باش بەت > ئەھكام > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

سوئال: جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ھەيكەل ياساشنىڭ نېمە؟ 

قۇرئان كەرىمدە رەسساملىق ۋە نەققاشلىق سەنئىتىنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق بىرەر ئىپادە يوق، لېكىن ھەيكەلتاراشلىقنىڭ مۇباھلىقىغا (قىلسا بولىدىغان سەنئەت ئىكەنلىكىگە) دالالەت قىلىدىغان ئىككى ئايەت بار. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 

  1. ﴿… وَإِذۡ تَخۡلُقُ مِنَ ٱلطِّينِ كَهَيۡئَةِ ٱلطَّيۡرِ بِإِذۡنِي فَتَنفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيۡرَۢا بِإِذۡنِيۖ … ١١٠﴾

«مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن لايدىن قۇش شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيتتىڭ، ئۇ مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن قۇش بولاتتى»[1].

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى بايان قىلغان ئايىتىنىڭ ئىچىدە ئۆتىدۇ. دېمەككى، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇچارقاناتلارنىڭ شەكلىگە ئوخشاش ھەيكەل ياسايتتى. ھەيكەل ئىچىگە پۈۋلىسە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھەقىقىي ئۇچارقاناتقا ئايلىنىپ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولاتتى. بۇ، رەسىم  سىزىش، رەسىمگە تارتىش ۋە ھەيكەل ياساشنىڭ جائىزلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ھەيكەل ياساش رەسساملىق ۋە نەققاشلىقتىنمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى بىر ئىش. يۇقىرى سەۋىيەدىكىنىڭ جائىز بولۇشى، ئەلۋەتتە تۆۋەن سەۋىيەدىكىلەرنىڭمۇ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئايەتنىڭ بۇ مەزمۇنىغا بەزىلەر مۇنداق دەپ ئېتىراز بىلدۈرىدۇ: بۇ ئايەت جانلىق نەرسىنىڭ رەسىمىنى سىزىش ۋە ھەيكىلىنى ياساشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل بولالمايدۇ، چۈنكى بۇ ئايەتتىكى ھەيكەل مۆجىزە بولۇشى ئۈچۈن ياسالغان. بۇ ئالاھىدە ئەھۋالدۇر، شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىن «رەسىم سىزىش، سۈرەتكە تارتىش ۋە ھەيكەل ياساش جائىز» دېگەن ئومۇمىي ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ. ‏

ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىرازى ئورۇنسىزدۇر، قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرنىڭ «مۆجىزەم بولسۇن» دەپ بىرەر ھارام ئىشنى قىلىشى مۇمكىن ئەمەستۇر.

  1. ﴿يَعۡمَلُونَ لَهُۥ مَا يَشَآءُ مِن مَّحَٰرِيبَ وَتَمَٰثِيلَ وَجِفَانٖ كَٱلۡجَوَابِ وَقُدُورٖ رَّاسِيَٰتٍۚ … ١٣﴾

«ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن سۇلەيماننىڭ تەلىپى بويىچە سارايلار، ھەيكەللەر، كۆلدەك لېگەنلەر ۋە مۇقىم قازانلارنى ياسايتتى…»[2].‏‏

بۇ ئايەت دالالەت قىلىدۇكى، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام ھەيكەل ياساشقا ئەمر قىلاتتى. ئەگەر ھەيكەل ياساش ھارام بولۇپ، ئاللاھنىڭ بىر پەيغەمبىرى بولغان سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام ئۇ ھارامغا ئەمر قىلغان بولسا، ئاللاھ تەرىپىدىن چوقۇم ئاگاھلاندۇرۇلغان بولاتتى. لېكىن بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكەل ياساشنى بۇيرۇغانلىقىنى، جىنلارنىڭ ئۇنىڭغا ھەيكەللەرنى ياساپ بېرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قىلىنغان ئىنئام سۈپىتىدە بايان قىلىدۇ.

رەسىمگە تارتىش، رەسىم سىزىش، سىنغا ئېلىش ۋە ھەيكەل ياساش قاتارلىق ئىشلارنى يامان كۆرىدىغان، ئۇلارنى مەنئى قىلىدىغان ۋە «ھارام» دەپ ھۆكۈم قىلىدىغانلار يۇقىرىدىكى ئايەتلەر بىلەن بۇ توغرىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلمىغان ياكى رىۋايەتلەرنى كۆرۈپلا ئايەتلەرگە قارىماستىن ھۆكۈم چىقىرىۋەتكەن ۋە ياكى رەسىم ۋە ھەيكەلدىن مەقسەت قىلىنغان نەتىجىنى ئېتىبارغا ئالمىغان، شۇنداقلا مەسىلە ھەققىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرالمىغان.        

رەسىم سىزىش ۋە ھەيكەل ياساشتىن مەنئى قىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش ۋە ئاللاھنىڭ يارىتىشىغا ئوخشاش يارىتىش دەيدىغان بەزى رىۋايەتلەر بار.

شۈبھىسىزكى، ئاللاھتىن غەيرىي ھەرقانداق بىر نەرسىنى ئىلاھ دەپ چوقۇنۇش ئوچۇق – ئاشكارا كۇفرىلىقتۇر، دىندىن چىققانلىقتۇر. لېكىن بىرەر نەرسىگە چوقۇنۇش ئۇ نەرسىنىڭ يامان نەرسە ياكى ھارام نەرسە ۋە ياكى ياسىلىشى چەكلەنگەن نەرسە ئىكەنلىكنى ئىپادىلىمەيدۇ. مەسىلەن: خىرىستىيانلار ئىيسا ۋە مەريەم ئەلەيھىسسالاملارنى ئىلاھ ئورنىغا قويۇپ چوقۇنىدۇ، ئەمما بىز مۇسۇلمانلار، ئۇلارنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا «دۇرۇد – سالام» يوللايمىز. قۇياشقا ۋە ئايغا چوقۇنىدىغانلار بار، لېكىن ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى ئايىتى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنىڭ يورۇقلىقىدىن ۋە نۇرىدىن پايدىلىنىش ھارام دېمەيدۇ.

ئەگەر بىرەر قەۋم بىرەر تۈرلۈك ئاپتوموبىلغا چوقۇنسا، بۇ يولۇچى ۋە يۈك توشۇش ئۈچۈن ئۇ ئاپتوموبىلنى ياساشنىڭ ھاراملىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. يەر يۈزىدە كالىغا چوقۇنىدىغانلار بار، لېكىن ئۇلارنىڭ چوقۇنۇشى بىلەن كالىنىڭ ھارام بولۇپ قالغىنى يوق.

ئاللاھنىڭ يارىتىشىغا ئوخشاش يارىتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئىنساننىڭ ياسىشى ئاللاھنىڭ يارىتىشى بىلەن، ئىنساننىڭ ياسىغىنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇش ئەقىلنى ئىشلەتمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر، خالاس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  

﴿… أَمۡ جَعَلُواْ لِلَّهِ شُرَكَآءَ خَلَقُواْ كَخَلۡقِهِۦ فَتَشَٰبَهَ ٱلۡخَلۡقُ عَلَيۡهِمۡۚ قُلِ ٱللَّهُ خَٰلِقُ كُلِّ شَيۡءٖ وَهُوَ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّٰرُ ١﴾

«… ياكى ئۇلار ئاللاھقا، ئاللاھ ياراتقاندەك ياراتقان، ياراتقىنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشىشىپ كەتكەن نەرسىلەرنى شېرىك قىلدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇ بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر‏»[3].‏

‏بۇ ئايەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق مەنتىقلىق دەلىلىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىلاھلىق ۋە ياراتقۇچىلىق سۈپىتىدە يەككە – يېگانىدۇر، ئاللاھنىڭ پېئىلى ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتىدىن بىرىنىڭ پېئىلى بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ھەر پېئىلى مۆجىزىدۇر (باشقىسى ئوخشىشىنى قىلالمايدىغان ئالاھىدىلىكتىدۇر)، ئىنساننىڭ پېئىلى مۆجىزە ئەمەس، بىر ئىنسان قىلغاننى يەنە بىر ئىنسان قىلالايدۇ.

تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالا ياراتقاندەك يارىتالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

﴿أَمۡ خُلِقُواْ مِنۡ غَيۡرِ شَيۡءٍ أَمۡ هُمُ ٱلۡخَٰلِقُونَ  ٣٥ أَمۡ خَلَقُواْ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَۚ بَل لَّا يُوقِنُونَ  ٣٦﴾

«ياكى ئۇلار ھېچ نەرسىسىز يارىتىلدىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىلارمۇ؟ ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۇلار ياراتتىمۇ؟ ياق، ئۇلار جەزمەن ئىشەنمەيدۇ»[4].

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ضُرِبَ مَثَلٞ فَٱسۡتَمِعُواْ لَهُۥٓۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَن يَخۡلُقُواْ ذُبَابٗا وَلَوِ ٱجۡتَمَعُواْ لَهُۥۖ وَإِن يَسۡلُبۡهُمُ ٱلذُّبَابُ شَيۡئًا لَّا يَسۡتَنقِذُوهُ مِنۡهُۚ ضَعُفَ ٱلطَّالِبُ وَٱلۡمَطۡلُوبُ  ٧٣ مَا قَدَرُواْ ٱللَّهَ حَقَّ قَدۡرِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ ٧٤﴾

«ئى ئىنسانلار! بىر مىسال بايان قىلىندى. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار: سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ بىرەر چىۋىن يارىتالمايدۇ، ھەتتا چىۋىن ئۇلاردىن بىر نەرسە ئېلىپ قاچسا، چىۋىندىن ئۇنى قۇتقۇزۇپ ئالالمايدۇ. دېمەككى، تەلەپ قىلغۇچىمۇ، تەلەپ قىلىنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر! ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر»[5].‏

توغرا، ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەت بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ بىر دانە چىۋىن يارىتالمايدۇ. رەسىم سىزىش، رەسىمگە تارتىش ۋە ھەيكەل ياساش ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشاش ياراتقانلىق بولىدۇ دېگەنلىك، ئالدى بىلەن ئۇ ئىشلارنى قىلغانلىقنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىغا ئوخشاتقانلىق،  ئاندىن رەسىم بىلەن ھەيكەلنى ئاللاھ ياراتقان مەخلۇققا ئوخشاتقانلىق، نەتىجىدە رەسسام بىلەن ھەيكەلتاراشنى ئاللاھ تائالاغا ئوخشاتقانلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ «ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى» دېگەن سۆزى بىلەن بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان.

 دەرۋەقە، رەسىمنىڭ ھاراملىقىغا دائىر رىۋايەتلەردىكى «ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشاش ياراتقانلىق» بولىدۇ دېگەن ئىپادە، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشاش يارىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ماس كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رىۋايەتلەرنى ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا چۈشىنىش كېرەك. مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى تاشلاپ قويۇپ رىۋايەتكە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم چىقارماسلىق لازىم. بولمىسا ئاجىز رىۋايەتلەردىن، رىۋايەتكە قوشۇلغان جۈملىلەردىن ۋە ئويدۇرما ئىپادىلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردىكى ھەيكەل ياساش ھەققىدە كەلگەن تەھدىتلەرنى، چوقۇنۇش ئۈچۈن ھەيكەل ياساش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى ھەيكەل ياساشنىڭ مۇباھلىقى (رۇخسەت بېرىلگەن ئىش ئىكەنلىكى) توغرىسىدا ئايەتلەر بار. ئۇ ئايەتلەر يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى.

 ھەيكەلنى ئەيىبلىگەن ئايەتتىكى ئەيىبلەنگەن نەرسە ھەيكەلنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئۇنىڭغا چوقۇنۇش ئەيىبلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَآ إِبۡرَٰهِيمَ رُشۡدَهُۥ مِن قَبۡلُ وَكُنَّا بِهِۦ عَٰلِمِينَ  ٥١ إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦ مَا هَٰذِهِ ٱلتَّمَاثِيلُ ٱلَّتِيٓ أَنتُمۡ لَهَا عَٰكِفُونَ  ٥٢ قَالُواْ وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا لَهَا عَٰبِدِينَ  ٥٣ قَالَ لَقَدۡ كُنتُمۡ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُمۡ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ  ٥٤﴾

«بىز ئىلگىرى ئىبراھىمغا ئەقلىي كامالىتىنى بەرگەن ئىدۇق. بىز ئۇنى بىلەتتۇق.‏ ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: ‹شۇ ھەيكەللەرگە نېمە ئۈچۈن چوقۇنىسىلەر؟‹ دېگەن ئىدى.‏ ئۇلار: ‹ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئۇلارغا چوقۇنغان ئىكەن‹ دېدى.‏ ئۇ: ‹سىلەرمۇ، ئاتا – بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن ئېزىپ كەتكەن ئىكەنسىلەر!› دېدى»[6].‏

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سامىرىينى ئەيىبلىشىمۇ، سامىرىينىڭ موزاينىڭ ھەيكىلىنى مۇسانىڭ ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىلاھى دەپ دەۋا قىلىشىدىن، شۇنداقلا ئىنسانلارنى دىندىن چىقىرىشىدىن بولغان[7].

يىغىپ ئېيتقاندا قۇرئان كەرىمدە ھەيكەل ياساش ئەيىبلەنمىگەن، بەلكى ھەيكەلگە چوقۇنۇش ئەيىبلەنگەن. سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكەل ياساشقا ئەمر قىلغانلىقى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇش ھەيكىلى ياسىغانلىقى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكەلگە چوقۇنۇشنى ئەيىبلىگەنلىكى قاتارلىقلار ئېنىق دالالەت قىلىدۇكى، ھەيكەلنىڭ ھۆكمىنىڭ ھارام ياكى مۇباھلىقىنى ئۇنى ياساشتىكى مەقسەت بەلگىلەيدۇ. ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇش ئۈچۈن ھەيكەل ياساش قەتئىي ھارامدۇر، بۇنىڭدا ھېچبىر ئەقىل ئىگىسى شەك قىلمايدۇ. لېكىن باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ھەيكەل ياساش ھارام ئەمەس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئبىدىكى ھەيكەللەرنى ئۆرۈۋەتكەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرگەن چاغدا كەبىدە 360 دانە بۇت بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىدىكى ياغاچنى ئۇلارغا سانجىغان ۋە مۇنداق دېگەن[8]:

﴿وَقُلۡ جَآءَ ٱلۡحَقُّ وَزَهَقَ ٱلۡبَٰطِلُۚ إِنَّ ٱلۡبَٰطِلَ كَانَ زَهُوقٗا  ٨١﴾

«ھەق كەلدى، باتىل يوقالدى. باتىل چوقۇم يوقىلىدۇ»[9].

چۈنكى ئۇ بۇتلار ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە چوقۇنۇلغان تاغۇتلار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنى كەبىنى تازىلاش ئۈچۈن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك بىر رىۋايەت:

ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدىراھماندىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ تەبۇك غازىتىدىن (ياكى خەيبەر غازىتىدىن) قايتقان ئىدى. ئۇ ئەسنادا شامال چىقىپ سۇپامنىڭ پەردىسىنىڭ بىر تەرىپىنى ئېچىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئويۇنچۇق قىزلىرىم كۆرۈنۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ: «ئائىشە! بۇ نېمە؟» دېدى، قىزلىرىم دېدىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى، ياماقلىقلاردىن ئېتىلگەن ئىككى دانە قانىتى بار بىر ئاتنى كۆرۈپ، «ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرگىنىمچۇ؟» دېدى، ئات دىدىم، «ئۇنىڭ ئۈستىدىكى نېمە؟» دېدى، ئىككى قانات دېدىم، «ئىككى قانىتى بار ئات؟!» دېدى، سۇلەيماننىڭ قاناتلىرى بار ئاتلىرىنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭىز؟ دېدىم، شۇنىڭ بىلەن كۈلۈپ كەتتى، ھەتتا ئېزىق چىشلىرىنى كۆردۈم[10].  

خۇلاسە

ھەيكەلتاراشلىق قىلىش جائىز بولىدۇ. بۇ جائىز بولغان يەردە ياخشىلىققا ۋاسىتە قىلىش ئۈچۈن قول بىلەن ياكى كومپيۇتېر بىلەن ھەر تۈرلۈك رەسىملەرنى سىزىش (كارتۇن فىلىملەر)، فوتو ئاپپاراتى بىلەن رەسىمگە تارتىش، سىنغا ئېلىش، ھەيكەل ياساش قاتارلىقلارنى قىلىش تەبىئىي جائىز بولىدۇ. چۈنكى رەسىم سىزىش، رەسىمگە تارتىش ھەيكەل ياساشقا ئوخشاش ھېسابلىنىدىغان، بەلكى ئۇلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئىشلاردۇر.

[1] 5 – سۈرە مائىدە، 110 – ئايەت.

[2] 34 – سۈرە سەبەئـ، 13 – ئايەت.

[3] 13 – سۈرە رەئد، 16 – ئايەت.

[4] 52 – سۈرە تۇر، 35 – ۋە 36 – ئايەتلەر.

[5] 22 – سۈرە ھەج، 73 – ۋە 74 – ئايەتلەر.

[6] 21 – سۈرە ئەنبىيا، 51 ~ 54 – ئايەتلەر.

[7] قاراڭ: 20 – سۈرە تاھا، 86 ~ 97 – ئايەتلەر.

[8] مۇسلىم، «جىھاد ۋە سىيەر»، 87.

[9] 17 – سۈرە ئىسرا، 81 – ئايەت.

[10] ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 61.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ