باش بەت > ماقالىلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ھەزرىتى ئىيسا چۈشەمدۇ؟
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۇقەددىمە
مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا «زامانى ئاخىردا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشىدۇ» دەيدىغان بىر ئېتىقاد بار. بۇ ئېتىقاد بەزى «ئەقىدە كىتابلىرى»، تەپسىر ۋە ھەدىس كىتابلىرىغا يەرلەشتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىملىرىگىمۇ تىرناق ئىچى ئىپادىلەر بىلەن كىرگۈزۈلگەن. شۇڭا ئۇ ئېتىقاد مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمان ئاساسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈن قايسى مىللەت، قايسى ئىرقتىن بولسا بولسۇن، يەر شارىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ھەر مۇسۇلمان جەمئىيىتى «ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاخىر زاماندا ئاسماندىن چۈشىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
تۆت خەلىپىدىن كېيىن سىياسىي جەھەتتىن سۈننىي ۋە شىيئىي دەپ ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سۈننىي تارمىقىنى تەشكىل قىلغانلارنى 92 يىل ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتقان ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا ياشاش ئىمكانى بەرمىگەن ئەمەۋىي پادىشاھلىرى بىلەن ھاكىمىيەتنى ئۇلاردىن تارتىپ ئېلىپ 524 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئابباسىي پادىشاھلىرى دۆلەتنىڭ نۇرغۇنلىغان مەمۇرىي خىزمەتلىرىگە قەدىمكى ساسانىيە ۋە ۋىزانتىيە دۆلەتلىرىنىڭ كونا دۆلەت خادىملىرىنى سالغان. بۇلار ئەسلىدە يەھۇدىي ياكى خرىستىئان بولۇپ، كېيىن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى سۆزلىگەن كىشىلەر ئىدى.
بىر تەرەپتىن ساھابە ۋە تابىئىنلەرنىڭ تولىسى ئىسلامنى تەبلىغ قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئىلمىي خىزمەت ئىشلىرى (يېزىش ئىشلىرى) ئاساسى جەھەتتىن «مەۋالىي» دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەرگە قالغان. مەۋالىيلار ئەسلى ئەرەب بولمىغان، لېكىن سېتىلىش ياكى ئەسىرگە چۈشۈش دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ساھابىلارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇپ كېيىن ئازاد قىلىۋېتىلگەن قۇللارنى كۆرسىتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ھەقىقەتنى سۆزلەيدىغان، پادىشاھلارنىڭ زۇلۇملىرىغا بويۇن ئەگمىگەن ۋە خەلقنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە تىرىشقان ئۆلىمالار ئۇ پادىشاھلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان، ھەتتا بەزىلىرى زىندانلارغا تاشلىنىپ، قىيىن-قىستاق ۋە زۇلۇم-ئىسكەنجلەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ زىنداندا ئۆلتۈرۈلىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. لېكىن ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، چەتكە قېقىلغان، زىندانلارغا تاشلانغان، ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇ ئالىملارنىڭ نامىدا بىرەردىن مەزھەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ مۇسۇلمانلارغا «تەقدىم» قىلىنغان.
بىز مۇسۇلمانلار «ئۇلۇغ كىتابلار» ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈپ پۈتكۈل دىنى ئىشلىرىمىزدا «دەستۇر» قىلىۋاتقان كىتابلار ئەنە شۇ ئەمەۋىي ۋە ئابباسىيلار زۇلۇم ۋە ئىستىبدات بىلەن ھۆكۈم سۈرگەن 700 يىللىق ئۇزۇن زامان ئىچىدە يېزىلغان كىتابلاردۇر.
ئەنە شۇ زامان ئىچىدە 4 خەلىپىدىن كېيىنلا سىياسىي جەھەتتىن سۈننىي ۋە شىيئىي دەپ ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سۈننىي تارمىقى ئەقىدىدە ئەشئەرىي، ماتۇرىيدىي ۋە تاھاۋىي (تاھاۋىي سەلەفىي ياكى ۋاھھابىي دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەپ ئۈچ مەزھەپكە، ئەھكامدا ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكى ۋە ھەنبەلىي دەپ 4 مەزھەپكە بۆلۈنگەن.
ئىسلام دىنى بىزنىڭ دىيارىمىزغا كىرگەندە پەيغەمبىرىمىز يەتكۈزگەن سۈزۈك ۋە ساپ ھالىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى كىرلىتىلگەن ۋە بۇلغانغان ھالىتى بىلەن كىرگەن. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بىزنىڭ دىيارىمىزغا ئىنسانلار شەكىللەندۈرگەن «ئىسلام» نىڭ سۈننىي تارمىقىنىڭ، ئەقىدىدە ماتۇرىيدىي، ئەمەلدە ھەنەفىي تارمىقى كىرگەن. دىيارىمىز مانا بۇ شەكىلدە «ئىسلاملاشقان». بۇ ئىسلامغا بىزنىڭ كونا دىنلىرىمىزنىڭ قالدۇقلىرى قوشۇلغان.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېقىن زامان تارىخىمىزدا بەزى ئالىملار ئوتتۇرىغا چىقىپ قۇرئان-ھەدىستىكى ئىسلامغا قايتىش توغرىسىدا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق قىلغان بولسىمۇ، ئەپسۇس ئۇلار بۇنىڭ بەدىلىنى جانلىرى بىلەن تۆلىگەن. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان قەشقەرلىك ئابدۇقادىر داموللام ۋە خوتەنلىك مەمتىلى ئاخۇن داموللاملارنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.
ئىشنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرىپى شۇكى، بىزنىڭ دىيارىمىزغا «ئىسلام» كىرگەندىن بۇيان يۇقىرىدا كىملەرنىڭ قانداق شارائىتتا يازغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەنە شۇ كىتابلارنىڭ بىزنىڭ دىيارىمىزغا بارالىغانلىرىنى ئوبدان بىلگەنلىك «دىنى ئالىملىق» دەپ ھېسابلانغان. بۇنى ئاز دەپ كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا قۇرئان كەرىمنى ئىبادەت ئۈچۈن، ھەدىسلەرنى تەۋەررۈك ئۈچۈن ئوقۇش چۈشەنچىسى بەرپا قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسلامنىڭ «ئاللاھقا تەسلىم بولۇش، پەيغەمبەرگە ئەگىشىش» دېگەن مەنىسى «ماتۇرىيدىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش، ھەنەفىيە مەزھىپىنى چىڭ تۇتۇش» دېگەن مەنىگە ئۆزگەرتىلگەن.
بۇنىڭ نەتىجىسىدە دەججالنىڭ قوپۇشى، مەھدىينىڭ چىقىشى، ئىيسانىڭ چۈشۈشى… دېگەندەك خۇراپاتلار، «ئەقىدە ئەركانلىرى»، «ئىمان ئاساسلىرى» ۋە «ئىسلام ئېتىقادلىرى» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ پۈتۈن «دىنى كىتاب» لارغا يەرلەشتۈرۈلگەن.
مەن بۇ يازمامدا ئەنە شۇ خۇراپاتلاردىن بىرى بولغان «ئىيسا ئەلەيھىسسالام زامانى ئاخىردا ئاسماندىن چۈشىدۇ» دېگەن ئېتىقاد توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىمەن ۋە بۇ ئېتىقادنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا يەھۇد-ناسارالاردىن سىڭىپ كىرگەن بىر خۇراپات بولغانلىقىنى ئىلمىي بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمەن. ئىنشائاللاھ بۇ تەتقىقاتنى ئوقۇغانلار بۇ توغرىدىكى ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكۈسى!
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
1- ئەھلى كىتابنىڭ بىر مەسىھنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشى
يەھۇدىيلار بىر مەسىھنىڭ كېلىپ ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئىيسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن يەھۇدىيلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ۋە ئىنجىلنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىدى، بۇلار تەۋراتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر مۇقەددەس كىتابى ئىكەنلىكىگە بولغان ئىمانىنى ۋە مەسىھنىڭ كېلىشىگە بولغان ئېتىقادىنى ساقلاپ قالدى.
بۇلار بىر مەسىھ (قۇتقۇزغۇچى) نىڭ كېلىشىنى ساقلاۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىمۇسسالاملارنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرمىدى. ھەتتا بۇ پەيغەمبەرلەرگە تەنە-ھاقارەت ۋە سۇيىقەستلەرنى قىلدى. ئۇ پەيغەمبەرلەر ۋاپات قىلغاندىنمۇ كېيىن ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھاقارەت قىلىشنى، دىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىدى.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەر دەسلەپتە، ئىرۇسالىمنىڭ ناسىرە كەنتىدىن چىققان ناسىرىلىك پەيغەمبەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دېگەن مەنىدىكى «ناسارا» ئىسمى بىلەن ئاتالدى. بۇلار ھەم مۇسا ھەم ئىيسا ئەلەيھىمۇسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ بىر پۈتۈن ھالەتتە ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشەندى.
بۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنلىكىگە ۋە قىيامەتكە يېقىن بىر زاماندا ئاسماندىن چۈشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن «ئاخىرقى پەيغەمبەر» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرمىدى.
ئۇلار ۋە بۇلار يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالار قۇرئاندا ئەھلى كىتاب دەپ ئاتىلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچبىر ئىشتا ئۇلارغا ئوخشىۋالماسلىقىنىڭ لازىملىقى قايتا-قايتا تەكىتلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىدىكى ئىلاھىي كىتابلارغا بويسۇنمىغان، ھەتتا ئۇ كىتابلارنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىش بىلەن ئۇ كىتابلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان (مەنسۇخ قىلىۋەتكەن)، شۇنداقلا ئۇلارنى قۇرئان كەرىمگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇغان. 
بىز ماقالمىزنىڭ بۇ بۆلۈمىدە ئەھلى كىتابنىڭ ھەر بىرىنىڭ يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدىن نەقىللەر كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ مەسىھنىڭ كېلىشى، ئىيسانىڭ چۈشۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېتىقادىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.
تەۋراتتىن پارچىلار:  
«رەبنىڭ سۆزى ئىرۇسالىمدىن چىقىدۇ. ئۇ مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ، نۇرغۇن قەۋملەر ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى، نەيزىلىرىنى ئورغاقلار قىلىدۇ. بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە قارشى قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن كېيىن جەڭنى ئۆگەنمەيدۇ»- تەۋرات (يەشايا) 2/4.
«1 ۋە بىر تال نوتا يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ([1])؛ ئۇنىڭ يىلتىزىدىن ئۈنۈپ چىققان بىر شاخ كۆپ مېۋە بېرىدۇ.2  ۋە پەرۋەردىگارنىڭ روھى، يەنى دانالىقنىڭ ۋە يورۇتۇشنىڭ روھى، نەسىھەت ۋە كۈچقۇدرەتنىڭ روھى، بىلىم ۋە پەرۋەردىگاردىن قورقۇشنىڭ روھى ئۇنىڭ  ئۈستىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ؛ 3 ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى بولسا پەرۋەردىگاردىن قورقۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ؛ ئۇ كۆزى بىلەن كۆرگىنىگە ئاساسەن ھۆكۈم  چىقارمايدۇ، ياكى قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغىنىغا  ئاساسەن كېسىم قىلمايدۇ. 4ئۇنامراتلارغا ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، يەر يۈزىدىكى مىسكىنمۆمىنلەر ئۈچۈن ئادالەت بىلەن كېسىم قىلىدۇ. ئۇ جاھاننى ئاغزىدىكى زاكون تايىقى بىلەن ئۇرىدۇ، رەزىللەرنى لەۋلىرىدىن چىققان نەپەسى بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. 5 ئۇنىڭ بەلبېغى ھەققانىيلىق، چاتراقلىقى([2]) بولسا سادىقلىق بولىدۇ([3]) 6 بۆرە بولسا قوزا بىلەن بىللە تۇرىدۇ، يىلپىز ئوغلاق بىلەن بىللە، موزاي ئارسلان ۋە بورداق كالا بىلەن بىللە ياتىدۇ؛ ئۇلارنى يېتىلىگۈچى كىچىك بىر بالا بولىدۇ. 7 كالا ئېيىق بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىللە يېتىشىدۇ، شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ. 8 ئەممەيدىغان بالا كوبرا يىلاننىڭ تۆشۈكىگە يېقىن ئوينايدۇ، ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالا قولىنى زەھەرلىك يىلاننىڭ ئۇۋىسىغا تىقىدۇ؛ 9 مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتكۈل جاھان پەرۋەردىگارنى بىلىش-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ.»- تەۋرات (يەشايا) 11/1-9.
يەھۇدىيلار يۇقىرىقى سۈپەتتە بىر مەسىھنىڭ كېلىشىگە ئىشىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن كەلگەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمىگەن.
ئىنجىلدىن پارچىلار:
«ئىيسا بىر بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئاسمان تەرەپكە كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى، شاگىرتلار ئۇنىڭغا قارىشىپ تۇراتتى. دەل بۇ ۋاقىتتا ئاق كىيىملىك ئىككى كىشى پەيدا بولۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ‹ئى جەلىلەلىكلەر! نېمىشقا ئاسمانغا قاراپ تۇرىسىلەر؟ سىلەردىن يىراقلىشىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقان بۇ ئىيسا، سىلەر ئۇنىڭ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى قانداق كۆرگەن بولساڭلار يېقىندا شۇنداق قايتىپ كېلىدۇ»- ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 1/10-11.
بۇنىڭدىن باشقا ئىنجىلنىڭ تۆۋەندىكى يەرلىرىدىمۇ ئىيسانىڭ ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە يامانلارنى جازالاش ئۈچۈن قايتىپ كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ: مەتتا 24/27- 46؛ يۇھاننا/14/1- 3؛ ئىككىنچى پەترۇس 3/10- 13).  ئىنجىل «دىققەت، تېز كېلىمەن!» دېگەن ئىپادە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. خرىستىئانلار ئىيسانىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاچقا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرمىگەن.
2- مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە ئىيسانىڭ چۈشۈشى
1- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەريەمنىڭ ئوغلى ئادىل بىر ھۆكۈم قىلغۇچى بولۇپ ئاراڭلارغا چۈشۈشى بەك يېقىن. ئۇ چۈشۈپ كىرېستنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال-دۇنيا شۇ قەدەر كۆپ بولىدۇكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايدۇ. بىر سەجدە دۇنيادىن ۋە دۇنيا ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشى بولىدۇ»-بۇخارى، ئەنبىيا 50؛ مۇسلىم، ئىمان 71؛ تىرمىزىي، فىتەن 54؛ ئىبنى ماجە، فىتەن 33.
2- يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيسسالام مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرلەر دادا بىر، ئانا باشقا بىر تۇغقانلاردۇر. ئۇلارنىڭ دىنى بىردۇر. مەن ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغا ئەڭ يېقىنىمەن، چۈنكى مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەر يوق. ئۇ چوقۇم چۈشىدۇ. ئۇنى كۆرسەڭلار تونۇيسىلەر: ئۇ ئوتتۇرا بوي، رەڭگى قىزىل بىلەن ئاققا مايىل بىر كىشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىدە سارغۇچ ئىككى كىيىم بار. ئۇنىڭ بېشى ھۆل قىلىنمىسىمۇ سۇ تامچىلاۋاتقاندەك تۇرىدۇ. ئۇ كرېستلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ. جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ زامانىدا ئىسلامدىن باشقا پۈتكۈل دىنلارنى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ زامانىدا دەججال مەسىھنىمۇ ھالاك قىلىدۇ. زېمىندا شۇ قەدەر ئامانلىق ۋە تىنچلىق پەيدا بولىدۇكى، شىرلەر تۆگىلەر بىلەن، يولۋاسلار كالىلار بىلەن، بۆرىلەر قويلار بىلەن ئوتلايدۇ. كىچىك بالىلار يىلانلار بىلەن ئوينايدۇ. ئۇ زېمىندا قىرىق يىل تۇرغاندىن كېيىن ۋاپات قىلىنىدۇ، مۇسۇلمانلار نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىدۇ»- مۇسنەد ئەھمەد 2/406 ۋە 437- بەتلەر .
3- ئىبنى ماجەنىڭ بىر رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ: «مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئادىل ھاكىم ۋە ئادالەتلىك بىر يېتەكچى بولىدۇ. ئۇ كرېستلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزلارنى بۇغۇزلايدۇ. جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، سەدىقىنى تەرك ئېتىدۇ (چۈنكى ئۇ چاغدا ئىنسانلارنىڭ سەدىقە ۋە زاكاتلارغا ئېھتىياجى قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى يىغىشقىمۇ ئېھتىياج قالمايدۇ)، شۇنىڭ بىلەن قوي ۋە تۆگىلەرنىڭ زاكىتىنى ئېلىشقا ھېچكىم بارمايدۇ. ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىش كۆتىرىلىپ كېتىدۇ. پۈتكۈل زەھەرلىك ھايۋانلارنىڭ زەھىرى تارتىپ ئېلىنىدۇ، بۇ شۇ دەرىجىدە بولىدۇكى ھەتتا كىچىك ئوغۇل بالا يىلاننىڭ ئاغزىغا قولىنى تىقىدۇ، يىلان ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. كىچىك قىز بالا شىرنىڭ ئاغزىنى تۇتۇپ چىشلىرىنى ئاچىدۇ. شىر ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بۆرە قويلارنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، خۇددى ئۇ قويلارنى باقىدىغان ئىتكە ئوخشاپ قالىدۇ. قاچىلار سۇ بىلەن تولدۇرۇلغاندەك زېمىن تىنچلىق بىلەن تولدۇرۇلىدۇ. سۆز بىر بولىدۇ، (دىن بىرلىكى مەيدانغا كېلىدۇ)؛ ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ، ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلايدۇ (ئۇرۇش توختايدۇ)»- ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ ﻓﯩﺘﻪﻥ 33- ﺑﺎﺏ، ﻪﺩﯨﺲﻧﻮﻣﯘﺭﻯ: 4077.
ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر يۈزگە يېتىدۇ. بۇ ھەدىسلەر ئوخشاشمىغان كىتابلاردا پەرقلىق رىۋايەتلەر بىلەن زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى مەنە ئېتىبارى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بىز بۇ يەردە يۇقىرىقى ئۈچ ھەدىسنى زىكىر قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.
بۇ «ھەدىس» لەرنىڭ ئەھلى كىتابنىڭ يۇقىرىقى ئېتىقادى (تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ ئىپادىلىرى) بىلەن نەقەدەر ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ھەتتا بىر-بىرىنىڭ ئەينىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۇنچە قىيىن بولمىسا كېرەك.
3- يۇقىرىقى ئېتىقادنى بىكار قىلىپ تاشلايدىغان ئايەتلەر:
1- «ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپ سەن ئىنسانلارنى مۇئمىن بولۇشقا زورلامسەن؟»- يۇنۇس 10/99.
دېمەك، تەۋراتتا ۋە مەزكۇر ھەدىسلەردە بايان قىلىنغاندەك يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئاللاھ خالىمىغان. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئىنسانلارنى ئىمتىھان ئۈچۈن ياراتقان، شۇنداقلا ئىنسانلارغا ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاش ئىختىيارىنى بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەق بىلەن باتىلنىڭ، مۇئمىن بىلەن كاپىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسىدە بىر قىسىم ئىنسانلار ئىمان ئېيتىدۇ، بىر قىسىم ئىنسانلار ئىمان ئېيتمايدۇ. نەتىجىدە ئاللاھ تەئالانىڭ جەننىتىمۇ بىكار قالمايدۇ، دوزىخىمۇ بىكار قالمايدۇ.
2- «دىندا ھېچ زورلاش يوق. توغرا بىلەن خاتا ئېنىق ئايرىلدى. كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھغا ئىشىنىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- بەقەرە 2/256.
«دىندا زورلاش يوق». ھېچكىم ھېچكىمنى ئىمان ئېيتىشقا زورلىيالمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. شۇڭا قىيامەتنىڭ ئالدىدا بىرى چىقىپ ياكى چۈشۈپ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئىمانغا زورلايدىغان ئىش ئەسلا بولمايدۇ.
3- «شۈبھىسىزكى، ھەرقانداق قەۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇ قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتمەيدۇ»- رەئد 13/11.
يەنى، ئاللاھ تەئالا ناشۈكۈرلۈكىنى شۈكۈرگە ئۆزگەرتكەن قەۋم (مىللەت) نىڭ بەختسىز ئەھۋالىنى بەختلىك ئەھۋالغا، شۈكرىنى ناشۈكۈرلۈككە ئۆزگەرتكەن قەۋمنىڭ بەختلىك ئەھۋالىنى بەختسىز ئەھۋالغا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. بۇ ئاللاھ تەئالانىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. دېمەك، ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى ئاللاھ ئۆزى ئۆزگەرتىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ ئۆزگەرتىشىگە شۇ مىللەتنىڭ ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشى سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ ئىشقا باشقا «سۈپەرمەن» كەتمەيدۇ. 
4- «شۇنىڭ بىلىنىشى لازىمكى، ئىنسان پەقەت ئۆز ئەمگىكىىنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجىم 53/39.
ئەگەر ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ يەر يۈزىنى گۈل-گۈلىستانلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانلارنى خۇددى جەننەت ھاياتىدەك بىر ھاياتتا ياشىتىدىغان ئىش بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا يەر يۈزىدە بار بولغان ئىنسانلار ئۆز ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەس، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەن بولىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇ ئايەتتە ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنىغا خىلاپ.
4- پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر»- نەھل 16/35.
بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىدىن پەرقلىق ئەمەس. ئاللاھ تەئالا بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
«مۇھەممەد پەقەت بىر ئەلچىدۇر…»-ئال ئىمران 3/144.
«بۇ ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر…»- مائىدە 5/99، نۇر 24/54، ئەنكەبۇت 29/18، رەئد 13/40.
بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئەگەر ئىيسا ئەلەيھىسسالام قايتا پەيغەمبەر بولۇپ كەلسە ۋەزىپىسى تەبلىغ قىلىش بولىدۇ. ناۋادا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىپ بىزنىڭ پەيغەمبىرمىزىنىڭ ۋارىسى بولۇپ كەلسە ۋەزىپىسى يەنە تەبلىغ قىلىش بولىدۇ. دېمەككى، تەرۋاتتا، ئىنجىلدا ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە ئىيسا ئەلەيھىسسالام كېلىپ قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھېچبىرى تەبلىغ ئەمەس. بۇ يەردىكى زىتلىقنى چۈشىنىش كېرەك.
5- ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆز زامانىسىدا ۋاپات بولغان
ئاللاھ تەئالا قىيامەت كۈنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: ‹ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار› دېدىڭمۇ؟» دەيدۇ. بۇ چاغدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن. مېنىڭ ھەق بولمىغان بىر نەرسىنى سۆزلىشىم ھەددىم ئەمەس. ئەگەر ئۇ سۆزنى دېگەن بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن. چۈنكى سەن غەيىبلەرنى بىلگۈچىدۇرسەن. مەن ئۇلارغا: پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنىلا دېدىم. يەنى ئۇلارغا: ‹مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار› دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆزەتكۈچى ئىدىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە پەقەت سەنلا كۆزەتكۈچى بولدۇڭ. سەن ھەر نەرسىدىن خەۋەردارسەن»- مائىدە 5/116-117.
بۇ سۆزلەر ئاللاھ تەئالا بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىيامەت كۈنى بولىدۇ. چۈنكى ئايەت بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئەگەر تەۋرات، ئىنجىل ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە دېيىلگەندەك ئىيسا ئەلەيھىسسالام قىيامەت قايىم بولۇشتىن ئىلگىرى زېمىنغا چۈشسە ئىدى، خرىستىئانلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزى بىلەن ئانىسىغا چوقۇنغانلىقىنى كۆرگەن بولاتتى ۋە بۇلارغا قارشى كۈرەش قىلغان بولاتتى. ئاندىن ئاخىرەتكە بارغان چېغىدا ئاللاھ تەئالا: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: ‹ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار› دېدىڭمۇ» دېسە، يۇقىرىدىكى شەكىلدە جاۋاب بەرمىگەن بولاتتى. ئەكسىچە مۇنداق جاۋاب بەرگەن بولاتتى:
«يا رەببى! مەن بىرىنچى قېتىم ئۇلاردىن ئايرىلغان چېغىمدا ھەممىسى توغرا يولنىڭ ئۈستىدە قالغان. ئاخىر زاماندا ئاسماندىن چۈشۈپ قارىسام ھەممىسى مەن بىلەن ئانامغا چوقۇنۇۋاتقان ئىكەن. مەن قولۇمدىن كېلىشىچە كۈرەش قىلدىم. بۇلارنى سەن ئوبدان بىلىسەن».   
 6- مەزكۇر ھەدىسلەر ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ قۇرئانغىلا ئەگىشىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن[4] ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئايەت[5] نازىل بولغان كۈنى، ئۇ ئايەت نازىل بولغان يەردە (ئەرەفات كۈنى ئەراپاتتا) پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قۇرئان كەرىمنى قالدۇرغانلىقىنى سۆزلىگەن ۋە بۇ مەشھۇر نۇتقىدا يېنىدا ھازىر بولغان مۇسۇلمانلاردىن «تەبلىغ قىلدىممۇ؟» دەپ سورىغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك «تەبلىغ قىلدىڭ» دەپ جاۋاب بېرىشكەندە، ئاللاھ تەئالادىن ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە شاھىت بولۇشىنى تىلىگەن[6] ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولۇپ كەتكەن[7].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئانغىلا ئەگىشىدىغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ماقامىدا تۇرۇپ سۆزلىگەن سۆز ۋە قىلغان ھەرىكەتلىرىنىڭ قۇرئانغا ئەگىشىدىغانلىقىنى (ماس كېلىدىغانلىقىنى) كۆرسىتىدۇ. ئۇ سۆز- ھەرىكەتلەرنى بىزگە نەقىل قىلغان سۆزلەر ھەدىس دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ ئارىسىدا ئەسلا زىتلىق بولمايدۇ. قۇرئانغا زىت كەلگەن ھەدىس (قايسى كىتابتا بولسا بولسۇن) پەيغەمبىرىمىزگە چاپلانغان بوھتان بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان پەيغەمىبىرىمىزنىڭ ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمايدىغان مۆجىزىسىدۇر. ئۇنى قوغداشنى ئاللاھ تەئالا ئۆزى ئۈستىگە ئالغان (ھىجر15/9). ھەدىسلەر بولسا ئۇنداق ئەمەس..    
ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلار ئەشەددىي دۈشمىنى (مائىدە 5/82) ۋە «مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنى» (بەييىنە 98/6) بولغان ئەھلى كىتاب (يەھۇدىي ۋە ناسارالار) ئاللاھ تەئالانىڭ تەرىپىدىن قوغدالغان قۇرئان كەرىمگە ھېچبىر زامان چېقىلالمىغان. لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ باتىل ئېتىقادلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلغان ۋە قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار توقۇغان بەزى قىسسە- ھېكايىلەر، بىر قىسىم تەپسىر ۋە ھەدىس كىتابلىمىزغا يەرلەشكەنلىكى تېخىمۇ توغرىرىسى يەرلەشتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق. بۇ ھەر ئىلىم ئەھلىگە مەلۇملۇقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تەپسىر كىتابلىرىدىكى ئىزاھاتلارغا، ھەدىسلەرگە (قايسى تەپسىر ۋە قايسى ھەدىس كىتابىدا بولىشىدىن قەتئىينەزەر) ۋە ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىلىرى ئارىسىدىكى تىرناق ئىچى ئىپادىلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ نازارىتى ئاستىدا يېقىنلىشىشىمىز لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا خاتا يوللارغا كىرىپ قېلىپ ئېزىپ كېتىشىمىز تۇرغانلا گەپ.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق زىت كەلگەن يۇقىرىقىدەك «ھەدىس» لەرگە ئاساسلىنىپ، تېخىمۇ توغرىراقى ئەھلى كىتابقا ئەگىشىپ، «ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىشنىڭ قۇرئان-ھەدىس بىر پۈتۈن ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلام بىلەن يېقىندىن-يىراقتىن ئەسلا مۇناسىۋىتى يوقتۇر.
7- «چۈشىدۇ» دېگۈچىلەرنىڭ سۆزلىرىدىكى زىتلىقلار
«قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» نىڭ ئاخىرىدىكى «ئىزاھلار» دا ئورۇن ئالغان «ئىسا» ماۋزۇسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:
كۆپچىلىك ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشۈپ، دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ. مەككە مۇكەررەمە شەرىئەت ۋە ئىسلام تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ، «سەپۋەتۇتتەپاسىر» نىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەد ئېلى سابۇنى ئۆزىنىڭ «ئەننۇبۇۋەتۇ ۋەلئەنبىيا» دېگەن ئەسىرىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى تېخى تۈگىگىنى يوق. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشىدۇ، ئۇ ھازىر ئاسماندا ھايات، ئاللاھ تەئالا ئۇنى ھايات ھالدا ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئەھۋالنى مۇشۇ يوسۇندا يەتكۈزگەن، بىز قۇرئاننىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ۋە راستچىل رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە ئىشىنىمىز. رەسۇلۇللاھ: ‹سىلەرگە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا چۈشۈپ ئادىل ھۆكۈمران بولۇپ سەلىبنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ› دېگەن» دەيدۇ.
بۇ ئىپادىلەر قۇرئان كەرىمدىن باشقا «دىنى كىتابلار» نىڭ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىدىكى ئىپادىلەرنىڭ خۇلاسىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇنى ئەينەن نەقىل قىلدۇق. چۈنكى باشقا كىتابلاردىن ئېلىنغان نەقىلنىڭ مەنبەسىگە ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئېرىشىشى قىيىن.
ئۇ ئىپادىلەرنىڭ ئىچىدىكى «ھەدىس» ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىگەنلىكى دەۋا قىلىنغان، لېكىن ئۇ ئىپادىلەردە زىكىر قىلىنمىغان باشقا «ھەدىس» لەر ھەققىدە ئايرىم بىر ماقالە يېزىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. چۈنكى بۇ ماقالىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپ ئوقۇرمەنلىرىمىزنى زېرىكتۈرۈپ قويۇشنى خالىمىدۇق.
ئەمدى ئۇ ئىپادىلەردىكى زىتلىقلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز:
1- زىتلىق:
«قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشۈپ، دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ»
ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قالغان يەردىن داۋاملاشتۇرغان بولىدۇ. ئەگەر ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقارسا، ئۆز دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرماي بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولىدۇ.
2 زىتلىق:
«ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى تېخى تۈگىگىنى يوق. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشىدۇ»
بۇ ئىپادە بىلەن يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان «ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ» دېگەن ئىپادە ئوتتۇرىسىدا زىتلىق بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىپادە قۇرئان كەرىمنىڭ ئىككى ئايىتىگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق زىت كېلىدۇ. چۈنكى «ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى تېخى تۈگىمىگەن» دېگەن گەپنىڭ مەنىسى، «ئۇ زېمىنغا پەيغەمبەر بولۇپ چۈشىدۇ»، دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ چۈشۈشى «مۇھەممەد پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر» (ئەھزاب 3/40) دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتكە ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى بولۇپ كەلدىم» (سەف 61/6) دېگەن سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتكە خىلاپ. چۈنكى قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام قايتا پەيغەمبەر بولۇپ كەلسە «مۇھەممەد پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى» بولمىغان بولىدۇ ۋە «ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر» «ئىيسادىن كېيىن» ئەمەس، ئىيسادىن ئىلگىرى كەلگەن بولىدۇ.
3- زىتلىق:
«چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ»
بۇ ئەسلىدە ھەدىس دەپ دەۋا قىلىنغان سۆزنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىپادە. يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر ھەققىدە ئايرىم بىر ماقالە يازىمىز، لېكىن بۇ يەردە ئىپادىلەردىكى زىتلىقنى قىسقىلا زىكىر قىلىمىز:
بۇ ئىپادە بىلەن يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان «ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ» دېگەن ئىپادە ئوتتۇرىسىدا زىتلىق بار. چۈنكى ئىسلام شەرىئىتى چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇمايدۇ. چوشقىلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشتىن چەكلەيدۇ. بۇ تەقدىردە چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈش ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقارغانلىق ئەمەس، باشقا بىر شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم چىقارغانلىق بولىدۇ.
ئەينى زىتلىق «جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ» دېگەن ئىپادىدىمۇ مەۋجۇت. چۈنكى جىزيە تەۋبە سۈرىسى (9- سۈرە) نىڭ 29- ئايىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجرا قىلىشى بىلەن ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بىر ھۆكمى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بىر ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىق ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلىق بولىدۇ.
ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىدە بۇ زىتلىقنى كۆرگەن بەزىلەر بۇ مەسىلىنى مۇنداق ئىزاھلاشقا تىرىشىدۇ: ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلار مۇسۇلمان بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇسۇلمانغا جىزيە تۆلەيدىغان كاپىر قالمايدۇ.
بۇلارغا بېرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى:
ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلارنى مۇسۇلمان قىلىۋېتىشنى خالىمىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئۇ ھالدا سەن ئىنسانلارنى مۇئمىن بولۇشقا زورلامسەن؟» (يۇنۇس 10/99)، «… ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى …» (مائىدە 5/48)، «… ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرەتتى. ئۇنداقتا سەن جاھىللاردىن بولمىغىن» (ئەنئام 6/35)، «ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى پۈتكۈل ئىنسانلارنى بىر ئۈممەت قىلاتتى…» (ھۇد11/118)، «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى سىلەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى…» (نەھل 16/93).
ئەنە شۇ ئايەتلەر پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ بىر ئۈممەت (ئوخشاش بىر يولدىكى ئادەملەر) بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئىنسانلار مۇئمىن بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاللاھ تەئالانىڭ ئۆزگەرمەس بىر قانۇنى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن «ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلار مۇسۇلمان بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇسۇلمانغا جىزيە تۆلەيدىغان كاپىر قالمايدۇ» دېگەن چۈشەنچە بىر خۇراپاتتۇر. ئۇ چۈشەنچىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن ئىسلام بىلەن يېقىن-يىراقتىن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان قۇرئاندا ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانلارغا پىكىر ئەركىنلىكى بەرگەنلىكى، ھېچكىمنىڭ مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇر قىلىنمايدىغان، ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن مۇسۇلمان بولغانلار ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى. ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن مۇسۇلمان بولمىغانلار ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن جازالىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
4- زىتلىق:
«ئۇ ھازىر ئاسماندا ھايات»
قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ‹ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار› دېدىڭمۇ؟» دېگەندە، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا جاۋابەن: «مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆزەتكۈچى ئىدىم، لېكىن سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە پەقەت سەنلا كۆزەتكۈچى بولدۇڭ» دەيدۇ. (مائىدە 5/117)  
بۇنىڭغا ئاساسەن «ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھازىر ئۇ ھايات» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئاللاھ ئۇنى ۋاپات قىلدۇرمىغان» دېگەنلىك بولىدۇ. «ئاللاھ ئۇنى ۋاپات قىلدۇرمىغان» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئۇ ھازىر بىزنىڭ ئارىمىزدا، بىزنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا بولسا ئاسماندا بولمايدۇ، ئاسماندا بولسا بىزنىڭ ئارىمىزدا بولمايدۇ. «ھەم ئاسماندا ھەم بىزنىڭ ئارىمىزدا» دېيىش خرىستىئانلارغا ئوخشاش ئىيسانىڭ ئىلاھلىقىغا ئىشەنگەنلىك بولىدۇ (نەئۇزۇ بىللاھ).
8- مەنىلىرى بۇرمىلانغان ئايەتلەر
1- ئايەت:
«إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا …»
«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىيساغا مۇنداق دېدى: ئى ئىيسا! مەن سېنى ۋاپات قىلدۇرىمەن ۋە سېنى ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن، سېنى كاپىرلاردىن پاكلايمەن (قۇتقۇزىمەن)…»- ئال ئىمران 3/55.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنى ئۆزىنىڭ ۋاپات قىلدۇرىدىغانلىقىنى (يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى)، ئۆز تەرىپىگە يۈكسەلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە كاپىرلاردىن قوتۇلدۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە ئاللاھ تەئالا بۇ ۋەدىسىنى ئۆز ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ «رفعه الله (ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى)» دەيدۇ (نىسا 4/158).
ئايەتتە، «سېنى ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن» دېگەن ئىپادە، «سېنى ۋاپات قىلدۇرىمەن يەنى سېنى ئۆلتۈرىمەن» دېگەن ئىپادىدىن كېيىن كېلىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ «ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بايان قىلىشى «ۋاپات قىلدۇرىمەن» دېگەن ۋەدىسنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بايان قىلغانلىقى بولىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تەئالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئالدى بىلەن ۋاپات قىلدۇرۇپ ئاندىن ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرگەن. يەنى روھىنى ئالغاندىن كېيىن جەسىتىنى يەھۇدىيلار ئېرىشەلمەيدىغان بىر يەرگە ئاپىرىپ قويغان.
ئەمدى ئايەتكە «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەجىمىسى» دە بېرىلگەن مەنىگە قارايلى:
«ئۆز ۋاقتىدا ﷲ ئېيتتى: «ئى ئىسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)».
مۇتەرجىم ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنىڭ ئىچىگە «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» نىڭ «ئىزاھلار» بۆلۈمىدە ئۆزى «كۆپچىلىك ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشى» دەپ يازغان «ئىيسا ئەلەيھىسسالام قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشىدۇ، ئۇ ھازىر ئاسماندا ھايات» دېگەن ئېتىقادنى تىرناق ئىچى ئىپادىلەر بىلەن كىرگۈزگەن. بۇ ئىپادىلەر ئەسلا ئايەتنىڭ مەنىسى ئەمەس!
2- ئايەت:
«…وَمَا قَتَلُوهُ يَقِينًا. بَلْ رَفَعَهُ اللَّهُ إِلَيْهِ…»
«…يەھۇدىيلار ئىيسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى، بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى…»- نىسا 4/157-158.
بۇ ئايەتتە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكى، ئۇنى ئاللاھ تەئالا ئۆز ۋەدىسى بويىچە ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ.
ئەمدى ئايەتكە «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» دە بېرىلگەن مەنىگە قارايلى:
«…ئۇلار ئىسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى. بەلكى اﷲ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى اﷲ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى)…»
مۇتەرجىم بۇ يەردىمۇ ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنىڭ ئىچىگە مەزكۇر ئېتىقادنى تىرناق ئىچى ئىپادىلەر بىلەن كىرگۈزگەن. بۇ ئىپادىلەر ئەسلا ئايەتنىڭ مەنىسى ئەمەس!
3- ئايەت:
«وَإِنْ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ إِلَّا لَيُؤْمِنَنَّ بِهِ قَبْلَ مَوْتِهِ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكُونُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا»
«ئەھلى كىتابتىن ھەربىرى، ئۆلۈمىدىن بۇرۇن ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدۇ…»- نىسا 4/159.
يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن ھەر كىشى ئۆزى ئۆلۈپ قېلىشنىڭ ئالدىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ھەر يەھۇدىي ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زىنادىن بولمىغانلىقىغا، مەريەم ئەلەيھىسسالامدىن ئاتىسىز يارىتىلغانلىقىغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. لېكىن بۇ ئىشىنىش جان ھەلقۇمغا يەتكەندە مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. شۇنىڭدەك، ھەر ناسارا (ھەربىر خرىستىئان) ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقىغا، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. لېكىن سەكرات ئەسناسىدا بولغان بۇ ئىشىنىشنىڭ بىر پايدىسى بولمايدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەنىسى مانا بۇدۇر.
ئەمدى ئايەتكە «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» دە بېرىلگەن مەنىگە قارايلى:
«ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ﷲنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ…»
مۇتەرجىم بۇ ئايەتنى توغرا تەرجىمە قىلغان. لېكىن بۇ ئايەتنى بەزىلەر «ئەھلى كىتابتىن ھەر قاندىقى ئىيسا ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئىيساغا ئىمان ئېيتىدۇ…» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ ۋە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ:
ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەسلەپتە كەلگەندە ئەھلى كىتابنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىدى. دېمەككى، پۈتۈن ئەھلى كىتاب ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىدىغان بىر كۈن كېلىدۇ. ئۇ كۈن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قېتىم كەلگەن كۈندۇر.
ئايەتنى مۇشۇنداق خاتا چۈشىنىۋېلىپ، خاتا ھۆكۈم چىقارغانلارغا ئىككى سوئال:
1- ئۇنداق بولسا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم كەلگەنگە قەدەر ئارىلىقتا دۇنياغا كېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئەھلى كىتابلارچۇ؟ بۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قېتىم كەلگەندە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟ چۈنكى ئايەتتىكى «ئەھلى كىتابتىن ھەر قاندىقى، ئەھلى كىتابتىن ھەربىرى» دېگەن ئىپادە ئەھلى كىتاب دەپ ئاتىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردىكى ئومۇمىيلىقتىن ئەھلى كىتابنىڭ بىر قىسمىنى چىقىرىۋېتىش ئايەتكە خاتا مەنا ئېيتقانلىق بولىدۇ.
2-ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قېتىم كەلگەندە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدىغان ئەھلى كىتاب ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان ئېيتامدۇ؟ ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىپ، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ ئادەتتىكى بىر ئۇممەتى مۇھەممەدىيە بولغانلىقىغا ئىمان ئېيتامدۇ؟
4- ئايەت:
«وَإِنَّهُ لَعِلْمٌ لِلسَّاعَةِ فَلَا تَمْتَرُنَّ بِهَا وَاتَّبِعُونِ هَذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ»
«مەريەمنىڭ ئوغلى قىيامەت ئۈچۈن بىر ئىلىمدۇر. ئۇ ھالدا قىيامەت توغرۇلۇق شۈبھىلەنمەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر»- زۇخرۇف 43/61.
يەنى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانىڭ ئاتىسىز يارىتىلىشى ئىنسانلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ تۇپراقنىڭ ئاستىدا ئاتىسىز ھەم ئانىسىز قايتا يارىتىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىر ئىلىمدۇر.
بۇ ئايەتتىكى لەئىلمۇن («لَعِلْمٌ») كەلىمىسىنى بەزىلەر لەئەلەمۇن (لَعَلَمٌ) دەپ ئوقۇپ «ئىيسا قىيامەتنىڭ ئالامىتىدۇر» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. مەسىلەن: «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» دە ئايەتكە قىلىنغان تەرجىمە مۇنداق:
«ئۇ (يەنى ئىيسا) ئەلۋەتتە قىيامەت (يېقىنلاشقانلىقىنىڭ) ئالامىتىدۇر».
دېمەككى، بۇ يەردە قۇرئان كەرىمنىڭ مەتنىدىكى لەئىلمۇن («لَعِلْمٌ») كەلىمىسىگە لەئەلەمۇن (لَعَلَمٌ) دېگەن كەلىمىنىڭ مەنىسى بېرىلىپمۇ قانائەت قىلىنماي تەرجىمىگە تىرناق ئىچىدە «(يېقىنلاشقانلىقىنىڭ)» دېگەن ئىپادە قوشۇلغان، شۇنداقلا «ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زاماندا ئاسماندىن چۈشۈشى» دىن ئىبارەت كۆزقاراشقا «قۇرئاندىن دەلىل» كەلتۈرگەن بولغان.
خۇلاسە
«ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاخىر زاماندا ئاسماندىن چۈشىدۇ» دېگەن ئېتىقاد ئەسلىدە يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ ئېتىقادى بولۇپ، دەسلەپتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا ئۇلاردىن سىڭىپ كىرگەن. ئاندىن رىۋايەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ئاندىن تەپسىر، ھەدىس ۋە ئەقىدە كىتابلىرىغا يەرلەشتۈرۈلگەن.
يەھۇدىيلار «ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرى» بولغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىر مەسىھ ئەۋەتىپ، يەھۇدىي ھاكىمىيىتىدىن باشقا پۈتۈن ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بارلىق ئىنسانلارنى يەھۇدىيلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە بويسۇنىدىغان ۋە يەھۇدىيلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشىگە ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىدا مەسىھنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن كېلىشى ئۇنىڭ «ئادىل ھۆكۈمران» بولۇپ كېلىشىدۇر.
ناسارالار (خرىستىئانلار) ئىيسانىڭ تەڭرىلىكىگە قانچىلىك ئىشەنسە، ئۇنىڭ قىيامەت بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشىدىغانلىقىغا شۇنچىلىك ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىدا ئۇ بۇ قېتىم كېلىشىدە ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە يامانلارنى جازالاش ئۈچۈن كېلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ «ئادىل ھۆكۈمران» بولۇپ كېلىشىدۇر.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىنسانلار شەكىللەندۈرگەن «ئىسلام» نىڭ مۇسۇلمانلىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زاماندا، قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىدا ئۇ چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈش، كرېستلەرنى چېقىپ تاشلاش ۋە جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن چۈشىدۇ. بۇ ئۇنىڭ «ئادىل ھۆكۈمران» بولۇپ كېلىشىدۇر.
 قۇرئان كەرىمنىڭ ھېچبىر ئايىتىدە ياكى مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يېتىدىغان ھېچبىر ھەدىستە «ئىيسا ئەلەيھىسسالام قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشىدۇ» دەپ بىر ئىپادە زىكىر قىلىنمايدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق يىللاردىن بېرى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يالغانچى بولۇش ئېھتىمالىنى قوبۇل قىلالمىغان بەزىلەر بۇ توغرىدىكى «خەبىرى ۋاھىد» لارنى «مەنا جەھەتتىن مۇتەۋاتىر» دېيىشىپ ئۆزلىرىنى ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئالداپ كەلگەن.
ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشۈشىگە ئىشىنىشنى بىر ئەقىدە مەسىلىسى دەپ قارايدىغان «ئالىملار» بىر تەرەپتىن خەبىرى ۋاھىد بىلەن ئەقىدە ئىسپاتلانمايدۇ دەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن خەبىرى ۋاھىد بىلەن ئەقىدە ئىسپاتلايدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ بىر مەسىھنىڭ كېلىشىنى، خرىستىئانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشىنى كۈتۈپ تۇرۇشلىرىغا، قۇرئان كەرىمدە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشىگە بىر ئىشارەتنىڭمۇ يوقلىقىغا، بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنىڭ «خەبىرى ۋاھىد»لار ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئىشنىڭ ئەسلىنى بىلىۋېلىشىمىز ئۇنچە قىيىن بولمىسا كېرەك!
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلار، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈپ دۇنيانى قۇتقۇزىشىدىن ئۈمىدىمىزنى ئۈۈزۈشىمىز، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك! چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ھەرقانداق قەۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇ قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتمەيدۇ»- رەئد 13/11.
«شۇنىڭ بىلىنىشى لازىمكى، ئىنسان پەقەت ئۆز ئەمگىكىنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39.
بىزنى ھېچكىم قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ، بىزنى ئىككىلى دۇنيادا پەقەت ئاللاھ تەئالانىڭ رەھمىتىلا قۇتقۇزىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ رەھمىتىگە ئەقىدىمىزنىڭ توغرا، ئەمەللىرىمىزنىڭ سالىھ بولۇشى بىلەن ئېرىشەلەيمىز. چۈنكى «ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»- ئەئراف 7/56. بۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم!
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

 


[1]– «يەسسە  بولسا  داۋۇت  پادىشاھنىڭ  ئاتىسى.  ئىبرانىيلار  قۇتقۇزغۇچىمەسىھنىڭ  داۋۇتنىڭ  ئەۋلادىدىن  بولىدىغانلىقىنى  ئېنىق  بىلەتتى.  بىراق  مۇشۇ يەردە  قۇتقۇزغۇچىمەسىھ  ھەم  داۋۇتنىڭ  ئەۋلادى  ھەم  «يەسسەنىڭ  يىلتىزى» مۇ ) 10:11 نىكۆرۈڭ( بايان  قىلىنىدۇ.   بۇ  ئىش  پەقەت  ئىنجىلدىلا  چۈشەندۈرۈلگەن  )مەسىلەن، «لۇقا 44-41:20 » ) مۇشۇ  ئايەتلەردە  يەنە، مەسىھ «يەسسەنىڭدەرىخىنىڭكۆتىكىدىن»چىقىدۇ،  دېيىلىدۇ . شۇڭا  مەسىھداۋۇت  پادىشاھنىڭ  خاندانلىقى  ھەيۋەتلىك  مەزگىلىدە ئەمەس،  بەلكى  مىسكىن مەزگىلىدە  تۇغۇلىدۇ،  دېگەنبېشارەت  بېرىلىدۇ.»-  http://www.mukaddeskalam.com/pdf/webbook-23-isaiah.pdf
[2]«چاتراقلىق» ئادەمنىڭ  چاترىقىغا  باغلانغان  ئىچكىكىيىم. «ئۇنىڭبەلبېغى»   ئىبرانىي  تىلىدا  «ئۇنىڭ  بۆرەكلىرىگە  باغلانغۇچى»  دېيىلگەن . ئىبرانىي تىلىدا  بۆرەكلەر ئادەمنىڭ چوڭقۇر  ئويپىكرىلىرى  ۋە  ۋىجدانىنى  بىلدۈرىدۇ.–  http://www.mukaddeskalam.com/pdf/webbook-23-isaiah.pdf
[3]– «دېمەك،  ئىچ  كىيىملەر  بەدەنگە  چاپلاشقىنىدەك،  ھەققانىيلىق  ۋە  سادىقلىق  ئۇنىڭدىن  ھېچ  ئايرىلمايدۇ،  ئۇنىڭغا  ئىنتايىن  يېقىن  بولىدۇ»-  http://www.mukaddeskalam.com/pdf/webbook-23-isaiah.pdf
[4]– ئەنئام 6/50، ئەئراف 7/203، يۇنۇس 10/15، ئەھقاف 46/9.
[5]– مائىدە سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتى.
[6]– مۇسلىم ھەج، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى؛ ئەبۇ داۋۇد ۆبو داود مەناسىك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى.  
[7]– پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ 11- يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل (ھىجرىيىنىڭ 3- ئېيى)نىڭ 12- كۈنى ۋاپات بولغان (رەھىقۇلمەختۇم 431- بەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدا خۇتبىسىنى ھىجرەتنىڭ 10- يىلى زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) نىڭ 9- كۈنى  ئەرەفاتتا سۆزلىگەن (مۇسلىم ھەج، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى). بۇنىڭغا ئاساسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدا خۇتبىسىنى سۆزلىگەن كۈن بىلەن، ۋاپات بولغان كۈننىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىت ھىجرىيە ئېيى ھېساۋىدا ئۈچ ئاي ئىككى  كۈن بولغان بولىدۇ.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ