باش بەت > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

سۇئال:

ئايەت، دۇئا ياكى ئىلاھى تېكىستلەر يېزىلغان پۈتۈكلەرنى ياكى تۇمار دېگەندەك نەرسىلەرنى بويۇنغا ئېسىشنىڭ دىنىمىزدا بىر دەلىلى بارمۇ؟

جاۋاب:

خەلقىمىز ئارىسىدا كۆز تېگىش، تىل تېگىش، بالايىئاپەت ۋە جىن-شەيتانلاردىن ساقلايدۇ دېگەن ئېتىقاد  بىلەن قەغەز پارچىلىرغا ھەرخىل دۇئا ۋە ئايەتلەرنى يېزىپ، ئۈچ بۇرجەك رەختنىڭ ئىچىگە پۈتۈپ بويۇنغا ئېسىۋالىدىغان ياكى يېنىدا ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان ئىش بار. بۇنداق ئۈچ بۇرجەك رەختلەر تىلىمىزدا تۇمار ياكى تىلتۇمار، پارىسچىدە جەۋشەن  (جوشن)، ئەرەپچىدە تەمىيمە (تَميمة)  ۋە تۈركىيە تۈرۈكچىسىدە مۇسكا (muska) دېيىلىدۇ.

جەۋشەن – ئەسلى پارىسچە سۆز بولۇپ مەنىسى، قالقان، ساۋۇت دېگەن بولىدۇ. بۇ سۆز ئەرەپچىگىمۇ تەلەپپۇز ۋە مەنىسى ئۆزگەرمەستىن ئەينەن كىرگەن. يەنى ئۇرۇشتا ساۋۇت، قالقانلار ئىگىسىنى قانداق قوغدىغان بولسا، جەۋشەن (تۇمار)مۇ ئىگىسىنى شۇنداق قوغدايدۇ دېگەن مەنىدە بۇ سۆز ئىشلىتىلگەن.     

شىئەلەرنىڭ دىنى مەنبەلىرىدە، جەۋشەن – ئەھلى بەيت يولى ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىزگە ئۇلاشقان، «جەۋشەنى كەبىر ۋە جەۋشەنى سەغىر» دېيىلىدىغان، بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى دۇئا تېكىستىنىڭ ئورتاق ئىسمىدۇر (قاراڭ: مەھمەت توپراق، «جەۋشەن»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيەسى (ئىستانبۇل: دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1993) 7 : 462).

«جەۋشەنى كەبىر»نىڭ بەزى تېكىستلىرى مەنە ۋە مەزمونى جەھەتتىن تەۋھىد ئەقىدىسىگە زىت كەلمەيدىغان سۆز -ئىبارىلەردىن تۈزۈلگەن مۇناجات ۋە ئىلتىجالار بولسىمۇ، مۇسا كازىمدىن باشلاپ ئىماملارنىڭ يولى ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىزگە قەدەر ئۇلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەدىس دەپ رىۋايەت قىلىنغان 15 بەتلىك ئۇ تېكىستنىڭ  سەھىھ (توغرا، ساغلام) بولۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق. چۈنكى بۇ تېكىستنى پەيغەمبەرنىڭ سۆزىدەك ئاسان چۈشەنگىلى بولمايدۇ، ھەم ئاسان ئەستە تۇتقىلىمۇ بولمايدۇ، ھەم ئۇنىڭ ھەر بىر سۆز ۋە جۈملىسى قايتا-قايتا تەكرارلىنىپ كېلىدىغان بولۇپ بۇ تىلنىڭ پاساھىتىنى يوقىتىدۇ. بۇ ھەم ئەڭ پاساھەتلىك سۆزلەيدىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئېلىنغانلىق ئېھتىمالىنى يوققا چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ دۇئانىڭ سۈننىي ھەدىس كىتاپلىرىدا يوق بولۇشى، شۇنداقلا شىئەلەرنىڭ ئاساسلىق ھەدىس توپلىمى بولغان «كۇتۇبۇل ئەربەئە»دىمۇ تىلغا ئېلىنماستىن، پەقەت ئىككىنچى دەرىجىدىكى «دۇئالار توپلىمى» دېگەندەك كىتاپلاردا تىلغا ئېلىنىشىمۇ ئۇ كۆز قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ»-(قاراڭ: مەھمەت توپراق، «جەۋشەن»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيەسى (ئىستانبۇل: دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1993)، 7 : 463).   

دېگىنىمىزدەك پەقەت شىئەلەرگىلا ئائىت «دۇئا توپلام»لىرىدا پەيغەمبىرىمىزگە ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇ دۇئالار، ھەدىس كىتابلىرىنىڭ ھىچبىرىدە تېپىلمايدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇنى بوينىغا ئاسقانلىقى ياكى ساھابىلەرگە بۇيرۇپ ئاستۇرغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ھىچبىرى توغرا ئەمەس. چۈنكى دۇئا، بويۇنغا ئېسىش ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىش ئۈچۈن ئۆگىنىلىدۇ ياكى يېزىلىدۇ. جەۋشەننىڭ ئىچىدە ياخشى دۇئا ۋە زىكىرلەر بار بولسىمۇ، خۇراپاتلارغا ئىشىنىپ، ئاساسسىز ئارزۇ-ئۈمىدلەرنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ئۇنى ئوقۇش ۋە  يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش دۇرۇس ئەمەس. ئىنسان دۇئانى، بىر نەرسىلەرنى بوينىغا ئېسىپ ئەمەس؛ چىن قەلبتىن سەمىمى ھالدا ئاللاھقا يالۋۇرۇپ قىلىشى كېرەك. پەيغەمبىرىمىزمۇ شۇنداق قىلغاندۇر. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مۇنداق:

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

«رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام جىنلارنىڭ يامان كۆزىدىن (يامانلىقلىرىدىن) ئىنسانلارنىڭ يامان كۆزىدىن (ھەسەتلىرىدىن) ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھتىن پاناھ تىلەپ دۇئا قىلاتتى، ناس ۋە فەلەق سۈرىلىرى نازىل بولغاندىن كىيىن پەقەت بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇيدىغان، باشقا نەرسىلەرنى ئوقۇمايدىغان بولغان ئىدى»-(تىرمىزى، «تىپ»، 16؛ ئىبنى ماجە، «تىپ»، 33).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر كېچە ياتىدىغان چاغدا، ئۈچ قىتىمدىن ناس، فەلەق ۋە ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇپ، قولىغا سۈپكۆچلەپ يۈزىنى ۋە بەدىنىنى سىلايدىغان ئىدى. بەزىدە كېسەل بولۇپ قالغاندىمۇ شۇنداق قىلىشىمنى بۇيرۇيتتى»-(بۇخارى، «فەدائىلۇل قۇرئان»، 14، «تىپ»، 39، «دەئاۋات»، 12؛ مۇسلىم، «سەلام»، 50؛ تىرمىزى، «دەئاۋات»، 21؛ ئەبۇ داۋۇد، «تىپ»، 19).

بۇ ئىشنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكمىگە كەلسەك:

بۇ، تەۋھىدكە خىلاپ ئىش بولۇپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئەگەر ئاللاھ سېنى بىرەر زىيانغا ئۇچراتسا، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە، شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»-(6-سۈرە ئەنئام، 17- ئايەت).

«ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان يەتكۈزسە، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ پەزلىنى قايتۇرۇۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئاللاھ ياخشىلىقنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە يەتكۈزىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»-(‏10-سۈرە يۇنۇس، 107- ئايەت).

بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، پايدا – زىيان ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، بىزگە پايدا يەتكۈزۈش، بىزنى زىياندىن ساقلاش پەقەتلا ئاللاھ قىلىدىغان ئىشتۇر. ئاللاھنىڭ بۇ ئىشىغا ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ.

بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر مۇنداق:

ئوقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلگەن ئون كىشىلىك بىر ھەيئەتنىڭ ئىچىدە ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ توققۇزىدىن بەيئەت قوبۇل قىلىپ، بىرىدىن بەيئەت قوبۇل قىلمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ قولىدا تۇمار بار»، دەپ جاۋاب بەرگەن، ئۇ كشى قولىدىكى تۇمارنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ بەيئەتىنى قوبۇل قىلغان ۋە: «كىمكى تۇمار ئاسىدىكەن، ئۇ شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ» دېگەن. (ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان).

ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ قولىدىكى تۇمارنى كۆرۈپ ئاچچىقلاپ ئۇنىڭدىن: «بۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم: «ئاجىزلىقتىن ساقلايدىغان نەرسە» دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «بۇ نەرسىنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇشتىن باشقا پايدىسى يوق، ئۇنى چۆرىۋەتكىن! چۈنكى سەن ئۇنى ئاسقان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسەڭ، مەڭگۈ نىجاتلىق تاپالمايسەن»- (ئەھمەد، ئىبنى ماجە ۋە ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان).


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ