مۇسۇلمانلار
ئەسىرلەرنىڭ ئاقىۋىتى 1

ئەسىرلەرنىڭ ئاقىۋىتى

ئەسىرلەرنىڭ ئاقىۋىتى 2ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋە دېدەكلەر
ئەسىرلەرنى قۇل ياكى چۆرە قىلىش ۋە چۆرىلەر بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇش قۇرئانغا خىلاپتۇر. بۇ توغرىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئوچۇق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنى خاتا چۈشىنىش نەتىجىسىدە ئەسىرلەرنى قۇل قىلىشقا ۋە چۆرىلەر بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇشقا بولىدىغانلىقى سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپلىرىنىڭ ئورتاق كۆزقارىشى ھالىتىگە كەلگەن.
ئا-ئەسىرلەرنىڭ قۇل قىلىنىشى:
مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ دىنىنى ھاكىم قىلىش ئۈچۈن تېرىشىدۇ. بۇ تىرىشچانلىق سەۋەبىدىن جەمئىيەتتە داۋالغۇش باشلىغاندا قارشىلىق كۈچىيىدۇ، ھەتتا قارشى تەرەپ بەزىدە ئۇرۇش ئاچىدۇ. ئەگەر ئۇرۇشقا ئۇرۇش بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىلمىسە ئاقىۋەت بەك يامان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَقَاتِلُواْ فِي سَبِيلِ اللّهِ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَكُمْ وَلاَ تَعْتَدُواْ إِنَّ اللّهَ لاَ يُحِبِّ الْمُعْتَدِينَ}
«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. لېكىن تاجاۋۇز قىلماڭلار، چۈنكى ئاللاھ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- بەقەرە 2/190.
مۇسۇلمانلار تۇنجى ئۇرۇشىنى بەدىردە قىلدى. ئاللاھ بۇ ئۇرۇشتىن ئىلگىرى مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:
[فَإِذا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّى إِذَا أَثْخَنتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاء حَتَّى تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا]
«جەڭ مەيدانىدا كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنى قىرىپ تاشلاڭلار. ئاخىرى ئۇلارنى يېڭىپ، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ چىڭ تۇتۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار»- مۇھەممەد 47/4.
ئەسىرلەرنى قۇيۇپ بېرىش دۈشمەننىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى يوقىتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇسۇلمانلارغا قارشى قايتا ئۇرۇش ئاچمايدىغان بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ}
«ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوخشاش بولمايدۇ. يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغىن، دۈشمىنىڭ خۇددى سەمىمىي دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ» فۇسسىلەت41/34
بەدىر ئۇرۇشىدا، پەيغەمبىرىمىز دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ، ھەيۋىسىنى يوقاتماي تۇرۇپ ئەسىر ئالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ قاتتىق كايىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
{مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَن يَكُونَ لَهُ أَسْرَى حَتَّى يُثْخِنَ فِي الأَرْضِ تُرِيدُونَ عَرَضَ الدُّنْيَا وَاللّهُ يُرِيدُ الآخِرَةَ وَاللّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ (67) لَّوْلاَ كِتَابٌ مِّنَ اللّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمْ فِيمَا أَخَذْتُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ (68) فَكُلُواْ مِمَّا غَنِمْتُمْ حَلاَلاً طَيِّبًا وَاتَّقُواْ اللّهَ إِنَّ اللّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ (69}
«ھېچبىر نەبىينىڭ ئۇرۇشتا دۈشمىنىنى يېڭىپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەي تۇرۇپ، ئەسىرلىرىنىڭ بولۇشى توغرا ئەمەس ئىدى. سىلەر دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ ئاخىرەتنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاللاھ غالىب كەلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇرۇن يازغان بىر ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئالغان فىديەڭلەر تۈپەيلىدىن ئەلۋەتتە چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار. ئالغان غەنىمەتلىرىڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر» ئەنفال 8/67-69.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ 4-ئايىتىگە ئەمەل قىلىپ بەدىر ئەسىرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى بەدەلسىز،يەنە بىر قىسمىنى فىدىيە (كېپىللىك پۇلى) ئېلىپ قۇيۇپ بەردى.
خەندەك ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرسىمۇ، ئۇرۇش جەريانىدا دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن بەنى قۇرەيزە يەھۇدىلىرىنى  پەيغەمبىرىمىز ئۇرۇشتىن كېيىن جازالاپ كۈچىنى يوقاتتى. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
[وَأَنزَلَ الَّذِينَ ظَاهَرُوهُم مِّنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مِن صَيَاصِيهِمْ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ الرُّعْبَ فَرِيقًا تَقْتُلُونَ وَتَأْسِرُونَ فَرِيقًا (26) وَأَوْرَثَكُمْ أَرْضَهُمْ وَدِيَارَهُمْ وَأَمْوَالَهُمْ وَأَرْضًا لَّمْ تَطَؤُوهَا وَكَانَ اللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرًا (27)
«ئاللاھ ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى قورغانلىرىدىن چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالدى. سىلەر ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار، بىر قىسمىنى ئەسىر ئالاتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارنىڭ يەرلىرىگە، يۇرتلىرىغا، ماللىرىغا ۋە سىلەر دەسسەپ باقمىغان زېمىنغا ۋارىس قىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» ئەھزاب/26/27.
بەنى قۇرەيزە مۇھاسىرىدە ئۆلگەنلەر ئۆلۈپ، قالغانلار ئەسىر ئېلىندى. يۇرتلىرى ۋە ماللىرى مۇسۇلمانلارغا قالدى. ئايەتتىكى «ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى، يۇرتلىرىنى ۋە ماللىرىنى سىلەرگە بەردى» دېگەن ئىپادىلەر ئەسىرلەرنىڭ قۇيۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ يا ئۇرۇشقىچىلىك ھالى يا فىدىيە بېرىشكە ماللىرى قالمىغان ئىدى. خەيبەر بىلەن بەنى مۇستەلىق ئەسىرلىرىگە ۋە باشقا بارلىق ئەسىرلەرگە قىلىنغان مۇئامىلە يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئايەتنىڭ ھۆكمىگە قارىتا بولغان. قۇرئاننىڭ ئۇچۇق ھۆكمى بار يەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ باشقا بىر ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ 4-ئايىتىدە ھۆكۈم ئۇچۇق بولسىمۇ سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپلىرى ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى ۋە قۇل قىلىشنى بۇ ئايەتنىڭ ھۈكمىدەك كۆرسەتكەن.
ئەبۇبەكرى ئەلجەسساسنىڭ «ئەھكامۇل قۇرئان» دېگەن كىتابىدا بۇ ئايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ ئىزاھاتلار زىكىر قىلىنىدۇ:
{فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ، وَإِمَّا فِدَاءً} فَجَعَلَ اللَّهُ النَّبِيَّ وَالْمُؤْمِنِينَ فِي الْأُسَارَى بِالْخِيَارِ، إنْ شَاءُوا قَتَلُوهُمْ، وَإِنْ شَاءُوا اسْتَعْبَدُوهُمْ، وَإِنْ شَاءُوا فَادُوهُم.
«ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قۇيۇپ بېرىڭلار» دېگەن ئايەت بىلەن ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە مۇئمىنلارنى ئەسىرلەر مەسىلىسىدە ئىختىيارىغا قويدى. خالىسا ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ، خالىسا قۇل قىلىدۇ، خالىسا ئۇلاردىن فىدىيە ئىلىپ قۇيۇپ بېرىدۇ»مۇھەممەد 47/4.
ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن بۇ مەسىلىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ:
«ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئېلىنغان ئەسىرلەر ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ئورگان تۈۋەندىكىلەردىن بىرنى قىلىشتا ئىختىيارلىقتۇر: خالىسا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەسىرلەرنىڭ ئۇرۇشچى قىسمىنى ئۆلتۈرۈپ بۇزغۇنچىلىقنى پۈتۈنلەي يوق قىلىدۇ، خالىسا يامانلىقلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن پەقەت قۇل ياكى دېدەك قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ، خالىسا زىممىي قاتارىغا كىرگۈزۈپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ھۆرىيەت بېرىدۇ. خالىسا ئۇلارنى مۇسۇلمان ئەسىرلەر بىلەن ئالماشتۇرىدۇ[5].
جەئفەرى مەزھىپىگە مەنسۇپ <تاباتابائى>نىڭ تەپسىرىدە بۇ مەسىلىگە مۇنداق چۈشەنچە بېرىلگەن:
«ئاللاھنىڭ «ئاندىن ئۇلارنى بەدەلسىز ياكى فىدىيە ئېلىپ قۇيۇپ بېرىڭلار» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار. ئاندىن يا بەدەلسىز قۇيۇپ بېرىڭلار ياكى قۇل قىلىڭلار ياكى مال ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار ۋە ياكى دۈشمەننىڭ قولىدىكى ئەسىرلەر بىلەن ئالماشتۇرڭلار»[6].
كۆرگىنىمىزدەك سۈننىيلەر ۋە شىئەلەر ئايەتتە بولمىغان قۇل قىلىشنى  ئايەتنىڭ ھۆكمىدەك ئوتتۇرىغا قويدى.
داۋامى بار…

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر