باش بەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر > بۈگۈنكى ئايەت  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 5 – ھېساب بېرىش

1)     سوراق قىلىنىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَلَنَسۡئَلَنَّ ٱلَّذِينَ أُرۡسِلَ إِلَيۡهِمۡ وَلَنَسۡئَلَنَّ ٱلۡمُرۡسَلِينَ  ٦﴾

«بىز ئەلچى ئەۋەتىلگەن كىشىلەرنى سوئال – سوراق قىلىمىز، ھەمدە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى سوئال – سوراق قىلىمىز»[1].‏

(1)    ئەلچىلەرگە سوئال ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابى

ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئەلچىلەرگە: «سىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىلدى؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «بىزنىڭ ھېچ ئىلمىمىز يوق، شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىدۇرسەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿يَوۡمَ يَجۡمَعُ ٱللَّهُ ٱلرُّسُلَ فَيَقُولُ مَاذَآ أُجِبۡتُمۡۖ قَالُواْ لَا عِلۡمَ لَنَآۖ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّٰمُ ٱلۡغُيُوبِ  ١٠٩﴾

«بىر كۈنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەلچىلىرىنى يىغىدۇ ۋە: ‹سىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىلدى؟‹ دەيدۇ. ئۇلار: ‹بىزنىڭ ھېچ ئىلمىمىز يوق، شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىدۇرسەن‹ دەيدۇ»[2].‏

(2)    ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا سوئال ۋە ئۇنىڭ جاۋابى

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿وَإِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ءَأَنتَ قُلۡتَ لِلنَّاسِ ٱتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَٰهَيۡنِ مِن دُونِ ٱللَّهِۖ قَالَ سُبۡحَٰنَكَ مَا يَكُونُ لِيٓ أَنۡ أَقُولَ مَا لَيۡسَ لِي بِحَقٍّۚ إِن كُنتُ قُلۡتُهُۥ فَقَدۡ عَلِمۡتَهُۥۚ تَعۡلَمُ مَا فِي نَفۡسِي وَلَآ أَعۡلَمُ مَا فِي نَفۡسِكَۚ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّٰمُ ٱلۡغُيُوبِ  ١١٦ مَا قُلۡتُ لَهُمۡ إِلَّا مَآ أَمَرۡتَنِي بِهِۦٓ أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمۡۚ وَكُنتُ عَلَيۡهِمۡ شَهِيدٗا مَّا دُمۡتُ فِيهِمۡۖ فَلَمَّا تَوَفَّيۡتَنِي كُنتَ أَنتَ ٱلرَّقِيبَ عَلَيۡهِمۡۚ وَأَنتَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ  ١١٧ إِن تُعَذِّبۡهُمۡ فَإِنَّهُمۡ عِبَادُكَۖ وَإِن تَغۡفِرۡ لَهُمۡ فَإِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ  ١١٨﴾

«ئۇ چاغدا ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: ‹ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار› دېدىڭمۇ؟ ئىيسا ئېيتىدۇ: ياق! مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن. مەن ئۈچۈن توغرا بولمىغان سۆزنى ئېيتىشقا ھەددىم ئەمەس. ئەگەر ئۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىچىڭدىكىنى بىلمەيمەن. شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىسەن.‏ مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: ‹مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار›. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتكۈچى پەقەتلا سەن ئىدىڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن.‏ ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»[3].‏

ئالاھ تائالا ئېيتىدۇ:

﴿هَٰذَا يَوۡمُ يَنفَعُ ٱلصَّٰدِقِينَ صِدۡقُهُمۡۚ لَهُمۡ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ رَّضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ  ١١٩﴾

«بۇ راستچىللارغا راستچىللىقى پايدا يەتكۈزىدىغان كۈندۇر. ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر»[4].‏

(3)    پۈتۈن جىن ۋە ئىنسانلارغا سوئال ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰمَعۡشَرَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ رُسُلٞ مِّنكُمۡ يَقُصُّونَ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِي وَيُنذِرُونَكُمۡ لِقَآءَ يَوۡمِكُمۡ هَٰذَاۚ قَالُواْ شَهِدۡنَا عَلَىٰٓ أَنفُسِنَاۖ وَغَرَّتۡهُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا وَشَهِدُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ أَنَّهُمۡ كَانُواْ كَٰفِرِينَ  ١٣٠﴾

«ئۇلارغا ‹ئى جىن ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە ئەينەن بايان قىلىدىغان ۋە سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا مۇلاقات بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەلچىلەر كەلمىگەنمىدى؟‹ دېيىلىدۇ. ئۇلار: ‹ئەلۋەتتە كەلگەن ئىدى، گۇناھ بىزدە‹ دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا ھاياتى ئالدىغان ئىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كافىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ»[5].‏

(4)    مۇشرىكلارغا سوئال ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابى

ئاللاھ مۇشرىكلارغا (پۈتۈن كاپىرلارغا) نىدا قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿مَاذَآ أَجَبۡتُمُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ  ٦٥﴾

«سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرگە نېمە دەپ جاۋاب بەردىڭلار؟»[6].

﴿وَلَقَدۡ جِئۡتُمُونَا فُرَٰدَىٰ كَمَا خَلَقۡنَٰكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَتَرَكۡتُم مَّا خَوَّلۡنَٰكُمۡ وَرَآءَ ظُهُورِكُمۡۖ وَمَا نَرَىٰ مَعَكُمۡ شُفَعَآءَكُمُ ٱلَّذِينَ زَعَمۡتُمۡ أَنَّهُمۡ فِيكُمۡ شُرَكَٰٓؤُاْۚ لَقَد تَّقَطَّعَ بَيۡنَكُمۡ وَضَلَّ عَنكُم مَّا كُنتُمۡ تَزۡعُمُونَ  ٩٤﴾

«شۈبھىسىزكى، ھۇزۇرىمىزغا خۇددى بىز سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ۋاقىتتىكىدەك يالغۇز كەلدىڭلار. بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا قالدۇرۇپ قويدۇڭلار. ‹شېرىكلىرىمىز› دەپ ئېتىقاد قىلغان شاپائەتچىلىرىڭلارنى يېنىڭلاردا كۆرمەيۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ئۈزۈلدى ۋە ئويدۇرغان نەرسىلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى»[7].

﴿أَكَذَّبۡتُم بِآيَٰتِي وَلَمۡ تُحِيطُواْ بِهَا عِلۡمًا أَمَّاذَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ  ٨٤﴾

«سىلەر مېنىڭ ئايەتلىرىمنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ يالغان دېدىڭلارمۇ؟ ياكى قىلغىنىڭلار نېمە ئىدى؟»[8].‏

ئۇلار بېرىدىغانغا ھېچقانداق جاۋاپ تاپالمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿فَعَمِيَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلۡأَنۢبَآءُ يَوۡمَئِذٖ فَهُمۡ لَا يَتَسَآءَلُونَ  ٦٦﴾

«ئۇلارغا خەۋەرلەر قاراڭغۇلىشىدۇ. ئۇلار بىر – بىرىدىن ھال سورالمايدۇ»[9].‏

ئاللاھ تائالا يەنە: «سىلەر يولىدا كۈرەش قىلغان شېرىكلىرىم قەيەردە؟» دەيدۇ. بۇ چاغدا، ئىلىم بېرىلگەنلەر (نەبى ۋە رەسۇللەر): «بۈگۈن رەسۋالىق ۋە يامانلىق كافىرلارغا بولىدۇ» دەيدۇ.‏

﴿ثُمَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يُخۡزِيهِمۡ وَيَقُولُ أَيۡنَ شُرَكَآءِيَ ٱلَّذِينَ كُنتُمۡ تُشَٰٓقُّونَ فِيهِمۡۚ قَالَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ إِنَّ ٱلۡخِزۡيَ ٱلۡيَوۡمَ وَٱلسُّوٓءَ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ  ٢٧﴾

«ئاندىن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنى رەسۋا قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا: ‹سىلەر ئۆزۈڭلارنى پىدا قىلغان شېرىكلىرىم قەيەردە؟› دەيدۇ. ئىلىم بېرىلگەنلەر: ‹بۈگۈن كافىرلار چوقۇم رەسۋا بولىدۇ ۋە يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ› دەيدۇ»[10].‏

ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارغا يەنە: ‹ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان ئويدۇرما ئىلاھلىرىڭلار قەيەردە› دەيدۇ.‏ ئاندىن ئۇلارنىڭ يالغان جاۋابى مۇنداق بولىدۇ: ‹رەببىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق› دەيدۇ.

﴿وَيَوۡمَ نَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشۡرَكُوٓاْ أَيۡنَ شُرَكَآؤُكُمُ ٱلَّذِينَ كُنتُمۡ تَزۡعُمُونَ  ٢٢ ثُمَّ لَمۡ تَكُن فِتۡنَتُهُمۡ إِلَّآ أَن قَالُواْ وَٱللَّهِ رَبِّنَا مَا كُنَّا مُشۡرِكِينَ  ٢٣﴾

بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئاندىن مۇشرىكلارغا: ‹ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان ئويدۇرما ئىلاھلىرىڭلار قەيەردە؟‹ دەيمىز.‏ ئاندىن ئۇلارنىڭ يالغان جاۋابى مۇنداق بولىدۇ: رەببىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق»[11]. ‏

2)     گۇۋاھچىلارنىڭ كەلتۈرۈلىشى ‏

مۇشرىكلار باشتا جاۋاب بېرەلمەي، كېيىن قايتا «سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان ئىلاھلىرىڭلار قەيەردە؟» دەپ سورالغان سوئالغا «بىز ئاللاھقا ھېچ شېرىك كەلتۈرمىگەن» دېگەن مەنىدە جاۋاب بېرىدۇ. بۇ يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى. ئاندىن ئۇلارغا قارشى گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ. گۇۋاھچىلار: ﴿هَـؤُلاء الَّذِينَ كَذَبُواْ عَلَى رَبِّهِمْ بۇلار رەببىگە يالغان چاپلىغان كىشىلەردۇر!﴾ دەيدۇ[12]

گۇۋاھچىلار، مۇشرىكلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارغا: ﴿هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ – دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار! دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ دېگىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى يەنى قىلغان ئىشىنىڭ «ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلىشىش» ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ[13].

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەقنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ئەپسۇسلىنىدۇ ۋە يېڭى ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَكَيۡفَ إِذَا جِئۡنَا مِن كُلِّ أُمَّةِۢ بِشَهِيدٖ وَجِئۡنَا بِكَ عَلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِ شَهِيدٗا  ٤١ يَوۡمَئِذٖ يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَعَصَوُاْ ٱلرَّسُولَ لَوۡ تُسَوَّىٰ بِهِمُ ٱلۡأَرۡضُ وَلَا يَكۡتُمُونَ ٱللَّهَ حَدِيثٗا  ٤٢﴾

«ئى مۇھەممەد! بىز ھەر ئۇممەتتىن بىر گۇۋاھچى كەلتۈرگەن ۋە سېنى بۇلارغا گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئەھۋال قانداق بولار؟ ئەنە شۇ كۈندە، كافىر بولغان ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ»[14].

﴿هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّا تَأۡوِيلَهُۥۚ يَوۡمَ يَأۡتِي تَأۡوِيلُهُۥ يَقُولُ ٱلَّذِينَ نَسُوهُ مِن قَبۡلُ قَدۡ جَآءَتۡ رُسُلُ رَبِّنَا بِٱلۡحَقِّ فَهَل لَّنَا مِن شُفَعَآءَ فَيَشۡفَعُواْ لَنَآ أَوۡ نُرَدُّ فَنَعۡمَلَ غَيۡرَ ٱلَّذِي كُنَّا نَعۡمَلُۚ قَدۡ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ  ٥٣﴾

«ئۇلار ئۇ كىتابنىڭ تەئۋىيلىگىلا[15] ساقلاۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭ تەئۋىيلى كەلگەن كۈنى، بۇرۇن ئۇنى ئۇنتۇغانلار مۇنداق دەيدۇ: ‹شۈبھىسىزكى، رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئەمدى بىز ئۈچۈن شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ بولسا بىزگە شاپائەت قىلغان بولسىچۇ! ياكى دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟ بولسا قىلغىنىمىزدىن باشقا ئەمەل قىلار ئىدۇق!›. ئۇلار ھەقىقەتەن ئۆزلىرىگە زىيان سالدى ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى»[16].‏

﴿وَيَوۡمَ يَعَضُّ ٱلظَّالِمُ عَلَىٰ يَدَيۡهِ يَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي ٱتَّخَذۡتُ مَعَ ٱلرَّسُولِ سَبِيلٗا ٢٧ يَٰوَيۡلَتَىٰ لَيۡتَنِي لَمۡ أَتَّخِذۡ فُلَانًا خَلِيلٗا  ٢٨ لَّقَدۡ أَضَلَّنِي عَنِ ٱلذِّكۡرِ بَعۡدَ إِذۡ جَآءَنِيۗ وَكَانَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لِلۡإِنسَٰنِ خَذُولٗا  ٢٩﴾

«ئۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ مۇنداق دەيدۇ: ‹رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر يول تۇتسامچۇ!‏ ۋاي ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىسامچۇ!‏ ئۇ مېنى، ماڭا كەلگەن قۇرئاندىن يىراقلاشتۇردى‹. شەيتان ئىنساننى مانا مۇشۇنداق ياردەمسىز قويىدۇ»[17].

3)      ئەمەللەرنىڭ تارتىلىشى

ئاندىن مىزان قويۇلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى ئۇ مىزاندا تارتىلىدۇ. مىزاندا ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر كەلگەنلەر ئەھلى جەننىتى، ياخشى ئەمەللىرى مىزاندا يېنىك كەلگەنلەر ئەھلى دوزىخى بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلۡوَزۡنُ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡحَقُّۚ فَمَن ثَقُلَتۡ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ ٨ وَمَنۡ خَفَّتۡ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُم بِمَا كَانُواْ بِآيَٰتِنَا يَظۡلِمُونَ ٩﴾

«ئۇ كۈنى ئەمەللەرنىڭ تارتىلىشى ھەقتۇر. مىزاندا ياخشىلىقلىرى ئېغىر كەلگەنلەر مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.‏ مىزاندا ياخشىلىقلىرى يېنىك كەلگەنلەر ئايەتلىرىمىزگە زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە زىيان سالغان كىشىلەردۇر»[18]. ‏

﴿وَنَضَعُ ٱلۡمَوَٰزِينَ ٱلۡقِسۡطَ لِيَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ فَلَا تُظۡلَمُ نَفۡسٞ شَيۡئًاۖ وَإِن كَانَ مِثۡقَالَ حَبَّةٖ مِّنۡ خَرۡدَلٍ أَتَيۡنَا بِهَاۗ وَكَفَىٰ بِنَا حَٰسِبِينَ  ٤٧﴾

«بىز قىيامەت كۈنى توغرا تارتىدىغان مىزانلارنى ئورنىتىمىز. ھېچكىم قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ. قىلىنغان ئىش بىر دانە قىچا چاغلىق بولسىمۇ، ئۇنى كەلتۈرۈپ تارتىمىز. بىز يېتەرلىك ھېساب ئالغۇچىمىز»[19].

﴿فَمَن ثَقُلَتۡ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ  ١٠٢ وَمَنۡ خَفَّتۡ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فِي جَهَنَّمَ خَٰلِدُونَ  ١٠٣ تَلۡفَحُ وُجُوهَهُمُ ٱلنَّارُ وَهُمۡ فِيهَا كَٰلِحُونَ  ١٠٤ أَلَمۡ تَكُنۡ ءَايَٰتِي تُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَكُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ  ١٠٥ قَالُواْ رَبَّنَا غَلَبَتۡ عَلَيۡنَا شِقۡوَتُنَا وَكُنَّا قَوۡمٗا ضَآلِّينَ  ١٠٦ رَبَّنَآ أَخۡرِجۡنَا مِنۡهَا فَإِنۡ عُدۡنَا فَإِنَّا ظَٰلِمُونَ  ١٠٧ قَالَ ٱخۡسَئُواْ فِيهَا وَلَا تُكَلِّمُونِ  ١٠٨ إِنَّهُۥ كَانَ فَرِيقٞ مِّنۡ عِبَادِي يَقُولُونَ رَبَّنَآ ءَامَنَّا فَٱغۡفِرۡ لَنَا وَٱرۡحَمۡنَا وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلرَّٰحِمِينَ  ١٠٩ فَٱتَّخَذۡتُمُوهُمۡ سِخۡرِيًّا حَتَّىٰٓ أَنسَوۡكُمۡ ذِكۡرِي وَكُنتُم مِّنۡهُمۡ تَضۡحَكُونَ  ١١٠﴾ ‏

«مىزاندا ياخشىلىقلىرى ئېغىر كەلگەنلەر مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.‏ مىزاندا ياخشىلىقلىرى يېنىك كەلگەنلەر ئۆزلىرىگە زىيان سالغان كىشىلەردۇر. ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى يالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەھەننەمدە ئۇلارنىڭ كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ. ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: ‹سىلەرگە ئايەتلىرىم تىلاۋەت قىلىنغان ئەمەسمىدى؟ سىلەر ئۇلارنى يالغان دېگەن ئەمەسمىدىڭلار؟›. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ‹رەببىمىز! بىز يامان ئارزۇلىرىمىزغا يېڭىلىپ ئازغۇن قەۋم بولدۇق. رەببىمىز! بىزنى بۇ يەردىن چىقارغىن. ئەگەر يەنە ئەسكىلىك قىلساق، ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغان بولىمىز›. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: تۇرغان يېرىڭلاردا قېلىپ خورلۇق تارتىڭلار ۋە ماڭا گەپ قىلماڭلار. چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم بەندىلىرىم: ‹رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن› دەيتتى، سىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلاتتىڭلار، ھەتتا سىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇغان ئىدىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كۈلەتتىڭلار»[20].‏

﴿فَأَمَّا مَن ثَقُلَتۡ مَوَٰزِينُهُۥ  ٦ فَهُوَ فِي عِيشَةٖ رَّاضِيَةٖ  ٧ وَأَمَّا مَنۡ خَفَّتۡ مَوَٰزِينُهُۥ  ٨ فَأُمُّهُۥ هَاوِيَةٞ  ٩ وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا هِيَهۡ  ١٠ نَارٌ حَامِيَةُۢ  ١١﴾

«كىمنىڭ ياخشىلىقلىرى مىزاندا ئېغىر كېلىدىكەن، ئۇ باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشايدۇ. كىمنىڭ ياخشىلىقلىرى مىزاندا يېنىك كېلىدىكەن، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيەدۇر. ھاۋىيە نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟ ئۇ قىزىق ئوتتۇر»[21].

4)      دوزاخنىڭ كەلتۈرۈلىشى

ئەمەللەرنى تارتىش پائالىيىتى پۈتكەندىن كېيىن دوزاخ كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر ئىنسان ئۇنى كۆرىدۇ ۋە شۇ چاغدا ھەقىقەتكە بويسۇنۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە نەدە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ئەسلەيدۇ ۋە پۇشايمان قىلىدۇ، لېكىن «كېيىنكى پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ».

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَإِذَا جَآءَتِ ٱلطَّآمَّةُ ٱلۡكُبۡرَىٰ ٣٤ يَوۡمَ يَتَذَكَّرُ ٱلۡإِنسَٰنُ مَا سَعَىٰ ٣٥ وَبُرِّزَتِ ٱلۡجَحِيمُ لِمَن يَرَىٰ ٣٦﴾

«بۈيۈك پالاكەت كەلگەن چاغدا، ئەنە شۇ كۈنى كىشى قىلغان – ئەتكەنلىرىنى ئەسلەيدۇ، كۆرىدىغانلار ئۈچۈن دوزاخ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ»[22].

﴿وَجِاْيٓءَ يَوۡمَئِذِۢ بِجَهَنَّمَۚ يَوۡمَئِذٖ يَتَذَكَّرُ ٱلۡإِنسَٰنُ وَأَنَّىٰ لَهُ ٱلذِّكۡرَىٰ  ٢٣ يَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي قَدَّمۡتُ لِحَيَاتِي  ٢٤﴾

«ئۇ كۈنى جەھەننەم كەلتۈرۈلىدۇ، ئەنە شۇ كۈندە ئىنسان ئەسلەيدۇ. لېكىن بۇ ئەسلەشنىڭ ئۇنىڭغا قانداقمۇ پايدىسى بولسۇن! ئۇ: ‹كاشكى، ھاياتىم ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان بولسامچۇ!› دەيدۇ»[23].

﴿لَتَرَوُنَّ ٱلۡجَحِيمَ  ٦ ثُمَّ لَتَرَوُنَّهَا عَيۡنَ ٱلۡيَقِينِ  ٧﴾

«شۈبھىسىزكى، سىلەر دوزاخنى كۆرىسىلەر.‏ ئاندىن كېيىن ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن ئەلۋەتتە كۆرىسىلەر»[24].‏

5)      كىتابلارنىڭ بېرىلىشى

ئاندىن ھەر ئىنسانغا، دۇنيادا قىلغان پۈتكۈل ئەمەللىرى بىر – بىرلەپ يېزىلغان بىر كىتاب بېرىلىدۇ، ئۇ بۇ كىتابنى ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن كىتابنى ئوقۇشى ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىنغانلىقتۇر. ھەر ئىنسان كىتابنى قولىغا ئالغاندا مۇنداق دېيىلىدۇ:

﴿هَٰذَا كِتَٰبُنَا يَنطِقُ عَلَيۡكُم بِٱلۡحَقِّۚ إِنَّا كُنَّا نَسۡتَنسِخُ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ ٢٩﴾

«مانا بۇ بىزنىڭ كىتابىمىزدۇر. بۇ سىلەرگە ھەقنى سۆزلەيدۇ. چۈنكى بىز، قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ نۇسخىسىنى ئالدۇرغان ئىدۇق»[25].

﴿ٱقۡرَأۡ كِتَٰبَكَ كَفَىٰ بِنَفۡسِكَ ٱلۡيَوۡمَ عَلَيۡكَ حَسِيبٗا  ١٤﴾ ‏

«كىتابىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن سەن ئۆز ھېسابىڭنى ئۆزۈڭ ئېلىشقا يېتىسەن»[26].‏

(1)    كىتابلارنىڭ بېرىلىش شەكلى

ياخشىلارنىڭ كىتابلىرى ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن، ئوڭ قوللىرىغا بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېسابى ئاسان بولىدۇ. يامانلارنىڭ كىتابلىرى ئۇلارنىڭ ئارقىلىرىدىن سول قوللىرىغا بېرىلىدۇ. ئۇلار قورقۇپ ھالاك بولۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. 

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ ٧ فَسَوۡفَ يُحَاسَبُ حِسَابٗا يَسِيرٗا ٨ وَيَنقَلِبُ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ مَسۡرُورٗا  ٩ وَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ وَرَآءَ ظَهۡرِهِۦ  ١٠ فَسَوۡفَ يَدۡعُواْ ثُبُورٗا  ١١﴾

«ئۇ چاغدا كىمنىڭ كىتابى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلسە، ئۇنىڭدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇ ئەھلىنىڭ يېنىغا خۇشال ھالدا قايتىدۇ. كىمنىڭ كىتابى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلسە، ئۇ يوق بولۇپ كېتىشنى تىلەيدۇ»[27].

كاپىرلار كىتابلىرىنىڭ ئىچىگە قاراپ قورقۇپ كېتىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰوَيۡلَتَنَا مَالِ هَٰذَا ٱلۡكِتَٰبِ لَا يُغَادِرُ صَغِيرَةٗ وَلَا كَبِيرَةً إِلَّآ أَحۡصَىٰهَاۚ… ٤٩﴾

«ۋاي ھالىمىزغا! بۇ قانداق كىتاب! ھېچ نەرسە قالدۇرۇپ قويماي چوڭ – كىچىك ھەممە قىلمىشىمىزنى بىر – بىرلەپ خاتىرىلەپتۇ!»[28].

(2)    يۈزلەردىكى ئۆزگىرىش

ئۇ چاغدا ياخشىلارنىڭ يۈزلىرى ئاقىرىپ كېتىدۇ، يامانلارنىڭ يۈزلىرى قارىيىپ كېتىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ تَفَرَّقُواْ وَٱخۡتَلَفُواْ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ  ١٠٥ يَوۡمَ تَبۡيَضُّ وُجُوهٞ وَتَسۡوَدُّ وُجُوهٞۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ٱسۡوَدَّتۡ وُجُوهُهُمۡ أَكَفَرۡتُم بَعۡدَ إِيمَٰنِكُمۡ فَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ  ١٠٦ وَأَمَّا ٱلَّذِينَ ٱبۡيَضَّتۡ وُجُوهُهُمۡ فَفِي رَحۡمَةِ ٱللَّهِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ  ١٠٧﴾

«سىلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بۆلۈنگەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقانلاردەك بولماڭلار. ئەنە شۇلارغا چوڭ ئازاب بار. ئۇ كۈنى بەزى يۈزلەر ئاقىرىدۇ ۋە بەزى يۈزلەر قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا: ‹سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شۇ ئازابنى تېتىڭلار› دېيىلىدۇ.‏ يۈزى ئاقارغانلار بولسا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇلار ئۇ رەھمەتنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ»[29].‏

﴿وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٖ مُّسۡفِرَةٞ  ٣٨ ضَاحِكَةٞ مُّسۡتَبۡشِرَةٞ  ٣٩ وَوُجُوهٞ يَوۡمَئِذٍ عَلَيۡهَا غَبَرَةٞ  ٤٠ تَرۡهَقُهَا قَتَرَةٌ  ٤١ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡكَفَرَةُ ٱلۡفَجَرَةُ  ٤٢﴾

«ئۇ كۈنى بەزى يۈزلەر نۇر چاچقۇچىدۇر، كۈلۈپ تۇرغۇچىدۇر، خۇشال بولغۇچىدۇر. ئۇ كۈنى يەنە بەزى يۈزلەر چاڭ – توزان ئىچىدە قالىدۇ، قارىداپ كېتىدۇ. ئەنە شۇلار كافىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر»[30].

﴿وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ تَرَى ٱلَّذِينَ كَذَبُواْ عَلَى ٱللَّهِ وُجُوهُهُم مُّسۡوَدَّةٌۚ أَلَيۡسَ فِي جَهَنَّمَ مَثۡوٗى لِّلۡمُتَكَبِّرِينَ  ٦٠﴾

«ئاللاھقا بوھتان چاپلىغانلارنى، قىيامەت كۈنى يۈزلىرى قارىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن. چوڭچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئورنى جەھەننەمدۇر، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!»[31].‏

(3)    تىللاردىكى سۆزلەر

ياخشىلار كىتابلىرىنى ئوقۇپ بولۇپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿هَآؤُمُ ٱقۡرَءُواْ كِتَٰبِيَهۡ  ١٩ إِنِّي ظَنَنتُ أَنِّي مُلَٰقٍ حِسَابِيَهۡ  ٢٠﴾

«مانا بۇ مېنىڭ كىتابىم، ئېلىپ ئوقۇڭلار!‏ مەن ھېسابىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم»[32].‏

يامانلار بولسا، كىتابلىرىنى ئوقۇپ بولۇپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰلَيۡتَنِي لَمۡ أُوتَ كِتَٰبِيَهۡ  ٢٥ وَلَمۡ أَدۡرِ مَا حِسَابِيَهۡ  ٢٦ يَٰلَيۡتَهَا كَانَتِ ٱلۡقَاضِيَةَ  ٢٧ مَآ أَغۡنَىٰ عَنِّي مَالِيَهۡۜ  ٢٨ هَلَكَ عَنِّي سُلۡطَٰنِيَهۡ  ٢٩﴾

«ئاھ! كاشكى، ماڭا كىتابىم بېرىلمىگەن بولسا ئىدى! ھېسابىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەم ئىدىم! ئاھ! كاشكى، ئۆلۈم ئىشنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى بولسا ئىدى! مال – مۈلكۈم ماڭا ئەسقاتمىدى. سەلتەنەتىم قولۇمدىن كەتتى»[33].

6)     يامانلارغا تەنقىد

ئۇ چاغدا يامانلار ئەيىبلىنىدۇ، تەنقىدلىنىدۇ ۋە نەدە كەتكۈزۈپ قويغانلىقلىرى يۈزلىرىگە سېلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَفَلَمۡ تَكُنۡ ءَايَٰتِي تُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَٱسۡتَكۡبَرۡتُمۡ وَكُنتُمۡ قَوۡمٗا مُّجۡرِمِينَ  ٣١ وَإِذَا قِيلَ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَٱلسَّاعَةُ لَا رَيۡبَ فِيهَا قُلۡتُم مَّا نَدۡرِي مَا ٱلسَّاعَةُ إِن نَّظُنُّ إِلَّا ظَنّٗا وَمَا نَحۡنُ بِمُسۡتَيۡقِنِينَ  ٣٢﴾

«سىلەرگە ئايەتلىرىم تىلاۋەت قىلىنغان ئەمەسمىدى؟ لېكىن سىلەر چوڭچىلىق قىلدىڭلار ۋە گۇناھكار قەۋم بولدۇڭلار، شۇنداققۇ! سىلەرگە: ‹ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىدا ھەرگىزمۇ شەك يوقتۇر› دېيىلسە، سىلەر: بىز قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، بىز پەقەت گۇمان قىلىمىز، بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز› دېگەن ئىدىڭلار!»[34].

﴿وَقِيلَ ٱلۡيَوۡمَ نَنسَىٰكُمۡ كَمَا نَسِيتُمۡ لِقَآءَ يَوۡمِكُمۡ هَٰذَا وَمَأۡوَىٰكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّٰصِرِينَ  ٣٤ ذَٰلِكُم بِأَنَّكُمُ ٱتَّخَذۡتُمۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ هُزُوٗا وَغَرَّتۡكُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَاۚ فَٱلۡيَوۡمَ لَا يُخۡرَجُونَ مِنۡهَا وَلَا هُمۡ يُسۡتَعۡتَبُونَ  ٣٥﴾

«ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: ‹سىلەر بۇ كۈنۈڭلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇغاندەك، بىزمۇ بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز. سىلەرنىڭ بېرىپ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر. چۈنكى سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلار ۋە دۇنيا ھاياتى سىلەرنى ئالدىدى›. بۈگۈن ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشلىرىمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ».

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 78 – 91.

[1] 7 – سۈرە ئەئراف، 6 – ئايەت.

[2] 5 – سۈرە مائىدە، 109 – ئايەت.

[3]  قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 116 ~ 118 – ئايەتلەر.

[4] 5 – سۈرە مائىدە، 119 – ئايەت.

[5] 6 – سۈرە ئەنئام، 130 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 28 – سۈرە قەسەس، 65 – ئايەت.

[7] 6 – سۈرە ئەنئام، 94 – ئايەت.

[8] 27 – سۈرە نەمل، 84 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 28 – سۈرە قەسەس، 66 – ئايەت.

[10] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 27 – ئايەت.

[11] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 22 – ۋە 23 – ئايەتلەر.

[12]  قاراڭ: 11 – سۈرە ھۇد، 18 – ئايەت.

[13] قاراڭ: 28 – سۈرە قەسەس، 75 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 84 – ۋە 89 – ئايەت.

[14] 4 – سۈرە نىسا، 41 – ۋە 42 – ئايەتلەر.

[15] ‎‏ تەئۋىيل: بىر نەرسىنى بارىدىغان يېرىگە ئاپىرىش دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ ئىپادىسىگە ئاساسەن، دۇنيا ھاياتىغا ئالدانغان ئۇ كافىرلار بۇ كىتابقا ئىمان ئېيتماي: «توختايلى ئاخىرى نەگە بارىدۇ» دەپ ئاخىرىنى كۈتىدۇ. ئىشنى ئەتە – ئۆگۈنگە قويىدۇ. ئاخىرەتكە ئىشىنىش ئۈچۈن قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىنى، ئاخىرەت كۈنىنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ. لېكىن ئۇ كۈن كەلگەندە ئۆزلىرىدىن ھېچبىر ئەمەلنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ.‏

[16] 7 – سۈرە ئەئراف، 53 – ئايەت.

[17] 25 – سۈرە فۇرقان، 27 ~ 29 – ئايەتلەر.

[18] 7 – سۈرە ئەئراف، 8 – ۋە 9 – ئايەتلەر.

[19] 21 – سۈرە ئەنبىيا، 47 – ئايەت.

[20] 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 102 ~ 110 – ئايەتلەر.

[21] 101 – سۈرە قارىئە، 6 ~ 11 – ئايەتلەر.

[22] 79 – سۈرە نازىئات، 34 ~ 36 – ئايەتلەر.

[23]  89 – سۈرە فەجر، 23 – ۋە 24 – ئايەتلەر.

[24] 102 – سۈرە تەكاسۇر، 6 – ۋە 7 – ئايەتلەر.

[25] 45 – سۈرە جاسىيە، 29 – ئايەت.

[26] 17 – سۈرە ئىسرا، 14 – ئايەت.

[27] 84 – سۈرە ئىنشىقاق، 7 ~ 11 – ئايەتلەر.

[28] 18 – سۈرە كەھف، 49 – ئايەت.

[29] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 105 ~ 107 – ئايەتلەر.

[30] 80 – سۈرە ئەبەسە، 38 ~ 42 – ئايەتلەر.

[31] 39 – سۈرە زۇمەر، 60 – ئايەت.

[32] 69 – سۈرە ھاققە، 19 – ۋە 20 – ئايەت.

[33] 69 – سۈرە ھاققە، 25 ~ 29 – ئايەتلەر.

[34] 45 – سۈرە جاسىيە، 31 – ۋە 32 – ئايەت.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ