باش بەت > قۇرئاندا نەبىيلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ئەييۇب ئەلەيھىسسالام

ئۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن بولغان، كىتاب ۋە ھېكمەت بېرىلگەن بىر پەيغەمبەردۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَقَ وَيَعْقُوبَ كُلاًّ هَدَيْنَا وَنُوحًا هَدَيْنَا مِن قَبْلُ وَمِن ذُرِّيَّتِهِ دَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ وَأَيُّوبَ وَيُوسُفَ وَمُوسَى وَهَارُونَ وَكَذَلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ (84) وَزَكَرِيَّا وَيَحْيَى وَعِيسَى وَإِلْيَاسَ كُلٌّ مِّنَ الصَّالِحِينَ (85) وَإِسْمَاعِيلَ وَالْيَسَعَ وَيُونُسَ وَلُوطًا وَكُلاًّ فضَّلْنَا عَلَى الْعَالَمِينَ (86) وَمِنْ آبَائِهِمْ وَذُرِّيَّاتِهِمْ وَإِخْوَانِهِمْ وَاجْتَبَيْنَاهُمْ وَهَدَيْنَاهُمْ إِلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ (87) ذَلِكَ هُدَى اللّهِ يَهْدِي بِهِ مَن يَشَاء مِنْ عِبَادِهِ وَلَوْ أَشْرَكُواْ لَحَبِطَ عَنْهُم مَّا كَانُواْ يَعْمَلُونَ (88) أُوْلَـئِكَ الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ فَإِن يَكْفُرْ بِهَا هَـؤُلاء فَقَدْ وَكَّلْنَا بِهَا قَوْمًا لَّيْسُواْ بِهَا بِكَافِرِينَ (89) أُوْلَـئِكَ الَّذِينَ هَدَى اللّهُ فَبِهُدَاهُمُ اقْتَدِهْ قُل لاَّ أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا إِنْ هُوَ إِلاَّ ذِكْرَى لِلْعَالَمِينَ 

«بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ھەممىسىنى ھىدايەت قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. بىز ئۇنىڭ نەسلىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا ۋە ھارۇنلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. بىز زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ھەممىسى ياخشىلاردىن ئىدى. بىز ئىسمائىل، ئەليەسەئـ، يۇنۇس ۋە لۇتلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ھەربىرىنى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى، نەسىللىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ بەزىلىرىنىمۇ ئۈستۈن قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى. ئەنە شۇلار بىز كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەرگەن كىشىلەردۇر. ئەگەر بۇ مۇشرىكلار ئۇلارنى ئىنكار قىلسا، بىز ئۇلارنى ئىنكار قىلمايدىغان قەۋمگە تاپشۇرىمىز[1]. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ توغرا يولىغا ئەگەشكىن ۋە ئېيتقىنكى: «مەن سىلەردىن قۇرئان يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن ئەجىر سورىمايمەن. قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن پەقەتلا ئەسلىتىشتۇر[2]» – (6 – سۈرە ئەنئام، 84 ~ 90).

  • ۋەھىي ئېلىشى

﴿إِنَّا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ كَمَا أَوْحَيْنَا إِلَى نُوحٍ وَالنَّبِيِّينَ مِن بَعْدِهِ وَأَوْحَيْنَا إِلَى إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَعِيسَى وَأَيُّوبَ وَيُونُسَ وَهَارُونَ وَسُلَيْمَانَ وَآتَيْنَا دَاوُدَ زَبُورًا١٦٣﴾

«ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەبىيلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك ساڭا ۋەھىي قىلدۇق. بىز ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى، ئىيسا، ئەييۇب، يۇنۇس، ھارۇن ۋە سۇلەيمانلارغىمۇ ۋەھىي قىلغان ئىدۇق. بىز  داۋۇدقا زەبۇر بەرگەن ئىدۇق.» – (4 – سۈرە نىسا، 163 – ئايەت).

  • كېسەلدىن قۇتۇلۇشى

وَأَيُّوبَ إِذْ نَادَى رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الضُّرُّ وَأَنتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ (83) فَاسْتَجَبْنَا لَهُ فَكَشَفْنَا مَا بِهِ مِن ضُرٍّ وَآتَيْنَاهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُم مَّعَهُمْ رَحْمَةً مِّنْ عِندِنَا وَذِكْرَى لِلْعَابِدِينَ (84)

«بىز ئەييۇبنىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «مېنى بالا – قازا ئورىۋالدى، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسدۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى. بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر ئوخشىشىنى ئاتا قىلدۇق. بۇنى ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن قىلدۇق» – (21 – سۈرە ئەنبىيا، 83 ~ 84).

وَاذْكُرْ عَبْدَنَا أَيُّوبَ إِذْ نَادَى رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الشَّيْطَانُ بِنُصْبٍ وَعَذَابٍ (41) ارْكُضْ بِرِجْلِكَ هَذَا مُغْتَسَلٌ بَارِدٌ وَشَرَابٌ (42) وَوَهَبْنَا لَهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُم مَّعَهُمْ رَحْمَةً مِّنَّا وَذِكْرَى لِأُوْلِي الْأَلْبَابِ (43) وَخُذْ بِيَدِكَ ضِغْثًا فَاضْرِب بِّهِ وَلَا تَحْنَثْ إِنَّا وَجَدْنَاهُ صَابِرًا نِعْمَ الْعَبْدُ إِنَّهُ أَوَّابٌ (44)

«بەندىمىز ئەييۇبنى زىكىر قىلغىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «شەيتان ماڭا ھارغىنلىق ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭغا «پۇتۇڭنى يەرگە ئۇرغىن، ئەنە سوغۇق سۇ! يۇيۇنىسەن ۋە ئىچىسەن» دېدۇق. بىز ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر ئوخشىشىنى ئاتا قىلدۇق. بۇنى ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى ساپ ئەقىل ئىگىلىرىگە ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن قىلدۇق. ئۇنىڭغا يەنە: «قولۇڭغا بىر باغلام چۆپ ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرغىن، گۇناھكار بولمىغىن» دېدۇق. بىز ئۇنى سەۋرچان كۆردۇق. ئۇ بەك ياخشى بەندە ئىدى، چۈنكى داۋاملىق بىزگە يۆنىلەتتى» – (38 – سۈرە ساد، 41 ~ 44).

بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئەييۇب ئەلەيھىسسالام پۇتىنى يەرگە ئۇرغان ئىدى، ئىككى بۇلاق چىقتى، بىرىدىن ئىچتى، يەنە بىرىنىڭ سۈيى بىلەن يۇيۇندى، شۇنىڭ بىلەن ساقايدى» – (تەبەرى تەپسىرى، جامىئۇل بايان فى تەئۋىيلىل قۇرئان (بەيرۇت: 1412 / 1992)، 10 : 589.

[1]  بىز بۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇ كىتاب، ھېكمەت ۋە نەبىيلىكلەرنى ئىنكار قىلمايدىغان قەۋم كەلتۈرىمىز.

[2] ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەر بىرىنى ئۆزىنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىگە، چەكسىز قۇدرەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيىتىگە بىرەر ئايەت (ئالامەت) سۈپىتىدە ياراتقان. ئۇ نەرسىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىنساننى ياراتقان چېغىدا ئۇنىڭ فىترىتىگە بۇ ھەقىقەتنى سىڭدۈرگەن. شۇڭا ھەر ئىنسان تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان ئايەتلىرىنى ئوقۇيدۇ ۋە نۇرغۇنلىغان بىلىمگە ئېرىشىدۇ. ئەنە شۇ بىلىمنىڭ ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئورتاق ئىسمى «زىكىر»دۇر. ھەر ئىككىلىسى ئىنساننى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. خاتا يولغا كىرگەنلەر ئۆز زېھىنلىرىدىكى بىلىمگە ئەمەل قىلماي فىترەتلىرىنى بۇزغان كىشىلەردۇر. قۇرئان كەرىمدە نەبىي ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى يەتكۈزۈشىنىڭ «تەزكىر – ئەسلىتىش»، ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى قوبۇل قىلىشىنىڭ «تەزەككۇر – ئەسلەش» دەپ ئاتىلىشى ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئۇلارغا ئۆز فىترەتلىرىنى (تەبىئىي ھالەتلىرىنى)، زېھىنلىرىدىكى بىلىملەرنى ئەسلەتكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بۇنى ئەسلىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىنساب بىلەن قارىغان ھەر كىشى: «توغرا، شۇنداق، ئەلۋەتتە» دەپ ھەر ئايەت ئوتتۇرىغا قويغان ئىلىمنىڭ ئۆز زېھنىدىكى توغرا ئىلىمگە ماس كەلگەنلىكىنى تەستىقلايدۇ، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ كائىناتنى ياراتقان ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب، بۇ كىتابنى ئېلىپ كەلگەن كىشى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىلچە شۈبھىسى قالمايدۇ. ئاندىن ھاياتىدا بۇ ئىمانىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ياشىمىغانلار كافىر (ئىمانىنى يۆگىۋالغۇچى)، بۇ ئىمانىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ياشىغانلار مۇسۇلمان (تەسلىم بولغۇچى) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن قىيامەت كۈنى بارلىق ئىنسانلار قارا يۈزلۈكلەر ۋە ئاق يۈزلۈكلەر بولۇپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قارا يۈزلۈكلەرگە: «سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا شۇ ئازابنى تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر كافىر بولدۇڭلار» (3 – سۈرە ئال ئىمران، 106 – ئايەت) دەيدۇ. دېمەككى،  ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ئايەتلەر ئىنسانغا ئۇنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقان چېغىدىن تارتىپ ئاللاھ تائالا ياراتقان ئايەتلەردىن ھاسىل قىلغان بىلىمىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ ئىككى ئىلىم ئۇنىڭغا ئۆز فىترىتىنى (تەبىئىي ھالىتىنى) ئەسلەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەر ئىككىلىسى «زىكىر» دەپ ئاتىلىدۇ.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ