مۇسۇلمانلار

نىكاھ بۇزۇلامدۇ؟

مىنىڭ بىرقانچە سۇئالىم بائىدى:

 1. مەلىمىزدە ئەرلىرى ناماز ئۇقۇيدىغان، ئايالى ناماز ئۇقۇمايدىغانلار خېلى جىق، ناماز ئۇقۇمىسا مۇسۇلمان بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ نىكاھىغا دىنىمىزدا نىمە دەيدۇ؟
 قېرىندىشىم! سىزگە ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى: سىز نېمە ئۈچۈن «پالانىنىڭ ئايالى ناماز ئوقۇمايدۇ، پۇستانىنىڭ ئېرى ناماز ئوقۇمايدۇ» دەپ يۈرۈيسىز؟ سىزنىڭ باشقىلارنى ناماز ئوقۇمدۇ، ئوقۇمامدۇ؟ دەپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىڭىز بارما؟ ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ سىزگە كۆرسىتىپ ئوقۇشى كېرەكما؟
بەلكى ئۇلار سىز كۆرمىگەندە ئوقۇيدىغاندۇ؟ ئۆيىدە ئوقۇيدىغاندۇ؟ سىز نېمىدەپ خەقنىڭ كۈندىلىك ئىبادەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىسىز؟ نېمىدەپ بۇ ھەقتە «ھۆكۈم» چىقىرىسىز؟
 «ناماز ئوقۇمىغانلار مۇسۇلمان بولمايدۇ» بولسا، بۇ «ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ» بولمايدۇ، دېگەن بولمايدۇ. سىز شۇنى بىلىپ قويۇڭكى:
 دىنىمىزدا، نىكاھلانماقچى بولغان مۇسۇلماننىڭ كاپىر بىلەن نىكاھلىنىشى توغرا ئەمەس. لېكىن نىكاھلىنىپ بولغان دىنسىزلارنىڭ بىرى مۇسۇلمان بولسا، ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى شەرت ئەمەس.
ئەگەر ئاللاھنىڭ دىنىدا ئۇنداق بىر شەرت بولسا ئىدى، فىرئەۋن بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسىدا، نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسىدا نىكاھ بولمىغان بولاتتى.
ئەگەر ئاللاھنىڭ دىنىدا ئۇنداق بىر شەرت بولسا ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئىمان ئېيتمىغان مۇسۇلمان ئەرلەرنى ئاياللىرىدىن، ئەرلىرى ئىمان ئېيتمىغان مۇسۇلمان ئاياللارنى ئەرلىرىدىن ئاجرىشىپ كېتىشكە بۇيرۇغان بولاتتى.
ئەگەر ئاللاھنىڭ دىنىدا ئۇنداق بىر شەرت بولسا ئىدى، كۈنىمىزدە ئىمان ئېيتماقچى بولۇپ بىر جامەگە ياكى بىر مۇسۇلماننىڭ يېنىغا كەلگەن ياۋرۇپالىق ياكى ئامېرىكىلىق ۋە ياكى باشقا يەرلىك بىر كىشىگە: «ئىمان ئېيتسىڭىز، ئايالىڭىزدىن ياكى ئېرىڭىزدىن ئاجرىشىپ كېتىشىڭىز كېرەك» دەپ، ئۇلارغا ئىماننى ئۆگىتىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنى بۇ توغرىدا ئاگاھلاندۇشقا توغرا كېلەتتى ياكى: «ئەر ـ خوتۇن ئىككىڭىز بىرلىكتە كېلىپ ئىمان ئېيتىشىڭ، بولمىسا سىز يالغۇز ئىمان ئېيتالمايسىز» دەپ ئۇلارنى ئىشىك ئالدىدىن قايتۇرۇۋېتىشقا توغرا كېلەتتى.
ئۇ تەقدىردە ئىمان ئېيتماقچى بولغانلارنىڭ تولىسى: «ئۇنداق بولسا، يەنى ئىمان ئېيتسام ئائىلەم ۋەيران بولۇپ كېتىدىغان ئىش بولسا، مەن ئىمان ئېيتماي تۇرۇپ تۇراي» دەپ ئىمان ئېيتىشتىن ۋاز كېچىشكەن بولاتتى.
ھالبۇكى تارىخ بويىچە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەنلەر ئەر ـ خوتۇن بىرلىكتە كېلىپ ئىمان كەلتۈرگەن ئەمەس. ياكى ئىمان كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن نىكاھى ئاجراپ كېتىپ، ئۆيىگە قايتىپ بارالمىغان ئەمەس. بۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.
2. بەزىلەر بىر ۋاقلا ناماز ئۇقۇيدۇ، بۇنىڭغا قانداق ھۆكۈم بار؟
سىز بەشۋاخ ئوقۇڭ، باشقىلار سىز كۆرمىگەندە بەشۋاخ ئوقۇيدىغاندۇ! ئۇلارنىڭ ھەققىدە ياخشى گۇماندا بولۇڭ. ئەگەر راستىنلا شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھىدايىتىگە دۇئا قىلىڭ، ئوڭشىلىپ قالار!
3. مەلىمىزدە نەزىر ۋە باشقا ئىشلاردا باشقىلارغا قارىغاندا خېلى جىق گۆشنى ئىمام ھاجىملارنىڭ ئالدىغا قويىدۇ ، يەپ بولالمىغىنىنى تېخى قويۇنلىرىغا سېلىپ ئەكىتىدۇ، مەن تېخى ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ نەزردىن گۆش ئەكەلمىسە يېغلىغىنىنىمۇ كۆرگەن، بۇ توغرىمۇ؟
 گۆشنى باشقىلار قويۇپتۇ، باشقىسى قوينىغا سېلىپ ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ گۆش ئەگەر ھالال مالنىڭ گۆشىلا بولىدىغان  بولسا،  بۇ ياخشى ئىش ئىكەن. سىزمۇ ئوقۇپ ئىمام بولسىڭىز سىزگىمۇ بېرىدۇ. دادىسى ئالغاچ كەلگەن گۆشقا كۆنۈپ قالغان كىچىك بالا، دادىسى گۆش ئالغاچ كەلمىگەندە ئاشۇنداق خاپا قىلىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋالدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر