باش بەت > پەتىۋالار > نىكاھ  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب:

جەمىئيەتنىڭ بوزۇلۇپ كەتكەنلىكى توغرا. سىزنىڭ بىر قىزنى نىكاھىڭىزغا ئېلىپ، ئاندىن ئۇنى تەربىيىلەپ كېتەلمەي، قويۇۋەتكىنىڭىز بۇنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. سىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەممە ئىنساننى «يامان» دېيىشىڭىز توغرا ئەمەس.

دەپ بېقىڭە: سىزنىڭ قەيىرىڭىز ئىسلام قائىدىلىرىگە «ماس» كېلىدۇ؟ قولىڭىزدىكى تەييار خوتۇننى قويۇۋېتىپ، بىر قىزنىڭ ھاياتىنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىڭىزمۇ؟ ياكى بىر جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل قىز ئاياللىرىنى قارىلىشىڭىزمۇ؟ ۋە ياكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، بىر ئائىلىنى باشقۇرۇشتىن ئاجىز كېلىپ «سالتاڭ» لىققا ئىرادە باغلىشىڭىزمۇ؟

دىنىمىز ئەر – ئاياللارغا ئۆيلىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «توي قىلىش مېنىڭ سۈننىتىمدۇر. بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن كىشى مەندىن ئەمەستۇر» دېگەن.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ