باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
  1. باب تەۋبە توغرىسىدا

ئۆلىمالارنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر قانداق گۇناھقا تەۋبە قىلىش زۆرۈردۇر. ئەگەر گۇناھ ئاللاھ تائالا بىلەن بەندە ئارىسىدىكى ئىش بولۇپ، بەندىنىڭ ھەققى بىلەن چېتىشلىقى بولمىسا، ئۇنىڭغا ئۈچ شەرت لازىم بولىدۇ:

  1. گۇناھتىن يېنىش.
  2. گۇناھىغا پۇشايمان قىلىش.
  3. شۇ گۇناھنى قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش.

ئەگەر بۇ ئۈچ شەرتنىڭ بىرى ھازىرلانمىسا، ئۇنىڭ تەۋبىسى دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر گۇناھ بەندىنىڭ ھەققىگە چېتىشلىق بولسا، ئۇنىڭ شەرتلىرى تۆتتۇر. يۇقىرىقى ئۈچ شەرتتىن باشقا تۆتىنچى شەرتنى ئورۇنداش، يەنى ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش، ئەگەر مال ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بولسا، ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇش، ئەگەر بوھتان چاپلىغان، دەررە ئۇردۇرغان بولسا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىشلار بولسا، ھەق ئىگىسىنىڭ ئەنتىنى ئېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ياكى ئەپۇ قىلىشىنى تەلەپ قىلىش، ئەگەر غەيۋەت قىلغان بولسا ئاشۇ كىشىدىن ئەپۇ سوراش كېرەك. تەۋبە قىلغۇچى بارلىق گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىشى كېرەك.

ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ قارىشىدا: قىسمەن گۇناھىغا تەۋبە قىلسا، ئۇنىڭ تەۋبىسى شۇ گۇناھىغىلا ھېساب بولىدۇ. تەۋبە قىلىنماي قالغان گۇناھلىرى ئۇنىڭ گەدىنىدە قالىدۇ. تەۋبىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىگە «قۇرئان كەرىم»نىڭ دەلىللىرى ۋە پۈتۈن ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى ناھايىتى ئېنىق.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَا الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ

«ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭلار»- (قۇرئان كەرىم، سۈرە نۇر 31- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَأَنِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ

«سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغفىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار»- (سۈرە ھۇد 3- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَصُوحًا عَسَى رَبُّكُمْ أَنْ يُكَفِّرَ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ

«ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالاغا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ»- (سۈرە تەھرىم 8- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، دەيدۇ:

«ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن كۈنىگە چوقۇم ئاللاھ تائالادىن يەتمىش قېتىمدىن كۆپرەك مەغفىرەت تىلەيمەن ۋە ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىمەن». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىش ۋە ئىستىغفار ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۇناھلاردىن پاك، مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تۇرۇقلۇق، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغان تۇرۇقلۇق، كۈنىگە يەتمىش قېتىمدىن كۆپرەك تەۋبە قىلىپ مەغفىرەت تىلىگەن يەردە، باشقا مۇئمىنلەرنىڭ شۇنداق قىلىشىنىڭ تېخىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكى.

  1. ئەغەر ئىبن يەسارى مۇزەننى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى خالايىقلار! ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭلار ۋە ئاللاھ تائالادىن مەغفىرەت تىلەڭلار، ھەقىقەتەن مەن كۈندە يۈز قېتىم تەۋبە قىلىمەن». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەتچىسى ئەبۇ ھەمزە ئەنەس ئىبن مالىك ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ قىلغان تەۋبىسىدىن سىلەرنىڭ بىرىڭلار دالادا تۆگىسىنى يوقىتىپ قويۇپ تېپىۋالغان ۋاقتىدىكى خۇشاللىقىدىنمۇ ئارتۇق خۇشال بولىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۈستىگە يېمەك-ئىچمىكىنى ئارتقان ئۇلىغى بىلەن قۇملۇقتا كېتىۋاتقاندا، ئۇلىغى شۇ قۇملۇقتا يىتىپ كېتىپ، نائۈمىد ھالدا بىر دەرەخنىڭ سايىسىدە ياتقان چېغىدا، توساتتىنلا ئۇلىغى كېلىپ قالسا، شۇ چاغدا شۇنداق چاپسان ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئارغامچىسىنى تۇتۇپ، قاتتىق خۇشاللىنىپ كەتكەنلىكتىن ئۆزىنى يوقىتىپ، خاتا ھالدا: ‹ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ بەندەم، مەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ›، دەپ سالىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن ئاشۇ كىشىدىنمۇ بەكرەك خۇشال بولۇپ كېتىدۇ».      — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتقىنىدەك: إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ  «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ، (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ»- (سۈرە بەقەرە 222- ئايەت). ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارنى دوست تۇتۇش بىلەن رەھىم-شەپقەت ۋە مەرھەمەت قىلىدىغانلىقى.

2) مۇئمىنلەرنى تەۋبىگە ئۈندەيدىغانلىقى.

3) ئىنساننىڭ مەقسەتسىز ھالدا سادىر قىلغان خاتالىقى ئۈچۈن جازالانمايدىغانلىقى.

4) تەلىم-تەربىيىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلىغۇچىلارغا تېخىمۇ ئوچۇق ئىزاھلاپ، سۈرەتلەپ بېرىش ئۈچۈن ئەمەلىي مىساللارنى كەلتۈرۈشتەك ئۇسۇلىنى ئۈلگە قىلىش كېرەكلىكى.

5) پايدا-مەنپەئەت بار ئىشلارنى تەكىتلەش يۈزىسىدىن قەسەم قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا كۈندۈزدە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كېچىدە قولىنى كەڭ ئېچىپ بېرىدۇ ۋە كېچىدە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كۈندۈزدە قولىنى كەڭ ئېچىپ بېرىدۇ، تاكى قىيامەت كۈنىگىچە». (بەزىلەر «ئاللاھ تائالا قولىنى كەڭ ئېچىپ بېرىدۇ»، دېگەن سۆزنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى ئىپادىلەيدىغان كىنايە سۆز دەپ چۈشەندۈرىدۇ. — ت) — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمەت-ئەپۇسى ھەممە زامان، ھەممە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى. گەرچە ئايرىم ۋاقىتلارنىڭ باشقا ۋاقىتلاردىن ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشى مەلۇم ۋاقىتقا خاس قىلىنغان ئەمەسلىكى.

2) مەيلى كېچە ياكى كۈندۈزدە بىرەر گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشىنىڭ لازىملىقى.

3) مادامىكى، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-ئەپۇ دەرۋازىسى بەندىلىرىگە ئوچۇقلا بولىدىكەن، تەۋبىنىڭ قوبۇل بولىدىغانلىقى، تاكى قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى بولغان كۈننىڭ غەربتىن چىققان ۋاقتىغا قەدەر ئەپۇنىڭ ئىشىكى يېپىلمايدىغانلىقى. بۇ ئالامەت كۆرۈلگەن چاغدا قىلغان تەۋبىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كۈن غەربتىن چىقىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى:

 تەۋبە قوبۇل بولۇشنىڭ شەرتلىرى ھازىرلانغان بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمەت قىلىپ، بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى. شۇ شەرتلەرنىڭ بىرى بەندىنىڭ چوقۇم كۈن غەربتىن چىقىشتىن ئىلگىرى، يەنى قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغان بولۇشى كېرەكلىكى. بۇ مەزمۇننى تېخىمۇ ئوچۇق ئىزاھلاپ تۆۋەندىكى ئايەت كەلگەن:

يَوْمَ يَأْتِي بَعْضُ آَيَاتِ رَبِّكَ لَا يَنْفَعُ نَفْسًا إِيمَانُهَا لَمْ تَكُنْ آَمَنَتْ مِنْ قَبْلُ أَوْ كَسَبَتْ فِي إِيمَانِهَا خَيْرًا قُلِ انْتَظِرُوا إِنَّا مُنْتَظِرُونَ

 «پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە، ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ»- (سۈرە ئەنئام، 158- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندە سەكراتقا چۈشۈپ قالمىغانلا بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ قىلغان تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشىدىكى شەرتلەرنىڭ بىرى، ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسى سەكراتقا چۈشۈپ قېلىشتىن ئىلگىرى بولۇشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَلَيْسَتِ التَّوْبَةُ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ حَتَّى إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ إِنِّي تُبْتُ الْآَنَ وَلَا الَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمْ كُفَّارٌ أُولَئِكَ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا

«داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كافىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق»-(سۈرە نىسا، 18- ئايەت).

  1. زىررە ئىبن ھۇبەيش رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن سەفۋان ئىبن ئەسال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىككى ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش توغرىسىدا سوراش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەنىدىم. ئۇ: «ئى زىررە، نېمە قىلغىلى كەلدىڭ؟»، دېدى. مەن: «ئىلىم تەلەپ قىلىپ كەلدىم»، دېدىم. ئۇ: «پەرىشتىلەر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ تەلەپ قىلغان نەرسىسىدىن مەمنۇن بولغان ھالدا ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارغا قاناتلىرىنى يېيىپ بېرىدۇ»، دېدى. (ھەمدەم بولۇپ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، دېگەن مەنىدە. — ت) مەن ئۇنىڭغا: «ھەقىقەتەن چوڭ ۋە كىچىك تەرەتتىن كېيىن ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش ئىشى توغرۇلۇق كۆڭلۈمدە چىگىش بولۇپ قالدى. سەن بولساڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى، شۇڭا سەندىن سورىغىلى كەلدىم، سەن ئاشۇ ئىش توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر نەرسە ئاڭلىدىڭمۇ؟»، دېدىم. ئۇ: «ھەئە، سەپەر ئۈستىدە بولساق ياكى مۇساپىر بولساق، جۇنۇپ بولۇپ قالمىساقلا چوڭ-كىچىك تەرەتلەردىن ۋە ئۇيقۇدىن كېيىن ئۈچ كېچە-كۈندۈزگىچە ئۆتۈكىمىزنى سالماي مەسىھ قىلساقمۇ بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم»، دېدى. (دېمەك چوڭ-كىچىك تەرەتتىن ياكى ئۇيقۇدىن كېيىن تاھارەت ئالغاندا ئوشۇقنى يېپىپ تۇرىدىغان ئاياغقا مەسىھ قىلسا بولىدۇ. — ت)

 مەن ئۇنىڭغا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىنى ياخشى كۆرۈش توغرىسىدا بىر نەرسە دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟»، دېدىم. ئۇ: «ھەئە، بىر سەپەردە بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق. شۇ چاغدا بىر ئەئرابى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ‹ئى مۇھەممەد!›، دەپ چاقىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئوخشاش يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ‹ھە، نېمە گەپ؟›، دېدى. مەن ئۇ ئەئرابىغا: ‹ۋاي ساڭا، پەيغەمبەرنىڭ ئالدىدا ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىدا تۇرۇۋاتىسەن›، دېدىم. ئۇ: ‹ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن ئاۋازىمنى پەسلىتەلمەيمەن›، دېدى. ئاندىن: ‹بىر كىشى بىر جامائەنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئۇ جامائەنىڭ دەرىجىسىگە يېتەلمەيدۇ›، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹كىشى قىيامەت كۈنى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن بىللە بولىدۇ›، دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەئرابى كېلىشتىن بۇرۇن دەۋاتقان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كەڭلىكى غەربتىن باشلاپ ماڭسا، ئۇلاغ بىلەن قىرىق يىل ياكى يەتمىش يىل ماڭىدىغان بىر دەرۋازىنى سۆزلەپ بەردى»، دەپ جاۋاب بەردى. رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ بىرى سۇفيان مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئىشىك شام تەرەپتە بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئاسمان-زېمىنلارنى ياراتقان كۈنىلا كىشىلەرنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئۇ دەرۋازىنى ئوچۇق ياراتقان. ئۇ دەرۋازا تاكى كۈن غەربتىن چىققۇچە تاقالمايدۇ».   — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىلىم تەلەپ قىلىشقا ۋە بالاغەتكە يەتكەن كىشىنى ئۆز دىنىنىڭ ئىشلىرىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوئال سوراشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.

2) ئۆلىمالار، فازىللار ئالدىدا ئەدەپلىك بولۇش، ئىلىم سورۇنلىرىدا ئاۋازىنى پەسەيتىش كېرەكلىكى.

3) جاھىل، نادان كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق ۋە قائىدە-يوسۇنلارنى ئۆگىتىش لازىملىقى.

4) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى، مۇلايىملىقىنى، كىشىلەرگە خىتاب قىلغاندا چۈشىنىشكە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىلمى ۋە ئەقلىگە يارىشا سۆز قىلىدىغانلىقىنى ئۈلگە قىلىش لازىملىقى.

5) سالىھ بەندىلەر بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىش، ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا ھېرىسمەن بولۇش، يامانلار بىلەن ئارىلىشىشتىن، پاسىق-گۇناھكارلار بىلەن دوست بولۇشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەكلىكى.

6) كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلغاندا مۇلايىم بولۇش، ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-ئەپۇ دەرۋازىسىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكى بىلەن ئۈمىد بېغىشلاش كېرەكلىكى.

7) ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكى، بەندىلىرىگە ھىدايەتنىڭ يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، تەۋبە دەرۋازىسىنى ئېچىپ بېرىدىغانلىقى، ھەدىستە ئېيتىلغان دەرۋازا بەلكىم كىنايە يۈزىسىدىن ئېيتىلغان بولۇپ، ئۇ دەرۋازىنىڭ ھەقىقىتىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

  1. سەئد ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن توقسان توققۇز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىر ئادەم بولغان. ئۇ: ‹زېمىن ئەھلىدىن ئەڭ ئالىم كىشى كىم؟›، دەپ سورىغان. كىشىلەر ئۇنى بىر راھىبنىڭ ئالدىغا باشلاپ قويغان. ئۇ راھىبتىن: ‹مەن توقسان توققۇز ئادەمنى ئۆلتۈردۈم، تەۋبە قىلسام ماڭا تەۋبە قوبۇل بولامدۇ؟›، دەپ سورىسا، ئۇ راھىب: ‹ياق›، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈپ سانىنى يۈزگە يەتكۈزۈپ، ئاندىن: ‹زېمىن ئەھلى ئىچىدە ئالىمراق كىشى كىم؟›، دەپ سورىغان. كىشىلەر ئۇنى بىر ئالىم كىشىنىڭ يېنىغا باشلاپ قويغان. ئۇ: ‹مەن يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردۈم، تەۋبە قىلسام قوبۇل بولامدۇ؟›، دېگەن. ئالىم: ‹تەۋبەڭنىڭ قوبۇل بولۇشىنى كىم توسۇپ قالالايدۇ، سەن پالانى جايغا بارغىن، ئۇ جايدا كىشىلەر ئاللاھ تائالاغىلا ئىبادەت قىلىدۇ، سەنمۇ شۇ كىشىلەر بىلەن ئىبادەت قىلغىن، يۇرتۇڭغا ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمىگىن، بۇ يەر يامان جايدۇر›، دېگەن. ئۇ كىشى شۇ جايغا قاراپ ماڭغان، يېرىم يولغا كەلگەندە ئۆلۈپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ئۈستىدە رەھمەت پەرىشتىلىرى بىلەن ئازاب پەرىشتىلىرى تالىشىپ قالغان. رەھمەت پەرىشتىلىرى: ‹ئۇ تەۋبە قىلىپ، پۈتۈن نىيىتى بىلەن ئاللاھ تائالاغا يۈزلەنگەن ھالدا كەلدى›، دېگەن. ئازاب پەرىشتىلرى: ‹ئۇ پەقەت ياخشى ئەمەللەرنى قىلمىغان›، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر پەرىشتە ئادەمزات سۈرىتىدە ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلگەن. پەرىشتىلەر ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغۇچى قىلغان. ئۇ پەرىشتە ئۇلارغا: ‹سىلەر ئىككى جاينىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچەڭلار، ئۇ قايسى جايغا يېقىن بولسا، شۇنىڭغا ھېساب بولسۇن›، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆلچەپ، ئۇ كىشىنىڭ بارماقچى بولغان جايىغا (يەنى، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر بار جايغا) يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جېنىنى رەھمەت پەرىشتىلىرى ئالغان». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇ ئادەم ياخشى كىشىلەرنىڭ جايىغا بىر غېرىچ يېقىن بولغانىدى، شۇڭا ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولغان»، دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ تائالا زېمىنغا ۋەھىي قىلىپ، يامان جايدىن يىراقلاشقىن، ياخشى جايغا يېقىنلاشقىن، دەپتۇ. كېيىن پەرىشتىلەرگە ئىككى جاينىڭ ئارىسىنى ئۆلچەڭلار، دەپتۇ. ئۇلار ئۆلچەپ ئۇ ئادەمنىڭ ياخشى جايغا بىر غېرىچ يېقىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمگە مەغفىرەت قىلىنىپتۇ»، دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇ ئۆزىنىڭ كۆكرىكى بىلەن سۈرۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇ تەرەپكە يېقىنلاشقان»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلغاندا، ئەمەلىي مىساللارنى كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرىدىغان گۈزەل ئۇسلۇبى ۋە ئىسلام دىنىغا مۇخالىپ كەلمەيدىغان بولسا، ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

2) كىشى ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ، ھىدايەت يولىدىن ئېزىپ كەتكەن بولسىمۇ، ياخشىلىق ۋە ھەقىقەت يولىغا قايتىشقا كۆڭلىدە بەل باغلىغانلا بولسا، توغرا يولغا قايتىدىغانلىقى.

3) ئىلىم بىلەن قىلغان ئاز ئىبادەت نادانلىق بىلەن قىلغان كۆپ ئىبادەتتىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، نادان بىرەر ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ، بىلىمسىزلىكتىن گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنىمۇ ھالاك قىلىشى مۇمكىن. ئالىم بولسا ئىلىمنىڭ نۇرى بىلەن ھىدايەت ۋە ھەق يولىنى تېپىپ، ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقى.

4) بەندىنىڭ گۇناھلىرى ھەر قانچە چوڭ، خاتالىقى ھەر قانچە كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، تەۋبىنىڭ دەرۋازىسى ئۇنىڭغا ئوچۇق ئىكەنلىكى.

5) كىشىلەرنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى، مەسلىھەت بەرگۈچى ئالىم چوقۇم ھېكمەت-ئەقىل ئىگىسى بولۇشى، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلارنى خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشكە بولىدىغانلىقىغا، يەنى تەۋبە قىلىشقا ئىمكان بارلىقىغا قايىل قىلىشى لازىملىقى.

6) قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ چىن ئىخلاسى بىلەن قىلغان تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن. بۇ ھەدىستىكى قاتىلمۇ قەستەن، ئاداۋەت بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭغىمۇ تەۋبە قىلىشنىڭ ئىمكانىيىتى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ھەدىستىكى بۇ ۋەقەلىك گەرچە ئىسلام شەرىئىتىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ شەرىئىتىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشاشلا ئىسلام شەرىئىتىدىمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى. «قۇرئان كەرىم»دىكى تۆۋەندىكى ئايەتلەر شۇنى ئىسپاتلىيالايدۇ: وَلَا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ «ئۇلار ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ». يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَانًا «قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۇ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ». إِلَّا مَنْ تَابَ وَآَمَنَ وَعَمِلَ عَمَلًا صَالِحًا فَأُولَئِكَ يُبَدِّلُ اللَّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا «پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»-(سۈرە فۇرقان 68 ~ 70- ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى).

7) يامان يولدىن قايتمىغان گۇناھكار كىشىلەر بىلەن ئارىلاشماسلىق، تەقۋادار، توغرا يولدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇشى كېرەكلىكى.

8) ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ تەۋبە قىلىشىنى ياقتۇرىدىغانلىقى، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى، پەرىشتىلەرنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەنلىكى.

9) ياخشى ئىشلارغا ئەگىشىش، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئاللاھ تائالاغا چىن ئىخلاسى بىلەن قىلغان تەۋبىنىڭ راستلىقىنىڭ بىر دەلىلىدۇر.

10) ھەدىستە، پەرىشتىلەرنىڭ تۈرلۈك شەكىل-سۈرەتلەرگە ئۆزگىرەلەيدىغان قۇدرىتى بايان قىلىنغان. شۇنداقلا، پەرىشتىنىڭ ئادەم سۈرىتىگە كىرىپ ھۆكۈم قىلىشىدىن ئادەمنىڭ پەزلى-ئارتۇقچىلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن كەئب ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەما بولۇپ قالغاندا، بالىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئابدۇللاھ دادىسى كەئىبنى يېتىلەپ يۈرىدىغان بالا ئىدى. ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەبۇك ئۇرۇشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇرۇشقا چىقمىغانلىق توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. كەئبنىڭ بايانى مۇنداق ئىدى:

مەن تەبۇك ئۇرۇشىدىن باشقا بەدرى ئۇرۇشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان ئۇرۇشلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن قېپقالمىغانىدىم. بەدرى ئۇرۇشىغا چىقمىغانلار ئەيىبلەنمىگەنىدى. بەدرى ۋەقەسىدە مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە قۇرەيش كارۋىنىنى توسۇش مەقسىتىدە چىققانىدى. ئويلىمىغان يەردىن ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلار بىلەن دۈشمەنلەرنى كۆزلىگەن يەردىن باشقا بىر جايدا ئۇچراشتۇرۇپ قويدى. بىز ئەقەبە كېچىسى ئىسلام دىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئەھدۇ-پەيمان قىلىشقان ۋاقتىمىزدا مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدىم. گەرچە خەلق ئارىسىدا بەدرى ئۇرۇشى مەشھۇر بولسىمۇ، لېكىن مەن ئەقەبە كېچىسىنى بەدرى ئۇرۇشىدىن تۆۋەن چاغلىمايمەن. تەبۇك ئۇرۇشىدا مېنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە چىقماي قېلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ ئۇرۇش بولغان ۋاقىتتا مەن قول ئىلكىمدە بار كىشى ئىدىم. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئۇرۇشتىن ئىلگىرى مېنىڭ قول ئىلكىمدە ئىككى ئۇلۇغۇم بولۇپ باققان ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قاچان بىرەر ئۇرۇشنى ئىرادە قىلسا، باشقا بىر ئۇرۇشنى شەپە بېرىپ قويۇپ قىلماقچى بولغان ئۇرۇشنى مەخپىي تۇتاتتى. بۇ قېتىم بارىدىغان جاينى ئوچۇق ئېلان قىلدى. بۇ ئۇرۇش ناھايىتى ئىسسىققا توغرا كەلدى. سەپەر ئۇزۇن بولۇپ، يولدا چوڭ باياۋان بار ئىدى. دۈشمەنمۇ كۆپ ئىدى. ياخشى تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بارىدىغان جاي ئاشكارا ئېلان قىلىنغانىدى. رەسۇلۇللاھ بىلەن چىقىدىغان مۇسۇلمانلار كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ سانى ئېلىنمىغانىدى. قېپقالاي دەيدىغان ئادەملەر بولغاندىمۇ «ئاللاھ تائالادىن ۋەھىي كېلىپلا قالمىسا، ئۇرۇشقا چىقمىغىنىم بىلىنمەيدىغۇ!»، دەپ ئويلايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۇرۇشنى قىلغان چاغ مېۋىلەر راسا پىشىپ ۋايىغا يەتكەن، سايىلار تاشلاپ تۇرغان ۋاقىت ئىدى. كۆڭلۈم ئۇلاردىن بەھرىمەن بولۇشقا تارتىپ تۇراتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەر بىلەن تەييارلىققا كىرىشىپ كەتتى. مەنمۇ ھەر ئەتتىگىنى ساھابىلەر بىلەن بىللە تەييارلىق قىلاي دەيتتىم يۇ، قايتىپ كېلىپ تەييارلىق قىلالمايتتىم. ئىچىمدە «تەييارلىق قىلاي دېسەم ئاسانغۇ؟»، دەپ ئويلايتتىم. مەن شۇ ئوي بىلەن ئۆتىۋەردىم. كىشىلەرنىڭ تەييارلىقى پۈتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتتىگەندە مۇسۇلمانلار بىلەن سەپەرگە ئاتلاندى. مەن بولسام ھېچ تەييارلىقسىز ئىدىم. شۇ كۈنى قايتىپ كېلىپمۇ ھېچبىر تەييارلىق قىلمىدىم. مەن كەينىدىن يېتىشىۋالىمەن دېگەن ئوي بىلەن يۈرىۋەردىم. كىشىلەر ئاتلىنىپ يىراقلاپ كەتتى. ھەتتا غازاتمۇ ئاخىرلاشتى. مەن يولغا چىقىپ، ئۇلارغا يېتىشىۋالاي دېگەن ئويغىمۇ كەلدىم. كاشكى شۇنداق قىلغان بولسامچۇ؟! بۇ ماڭا نېسىپ بولمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەتكەندىن كېيىن كوچىلارغا چىقىپ قارىسام، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالاتتى. مەن كوچىلاردا مۇناپىقلارنى ياكى پۈتۈنلەي جىھادقا چىقىشقا ئامالسىز ئاجىز كىشىلەردىن باشقا ئۆزۈمنىڭ چىقمىغانلىقىغا تەسەللىي بولغۇدەك بىرەر كىشىنى ئۇچراتمايتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇكقا بارغۇچە مېنى تىلغا ئالماپتۇ. تەبۇكقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن دەم ئېلىپ ئولتۇرغىنىدا: «كەئب ئىبن مالىكقا نېمە بولدى؟»، دەپ سوراپتۇ. بەنى سەلەمە جەمەتىدىن بىر كىشى: «ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! كەئبنى ئۆزىنىڭ ئېسىل تونىنى كىيىپ ئىككى يانغا ئېغىناشلىرى ئۇرۇشقا كەلگىلى قويمىغاندۇ؟»، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لام-جىم دېمەپتۇ. شۇ چاغدا، يىراقتىكى توپا-چاڭ ئارىسىدىن ئاق تونلۇق بىر كىشىنىڭ قارىسى كۆرۈنۈپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن ئەبۇ خەيسەمە بولۇپ قالغىيدىڭ»، دەپتۇ. دەرۋەقە ئۇ ئادەم ئەبۇ خەيسەمەتۇل ئەنسارىي بولۇپ چىقىپتۇ. بۇ ھېلىقى بىر شىڭ خورمىنى سەدىقە بەرسە مۇناپىقلار زاڭلىق قىلىشقان كىشى ئىدى.

ماڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبۇكتىن قايتىپ كەلمەكچى بولغانلىقىنىڭ خەۋىرى يەتكەندە، غەم قىلىشقا باشلىدىم. مەن يالغان ئۆزرىلەرنى ئويلاشقا باشلىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزىپىدىن قانداق قوتۇلۇشنى ئويلايتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلەمدىكىلەر بىلەنمۇ مەسلىھەتلەشتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قايتىپ كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغىنىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەر قانداق يالغانچىلىق بىلەنمۇ قۇتۇلالمايدىغانلىقىمنى چوڭقۇر چۈشەندىم. ئاخىر راستىنى ئېيتىش قارارىغا كەلدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتىگەندە مەدىنىگە قايتىپ كەلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق بىر سەپەردىن قايتىپ كەلسە، ئالدى بىلەن مەسجىدكە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئولتۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇشقا چىقمىغانلار قەسەم قىلىشىپ ئۆزرە بايان قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار سەكسەن نەچچە كىشى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئۆزرىلىرىنى ۋە بەيئەتلىرىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارغا مەغفىرەت تەلەپ قىلدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاللاھ تائالاغا قويدى. شۇ قاتاردا مەنمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاچچىققىنە كۈلۈپ قويدى. ئاندىن كېيىن: «كەل»، دېدى. مەن ئاستا مېڭىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا ئولتۇردۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «سېنى ئۇرۇشتىن نېمە قالدۇردى؟ سەن ئۇرۇش ئۈچۈن مىنىدىغان تۆگە سېتىۋالغان ئەمەسمىدىڭ؟»، دېدى. مەن: «ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر دۇنيا ئەھلى ئىچىدە سەندىن باشقا بىرەر كىشىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بولسام، ئۇنىڭ غەزىپىدىن بىرەر باھانە بىلەن سۆزمەنلىك قىلىپ ئۆتۈپ كېتەلەيتتىم. لېكىن، مەن بۈگۈن سېنى قايىل قىلىدىغان بىر يالغاننى سۆزلىگىنىم بىلەن پات يېقىندا ئاللاھ تائالا ۋەھىي ئارقىلىق (مېنىڭ ئەھۋالىمنى ساڭا خەۋەر قىلىش بىلەن) سېنىڭ ماڭا بولغان غەزىپىڭنى كەلتۈرىدۇ. ئەگەر ساڭا راست سۆزلىسەم، مەندىن خاپا بولىسەن. ھەقىقەتەن مەن راست سۆزۈم بىلەن ئاللاھ تائالادىن كېلىدىغان ياخشى ئاقىۋەتنى ئۈمىد قىلىمەن (ئاللاھنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رازى بولۇشى. — ت). ئاللاھ تائالا بىلەن ئېيتىمەنكى، مېنىڭ ئۇرۇشقا چىقماسلىققا ھېچقانداق ئۆزرەم يوق ئىدى. مەن ھېچقاچان سەن بىلەن بىللە ئۇرۇشقا چىقىدىغان چاغدىكىدىنمۇ كۈچلۈك ۋە مالدار بولۇپ باققان ئەمەس»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ھەقىقەتەن راست سۆزلىدى، تاكى ئاللاھ تائالا سەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغانغا قەدەر كۈتۈپ تۇرغىن»، دېدى.

مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن قايتىپ چىققىنىمدىن كېيىن بەنى سەلەمەدىن بىر مۇنچە كىشىلەر كەينىمگە كىرىۋېلىپ: «بۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنىڭ بىرەر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىڭنى بىلمەيمىز، سەن باشقىلارغا ئوخشاش ئۆزرە ئېيتىشتىن ئاجىز كەلدىڭمۇ؟ ئۆزرە ئېيتقان بولساڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەن ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىشى كۇپايە قىلمايتتىمۇ؟»، دېيىشتى. ئۇلار مېنى ئەيىبلەۋېرىپ، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزۈمنى يالغانچى قىلماقچىمۇ بولدۇم، ئاندىن مەن ئۇلارغا: «ماڭا ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققانلار بارمۇ؟»، دېدىم. ئۇلار: «ھەئە، سەندىن باشقا ساڭا ئوخشاش يەنە ئىككى كىشى بار، ئۇلار ساڭا ئوخشاش راست گەپ قىلدى. ئۇلارغىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساڭا قىلغان گەپنى قىلدى»، دېدى. مەن: «ئۇلار كىم؟»، دېسەم، ئۇلار: «مۇرارە ئىبن رەبى ئەمرى بىلەن ھىلال ئىبن ئۇمەييە ۋاقىفى»، دەپ، بەدرى ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىككى ياخشى كىشىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەردى. بۇنى ئاڭلاپ ئىلگىرى قىلغان راست سۆزۈمدە تۇرىۋەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى جەڭگە چىقمىغانلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت بىز ئۈچەيلەن بىلەن سۆزلىشىشتىن چەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بىزدىن يىراقلاشتى. بىزگە باشقىچە مۇئامىلىدە بولدى. ھەتتا زېمىن ماڭا بۇرۇنقى تونۇشلۇق زېمىن ئەمەستەك يات تۇيۇلدى. بىز مۇشۇ يوسۇندا ئەللىك كېچىنى ئۆتكۈزدۇق. مېنىڭ ئىككى بۇرادىرىم بېكىنىۋېلىپ، ئۆيلىرىدە يىغلىشىپ ئولتۇرۇشتى. ئەمما، مەن بولسام ئۇ ئىككىسىدىن ياشراق، چىداملىقراق ئىدىم. مەن سىرتلارغا چىقاتتىم. نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇيتتۇم. بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرەتتىم. لېكىن، كىشىلەر ماڭا گەپ قىلمايتتى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى ئوقۇپ بولغان چاغدا ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا سالام قىلاتتىم. مەن ئىچىمدە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالام قايتۇرۇش ئۈچۈن لەۋلىرىنى مىدىرلىتارمۇ، يوق؟»، دەپ ئويلايتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇيتتۇم ۋە ئۇنىڭغا ئوغرىلىقچە قارايتتىم. مەن نامازغا يۈزلەنگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا قارايتتى. مەن ئۇ تەرەپكە قارىسام مەندىن يۈزىنى ئۆرۈۋالاتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ماڭا بولغان سوغۇق مۇئامىلىسى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، مەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ماڭا ئەڭ يېقىن بولغان تاغامنىڭ ئوغلى ئەبۇ قەتادەنىڭ بېغىنىڭ تېمىدىن چۈشتۈم. ئۇنىڭغا سالام بەرسەم، ئۇ خۇدا ھەققى ماڭا سالام قايتۇرمىدى. مەن ئۇنىڭغا: «ئى ئەبۇ قەتادە! ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن سورايمەنكى، سەن مېنىڭ ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلەمسەن؟»، دېدىم. ئۇ گەپ قىلمىدى. مەن يەنە سورىدىم. ئۇ يەنە گەپ قىلمىدى. مەن يەنە سورىۋېدىم، ئۇ: «ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ئەڭ ئوبدان بىلگۈچىدۇر»، دېدى. ئىككى كۆزۈمدىن ياش قۇيۇلدى. مەن تامدىن ئاتلاپ قايتىپ چىقىپ كەتتىم. مەدىنە بازىرىدا مېڭىپ يۈرسەم، مەدىنىگە ئاشلىق ساتقىلى كەلگەن شام دېھقانلىرىدىن بىر دېھقان: «كىم مېنى كەئب ئىبن مالىكنىڭ قېشىغا باشلاپ قويىدۇ؟»، دېۋىدى، كىشىلەر مېنى كۆرسىتىپ ئىشارەت قىلغىلى تۇردى. ئۇ كېلىپ غەسسان پادىشاھىنىڭ بىر پارچە خېتىنى ماڭا تاپشۇردى. مەن خەت يېزىشنى، ھەم ئوقۇشنى بىلەتتىم. خەتتە مۇنداق يېزىلغانىدى:

 مەقسەتكە كەلسەك، بىزگە سېنىڭ بۇرادىرىڭنىڭ جاپا قىلغانلىق خەۋىرى يەتتى. ئاللاھ تائالا سېنى خارلىقتا قالدۇرىدىغان زېمىندا ياشاشقا مەجبۇرلىغان ئەمەس، بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگىن، بىز كۆڭلۈڭگە تەسەللى بىرىمىز.

خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، بۇمۇ بىر سىناق دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن خەتنى تونۇرغا سېلىپ كۆيدۈرۈۋەتتىم. مۇشۇ يوسۇندا قىرىق كېچە ئۆتتى. ۋەھىي كېچىكتى. توساتتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر ئەلچى كېلىپ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېنى ئايالىڭدىن ئايرىلىپ تۇرسۇن، دەيدۇ»، دېدى. مەن ئۇنىڭغا: «خوتۇنۇمنى تالاق قىلامدىكەنمەن ياكى قانداق قىلىدىكەنمەن؟»، دېدىم. ئەلچى: «ياق، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، يېقىن يولىمايدىكەنسەن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئىككى ھەمراھىمغىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. مەن ئايالىمغا: «بۇ ئىش توغرىسىدا ئاللاھ تائالا ھۆكۈم چىقارغۇچىلىك سەن ئاتا-ئاناڭنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرغىن»، دېدىم. ھىلال ئىبن ئۇمەييەنىڭ ئايالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! ھىلال ئىبن ئۇمەييە بولسا ئاجىز، قېرى كىشى، ئۇنىڭ خىزمەتچىسىمۇ يوق، مەن ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلسام خاپا بولامسەن؟»، دەپتۇ. رەسۇلۇللاھ: «ياق، لېكىن ئۇ ساڭا يېقىنلاشمىسۇن»، دەپتۇ. ئۇ ئايال: «ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ ھېچقانداق نەرسىگە رايى يوقتۇر. قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ مۇشۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە يىغلاپ كېلىۋاتىدۇ»، دەپتۇ. مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن بەزىلىرى: «سەنمۇ ئايالىڭ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوراپ باقساڭ بولمامدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىلال ئىبن ئۇمەييەنىڭ ئايالىغا ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا رۇخسەت قىلىپتىغۇ؟»، دېيىشتى. مەن: «بۇ توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىزنى سورىمايمەن، مەن ياش تۇرۇپ بۇ توغرىدا ئىزنى سورىسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمە دەپ قالار؟»، دېدىم. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئون كېچە ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى سۆزلىشىشتىن چەكلىگەندىن تارتىپ تولۇق ئەللىك كېچە ئۆتتى. ئەللىكىنچى كېچىنىڭ سەھىرىدە بامدات نامىزىنى ئۆينىڭ ئۆگزىسىدە ئوقۇدۇم. شۇ چاغدا مەن ئاللاھ تائالا بىز توغرۇلۇق «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئالغىنىغا ئوخشاش نەپسىم سىقىلىپ، كەڭ زېمىن تار كەلگەندەك ھالەتتە ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ سەلئە تېغى ئۈستىگە چىقىۋېلىپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئى كەئب ئىبن مالىك! خۇش خەۋەر»، دەپ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىدىم. شۇئان سەجدىگە باردىم. كۆڭۈل ئازادىلىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدىم. ئەسلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بىزنىڭ تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بامدات نامىزىدا كىشىلەرگە جاكارلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بىزگە خۇش خەۋەر يەتكۈزگىلى مېڭىپتۇ. مېنىڭ ئىككى بۇرادىرىمگىمۇ كىشىلەر خۇش خەۋەر يەتكۈزگىلى كېتىپتۇ. بىر كىشى مەن تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپ كەلدى. بەنى ئەسلەم قەبىلىسىدىن بىر ئادەم پىيادە كەلدى. بۇ ئادەم تاغقا چىقىپ، خۇش خەۋەر بېرىپ ۋارقىرىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ئاتتىنمۇ تېز ئىدى. ماڭا خۇش خەۋەر يەتكۈزگەن ئادەم يېنىمغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا سۆيۈنچە ئۈچۈن ئۇچامدىكى ئىككى كىيىمنى سېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ قويدۇم. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، بۇ كۈنلەردە مېنىڭ ئىلكىمدە بۇ ئىككى كىيىمدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. مەن يەنە ئىككى كىيىمنى ئۆتنە ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا چاپتىم. يول بۇيى توپ-توپ كىشىلەر ماڭا ئۇچرىشىپ، تەۋبەمنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلىشىپ: «ئاللاھ تائالانىڭ ساڭا ئاتاسى بولغان تەۋبەڭنى قوبۇل قىلغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن!»، دېيىشتى.

مەن مەسجىدكە كىرسەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۆرىدەپ ئەتراپىدا نۇرغۇن كىشىلەر ئولتۇرۇشۇپتىكەن. تەلھە ئىبن ئۇبەيدۇللاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈگۈرۈپ كېلىپ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە مېنى مۇبارەكلىدى. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مۇھاجىرلارنىڭ ئىچىدىن تەلھەدىن باشقىسى ماڭا ئورنىدىن تۇرمىدى. مەن تەلھەنىڭ قىلغىنىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرىۋېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېچىلىپ-يېيىلغانلىقىدىن چىرايى نۇرلانغان ھالدا: «سەن تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆتكەن كۈنلىرىڭنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ خۇشاللىق كۈن بىلەن ساڭا خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ»، دېدى. مەن: «بۇ خۇش خەۋەر سەن تەرەپتىنمۇ ياكى ئاللاھ تائالا تەرەپتىنمۇ؟»، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: «مەندىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قاچان خۇشال بولسا، چىرايى نۇرلىنىپ، گوياكى ئايدەك يورۇپ كېتەتتى. بىزمۇ بۇنى بىلەتتۇق. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ: «ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! مەن تەۋبەمنىڭ خۇشاللىقى يۈزىسىدىن بارلىق مال-مۈلكۈمنى ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ئۈچۈن سەدىقە قىلىپ بېرىۋېتەي»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ماللىرىڭنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇرۇپ قويغىنىڭ ياخشى»، دېدى. مەن: «خەيبەردىن تەگكەن ئۈلۈشۈمنى قالدۇرۇپ قوياي»، دېدىم. مەن يەنە: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا مېنى راستچىللىقىم سەۋەبلىك نىجاتلىققا ئېرىشتۈردى. ھاياتلا بولسام راست سۆزلەش مېنىڭ تەۋبەمنىڭ جۈملىسىدىن بولسۇن»، دېدىم.

ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ گەپنى دېگەندىن باشلاپ بۈگۈنگىچە ئاللاھ تائالانىڭ بىر كىشىنى راستچىللىقتا مېنى سىنىغاندىن ئارتۇق سىنىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇشۇ سۆزنى قىلغاندىن كېيىن تا ھازىرغىچىلىك بىرەر يالغان گەپ قىلىپ باقمىدىم. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاللاھ تائالانىڭ مېنى يالغان گەپ قىلىشتىن ساقلىشىنى تىلەيمەن. ئاندىن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:

لَقَدْ تَابَ اللَّهُ عَلَى النَّبِيِّ وَالْمُهَاجِرِينَ وَالْأَنْصَارِ الَّذِينَ اتَّبَعُوهُ فِي سَاعَةِ الْعُسْرَةِ مِنْ بَعْدِ مَا كَادَ يَزِيغُ قُلُوبُ فَرِيقٍ مِنْهُمْ ثُمَّ تَابَ عَلَيْهِمْ إِنَّهُ بِهِمْ رَءُوفٌ رَحِيمٌ. وَعَلَى الثَّلَاثَةِ الَّذِينَ خُلِّفُوا حَتَّى إِذَا ضَاقَتْ عَلَيْهِمُ الْأَرْضُ بِمَا رَحُبَتْ وَضَاقَتْ عَلَيْهِمْ أَنْفُسُهُمْ وَظَنُّوا أَنْ لَا مَلْجَأَ مِنَ اللَّهِ إِلَّا إِلَيْهِ ثُمَّ تَابَ عَلَيْهِمْ لِيَتُوبُوا إِنَّ اللَّهَ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَكُونُوا مَعَ الصَّادِقِينَ

«ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق پەيتىدە ئەگەشكەن مۇھاجىر ۋە ئەنسارىيلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. (ئەينى زاماندا) ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا تولىمۇ مەرھەمەتلىك، ناھايىتى مېھرىباندۇر. جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان. ئۇلار ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىدىن قوتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەنىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. ئاللاھ تائالا تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار»- (سۈرە تەۋبە، 117 ~ 119- ئايەتلەر).

كەئب مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالانىڭ مېنى مۇسۇلمان قىلىپ ھىدايەت قىلغانلىقىدىن قالسىلا، ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭ نېئمىتى مېنى رەسۇلۇللاھقا راست سۆزلەيدىغان قىلغانلىقىدۇر. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىگەن بولسام، بۇرۇن يالغان سۆزلەپ ھالاك بولغانلاردەك ھالاك بولغان بولاتتىم. ئاللاھ تائالا ۋەھىي نازىل قىلغاندا يالغان سۆزلىگۈچىلەرگە قارىتا ھېچ كىشىگە ئېيتىلمىغان يامان سۆز ئېيتىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

سَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَكُمْ إِذَا انْقَلَبْتُمْ إِلَيْهِمْ لِتُعْرِضُوا عَنْهُمْ فَأَعْرِضُوا عَنْهُمْ إِنَّهُمْ رِجْسٌ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ. يَحْلِفُونَ لَكُمْ لِتَرْضَوْا عَنْهُمْ فَإِنْ تَرْضَوْا عَنْهُمْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يَرْضَى عَنِ الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ

«ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار)نىڭ يېنىغا بارغىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (يالغان ئۆزرىلەر بايان قىلىپ) ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار، ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىستۇر. قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلار سىلەرگە يالغان قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ. سىلەر ئۇلاردىن رازى بولساڭلار (بۇ ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ)، چۈنكى ئاللاھ تائالا پاسىق قەۋمدىن رازى بولمايدۇ»-(سۈرە تەۋبە، 95-، 96- ئايەتلەر).

كەئب يەنە مۇنداق دەيدۇ: بىز ئۈچ نەپەر كىشىنىڭ ئىشى كەينىگە قالدۇرۇلغانىدى. باشقىلار ئۆزرىسى بارلىقىغا قەسەم ئىچىشكەن، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇلار ئۈچۈن مەغفىرەت تەلەپ قىلغانىدى. رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئاللاھ تائالا ھۆكۈم چىقارغۇچە تەخىر قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: وَعَلَى الثَّلَاثَةِ الَّذِينَ خُلِّفُوا …«كېچىككەن ئۈچ كىشى… (سۈرە تەۋبە، 118- ئايەتنىڭ بىر قىسمى). بۇ ئايەتتە دېيىلىۋاتقىنى بىزنىڭ غازاتتىن كېچىكىشىمىز بولماستىن، ھەقىقەتتە ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ قالدۇرۇشى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بىزنىڭ ئىشىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قەسەم ئىچىپ ئۆزرە ئېيتقان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئۆزۈرلىرى قوبۇل قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئىشىدىن كېچىكتۈرۈشى ئىدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىغا پەيشەنبە كۈنى چىققان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيشەنبە كۈنى ئۇرۇشقا چىقىشنى ياخشى كۆرەتتى، دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردىن كۈندۈزى چاشگاھ ۋاقتىدا قايتىپ كېلىپ، ئالدى بىلەن مەسجىدكە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاندىن مەسجىدتە ئولتۇراتتى، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇسۇلمان راستچىل، ئۆز كەمچىلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، سەمىمىي بولۇشى، ئەيبىنى يېپىش ئۈچۈن ياغلىما سۆزلەر بىلەن يالغان ئۆزرە ئېيتماسلىقى كېرەكلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەتتە ئۇرۇش پىلانىنى مەخپىي تۇتىدىغانلىقى، ئۇياقتىن شەپە بېرىپ، بۇياقتىن ھۇجۇم قىلىدىغان ئەسكىرىي ئىشلاردىكى ئەقىل-پاراسىتى، شۇنداقلا بەزى ئالاھىدە قىيىن پەيتلەردە ئەسكەرلەرنىڭ ئۆز زىممىسىدىكى يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىگە ئوبدان تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان ھېكمىتى.

3) ھەر قانچە جاپا-مۇشەققەت بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن ئاللاھ تائالا يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش جەھەتتىكى قىزغىنلىقى.

4) ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشتا ئىككىلەنمەسلىك، دەرھال تەييارلىق قىلىش زۆرۈرلۈكى.

5) راستچىل مۇئمىننىڭ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتا كەتكۈزۈپ قويغان كەمچىلىكى ئۈچۈن ئۆكۈنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئارقىدا قالغۇچىلار ۋە مۇناپىقلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغانلىقى.

6) ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدىدا بارلىق ئىشلار ھەققىدە مەيلى ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرى ھەققىدە بولسىمۇ، راستچىل، ھەق سۆزلەيدىغان ئوچۇق-يورۇق خىسلىتى.

7) ئىنسانغا ئۇنىڭ ئەمەل ۋە سۆزلىرىگە ئاساسەن باھا بېرىلىدىغانلىقى ۋە شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى. ئەمما، نىيىتىنىڭ قانداقلىقى، ئىچكى يوشۇرۇن ئىشلىرىغا بولسا ئاللاھ تائالا ئۆزى ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى.

8) مۇناپىقنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قىلغان يالغان ئۆزرىسى بولغانلىق بىلەن ئەپۇ قىلىنمايدىغانلىقى.

9) تەقۋا، توغرا يولدىكى كىشىلەرنى ئۈلگە قىلىش، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىغا، يولىغا ئەگىشىش.

10) يامان ئادەملەر بىلەن كارى بولماسلىق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ پاش بولىدىغانلىقى.

11) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندىكى گۈزەل ئەدەبلىرى، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا خۇش بولىدىغان، ياخشىلىقلىرىدىن شاتلىنىدىغان ئېسىل ئەخلاقى.

12) مۇئمىن ئادەم ئۆزىنىڭ دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا سىناققا دۇچ كېلىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلغان ئادەمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا راستچىل بولۇپ، ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقى.

13) مۇئمىن ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشنى باشقا ھەر قانداق نەرسىدىن ئارتۇق ۋە ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقى.

14) بىرەر كىشىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىگە سۆيۈنچە بېرىش، خۇشال-خۇراملىققا ئېرىشىش مۇناسىۋەتلىرىدە كىشىلەرنى تەبرىكلەشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

15) كەمبەغەللىك ۋە كىشىلەردىن تىلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، قول ئىلكىدىكى مال-مۈلۈكنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىۋېتىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى.

16) راستچىللىقنىڭ ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھالاكەتتىن ساقلايدىغانلىقى.

17) ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىپ، تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغان مەرھەمىتى ئۈچۈن مۇئمىننىڭ ئاللاھ تائالاغا كۆپ شۈكۈر قىلىشىنىڭ لازىملىقى.

18) ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئەگەر بىرەر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسا، تەۋبە قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش يولىنى تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

19) مۇئمىننىڭ راستچىللىق بىلەن ھەق يولغا قايتقانلىقى ۋە تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىدىن خۇش بولۇشتەك پەزىلىتى.

  1. ئەبۇ نۇجەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جۇھەينە قەبىلىسىدىن زىنادىن ھامىلىدار بولغان بىر ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇ ئايال: «ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا شەرئى جازا تېگىشلىك بولدى، ئۇنى ئىجرا قىلغىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئادىمىنى چاقىرىپ: «ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغىن، ئۇ بالىنى تۇغۇپ بولغاندا ئۇنى قېشىمغا ئېلىپ كەلگىن»، دېدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرى بويىچە قىلدى. ئۇ ئايال يەڭگىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كىيىمىگە يۆگەلدى. ئاندىن چالما-كېسەك قىلىشقا بۇيرۇلدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھقا: «ئى رەسۇلۇللاھ! زىنا قىلغان ئايالنىڭمۇ نامىزىنى چۈشۈرەمسەن؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئۇ ئايال شۇنداق تەۋبە قىلدىكى، ئەگەر ئۇنىڭ تەۋبىسى مەدىنە ئەھلىدىن 70 ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەقسىم قىلىنسا، يېتىپ ئاشاتتى. ئۆز جېنىنى ئاللاھ تائالاغا ئاتىغان كىشىدىنمۇ ئارتۇق كىشىنى تاپالامسەن؟»، دېدى». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇئمىن ئادەمنىڭ بىرەر گۇناھ قىلسا، قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن جېنىنىمۇ ئايىمايدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھەر قانداق جازاغا رازى بولۇش مۇئمىننىڭ پەزىلىتى ئىكەنلىكى.

2) ئەگەر گۇناھ قىلغان ئادەم قاتتىق پۇشايمان ۋە تەۋبە- ئىستىغفار بىلەن بۇ دۇنيالىق جازاغا تارتىلسا، بۇ ئۇنىڭ گۇناھىنى تولۇق يۇيۇۋېتىدىغانلىقى.

  1. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئادەم بالىسىنىڭ بىر ئويمان ئالتۇنى بولسا، ئۇ يەنە بىر ئويمان ئالتۇنۇم بولسىكەن، دەيدۇ. ئادەمنىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا توشقۇزىدۇ. تەۋبە قىلغان ئادەمنىڭ تەۋبىسىنى ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىنساننىڭ پۇل-مال توپلاشقا ۋە بۇ دۇنيانىڭ نازۇ نېئمەتلىرىگە تويمايدىغان ھېرىسمەنلىكى ئادەمنى تائەت-ئىبادەت قىلىشتىن توسسا، ئاخىرەتكە قارىغاندا، دۇنيا ئىشلىرىغا ھەددىدىن ئارتۇق مايىل قىلىدىغان بۇنداق ھېرىسمەنلىكنىڭ دىندا ئەيىبلىنىدىغانلىقى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغان رەھمەت-ئەپۇ ئىگىسى ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا جەننەتكە كىرىدىغان ئىككى ئادەمگە قاراپ كۈلىدۇ (يەنى مەمنۇن بولىدۇ). ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىنى ئۆلتۈرگەن، ئۆلگۈچى ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا ئۇرۇشقانلىقى ئۈچۈن جەننەتكە كىرىدۇ. قاتىلغا بولسا ئاللاھ تائالا تەۋبە ئاتا قىلىدۇ. ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن شەھىد قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ جەننەتكە كىرىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھەر قانچە چوڭ گۇناھ بولسىمۇ، بەندىنىڭ چىن ئىخلاسى بىلەن قىلغان تەۋبىسىنى ئاللاھ تائالانىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقى.

2) ئىسلام دىنىغا كىرىش بەندىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقى، شۇنداقلا تەۋبە قىلىشنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقى.

 


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ