مۇسۇلمانلار

قۇرئان ۋە رىسالەئى نۇر

كۈنىمىزدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزلىرىنى «نۇرچىلار» دەپ ئاتىۋالغان بىر جامائە بار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «نۇرچىلىق» ئېتىقادىنى تارقىتىشتا قوللىرىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق قىلىۋاتىدۇ. ئىشنىڭ ئەسلىگە قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن يېقىندىن- يىراقتىن بىر مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى ئۇلار ئىنسانلارغا قۇرئان كەرىمنى تەبلىغ قىلىشنىڭ ئورنىغا «رسالەئى نۇر» نى ئوقۇپ بەرمەكتە. «سۆھبەت» لىرىدە ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشنىڭ ئورنىغا سەئىد نۇرسىيغا مەدھىيىلەر ئوقۇماقتا. كىشىلەرگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ئۆگىتىشنىڭ ئورنىغا سەئىد نۇرسىينىڭ پائالىيەتلىرىنى «بازارغا سالماقتا».
ئۇلار خەلقلەرگە «نۇرچىلىق» نى «ئىسلامىي تۈس» بىلەن سۇنغانلىقى ئۈچۈن ھازىر دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇنلىغان ئاق كۆڭۈل مۇسۇلمان «ئىسلامىي خىزمەت» قىلدۇق دەپ «نۇرچىلىق» نىڭ يېيىلىشىغا ھەسسە قوشماقتا.
بىز ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى «ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن تۇسۇش» ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۇلارنى سەئىد نۇرسىينى قويۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە، رىسالەئى نۇرنى قويۇپ قۇرئان كەرىمگە بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىۋاتىمىز.
بۈگۈن بۇ قىسقا يازمىمىزدا قۇرئان كەرىم بىلەن رىسالەئى نۇرنىڭ ئوخشاش مەسىلىگە بولغان پەرقلىق ھۆكۈملىرىنىڭ بىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز. مەقسىتىمىز مۇسۇلمانلارنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا باشلاشتۇر.
رىسالەئى نۇر
ئابدۇلقادىر جەيلانىي سەككىز ئەسىر بۇرۇن سەئىد نۇرسىي ھەققىدە مۇنۇلارنى دېگەن:
بىزگە ئېسىل، تېۋىنغىن ھەر قورقۇنچ ھەر كۈلپەتتە،
قۇتقۇزىمەن ھەر زامان ھەر نەرسىدە ھىممەتتە.
مۇرىدىمنى ساقلايمەن قورققان ھەر نەرسىسىدىن،
مۇھاپىزەت قىلىمەن ھەر يامانلىق، پىتنىدىن.
مۇرىدىم بولسۇن مەيلى مەشرىقتە يا مەغرىبتە
قۇتقۇزىمەن مەن ئۇنى بولسا قايسى شەھەردە[1].-
قۇرئان كەرىم
«أَمَّن يُجِيبُ الْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَاء الْأَرْضِ أَإِلَهٌ مَّعَ اللَّهِ قَلِيلاً مَّا تَذَكَّرُونَ»
«بېشىغا ئېغىرچىلىق كەلگەن كىشى دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كىم كۆتۈرۈۋېتىدۇ؟ سىلەرنى كىم زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلىدۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر ئىلاھ بارمۇ؟ بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر!»- نەمل 27/62.
رىسالەئى نۇر
نۇرچىلار يۇقىرىدىكى شېئىردا ئابدۇلقادىر جەيلانىينىڭ مۇنۇ مەنىنى سىر تۇتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ: «مۇرىدىم سەئىد كۇردىي روسىيەدە ئەسىر ۋاقتىدا بىدئەتچىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدىن ئاسىيانىڭ غەربىگە سۈرگۈن قىلىنغان ۋە سىبىرىيە تەرەپلىرىدىن قېچىپ، كۆپلىگەن رايونلارنى ئايلىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئەسنادا ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىمەن ۋە دەردىگە دەرمان بولىمەن»- سىككەئى تەسدىقى غەيبى.
قۇرئان كەرىم
«وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعْلِنُونَ. وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَا يَخْلُقُونَ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ. أَمْوَاتٌ غَيْرُ أَحْيَاءٍ وَمَا يَشْعُرُونَ أَيَّانَ يُبْعَثُونَ»
«ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان پۈتكۈل ئىشلىرىڭلارنى بىلىدۇ. مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان كىشىلەر ھېچنېمە يارىتالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆلۈكلەردۇر، تىرىكلەر ئەمەستۇر، قاچان قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ ئۇقمايدۇ»- نەھل 16/19-21.
رىسالەئى نۇر
«شۇنداق، ھەرزىتى غەۋس ئۆزى ‹مۇرىدىم› دەپ ئاتىغان سەئىد، ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدا ناھايىتى ئېغىر قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ئەسىر بولۇپ ياشىغان ئۈچ يىل جەريانىدا داۋاملىق قوغدالدى. ئۇ ئۈچ-تۆت ئايلىق يولنى قاچقان ھالدا بېسىپ ئۆتتى، نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرنى ئايلاندى، لېكىن ئۇ غەۋسنىڭ ئېيتقىنىدەك ھەمىشە قوغدالدى»- سىككە ئى تەسدىقى غەيبى.
قۇرئان كەرىم
«قُلْ مَنْ يُنَجِّيكُمْ مِنْ ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ تَدْعُونَهُ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً لَئِنْ أَنْجَانَا مِنْ هَذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ. قُلِ اللَّهُ يُنَجِّيكُمْ مِنْهَا وَمِنْ كُلِّ كَرْبٍ ثُمَّ أَنْتُمْ تُشْرِكُونَ»
«ئېيتقىنكى: ‹سىلەرنى قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟ ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ ئاللاھغا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن دۇئا قىلىسىلەر›. ئېيتقىنكى: ‹سىلەرنى پەقەت ئاللاھ ئۇلاردىن ۋە بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرىسىلەر›»- ئەنئام 6/63-64.
«فَإِذَا رَكِبُوا فِي الْفُلْكِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ إِذَا هُمْ يُشْرِكُونَ»
«ئۇلار كېمىگە چىققان چاغلىرىدا، ئاللاھقا چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا دەرھال شېرىك كەلتۈرىدۇ»- ئەنكەبۇت 29/65.
رىسالەئى نۇر
ئۇستازىمىز دەيدۇكى: مەن سەككىز-توققۇز ياش چاغلىرىمدا ناھىيىمىزدىكى ۋە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى نەقشىبەندىي تەرىقىتىگە باغلىق ئىدى ۋە بۇ يەردە غەۋسى ھىزان نامى بىلەن شۆھرەت قازانغان بىر زاتتىن مەدەت تىلەيتتى. مەن بولسام بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ۋە ئاھالىنىڭ ئەكسىچە ‹يا غەۋسى جەيلانىي!› دەيتتىم. كىچىك بالا بولغانلىقىم ئۈچۈن ياڭاقچىلىك ئاددىي بىر نەرسەم يوقاپ كەتسە ‹يا پىر! سەن ئۈچۈن پاتىھە ئوقۇيمەن. سەن مېنىڭ يوقاپ كەتكەن شۇ نەرسەمنى تاپقۇزۇپ بەر› دەيتتىم. ھەيران قالارلىق ئىش، لېكىن قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، مۇشۇنداق شەكىلدە ھەزرىتى پىر ھىممىتى ۋە دۇئاسى بىلەن ماڭا مىڭ قېتىم ياردەم قولىنى ئۇزاتتى»- سىككەئى تەسدىقى غەيبى.
قۇرئان كەرىم
«إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ عِبَادٌ أَمْثَالُكُمْ فَادْعُوهُمْ فَلْيَسْتَجِيبُوا لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ. أَلَهُمْ أَرْجُلٌ يَمْشُونَ بِهَا أَمْ لَهُمْ أَيْدٍ يَبْطِشُونَ بِهَا أَمْ لَهُمْ أَعْيُنٌ يُبْصِرُونَ بِهَا أَمْ لَهُمْ آَذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا قُلِ ادْعُوا شُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ كِيدُونِ فَلَا تُنْظِرُونِ. إِنَّ وَلِيِّيَ اللَّهُ الَّذِي نَزَّلَ الْكِتَابَ وَهُوَ يَتَوَلَّى الصَّالِحِينَ. وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَكُمْ وَلَا أَنْفُسَهُمْ يَنْصُرُونَ»
«شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھ بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ ئارىسىغا قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ئوخشاش بەندىلەردۇر. ئەگەر راستچىل بولساڭلار ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار، سىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ باقسۇن.
ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئىشىتىدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ ئېيتقىنكى: ‹شېرىكلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئاندىن كېيىن ماڭا سۇيقەست قىلىڭلار، ماڭا پۇرسەت بەرمەڭلار›.
شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىگەم بۇ كىتابنى نازىل قىلغان ئاللاھدۇر. ئۇ ياخشىلارنى دوست تۇتىدۇ.
سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ ئارىسىغا قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ»- ئەئراف 7/194-197.
«قُلِ ادْعُواْ الَّذِينَ زَعَمْتُم مِّن دُونِهِ فَلاَ يَمْلِكُونَ كَشْفَ الضُّرِّ عَنكُمْ وَلاَ تَحْوِيلاً. أُولَـئِكَ الَّذِينَ يَدْعُونَ يَبْتَغُونَ إِلَى رَبِّهِمُ الْوَسِيلَةَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ وَيَرْجُونَ رَحْمَتَهُ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُ إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ كَانَ مَحْذُوراً»
«مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ‹سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ بېقىڭلار، ئۇلار بېشىڭلاردىكى بالانى دەپئىمۇ قىلالمايدۇ، باشقا بىرىگە يۆتكەپمۇ ئاتالمايدۇ›.
ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرى رەببىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدۇ. چۈنكى رەببىڭنىڭ ئازابى ساقلىنىشقا تېگىشلىك بىر ئازابتۇر»- ئىسرا 17/56-57.
«وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ قُلْ أَفَرَأَيْتُمْ مَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ أَرَادَنِيَ اللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَاشِفَاتُ ضُرِّهِ أَوْ أَرَادَنِي بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَاتُ رَحْمَتِهِ قُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ الْمُتَوَكِّلُونَ»
«ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلاردىن ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلار توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىر زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ زىيىنىنى دەپئى قىلالامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ماڭا بىر رەھمەت ئاتا قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تۇسۇۋالالامدۇ؟›. ئېيتقىنكى: ‹ماڭا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. تايانغۇچىلار ئۇنىڭغىلا تايانسۇن›»- زۇمەر 39/38.
«يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ مَا يَمْلِكُونَ مِنْ قِطْمِيرٍ. إِنْ تَدْعُوهُمْ لَا يَسْمَعُوا دُعَاءَكُمْ وَلَوْ سَمِعُوا مَا اسْتَجَابُوا لَكُمْ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُونَ بِشِرْكِكُمْ وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثْلُ خَبِيرٍ»
«ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قوشۇپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قوشۇپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ كۈننى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بەلگىلەنگەن بىر مۇددەتكە قەدەر ئۆز ئوربېتىسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر. سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگىمۇ ئىگە ئەمەس.
ئۇلارغا دۇئا قىلساڭلار دۇئايىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ ئىجابەت قىلالمايدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى رەت قىلىدۇ. ھېچكىم ساڭا ھەر نەرسىدىن خەۋەردار زاتتەك خەۋەر بېرەلمەيدۇ»- فاتىر 35/13-14.
«قُلْ مَنْ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أَمَّنْ يَمْلِكُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَمَنْ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَنْ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ فَسَيَقُولُونَ اللَّهُ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ. فَذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمُ الْحَقُّ فَمَاذَا بَعْدَ الْحَقِّ إِلَّا الضَّلَالُ فَأَنَّى تُصْرَفُونَ»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹سىلەرگە ئاسماندىن، زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ پۈتۈن ئىشلارنى ئىدارە قىلىۋاتقان كىمدۇر؟› ئۇلار چوقۇم ‹ئاللاھتۇر› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇنداقتا قورقمامسىلەر؟
ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. سىلەرنىڭ ھەقىقىي رەببىڭلاردۇر. ھەقتىن كېيىن ئازغۇنلۇقتىن باشقا نېمە بار؟ سىلەر قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟»- يۇنۇس 10/31-32. 
«وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّن يَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَن لَّا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَى يَومِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَن دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ»
«ئاللاھنى قويۇپ قىيامەتكىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزلەردۇر»- ئەھقاف 46/5.
«وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَى فَادْعُوهُ بِهَا وَذَرُوا الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي أَسْمَائِهِ سَيُجْزَوْنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ»
«ئەڭ گۈزەل ئىسىملەر ئاللاھنىڭدۇر. سىلەر ئاللاھنى ئۇ ئىسىملەر بىلەن چاقىرىڭلار. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدا قىڭغىرلىق قىلغانلارنى تەرك ئېتىڭلار. ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ»-ئەئراف 7/180.
ئى نۇرچىلار! مانا بۇلار سىلەر «قۇسۇرسىز ۋە نۇقسانسىز»[2] دەپ ئېتىقاد قىلىۋاتقان ۋە سىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابىڭلار بولغان «رىسالەئى نۇر»ۇڭلار بىلەن ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم ئارىسىدىكى پەرقلەردىن بىرى.

 


[1]بۇ شېئىر سەئىد نۇرسىنىڭ «سىككەئى تەسدىقى غەيبى» ناملىق كىتابىدىن نەقىل قىلىندى.- رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، ئىستانبۇل 1995، 2- توم، 2083- بەت. شېئىرنىڭ ئەسلى تېكىستى مۇنداق:
توسل بنا في كل هــولٍ وشـدةٍ = أغيثك في الأشياء طرا بهمــتي
أنا لمريـدي حافــظٌ ما يخافـه = وأحرسه من كل شـر وفتنــة
مريدي إذا ما كان شـرقا ومغـربا = أغثه إذا ما صار في أي بلــدة
  [2]– بارلا لاھىقىسى، يىگىرمە يەتتىنچى مەكتۇب ۋە زەيللىرى، 2- جىلد، 1415- بەتتە رىسالەئى نۇرنىڭ «قۇسۇرسىز ۋە نۇقسانسىز» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر