مۇسۇلمانلار

ھاراقكەشنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالسا بولامدۇ؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
سوئال: بىر جۇمە كۇنى بىر تەبلىق قىلغۇچىىنىڭ ھاراق ئىشكەن ئادەم ئاسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ قول ئۇزاتسا بىز كۇرۇشسەك بىزنىڭ 40 كۇنلۇك قىلغان ئەمىلىڭلار بىكار دەۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ سالامىنى قىلىپ كەلسە مىنىڭ 40 كۇنلۇك ئەمىلىم يوق بۇلۇپ كىتىدۇ دەپ كۇرۇشمەي كىتىش توغرىمۇ؟ مىنىڭ تۇنجى خەت يېزىشىم بولغانلىغى ئۇچۇن بەك تەستە يازدىم ئېغىر كورمەي جاۋاپ بەرسىلە ئەجىرلىرىنى ئاللاھ بەرسۇن ئامىن! ھۆرمەت بىلەن: بىلىم ئال
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:
«سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن سالام بېرىڭلار ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار»- نىسا سۈرىسى 86- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
يەنى بىر كىشى سىلەرگە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بەرسە، سىلەر ئۇنىڭغا «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ» دەڭلار. ياكى  «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام» دەڭلار.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر:
ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «ئىسلامدىكى ياخشى خىسلەتلەر قايسى؟»، دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «كىشىلەرگە تائام بېرىشىڭ، تونۇغان ۋە تونۇمىغان كىشىلەرگە سالام بېرىشىڭ»، دەپ جاۋاب بەردى. – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئابدۇللاھ ئىبن سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئى ئىنسانلار! سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار، كىشىلەرگە ئاش-نان بېرىڭلار، سىيلە-رەھىم قىلىڭلار، كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا سىلەر ناماز ئوقۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار جەننەتكە ئامان-ئېسەن كىرەلەيسىلەر»- تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
قېرىندىشىم! يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسەن بىز مۇسۇلمانلار باشقىلار بىلەن ئۇچراشقان چېغىمىزدا ئۇلارغا سالام قىلىمىز. ئەگەر باشقىلار بىزگە سالام قىلسا ئۇلارغا ئەڭ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز ياكى «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام» دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇرىمىز. بۇ، مۇقەددەس دىنىمىز بىزگە ئۆگەتكەن گۈزەل ئەخلاقلاردىندۇر.
باشقا بىرى بىزگە سالام قىلسا بىزنىڭ ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ، ياخشى ئادەم بولسا سالىمىنى ئىلىك ئالىدىغان، يامان ئادەم بولسا سالىمىنى ئىلىك ئالمايدىغان ئىش جاھىللىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.
ئەگەر ئۇ « تەبلىق قىلغۇچىىنڭ»، « ھاراق ئىشكەن ئادەم ئاسسالاممۇ ئەلەيكۇم دەپ قول ئۇزاتسا بىز كۇرۇشسەك بىزنىڭ 40 كۇنلۇك قىلغان ئەمىلىڭلار بىكار» دېگەن سۆزى توغرا بولىدىغان بولسا (ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس)، بىزگە سالام قىلغان كىشىدىن «سىز ھاراق ئىچكەنمۇ؟ ئەگەر ھاراق ئىچكەن بولسىڭىز، سالىمىڭىزنى ئىلىك ئالمايمەن» دېيىشىمىزگە توغرا كېلەتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان سالام كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش، گۇناھىنى سۈرۈشتە قىلىش، كۆڭلىنى ئاغرىتىش، شۇنداقلا ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇش… قاتارلىقلارغا ۋاسىتە بولۇپ قالاتتى. شۇنداقلا ئىسلام دىنىمىزنىڭ بۇ سالام قىلىش ۋە سالامنى ئىلىك ئېلىش قائىدىلىرىدە زىتلىق مەۋجۇت بولغان بولاتتى. ئاللاھنىڭ دىنى بۇنىڭدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
يىغىپ ئېيتقاندا ئۇ «تەبلىق قىلغۇچىىنڭ» مەزكۇر سۆزى، «ئىشكەمبەئى كۇبرا» دىن يەنى يوغان قورساقتىن دېيىلگەن بىر يالغان سۆزدۇر. ئەگەر ئۇ كىشى دىنىمىزنى بىلگەن بولسا ئىدى، سالام توغرۇلۇق يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسەن تەبلىغ قىلغان بولاتتى. 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر