باش بەت > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

سۇئال:

«ۋەتەننى سۆيۈش ئىماندىندۇر» دېگەن سۆز ھەدىسمۇ؟ ھەدىس بولسا سەھىھ (توغرى)مۇ؟

جاۋاب:

«ۋەتەننى سۆيۈش ئىماندىندۇر» دېگەن رىۋايەت ئەلىيۇل قارىنىڭ  «ئەسرارۇل مەرفۇئە» ناملىق ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ، بۇ رىۋايەت ھەققىدە مۇنداق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ:

  • زەركەشى: «مەن بۇ رىۋايەتنىڭ مەنبەسىنى تاپالمىدىم» دەيدۇ. سەفاۋىي: «بۇ رىۋايەتنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى نامەلۇم» دەيدۇ.
  • سېھاۋىي: «مەن بۇ رىۋايەتنىڭ مەنبەسىنى تاپالمىدىم، ئەمما ئۇنىڭ مەنىسى توغرىدۇر» دەيدۇ.
  • مەنۇفى، سېھاۋىينىڭ «بۇ رىۋايەتنىڭ مەنىسى توغرىدۇر» دېگەن سۆزىگە رەدىيە بېرىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ بۇنداق دېگىنى قىزىقارلىق! چۈنكى ئىمان بىلەن ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ھەم ئۇنىڭ بۇ سۆزى «ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ يازغان بولساق، بۇنى ئۇلاردىن پەقەت ئازغىنە كىشى قىلاتتى…»-( 4-سۈرە نىسا، 66- ئايەت) دېگەن مەنىدىكى ئايەتكە زىت كېلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتە مۇناپىقلارنىڭ قەلبىدە ئىمان بولمىسىمۇ ۋەتىنىنى سۆيىدىغانلىقى، شۇڭلاشقا چىقىپ كەتمەيدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. يەنە ئۇنىڭ سۆزىدىن پەقەت مۇسۇلمان / مۇئمىن كىشىلەرلا ۋەتىنىنى سۆيىدۇ دېگەن مەنىمۇ چىقىدۇ. ھالبۇكى ۋەتەن سۆيۈش ئىمانغا زىت كەلمەيدۇ»-(قاراڭ: نۇرۇددىن ئەلى ئىبنى مۇھەممەد مۇللا ئەلىييۇل قارىي، ئەسرارۇل مەرفۇئە فىل ئەخبارل مەۋدۇئە (مەۋدۇئاتۇل كۇبرا)، تەھرىر: مۇھەممەد ئىبنى لۇتفى سەبباغ (بەيرۇت: مەكتەبەتۇل ئىسلامى، 1986/1406)، 189-190).

ئەجلۇنىمۇ «كەشفۇل خەفا» دېگەن ئەسىرىدە بۇ رىۋايەت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ؛ «ساغانى بۇ رىۋايەتنى ئويدۇرما دېگەن. سېھاۋى، بۇ رىۋايەتنىڭ مەنبەسىنى تاپالمىدىم، لېكىن ئۇنىڭ مەنىسى توغرا دېگەن»- (قاراڭ: ئەجلۇنى، كەشفۇل خەفا، 346 – 347، 1102-ھەدىس).

ئەلىييۇل قارىنىڭ «ئەسرارۇل مەرفۇئە» ناملىق ئەسىرىنى تەھرىرلىگەن مۇھەممەد لۇتفى سەبباغ بۇ رىۋايەت ھەققىدە مۇنداق ئىزاھات بېرىدۇ:

«بۇ ھەدىس سەھىھ (توغرا) ئەمەس. بۇ رىۋايەتنى بۈگۈنكى ئەھۋاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئويلايدىغان بولساق، ئۇنىڭ توقۇلما ۋە يالغان ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. زامانىمىزدىكى ئىسلام دۈشمەنلىرى بۇ رىۋايەتنى، دىننىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يوقىتىپ ۋە خەلقتىن ئايرىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەقسەتلىرىگە بويسۇنىدىغان بىر جەمئىيەت پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ مەقسەتتە «ۋەتەنپەرۋەرلىك»، «مىللەتچىلىك» شۇئارلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ. گۇپپاڭچى شائىرلىرى ۋەتەننى مەدھىيەلەپ شېئىر يازسا، ناخشىچىلىرى ۋەتەننى كۈيلەپ ناخشا ئوقۇپ خەلقنىڭ دىققىتىنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزىلەر تەپتارتماستىن ۋەتەننى مەڭگۈلۈك جەننەتتىن ياخشى دەپ مەدھىيەلەيدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، مۇسۇلماننىڭ ۋەتىنى ئۇنىڭ ئەقىدىسىدۇر. تەۋھىد ئەقىدىسى ئۈستۈن بولغان ھەرقانداق يەر مۇسۇلماننىڭ ۋەتىنىدۇ. (قاراڭ: مۇللا ئەلىييۇل قارىي، ئەسرارۇل مەرفۇئە، 191، 2-ئىزاھات).

بۇ يەرگىچە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا «ۋەتەننى سۆيۈش ئىماندىندۇر» رىۋايىتىنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە ئائىت بىر سۆز ئەمەسلىكى، يەنى ئۇنىڭ نامىدا ئويدۇرۇلغانلىقى چۈشىنىلىدۇ. لېكىن بۇ، ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئىنساننىڭ ۋەتىنىنى سۆيۈشى خاتا ئەمەس، بۇنىڭ ئەقىدىمىزگە تاقىشىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق. بۇ باشقا مەسىلە. ئۇ رىۋايەتنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىش باشقا مەسىلە. بۇ يەردىكى ئاساسى مەقسەت، بۇ رىۋايەتنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە ئائىت بىر سۆز ئەمەسلىكى ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئىمان بىلەن باغلاشنىڭ يەنى ئىماننىڭ بىر شەرتىدەك قىلىۋېلىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇشتۇر.         


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ