باش بەت > ئەھكام > پەتىۋالار > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر > نىكاھ  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلىرىم! مېنىڭ ئېرىم تۆت يىل ئىلگىرى ئۆز ئارزۇسى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ كەتگەن. ھازىرغا قەدەر بالام ئىككىمىز ئۇنى كۇتتۇق كۆپ قىينالدۇق.

  ئەمدى رېئاللىققا تەن بىرىپ ئۇنىڭدىن ئۈمىدنى ئۇزدۇق. چۇنكى ئۇ بىزنىڭ ھالىمىزدىن پەقەتلا كارى بولمىدى يەنى مېنىڭچە قىلالمايدىغان دەرىجىدە ئەمەس.

  سوئالىم: مەن شەرىئەتتە تالىقىمنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟ ئەپسۇس! مېنىڭ ئامالىم بولسا ئىدى، بىرلا نىكاھلق ھالدا ئاللاھنى رازى قىلىپ ئۆتكەن بولاتتىم! ھۆرمەت بىلەن: رابىيە

 ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

 جاۋاب:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿…فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا افْتَدَتْ بِهِ …٢٢٩﴾

«… ئەر – خوتۇن ئىككىسى ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالارغا رىئايە قىلالماسلىقتىن قورقسا، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالارغا رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، بۇ ئەھۋالدا ئايالنىڭ ئېرىگە مال بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇزىشىدا ھەر ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ[1]…‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 229 – ئايەت).

بۇ ئايەتنىڭ «… ئەگەر سىلەر ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار،» دېگەن قىسمىدىكى «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىرى» ئايالنىڭ، ئېرىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ۋە ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، نىكاھىنىڭ يەنى ئەر-خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ داۋاملاشمايدىغانلىقىدىن قورققان بىر ئايال نىكاھتىكى ھەققىنى قوغداش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ياكى يۇرت چوڭلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. بۇلار نىسا سۈرىسىنىڭ 35 – ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، مەزكۇر ئەر-خوتۇننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بەلگىلەيدۇ.

بۇ ئىككى ھەققانىي كىشى ئەھۋالنى ئېنىقلاپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ياكى يۇرت چوڭلىرىغا مەلۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەگەر بۇلارمۇ، ئۇ ئەر-خوتۇننىڭ نىكاھىنىڭ داۋاملاشمايدىغانلىقىغا قانائەت كەلتۈرسە، ئايالغا ئىفتىدا (يەنى ئېرىدىن ئالغان تويلۇق ۋە ھەدىيىلەرنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى، ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بىرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش) ھوقۇقى بېرىدۇ.

ئايالنىڭ ئېرى تەرەپكە بېرىدىغان مېلى، ئالغان تويلۇق ۋە ھەدىيىلەردىن ئارتۇق بولۇشى توغرا ئەمەس، ھەممىسى ياكى مەلۇم بىرمىقدارى بولۇشى كېرەك. بۇنى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن (مەسىلەن: مەھكىمە)، ياكى يۇرت چوڭلىرى ۋە ياكى ئۇ ئىككى ھەققانىي كىشى بەلگىلەيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئايال بەلگىلەنگەن مىقداردىكى نەرسىنى ئېرى تەرەپكە تۆلىسە، بۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن ئۇ ئايالنىڭ ئېرى بىلەن نىكاھى بىكار قىلىنغان بولىدۇ ۋە ئىددەت باشلىنىدۇ. ئېرىنىڭ تالاق قىلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ. بۇنىڭدا ئەرنىڭ سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ؛ ئەرنىڭ «مەن تالاق قىلمىسام ئاجرىشالمايسەن ياكى مەن تالاق قىلمىدىم» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئايالنى قورقىتىدىغانغا ھەققى بولمايدۇ. 

 ئارقىسىدىن مۇناسىۋەتلىك ئىدارىغا ئىلتىماس قىلىپ نىكاھنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى رەسمىيلەشتۈرۈشى يەنى ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسى ئېلىشى تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئېرىدىن ئاجراشقانلىقىنى ئىش بېشىدىكىلەرگە ۋە يۇرت-جامائەتكە ئېلان قىلىش لازىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ۋە ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك زامانىدا بۇ ئىشقا مىسال بولىدىغان مۇنداق ئىككى ھادىسە بولغان:

1- سەھلىل ئەنسارىينىڭ قىزى ھەبىبە، سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماسنىڭ نىكاھىدا ئىدى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىغا چىقىۋېتىپ ھەبىبىنى ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ئۇچراتتى ۋە ئۇنىڭدىن: «كىم بۇ؟» دەپ سورىدى، ئايال: «مەن سەھلنىڭ قىزى ھەبىبە، يا رەسۇلەللاھ!» دەپ جاۋاب بەردى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالغا: «نېمە بولدى؟» دېدى. ئايال: «بىز بولالمىدۇق!» دېدى. ئايالنىڭ ئېرى سابىت كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مانا بۇ ھەبىبە! ئاللاھ خالىغاننى سۆزلىدى «دېدى. ئارقىسىدىن ھەبىبە: «يا رەسۇلەللاھ! بۇنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى بار» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سابىتقا: «ئۇنىڭدىن ئۇ نەرسىلەرنى ئال» دېدى. شۇنىڭ بىلەن سابىت ئايالى ھەبىبىدىن بەرگەن نەرسىلىرىنى ئالدى ۋە ھەبىبە ئائىلىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.-(مۇۋەتتا، تالاق 11).

ھەبىبىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا» :ئېرىم سابىتقا ئۆچ بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ياشاشقا تاقەت قىلالمايۋاتىمەن» دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ.- (ئىبنى ماجە، تالاق 22).

باشقا بىر رىۋايەتتە بۇ ھادىسە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: سەھلنىڭ قىزى ھەبىبە، سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماسنىڭ نىكاھىدا ئىدى. سابىت سەتراق ئادەم ئىدى. ھەبىبە رەسۇلۇللاھقا: «يارەسۇلەللاھ! ئەگەرئاللاھدىن قورقمىسام، يېنىمغا كىرگەندە يۈزىگە تۈكۈرەتتىم» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا ساڭا بەرگەن باغچىسىنى قايتۇرۇپ بېرەمسەن؟» دېدى. ئۇ» :قايتۇرۇپ بېرەي» دېدى ۋە قايتۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئايرىۋەتتى.- (ئىبنى ماجە، تالاق 22).

يەنە بىر رىۋايەتتە ھەبىبىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قوشنا ئىكەنلىكى، سابىتنىڭ ھەبىبىنى ئۇرىدىغانلىقى، سابىتنىڭ قوپال بىر ئادەم ئىكەنلىكى، ھەبىبىنىڭ سابىتنى يامان كۆرىدىغانلىقى، سابىتنىڭ ھەبىبىنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ.- (دارىمى، تالاق 7؛ ئىبنى سەئد 8/326؛ تەپسىرى قۇرتۇبى 3/92).

 بۇ ھادىسە يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق زىكىر قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبىبىگە: «ئۇنىڭغا، ساڭا بەرگەن باغچىسىنى قايتۇرۇپ بېرەمسەن؟» دېگەن ئىدى، ئۇ: «قايتۇرۇپ بېرەي، ھەتتا ئۈستەكمۇ بېرەي» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈستەك بېرىشكە بولمايدۇ، باغچىسىنىلا بەرگىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەبىبە ئېرى (تويلۇق قىلىپ) بەرگەن باغچىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قايتۇرۇپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سابىت ئۈچۈن باغچىنى ئالدى ۋە ئايالنى يولغا سېلىپ قويدى. كېيىن بۇ خەۋەر سابىتقا يەتكەن ئىدى، ئۇ: «رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلدىم» دېدى. (نەيلۇل ئەۋتار 6/277).

2- بىر ئايال ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېرى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى. ئۆمەر بۇ ئايالنى ئەخلەت-چاۋار بار بىر ئۆيدە تۇرۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئايال ئۇ ئۆيدە بىر كېچە قالدى. ئەتىسى ئەتىگەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئادەم ئەۋەتىپ ئايالنى چاقىرىتىپ كەلدى ۋە: «بۇ كېچىنى قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟» دەپ سورىدى. ئايال: «بۇنداق خۇشال بىر كېچە ئۆتكۈزمىگەن ئىدىم» دەپ جاۋاب بەردى.

شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالدىن ئېرى توغرۇلۇق سورىدى. ئايال ئاۋۋال ئېرىنى ماختىدى، ئارقىسىدىن: «ئۇ بارغۇ، ئۇ! لېكىن قولۇمدىن باشقا بىر ئىش كەلمەيۋاتىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئايالغا ئېرىگە پىدىيە بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدا رۇخسەت بەردى.- (ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا 2/341).

بۇ ئىككى ھادىسىگە قارايدىغان بولساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسۇن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە ئۆچ بولۇپ قالغانلىقلىرىنىڭ سەۋەبلىرىنى سورىمىغانلىقىنى كۆرىمىز.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبىبە بىلەن سابىتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەھۋالنى بىلەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەبىبىنىڭ ئەرز قىلىپ كېلىشى بىلەن، ھېچ تەكشۈرمەيلا مەسىلە توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

ھەزرەت ئۆمەر ئايالنىڭ ئېرى بىلەن ئەر – خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئايالنى ھېلىقى سېسىق ئۆيگە سولاپ قويغان.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالنىڭ بىر كېچىنى ئۇ ئۆيدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن دېگەنلىرىگە قارىتا، بۇ ئايالنىڭ ئېرى بىلەن ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ۋە مەزكۇر ھۆكمىنى (ئېرىگە بىر نەرسە بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى ھۆكمىنى) چىقارغان.

خۇلاسە

يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنلىرىغا ئاساسەن بىر ئايال ئېرى بىلەن ئارىسىدىكى ئەر – خوتۇنلۇق ھەقلىرىگە رىئايە قىلىنماسلىقدىن قورقسا، ئەھۋالنى يۇرت چوڭلىرىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ. يۇرت چوڭلىرى ئەرنىڭ تەرىپىدىن بىر ھەققانىي كىشى، ئايالنىڭ تەرىپىدىن بىر ھەققانىي كىشى بەلگىلەيدۇ. بۇ ئىككى كىشى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىدۇ.

ئەگەر ئۇلارمۇ بۇ ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقسا، ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە (يۇرت چوڭلىرىغا) مەلۇم قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئايالغا، ئەردىن ئالغان تويلۇقنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۇلار بەلگىلەپ بەرگەن مىقداردىكى نەرسىنى ئېرى تەرەپكە تۆلەيدۇ. بۇ نەرسىنى تۆلەش بىلەن نىكاھ بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن ئايال مۇناسىۋەتلىك مۇئەسسەگە ئىلتىماس قىلىپ ئىشىنى رەسمىيىلەشتۈرسە بولىدۇ.

ئەر – خوتۇنلۇق ھەقلەرگە رىئايە قىلىنماسلىقىدىن قورقۇش، ئايالغا ئىفتىدا (يەنى ئېرى تەرەپكە، ئالغان تولۇقنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش) ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشىگە سەۋەب بولغان يەردە، ئەرنىڭ ئايالىغا نەپىقە بەرمەسلىك، ئايالىغا زىيان يەتكۈزۈش، ئايالىنى تاشلىۋېتىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن ئەر – خوتۇنلۇق ھەقلىرىگە رىئايە قىلماسلىقى ئەلۋەتتە ئايال كىشىگە تالىقىنى تەلەپ قىلىشىغا ياكى يۇقىرىدىكى شەكىلدە (پىدىيە تۆلەش ئارقىلىق نىكاھنى بۇزۇش يولى بىلەن) ئېرىدىن ئاجرىشىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

[1]  بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىدىكى «مال بېرىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى» دېگەن ئىپادە ئىفتىدا «افتداء» مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن ئىفتەدەت «افتدت» پېئىلىنىڭ، بېشىدىكى «ما» بىلەن بېرىككەن ھالىتىنىڭ مەنىسىدۇر. ئىفتىدا ۋە فىدا ئىككى مەسدەر بولۇپ مەنىسى تۆلەم تۆلەپ قۇتقۇزماق دېگەن بولىدۇ. تۆلەنگەن تۆلەم فىديە «فدية» دەپ ئاتىلىدۇ (ئەزھەرى، «فدي»، 14: 140-141؛ ئىبنى فارىس، «فدي»، 4: 483؛ راغىب ئىسفەھانى، «فدي»، 627؛ ئىبنى مەنزۇر، «فدي»، 15: 149 – 151). قۇرئان كەرىمدە «فدي» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ۋە بۇ لۇغەت مەنىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مەنە ئىپادىلىگەن بىرقانچە كەلىمە بار (ئىفتىدا مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن پېئىللەر ئۈچۈن قاراڭ: 3- سۈرە ئال ئىمران، 91- ئايەت؛ 5- سۈرە مائىدە، 26- ئايەت؛ 10- سۈرە يۇنۇس، 54- ئايەت؛ 13- سۈرە رەئد، 18- ئايەت؛ 39- سۈرە زۇمەر، 47- ئايەت؛ 70- سۈرە مەئارىج، 11- ئايەت. قۇرئان كەرىمدە «فىدائـ» مەسدىرىمۇ كەلگەن: 47- سۈرە مۇھەممەد، 4- ئايەت؛ «فىدائـ» مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن پېئىل ئۈچۈن قاراڭ: 37- سۈرە ساففات، 107- ئايەت؛ «مۇفادەئە» مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن پېئىل ئۈچۈن قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 85- ئايەت. «فىديە» كەلىمىسى ئۈچۈن قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 184- ۋە 196- ئايەتلەر؛ 4- سۈرە نىسا، 92- ئايەت؛ 57- سۈرە ھەدىد، 15- ئايەت). نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە بىنائەن «نىكاھ» بىر – بىرىگە مەھرەم بولمىغان بىر جۈپ ئەر – ئايالنىڭ ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئائىلە قۇرۇش كېلىشىمىدۇر. بۇ كېلىشىمنىڭ بىر تەرىپى بولغان ئەر خالىغان چېغىدا ئۇنى بۇزالايدۇ، ئۇنىڭ بۇ بۇزۇشى «تالاق» دەپ ئاتىلىدۇ. كېلىشىمنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولغان ئايال بولسا بىرقانچە باسقۇچتىن كېيىن ئۇنى بۇزالايدۇ. ئۇنىڭ بۇ بۇزۇشى «ئىفتىدا» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ باسقۇچلار تۆۋەندىكىچە: نىكاھىنىڭ  يەنى ئەر – خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىدىن قورققان بىر ئايال، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ياكى يۇرت چوڭلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەرنىڭ تەرىپىدىن بىر ھەققانىي كىشى، ئايالنىڭ تەرىپىدىن بىر ھەققانىي كىشى بەلگىلەيدۇ (قاراڭ: 4- سۈرە نىسا 35- ئايەت). بۇ ئىككى ھەققانىي كىشى ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئۆزلىرىنى ۋەزىپىلەندۈرگەنلەرگە مەلۇم قىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار مۇۋاپىق كۆرسە ئايالغا ئىفتىدا (ئېرىدىن ئالغان تويلۇق ۋە ھەدىيىلەرنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىرقىسمىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بىرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش) ھوقۇقى بېرىدۇ‎.‎‏ شۇنىڭ بىلەن ئايال مۇشۇ باسقۇچتا، خالىسا ئىككى تەرەپ كېلىشكەن بويىچە ئېرىدىن ئالغان تويلۇق ۋە ھەدىيەلەرنى ياكى مۇئەييەن بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئايال تەرەپ بۇنى ئەر تەرەپكە تاپشۇرغان ۋە ئەر تەرەپ تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان «نىكاھ توختامى» بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئەرنىڭ تالاق دېيىشىگە ھاجەت يوق. چۈنكى ئەرنىڭ بۇ توغرىدىكى ھوقۇقى «تالاق»، ئايالنىڭ ھوقۇقى «ئىفتىدا»، تالاق پېئىلىنىڭ ئىگىسى (پائىلى) ئەر، ئىفتىدا پېئىلىنىڭ ئىگىسى (پائىلى) ئايالدۇر.‏


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ