باش بەت > پەتىۋالار > قۇل ھەققى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
سوئال:
بىزنىڭ يۇرتتا بىر قوشنىمىزنىڭ يۈك توشۇيدىغان چوڭ بىر ماشىنىسى بار ئىدى. بۇ قوشنىمىز 5، 6 يىل بولغان ماشىنىنى ئالغىلى. قوشنىمىز يالغۇزلۇق تارتىپ باشقا بىر كىشىنى ياردەمچى شوپۇر قىلىپ ياللىغان ئىكەن. بۇ كىشى 1، 2 يىل بولاپتىكەن ئايلىق ئىش ھەققىنى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن بويىچە ئېلىپ قوشنىمىزنىڭ يېنىدا بىللە ماڭغىلى تۇرغىلى.
بۇ يىل 3- ئايدا بۇ قوشنىمىز ماشىنىسىغا يۈك بېسىپ ئىچكىرىگە مېڭىپتۇ. بېسىلغان يۈك ياڭاق ئىكەن، ماشىنىدا ئۇ قوشنىمىز، ياڭاقنىڭ ئىگىسى ۋە ھېلىقى ياردەمچى شوپۇر بولۇپ جەمئىي 3 كىشى بار ئىكەن. ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ بىر داۋاندىن چۈشۈشتە ماشىنىنىڭ تورمۇزى تۇتماپتۇ، شۇنداقلا ماشىنا كونترولدىن چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «ئۆزئارا شاھادەت ئوقۇيلى، ماشىنىنىڭ تورمۇزى تۇتمىدى، ئۆلگۈدەكمىز» دېيىشىپتۇ. نەتىجىدە ماشىنا شۇ ماڭغانچە ئۆرۈلۈپ كېتىپ ئۈچەيلەندىن قوشنىمىز بىلەن ياردەمچى شوپۇر ئىككىسى  شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە ئۆلۈپتۇ، ياڭاقنىڭ ئىگىسى يارىلىنىپتۇ. بۇ كىشى ساقىيىپ 6 ئايدىن كېيىن ماشىنا كونترولدىن چىققاندىن كېيىن ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئۈچەيلەن قىلىشقان ھېلىقى گەپ سۆزلەرنى ئېيتىپ گۇۋاھلىق بېرىپتۇ.
مېيىتلەر يەرلىكىدە قويۇلۇپ ۋە باشقا ئىشلار تۈگەپ بولغاندىن كېيىن ياردەمچى شوپۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى ماشىنا ئىگىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھەق بېرىسىز، دەپ ئېسىلىۋېپتۇ. بىزنىڭ مەھەللىدە مىسىردا ئوقۇپ كەلگەن بىر «قازاخۇنۇم» بارىكەن. ئىككى تەرەپ ئايرىپ قويسىلا، دەپ بۇ قازاخۇنۇمنى چاقىرىپتىكەن، بۇ زات كىرىپلا، «ماشىنا كىمنىڭ؟ ماشىنىنى كىم ھەيدىگەن؟» دەپ سوراپتىكەن، «ماشىنا شۇ ئۆلۈپ كەتكەن بالىمىزنىڭ، بالىمىز ھەيدەپتىكەن» دەپ جاۋاب بېرىپتىكەن، «500000 كوينى تۆلىسە بولىدۇ. باشقا چاتاق يوق!» دەپ قويۇپ سورۇندىن چىقىپ كېتىپتۇ.
 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەممە نەرسىنى ساتساق 200000 كويغا يارايدىكەن، 300000 كوي پۇل يوق، دەپتىكەن. «يا بانكىدىن قەرز ئېلىپ 500000 كوينى تۆلەيسىز يا تۈرمىگە كىرىسىز» دەپ قىستىغىلى تۇرۇپتۇ ئۇ ئادەملەرنى. مەسىلە مۇشۇنداقكەن.
ئۇ قوشنىمىزنىڭ ئائىلىسى «شەرىئەت دېگەننىڭ ھۆكمى بۇنداقمۇ بولمايتتى بۇلا، بىر سوراپ بەرگەن بولسىلا» دەپ ماڭا تېلېفون قىپتىكەن، شۇڭا مەن ئۆزلىرىدىن سورىشىم. ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ بىر جاۋاب بەرسىلە، جاۋابنى شۇلارغا ئەۋەتىپ بەرسەم، ئاللاھ رازى بولسۇن!
 
جاۋاب:
بۇ مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى بىلىش ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ دىنىمىزدا چۈشەندۈرۈلگەن شەكىللىرىنى ۋە جازالىرىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ ۋەقەنىڭ قايسى شەكىلگە چۈشىدىغانلىقى، شۇنداقلا قاتىلغا قايسى جازانىڭ بېرىلىشى لازىملىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا جاۋابتا ئالدى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش شەكىللىرى ۋە جازالىرى ھەققىدە، ئاندىن مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەن ياللانما شوپۇرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ دىيەت تەلەپ قىلىش ھەققى بولۇپ بولمىغانلىقى ھەققىدە توختىلىمەن.
تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
ئادەم ئۆلتۈرۈش شەكىللىرى ۋە جازالىرى:
1- قەستەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ جازاسى
بۇ ئاقىل، بالىغ بىر كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ ئادەتتە ئۆلتۈرگۈچى بولغان بىر نەرسە بىلەن بىر ئادەمنى ناھەق ئۆلتۈرۈشىدۇر. بۇنداق بىر قاتىلغا دىنىمىزدا ئىككى تۈرلۈك جازا بېرىلىدۇ:
بىرىنچى جازا دوزاختا مەڭگۈ قېلىش، ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە لەنىتىگە ئۇچراش ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَنْ يَقْتُلْ مُؤْمِنًا مُتَعَمِّدًا فَجَزَاؤُهُ جَهَنَّمُ خَالِدًا فِيهَا وَغَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَلَعَنَهُ وَأَعَدَّ لَهُ عَذَابًا عَظِيمًا﴾
«كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر. ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ ۋە لەنەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا كاتتا بىر ئازاب تەييارلىدى»- نىسا 4/93.
ئىككىنچى جازا قاتىلنىڭ قىساس ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِصَاصُ فِي الْقَتْلَى الْحُرُّ بِالْحُرِّ وَالْعَبْدُ بِالْعَبْدِ وَالْأُنْثَى بِالْأُنْثَى فَمَنْ عُفِيَ لَهُ مِنْ أَخِيهِ شَيْءٌ فَاتِّبَاعٌ بِالْمَعْرُوفِ وَأَدَاءٌ إِلَيْهِ بِإِحْسَانٍ ذَلِكَ تَخْفِيفٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَرَحْمَةٌ فَمَنِ اعْتَدَى بَعْدَ ذَلِكَ فَلَهُ عَذَابٌ أَلِيمٌ. وَلَكُمْ فِي الْقِصَاصِ حَيَاةٌ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ﴾
«ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش پەرز قىلىندى: ھۆرگە ھۆر، قۇلغا قۇل، ئايالغا ئايال. قېرىندىشى تەرىپىدىن قىسمەن ئەپۇ قىلىنغان كىشى مەرۇفقا ئەگىشىپ ئەپۇ قىلغان قېرىندىشىغا چىرايلىقچە دىيەتنى تۆلىشى لازىم. بۇ، رەببىڭلارنىڭ بىر ئاسانلاشتۇرۇشى ۋە بىر رەھىم قىلىشىدۇر. كىم بۇنىڭدىن كېيىن تاجاۋۇز قىلسا، ئۇنىڭغا ئېغىر ئازاب بار. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! قىساس ئېلىشتا سىلەر ئۈچۈن ھاياتلىق بار. بۇ سەۋەب بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىسىلەر!»- بەقەرە 2/178-179.
ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىن بىرەر كىشى قاتىلنى ئەپۇ قىلسا بۇ تەقدىردە قاتىل مەقتۇل تەرەپكە دىيەت تۆلەيدۇ. چۈنكى بۇ ھەقتە ھوقۇق مەقتۇلنىڭ ۋارىسلىرىغا بېرىلگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلاَ تَقْتُلُواْ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللّهُ إِلاَّ بِالحَقِّ وَمَن قُتِلَ مَظْلُومًا فَقَدْ جَعَلْنَا لِوَلِيِّهِ سُلْطَانًا فَلاَ يُسْرِف فِّي الْقَتْلِ إِنَّهُ كَانَ مَنْصُورًا﴾
 «ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەڭلار. بىز ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ئىگىسىگە ھوقۇق بەردۇق. لېكىن ئۇ كىشى قىساس ئېلىشتا ھەددىن ئاشمىسۇن. چۈنكى ئۇنىڭغا يېتەرلىك ياردەم قىلىنماقتىدۇر»- ئىسرا 17/33.
قەستەنلىك ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ شەكلى ۋە قاتىلغا بېرىلىدىغان جازالار ئەنە شۇنداقتۇر.
2- قەستەنلىككە ئوخشايدىغان سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ جازاسى
 بۇ ئاقىل، بالىغ بىر كىشىنىڭ ئازابلاشنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ ئادەتتە ئۆلتۈرگۈچى بولمىغان بىر نەرسە بىلەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشىدۇر. مەسىلەن: ئاقىل، بالىغ بىر كىشى ئازابلاش مەقسىتى بىلەن باشقا بىر كىشىنى تاياق، تاش، قامچا ۋە مۇشت دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ بىرى بىلەن ئۇرسا، ئۇرۇلغان كىشى بۇ زەربىنىڭ سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتسە، مانا بۇ قەستەنلىك بىلەن ئەمەس، لېكىن قەستەنلىككە ئوخشايدىغان سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكتۇر. بۇ شەكىلدە ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلغا دىنىمىزدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك جازا بېرىلىدۇ:
   1- ئېغىر دىيەت تۆلەش. بۇ دىيەت 40 دانىسى  بوغاز (قورسىقىدا بالىسى بار) بولۇش شەرتى بىلەن 100 دانە تۆگىدۇر.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «دىققەت! قامچا بىلەن ياكى ھاسا بىلەن ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇرۇلغان كىشى ئۆلۈپ كەتسە بۇ قەستەنلىككە ئوخشايدىغان سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭ دىيىتى 40 دانىسى بوغاز بولغان 100 تۆگىدۇر». (ئەبۇ داۋۇد، قەسامەت 4800؛ نەسائى، قەسامەت 4791 ؛ ئىبن ماجە، دىيات 5/ 2627).
2- كاپارەت بېرىش. بۇ مۇئمىن بىر قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر. ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغان سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنىڭ ئىككىنچى جازاسى مۇئمىن بىر قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر. بىر دەرىجە تۆۋەن جىنايەتكە بېرىلگەن بۇ جازا بىر دەرىجە يۇقىرى جىنايەتكە ئەلۋەتتە بېرىلىدۇ.
بۇ ئۆلتۈرۈشتە قىساس (قاتىلنى ئۆلتۈرۈش) كېرەك ئەمەس، چۈنكى بۇ قاتىل ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلمىغان. قاتىلنىڭ ئېغىر دىيەت تۆلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ قاتىل باشقىسىغا زىيانكەشلىك قىلىش نەتىجىسىدە بىر جانغا زامىن بولغان.
3- سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ جازاسى
بۇ ئاقىل، بالىغ بىر كىشىنىڭ ئادەتتە قىلىشقا رۇخسەت بېرىلگەن بىر ئىشنى قىلىش ئارقىلىق بىر ئادەمنى ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇشىدۇر. مەسىلەن: ئاقىل، بالىغ بىر كىشى بىر ئوۋغا ياكى بىر نىشانغا ئوق ئاتسا، بۇ ئوق بىر ئادەمگە تېگىپ كەتسە، ئوق تەگكەن كىشى بۇ زەربىنىڭ سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتسە، ياكى ھايۋان ۋە قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن قىسماق، تۇزاق دېگەندەك نەرسىلەرنى قۇرغان بولسا، ياكى بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن سۇغا تور سالغان بولسا، ئاندىن بۇنداق نەرسىلەرگە ئادەم چۈشۈپ قىلىپ ئۆلۈپ قالسا، بۇ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك بولىدۇ. بۇ شەكىلدە ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلغا دىنىمىزدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك جازا بېرىلىدۇ:
1- بىر مۇئمىن قۇل ئازاد قىلىش،
2- نورمال دىيەت تۆلەش.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ أَن يَقْتُلَ مُؤْمِنًا إِلاَّ خَطَئًا وَمَن قَتَلَ مُؤْمِنًا خَطَئًا فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُّؤْمِنَةٍ وَدِيَةٌ مُّسَلَّمَةٌ إِلَى أَهْلِهِ إِلاَّ أَن يَصَّدَّقُواْ﴾
«بىر مۇئمىننىڭ بىر مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشىگە ھەددى ئەمەس. بۇ پەقەت سەۋەنلىك بىلەن بولۇشى مۇمكىن. كىمكى بىر مۇئمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك. لېكىن ۋارىسلار دىيەتنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ»- نىسا 4/92.
ئەسكەرتىش:
 ئېغىر دىيەت يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك پەقەتلا تۆگىدىن بولىدۇ. بۇ دىيەتتە تۆگىلەرنىڭ سانى 100 بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە 40 تۆگىنىڭ بوغاز بولۇشى شەرت. (ئەبۇ داۋۇد، دىيات 4547).
نورمال دىيەت تۆگە ئىگىلىرىگە 100 تۆگە، كالا ئىگىلىرىگە 200 كالا، قوي ئىگىلىرىگە 2000 قوي، كىيىم ئىگىلىرىگە 200 يۈرۈش كىيىمدۇر. (ئەبۇ داۋۇد، دىيات 4543).
خوش، ئەمدى كېلەيلى ئەسلى مەسىلىگە!
سوئالدىكى ھېلىقى ياللانما شوپۇرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ماشىنا ئىگىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ھېچقانداق نەرسە تەلەپ قىلىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوقتۇر، چۈنكى مەزكۇر ۋەقەدە ئۇ ياللانما شوپۇر ماشىنىنىڭ ئىگىسى تەرىپىدىن قەستەنلىك بىلەنمۇ ئۆلتۈرۈلمىگەن، قەستەنلىككە ئوخشايدىغان سەۋەنلىك بىلەنمۇ ئۆلتۈرۈلمىگەن، ھەتتا سەۋەنلىك بىلەنمۇ ئۆلتۈرۈلمىگەن. بەلكىدە ئۇ بىر بالا-قازا سەۋەبى بىلەن ئۆزلۈكىدىن ئۆلگەن.
بۇنى ياڭاق ئىگىسىنىڭ سۆزلىرى، ماشىنىنىڭ داۋاندىن چۈشۈشتە تورمۇزى تۇتماي كونترولدىن چىقىشى، شۇنداقلا ئۆرۈلۈپ كېتىشى، ئەڭ مۇھىمى ماشىنا ئىگىسىنىڭمۇ بۇ ۋەقەدە ئۆلۈپ كېتىشى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشتا ھېچكىمگە ھېچقانداق جازا كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىدە قاتىل يوق.
ئەگەر ياللانما شوپۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ۋەقەدە بىرەر كەمچىلىك بار، دەپ دەۋا قىلىدىغان بولسا، بۇ كەمچىلىككە ئۇ ياللانما شوپۇرمۇ جاۋابكاردۇر. چۈنكى ماشىنىنىڭ ئۇزۇن يولغا مېڭىپ ماڭالماسلىقى، داۋانغا چىقىشتا ۋە داۋاندىن چۈشۈشتە تورمۇزىنىڭ چىداپ چىدىماسلىقى ۋەھاكازالار… ياللانما شوپۇرلارنىڭ تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك بولغان ئەھۋاللاردۇر. چۈنكى يۈك ماشىنىلىرىنىڭ ئىگىلىرى ئادەتتە يۈك تېپىش، يۈك ئىگىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، يولغا چىقىش ۋاقىتلىرىنى بەلگىلەش… قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماشىنىنى كونترول قىلىش، ماشىنىنىڭ رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش، يولدا ياردەمچى بولۇش، ھەمراھ بولۇش، يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئادەم ياللاپ ئىشلىتىدۇ، مائاش بېرىدۇ.
شەرىئەتتە قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان بىر ئىشنى ئىش ئىگىسى ۋە ئىشچى ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مۇئەييەن بىر ھەق ئۈستىدە كېلىشىپ ئىشچى بۇ ئىشنى باشلىغان بولسا، مەزكۇر ئىش ئەسناسىدا خەتەرلەرنىڭ يۈز بېرىشى، شۇنداقلا مالغا ياكى جانغا زىيان كېلىشى ئىشنىڭ تەبىئىتىدۇر. ئىشلەشنىڭ شەكلى ۋە شەرتلىرى، مائاش مىقدارى ۋە ۋاقتى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەردە ئىش ئىگىسى بىلەن كېلىشىپ لەۋزى قىلىشقان بىر ئىشچىنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە ياكى ئۇنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنىڭ مەزكۇر ئىش ئەسناسىدا يۈز بەرگەن تەبىئىي بىر بالا-قازانىڭ نەتىجىسىدە تارتقان زىيىنىنى ئىش ئىگىسىدىن تۆلىتىش ھەققى ۋە ھوقۇقى بولمايدۇ. ناۋادا ئۇ تەبىئىي بالا-قازادا ئىش ئىگىسى ئۆزىنىڭ جېنىنى ۋە ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئىش ئورنى ھېسابلىنىدىغان مېلىنى زىيان تارتقان بولسا ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ھەق-ھوقۇقى بولمايدۇ.
جۈملىدىن ئۇزۇن يولدا يۈك توشۇش ئىشىدىمۇ ئاشۇنداق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشى تەبىئىيدۇر. بۇنى ھەر كىم بىلىدۇ. ئۇ ياللانما شوپۇر ئەنە شۇنداق تەبىئىي بالا-قازالارنىڭ يۈز بېرىشى ئېھتىمال بولغان ئۇ ئىشنى قىلىشقا ماشىنا ئىگىسى بىلەن كېلىشكەن، ئايلىق مائاشىنى بېكىتكەن، ھەتتا 1، 2 يىلدىن بېرى بۇ ئىشنى قىلغان، ئالغان مائاشى بىلەن ئائىلىسىنى باققان ۋە ئادەتلىنىپ كەلگەن ئىشى ئەسناسىدا كەلگەن بىر بالا-قازادا ئۆلۈپ كەتكەن (ئاللاھ تائالا ھەر ئىككىسىگە رەھمەت قىلسۇن!). بۇ ئىشنىڭ تەبىئىتىدۇر. بۇ يەردە تەبىئىي بولمىغان ئىش چوڭ بىر مۇسىبەتتە مال ۋە جانلىرىنى زىيان تارتقان كىشىلەردىن ئەينى مۇسىبەتتە پەقەت جانلىرىنىلا زىيان تارتقان كىشىلەرنىڭ ھەق تەلەپ قىلىشىدۇر.
مىسىردا ئوقۇپ كەلگەن ھېلىقى قارىمچاقمۇ «قازاخۇنۇم» بولۇشقا ئالدىراپتۇ. ئۇنىڭ «500000 كوينى تۆلىسە بولىدۇ. باشقا چاتاق يوق!» دېگەن «داڭقان پۇتى گەپ»ىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي قىممىتى يوق، ھېچقانداق دىنى ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ شەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ جازالىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرگە ئاساسلانمىغان. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ «زات»: «موللا ئەمەسلىكىم چېنىپ قالمىسۇن» دەپ ئاغزىغا كەلگەننى ياندۇرماپتۇ، ئاندىن بىرى «لوقما سالمىسۇن» دەپ دەرھال سورۇندىن چىقىپ كېتىپتۇ. ئاللاھ ئىسلاھ قىلسۇن.
 
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ