڭ ئەبۇ دەردائ دۇنياغا قىزىقمايدۇ»، دېدى. ئەبۇ دەردائ كېلىپ سەلمانغا تاماق تەييارلىدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: «سەن يېگىن، مەن روزىدارمەن»، دېدى. سەلمان: «سەن يېمىگۈچە مەنمۇ يېمەيمەن»، دېدى. ئاندىن ئەبۇ دەردائ يېدى. كېچىدە ئەبۇ دەردائ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن تۇرماقچى بولدى. سەلمان ئۇنىڭغا: «ئۇخلا»، دېۋىدى، ئەبۇ دەردائ ئۇخلىدى. بىر ئازدىن كېيىن يەنە تۇرماقچى بولۇۋىدى، ئۇنىڭغا يەنە: «ئۇخلا»، دېدى. كېچىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، سەلمان: «ئەمدى تۇرغىن»، دېدى. ئىككىسى بىللە ناماز ئوقۇشتى. سەلمان ئەبۇ دەردائقا: «ھەقىقەتەن سېنىڭ ئۈستۈڭدە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەققى بار ۋە سېنىڭ بەدىنىڭ ۋە ئەھلىڭنىڭمۇ ھەققى بار. ھەر بىر ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى ئۆز جايىدا بەرگىن»، دېدى. ئەبۇ دەردائ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ، سەلمان بىلەن بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەلمان راست ئېيتىپتۇ»، دېدى.

    — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالا يولىدا ئۆزئارا قېرىنداش بولۇش، بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىگە نەسىھەت قىلىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) كېچىنىڭ ئاخىرىدا ناماز ئوقۇشنىڭ ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكى.

4) ئەرنىڭ ئايالىغا چىرايلىقچە مۇئامىلە قىلىپ ئۆتۈشى ئايالىنىڭ ھەققى ئىكەنلىكى.

5) ياخشى سانالغان ئىشلارنى قىلغاندا باشقىلارنىڭ ھەققىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بولسا، ئۇنى چەكلەشنىڭ دۇرۇسلۇقى.

  1. ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇ: مېنىڭ: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ھاياتىم بار ئىكەن كۈندۈزى روزا تۇتىمەن ۋە ھاياتلا بولسام كېچىنى ئىبادەت بىلەن بىدار ئۆتكۈزىمەن»، دېگەن سۆزۈم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاڭلىنىپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن: «سەن شۇنداق دېدىڭمۇ؟»، دەپ سورىدى. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇنكى، مەن ھەقىقەتەن شۇ گەپلەرنى قىلدىم»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۈبھىسىزكى، سەن شۇنىڭغا قادىر بولالمايسەن، روزىمۇ تۇتقىن، ئاغزىڭ ئوچۇقمۇ يۈرگىن، كېچىسى ئۇخلىغىن ۋە ئىبادەتمۇ قىلغىن. (رامزاندىن باشقا) ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتقىن. ھەقىقەتەن بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىقنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا باراۋەر بولىدۇ»، دېدى. مەن: «ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق قىلىشقا قادىر بولالايمەن»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق بولسا بىر كۈن تۇتۇپ، ئىككى كۈن تۇتمىغىن»، دېدى. مەن: «ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق قىلىشقا قادىر بولالايمەن»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق بولسا بىر كۈن تۇتۇپ، بىر كۈن تۇتما، ئاشۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسى بولۇپ، ئەڭ نورمال روزىدۇر»، دېدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ ئەڭ ئەۋزەل روزىدۇر»، دېدى. مەن: «ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق قىلىشقا قادىر بولالايمەن»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەلرەكى يوق»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا دېگەن ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنى قوبۇل قىلغىنىم مەن ئۈچۈن ئەھلىمدىن ۋە مال-بىساتىمدىنمۇ ياخشى ئىكەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سېنى كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ئىبادەت قىلىدىكەن دەپ ئاڭلىدىمغۇ؟»، دېدى. مەن: «شۇنداق. ئى رەسۇلۇللاھ!»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق قىلمغىن، روزا تۇتقىن ۋە ئېغىز ئوچۇقمۇ يۈرگىن، ئۇخلىغىن ۋە ئىبادەتمۇ قىلغىن، ھەقىقەتەن بەدىنىڭنىڭ سەندە ھەققى بار. كۆزۈڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار. ئايالىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار ۋە سېنى يوقلاپ كەلگۈچىنىڭمۇ سەندە ھەققى بار. ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ساڭا كۇپايە قىلىدۇ. ھەقىقەتەن بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاشۇ ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ھەمىشە روزا تۇتقانغا باراۋەر بولىدۇ»، دېدى. مەن بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك تۇتۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغىنىم ئۈچۈن ماڭا شۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك يۈكلەندى. مەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەندە ھەقىقەتەن كۈچ-قۇۋۋەت بار»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىنى تۇتقىن، ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلىۋەتمىگىن»، دېدى. مەن: «داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسى قانداق بولىدۇ؟»، دەپ سورىسام، ئۇ: «بىر يىلنىڭ يېرىمى (بىر كۈن تۇتۇپ، بىر كۈن تۇتماسلىق)»، دېدى.

ئابدۇللاھ قېرىغاندا مۇنداق دېگەن: «كاشكى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىنى (ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنى) قوبۇل قىلسام بوپتىكەن».

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سېنىڭ يىل بويى روزا تۇتىدىغانلىقىڭنى، ھەر كېچىدە بىر قېتىم قۇرئاننى ئۆتكۈزىدىغانلىقىڭنى ئاڭلىدىمغۇ؟»، دېدى. مەن: «شۇنداق، ئى رەسۇلۇللاھ!، مەن پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدىم»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىنى تۇتقىن، ھەقىقەتەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىبادەت قىلىدىغان زات ئىدى. قۇرئاننى ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزگىن»، دېدى. مەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مەن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقىغا تاقەت قىلالايمەن»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا 20 كۈندە بىر قېتىم ئۆتكۈزگىن»، دېدى. مەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقىنى قىلالايمەن»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئون كۈندە بىر قېتىم ئۆتكۈزگىن»، دېدى. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقىغا تاقەت قىلالايمەن»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يەتتە كۈندە بىر قېتىم ئۆتكۈزگىن، ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋەتمىگىن»، دېدى. مەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىم ئۈچۈن ماڭا بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك يۈكلەندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «سەن بىلمەيسەن، ئېھتىمال سېنىڭ ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن (قېرىغاندا تاقەت قىلالمايسەن)»، دېدى. مەن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەن ياشقا يەتتىم. ياش چوڭايغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رۇخسىتىنى قوبۇل قىلغان بولسامچۇ؟! دەپ ئويلاپ كەتتىم.

يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەندە بالىلىرىڭنىڭ ھەققى بار»، دېدى، دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يىل بويى روزا تۇتقان ئادەمنىڭ روزىسى روزا ھېسابلانمايدۇ»، دېگەننى ئۈچ قېتىم دېدى، دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىملىق روزا داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىدۇر. ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىملىق ناماز داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىدۇر. ئۇ كېچە يېرىملاشقاندا ئۇخلايتتى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغاندا تۇراتتى. ئالتىدىن بىرىدە ئۇخلايتتى. روزىنى بىر كۈن تۇتۇپ، بىر كۈن تۇتمايتتى ۋە دۈشمەنگە مۇلاقات بولغاندا قاچمايتتى»، دېدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە: دادام مېنى ئېسىل بىر ئايالغا ئۆيلەپ قويدى. ئۇ قاچانلا بولسۇن ئۆزىنىڭ كېلىنىنى يوقلاپ تۇراتتى. ئۇ ئايالىمدىن ئەھۋالىمنى سورىدى. ئايالىم ئۇنىڭغا: «بۇ ئەرلەرنىڭ ياخشىسى، بىز كەلگەندىن بۇيان بىزنىڭ كۆرپىلىرىمىزدە يېتىپمۇ قويمىدى ۋە بىزنىڭ چىمىلدىقلىرىمىزنى ئېچىپمۇ قويمىدى»، دېدى. بۇ ئىش داۋاملىشىۋەرگەنىدى، دادام بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بالاڭنى ماڭا ئۇچراشتۇرغىن»، دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن رەسۇلۇللاھقا ئۇچراشتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قانداق روزا تۇتىسەن؟»، دېدى. مەن: «ھەر كۈنى»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قۇرئاننى قانداق تامام قىلىسەن؟»، دېدى. مەن: «ھەر كېچىدە»، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئەھۋاللارنى ماڭا بايان قىلىپ بەردى، دېيىلگەن.

ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ كېچىدە يەڭگىل بولۇشى ئۈچۈن كۈندۈزى ئەھلىگە قۇرئاننىڭ يەتتىدىن بىرىنى ئوقۇپ بېرەتتى. بەزى ۋاقىتلاردا كۈچلىنىۋېلىش مەقسىتىدە بىر نەچچە كۈن روزا تۇتمايتتى. بۇ كۈنلەرنى خاتىرىلەپ قوياتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا قىلغان ئەمەللىرىدىن بىرەرسىنىمۇ تەرك ئېتىشنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن شۇ روزا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى تۇتۇۋالاتتى».

بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى سەھىھدۇر. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سەھىھۇلبۇخارى بىلەن سەھىھۇلمۇسلىمنىڭ ئىككىلىسىدە بار. ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمى سەھىھۇلبۇخارى بىلەن سەھىھۇلمۇسلىمنىڭ بىرسىدە بار.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىنىڭ مالال بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىبادەتكە ھەددىدىن ئارتۇق كۈچەپ زورۇقۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى.

2) ئىبادەتتە ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاسنىڭ پەزىلىتى.

4) بەندىنى كېچىدە ئىبادەت قىلىشقا، تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

5) ئىسلام دىنىنىڭ تەركىي دۇنياچىلىقنى تەشەببۇس قىلمايدىغانلىقى.

6) ياخشى ئەمەللىرىگە قارىتا نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشىش ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئۈممەتكە ئاتا قىلغان خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى.

7) ئىسلام دىنىدىكى تائەت-ئىبادەت كىشىنى رىزىق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش، رىزىق يولىدا سەۋەب قىلىشتىن توسمايدىغانلىقى.

8) ئىسلام دىنىنىڭ كىشىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەڭ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى.

  1. ھەنزەلە ئىبن رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا ئۇچرىشىپ قېلىپ: «ئى ھەنزەلە، قانداق تۇرۇۋاتىسەن»، دېدى. مەن: «ھەنزەلە مۇناپىقلىق قىلدى»، دېدىم. ئۇ: «سۇبھاناللاھ! نېمە دەۋاتىسەن؟»، دېدى. مەن: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا بولغان چېغىمىزدا جەننەت ۋە دوۋزاخلارنى سۆزلەپ بەرسە، گوياكى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدىن چىقساقلا، ئاياللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز بىلەن، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىمىز»، دېدىم. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، بىزمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز»، دېدى. ئەبۇ بەكرى بىلەن ئىككىمىز مېڭىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىردۇق. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ھەنزەلە مۇناپىقلىق قىلدى»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ نېمە ئىش؟»، دېدى. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! سېنىڭ يېنىڭدا بولغان چېغىمىزدا، بىزگە دوزاخ ۋە جەننەتلەرنى سۆزلەپ بەرسەڭ، بىز ئۇلارنى ئەينەن كۆرگەندەك بولىمىز. سېنىڭ يېنىڭدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا، ئاياللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز بىلەن ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ئۇنتۇپ قالىمىز»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئالدىمدا بولغان ھالىتىڭلار بىلەن ۋە زىكىر بىلەن داۋاملىق بولغان بولساڭلار، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن پەرىشتىلەر ئۆيلىرىڭلاردا ۋە يوللىرىڭلاردا كۆرۈشۈپ يۈرەتتى، ئى ھەنزەلە! ئىنسان گاھى ئاخىرەتلىك ئىشلىرى بىلەن، گاھى دۇنيالىق ئىشلىرى بىلەن بولىدۇ»، دەپ بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىنساننىڭ پەرىشتىلەر ئالىمى بىلەن شەيتانلار ئارىسىدا تۇرىدىغانلىقى.

2) بەندىنىڭ كۈندىلىك ۋاقتىنىڭ بىر قىسمىدا پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلىشى لازىملىقى، بىر قىسمىدا ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ، ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشى لازىملىقى، بىر قىسمىدا ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقانلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشى لازىملىقى، يەنە بىر قىسمىدا دۇنيالىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشى لازىملىقى.

3) ئىسلام دىنى ئىنسان تەبىئىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، مۆتىدىللىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن بولۇپ، ئىككىلا دۇنيانىڭ ئىشلىرىغىمۇ، روھ ۋە بەدەننىڭ ھاجەتلىرىگىمۇ تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان دىن ئىكەنلىكى.

  1. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇتۇق سۆزلەۋاتقانىدى. بىر كىشىنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ باشقىلاردىن ئۇ كىشى توغرۇلۇق سورىدى. كىشىلەر: «ئۇ ئەبۇ ئىسرائىل (ئەنسارىيلاردىن بولغان بىر ساھابە بولۇپ، ئىسمى يۇسەير ئىدى.) دېگەن كىشىدۇر. ئۇ كۈنگە قاقلىنىپ ئۆرە تۇرۇشقا، ئولتۇرماسلىققا، سايىدىماسلىققا، گەپ قىلماسلىققا، روزا تۇتۇشقا خۇداغا ئەھدە قىلىپتۇ»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا دەڭلار، گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن، ئولتۇرسۇن ۋە روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسۇن»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىسلام شەرىئىتىدە بەندىنىڭ گەپ قىلماسلىققا ئاللاھ تائالاغا ئەھدە بېرىشىنىڭ يوق ئىش ئىكەنلىكى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز شەرىئىتىدە بەلگىلىمىگەن، رۇخسەت قىلمىغان ئەمەلنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ