ياردەملەشمەك شېرىكمۇ؟
باش بەت > ئىبادەت > ئىبادەتلەر > ئەقىدە > ئەھكام تارىخ: 07.08.2014 يازدۇرغىن

ئاللاھدىن غەيرىيدىن ياردەم تىلىمەك

ئاللاھدىن غەيرىينىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلاردا ئاللاھدىن غەيرىيدىن ياردەم تىلىمەك ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى بۇ تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە خىلاپتۇر:

1- {إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ} الفاتحة5

«ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز»- فاتىھە 1/5.

2- {وَإِن يَمْسَسْكَ اللّهُ بِضُرٍّ فَلاَ كَاشِفَ لَهُ إِلاَّ هُوَ وَإِن يَمْسَسْكَ بِخَيْرٍ فَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدُيرٌ} الأنعام17

ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىر زەرەرگە ئۇچراتسا، ئۇنى يەنە ئاللاھدىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىر ياخشىلىق يەتكۈزسە، شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»- ئەنئام 6/17.

3- {وَإِن يَمْسَسْكَ اللّهُ بِضُرٍّ فَلاَ كَاشِفَ لَهُ إِلاَّ هُوَ وَإِن يُرِدْكَ بِخَيْرٍ فَلاَ رَآدَّ لِفَضْلِهِ يُصَيبُ بِهِ مَن يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَهُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ} يونس107

«ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىر زەرەر يەتكۈزسە، ئۇنى يەنە ئاللاھدىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىر ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ پەزلىنى قايتۇرۇۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئاللاھ ياخشىلىقنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە يەتكۈزىدۇ. ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- يۇنۇس 10/107.

4- {فَلَا تَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَهاً آخَرَ فَتَكُونَ مِنَ الْمُعَذَّبِينَ} الشعراء213

«ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا دۇئا قىلما! بولمىسا ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولىسەن»- شۇئەرا 26/213.

5- {وَلَا تَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَهاً آخَرَ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ كُلُّ شَيْءٍ هَالِكٌ إِلَّا وَجْهَهُ لَهُ الْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ} القصص88

«ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا دۇئا قىلما. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ زاتىدىن باشقا ھەممە نەرسە يوق بولىدۇ. ھۆكۈمنى پەقەتلا ئاللاھ چىقىرىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر»- قەسەس 28/88.

6- {وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ قُلْ أَفَرَأَيْتُم مَّا تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ إِنْ أَرَادَنِيَ اللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَاشِفَاتُ ضُرِّهِ أَوْ أَرَادَنِي بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَاتُ رَحْمَتِهِ قُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ الْمُتَوَكِّلُونَ} الزمر38

«ئەگەر ئۇلاردىن ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلار توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىر زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ زىيىنىنى دەپئى قىلالامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ماڭا بىر رەھمەت ئاتا قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تۇسۇۋالالامدۇ؟›. ئېيتقىنكى: ‹ماڭا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن›.»- زۇمەر 39/38.

7- {وَأَنَّ الْمَسَاجِدَ لِلَّهِ فَلَا تَدْعُوا مَعَ اللَّهِ أَحَدا} الجن18

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ماڭا يەنە مۇنداق ۋەھىي قىلىندى: مەسچىتلەر ئاللاھنىڭدۇر. شۇڭا ئاللاھغا قوشۇپ ھېچكىمگە دۇئا قىلماڭلار»- جىن 72/18.

مانا بۇ ئايەتلەردە ئاللاھدىن غەيرىيگە دۇئا قىلىش چەكلەنگەن. چۈنكى دۇئا يېلىنىپ تۇرۇپ، ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ياخشىلىق تەلەپ قىلىش، دېگەن بولۇپ بۇ ئاللاھدىن غەيرىيگە قىلىنمايدۇ.

تۆۋەندىكى ئايەتلەر تىرىك بىر ئىنساننىڭ كۈچى يېتىدىغان ئىشلاردا ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىشنىڭ ۋە كائىناتتىكى نەرسىلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى پايدىلىنىش نىيىتى بىلەن ئىستېمال قىلىشنىڭ شېرىك بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

1- {وَتَعَاوَنُواْ عَلَى الْبرِّ وَالتَّقْوَى وَلاَ تَعَاوَنُواْ عَلَى الإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُواْ اللّهَ إِنَّ اللّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ} المائدة2

«ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھدىن قورقۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر»- مائىدە 5/2.

2- {قَالُوا يَا ذَا الْقَرْنَيْنِ إِنَّ يَأْجُوجَ وَمَأْجُوجَ مُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ فَهَلْ نَجْعَلُ لَكَ خَرْجًا عَلَى أَنْ تَجْعَلَ بَيْنَنَا وَبَيْنَهُمْ سَدًّا (94) قَالَ مَا مَكَّنِّي فِيهِ رَبِّي خَيْرٌ فَأَعِينُونِي بِقُوَّةٍ أَجْعَلْ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ رَدْمًا (95) آتُونِي زُبَرَ الْحَدِيدِ حَتَّى إِذَا سَاوَى بَيْنَ الصَّدَفَيْنِ قَالَ انْفُخُوا حَتَّى إِذَا جَعَلَهُ نَارًا قَالَ آتُونِي أُفْرِغْ عَلَيْهِ قِطْرًا (96)} الكهف

«ئۇ قەۋم: ‹ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج بۇ مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتىدۇر. بىز ساڭا بىر مىقدار مال بەرسەك، سەن بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بەرگەن بولساڭ!› دېدى. زۇلقەرنەين ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ماڭا رەببىمنىڭ بەرگىنى يېتىپ ئاشىدۇ. ماڭا كۈچۈڭلار بىلەن ياردەم قىلىڭلار، سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرەي. ماڭا تۆمۈر پارچىلىرى كەلتۈرۈڭلار». زۇلقەرنەين يىغىلغان تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن ئىككى تاغنىڭ ئارىسىنى تولدۇرۇپ، تاغلار بىلەن ئەينى سەۋىيەگە كەلتۈرگەن چېغىدا: «ئوت يېقىپ پۈۋلەڭلار» دېدى. ئۇ، تۆمۈر پارچىلىرىنى قىزىتىپ ئوتتەك قىلغان چېغىدا بولسا: «ماڭا ئېرىتىلگەن مىس كەلتۈرۈڭلار، ئۈستىگە تۆكەي» دېدى.»- كەھف 118/94-96.

3- {وَدَخَلَ الْمَدِينَةَ عَلَى حِينِ غَفْلَةٍ مِنْ أَهْلِهَا فَوَجَدَ فِيهَا رَجُلَيْنِ يَقْتَتِلَانِ هَذَا مِنْ شِيعَتِهِ وَهَذَا مِنْ عَدُوِّهِ فَاسْتَغَاثَهُ الَّذِي مِنْ شِيعَتِهِ عَلَى الَّذِي مِنْ عَدُوِّهِ فَوَكَزَهُ مُوسَى فَقَضَى عَلَيْهِ قَالَ هَذَا مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ إِنَّهُ عَدُوٌّ مُضِلٌّ مُبِينٌ (15)} القصص

«مۇسا شەھەر ئاھالىسى غاپىللىق ئىچىدە بولۇۋاتقان بىر ئەسنادا شەھەرگە كىردى، شەھەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى كىشىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆز تەرەپدارىدىن ئىدى، يەنە بىرى دۈشمىنىدىن ئىدى. مۇسانىڭ تەرەپدارىدىن بولغان كىشى مۇسانىڭ دۈشمىنىدىن بولغان كىشىگە قارشى مۇسادىن ياردەم تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا دۈشمىنىدىن بولغان كىشىنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. ئاندىن: ‹بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر› دېدى»- قەسەس 28/15.

ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى:  {وَإِذَا مَرِضْتُ فَهُوَ يَشْفِينِ ـ(ئاغرىپ قالسام ئاللاھ ماڭا شىپالىق بېرىدۇ)} (شۇئەرا 80)، دېگەن سۆزىنى زىكىر قىلىپ ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ ، باشقا بىر يەردە ھەسەل توغرۇلۇق {فِيهِ شِفَاء لِلنَّاسِ (ئۇ ئىنسانلارغا شىپا بولىدۇ)} (نەھل 69) دەيدۇ.

 بىر يەردە {إِنَّ اللَّهَ هُوَ الرَّزَّاقُ (شۈبھىسىزكى، رىزىق بەرگۈچى پەقەتلا ئاللاھتۇر)}(زارىيات 58) دەيدۇ، باشقا بىر يەردە  {وَارْزُقُوهُمْ فِيهَا (ئۇلارغا رىزىق بېرىڭلار)}(نىسا 5) دەيدۇ.

مانا بۇ ئايەتلەر تىرىك بىر ئىنساننىڭ كۈچى يېتىدىغان ئىشلاردا ئۇنىڭدىن ياردەم قىلىشنىڭ ۋە بەزى نەرسىلەرنى پايدىلىنىش نىيىتى بىلەن ئىستېمال قىلىشنىڭ  شېرىك بولمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. مەسىلەن: بىر ئىمامنىڭ جامائەتتىن مەسچىت سېلىش ھەققىدە ياردەم تەلەپ قىلىشى، كۈندىلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇشدا ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىشى، كېسەلدىن ساقىيىش ئۈچۈن دورا ئىستېمال قىلىش  شېرىك ھېسابلانمايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر:

1- . ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلار ئۆزئارا قېرىنداش، بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە بىر-بىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

2- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى دۇنيا ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى مۇئمىندىن كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاسانلىق بېرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەيىبىنى ياپىدۇ. كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار-يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولىدۇ. كىمكى ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن يول ئالسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. قاچانكى، بىر جامائە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرىدىن بىر ئۆيگە يىغىلىپ، «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇسا ۋە ئۆگەتسە، ئۇلارغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك يۈزلىنىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت پەرىشتىلىرى ئورۇۋالىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھوزۇرىدىكىلەرگە ئۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. ئەمەلى ئارقىدا قالدۇرغان ئادەمنى نەسىبى ئالدىغا چىقىرالمايدۇ»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

3- ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «زۇلۇم قىلغۇچى بولسۇن ياكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بولسۇن قېرىندىشىڭغا ياردەم قىلغىن»، دېگەندە، بىر كىشى: «ئى رەسۇلۇللاھ! قېرىندىشىم زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىغۇ ياردەم قىلارمەن، ئېيتىپ باققىنا، زۇلۇم قىلغۇچىغا قانداق ياردەم قىلىمەن؟»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى زۇلۇم قىلىشتىن توسقىن، ھەقىقەتەن ئۇ ئۇنىڭغا ياردەم ھېسابلىنىدۇ»، دېدى.- بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
5.324 قېتىم ئوقۇلدى