مۇسۇلمانلار
ناماز ۋاقىتلىرىنىڭ دەلىللىرى 1

ناماز ۋاقىتلىرىنىڭ دەلىللىرى

2§. بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر:

﴿أَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ لِدُلُوكِ ٱلشَّمۡسِ إِلَىٰ غَسَقِ ٱلَّيۡلِ وَقُرۡءَانَ ٱلۡفَجۡرِۖ إِنَّ قُرۡءَانَ ٱلۡفَجۡرِ كَانَ مَشۡهُودٗا  ٧٨﴾

«ئى مۇھەممەد! نامازلارنى كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن. سەھەرنىڭ قۇرئانىنىمۇ[1] ئۆتىگىن، چۈنكى سەھەرنىڭ قۇرئانى كۆرۈلگۈچىدۇر»[2].

﴿فَٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ قَبۡلَ طُلُوعِ ٱلشَّمۡسِ وَقَبۡلَ غُرُوبِهَاۖ وَمِنۡ ءَانَآيِٕ ٱلَّيۡلِ فَسَبِّحۡ وَأَطۡرَافَ ٱلنَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرۡضَىٰ  ١٣٠﴾

«ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن. قۇياش چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن. كېچىنىڭ ۋاقىتلىرى بىلەن كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرىدىمۇ تەسبىھ ئېيتقىن. ئۇلارنى رازىلىققا ئېرىشەرمەن دەپ قىلغىن»[3].

﴿فَسُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ حِينَ تُمۡسُونَ وَحِينَ تُصۡبِحُونَ  ١٧ وَلَهُ ٱلۡحَمۡدُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَعَشِيّٗا وَحِينَ تُظۡهِرُونَ  ١٨﴾

«ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان، ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان چاغلىرىڭلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىلماقتىدۇر. كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدىمۇ، چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئۇلاشقان ۋە بۇ ۋاقىتتا بولغان چاغلىرىڭلاردىمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار»[4].

﴿فَٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ قَبۡلَ طُلُوعِ ٱلشَّمۡسِ وَقَبۡلَ ٱلۡغُرُوبِ  ٣٩﴾

«ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، قۇياش چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد ئېيتىپ تەسبىھ ئېيتقىن»[5].

1.     پېشىننىڭ ۋاقتى

پېشىننىڭ ۋاقتى كۈن تىكلىنىپ غەرب تەرەپكە قايرىلغاندا باشلىنىدۇ. 17 – سۈرە ئىسرانىڭ 78 – ئايىتىدە ئۆتكەن ﴿لِدُلُوكِ الشَّمْسِ – كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ دېگەن ئىپادە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

2.     نامازدىگەرنىڭ ۋاقتى

نامازدىگەرنىڭ ۋاقتى كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدۇر. 30 – سۈرە رۇمنىڭ 18 – ئايىتىدە ئۆتكەن ﴿عَشِيّاً – كۈندۈزنىڭ ئاخىرى﴾ دېگەن ئىپادە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. 20 – سۈرە تاھانىڭ 130 – ئايىتىدىكى ۋە 50 – سۈرە قافنىڭ 39 – ئايىتىدىكى ﴿قَبْلَ غُرُوبِهَا قَبْلَ الْغُرُوبِ – قۇياش پېتىشتىن ئىلگىرى﴾ دېگەن ئىپادە نامازدىگەرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.

3.     نامازشامنىڭ ۋاقتى

نامازشامنىڭ ۋاقتى كۈن كىرىپ كەتكەن ھامان باشلىنىدۇ. 30 – سۈرە رۇمنىڭ 17 – ئايىتىدىكى ﴿حِينَ تُمْسُونَ – ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان چېغىڭلاردا﴾ دېگەن ئىپادە نامازشام بىلەن خۇپتەننىڭ ھەممە ۋاقتىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، نامازشامنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

4.     خۇپتەننىڭ ۋاقتى

خۇپتەننىڭ ۋاقتى نامازشامنىڭ ۋاقتىدىن كېيىنلا كىرىپ، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا ئاخىرلىشىدۇ. 17 – سۈرە ئىسرانىڭ 78 – ئايىتىدىكى ﴿إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ – كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك﴾ دېگەن ئىپادە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

5.     بامداتنىڭ ۋاقتى

بامداتنىڭ ۋاقتى تاڭنىڭ يورۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. 30 – سۈرە رۇمنىڭ 17 – ئايىتىدىكى ﴿حِينَ تُصْبِحُونَ – ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان چېغىڭلاردا دېگەن ئىپادە بامدات نامىزىنىڭ ھەممە ۋاقتىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئاۋۋالقى ۋاقتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

20 – سۈرە تاھانىڭ 130 – ئايىتىدىكى ۋە 50 – سۈرە قافنىڭ 39 – ئايىتىدىكى ﴿قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ – كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى﴾ دېگەن ئىپادە بولسا، بامدات نامىزىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.

17 – سۈرە ئىسرانىڭ 78 – ئايىتىدىكى ﴿الْفَجْرِ – بامدات﴾ ئىپادىسى بامدات نامىزىنىڭ ھەممە ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بامدات تاڭ سۈزۈلگەندىن باشلاپ كۈن چىققۇچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتتۇر.

مۇناسىۋەتلىك ئىككى ھەدىس:

  • ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىبرىئىل كەبىنىڭ يېنىدا ماڭا ئىككى قېتىم ئىمام بولدى. بىرىنچى قېتىمدا، پېشىننى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئاياغنىڭ بوغقۇچىسىدەك بولغاندا ئوقۇدى، نامازدىگەرنى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزى بىلەن تەڭ بولغاندا ئوقۇدى، نامازشامنى كۈن پاتقان ۋە روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلغان چاغدا ئوقۇدى، خۇپتەننى شەپەق يوق بولغاندا ئوقۇدى، بامداتنى تاڭ يورۇپ روزا تۇتقۇچىغا يېمەك – ئىچمەك ھارام بولغان چاغدا ئوقۇدى. ئىككىنچى قېتىمدا پېشىننى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ بويىغا تەڭ كېلىدىغان بولغاندا يەنى بىرىنچى قېتىمدا نامازدىگەرنى ئوقۇغان ۋاقىتتا ئوقۇدى، نامازدىگەرنى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ ئىككى ئوخشىشىغا تەڭ بولغاندا ئوقۇدى. نامازشامنى يەنە بىرىنچى قېتىم ئوقۇغان ۋاقىتتا ئوقۇدى، خۇپتەننى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتكەندە ئوقۇدى، بامداتنى ئەتراپ ئاقارغاندا ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن ماڭا قاراپ مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد! مانا بۇ سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ناماز ئۆتەش ۋاقتىدۇر. سېنىڭ ناماز ئۆتەش ۋاقتىڭ مۇشۇ ئىككى ۋاقىتىنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىتتۇر» دېدى[6].
  • بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «بۈگۈن ۋە ئەتە نامازلارنى بىز بىلەن بىللە ئوقۇغىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنى كۈن قايرىلغاندا رەسۇلۇللاھ بىلالنى بۇيرۇدى، ئۇ ئەزان ئوقۇدى. ئاندىن يەنە بىلالنى بۇيرۇدى، ئۇ پېشىنگە تەكبىر ئوقۇدى. ئاندىن كۈن تېخى خېلىلا ئىگىز، نۇر چېچىپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا بىلالنى بۇيرۇدى. ئۇ ئەسىرگە تەكبىر ئوقۇدى. ئاندىن بىلالنى بۇيرۇدى. ئۇ كۈن پاتقان ھامان نامازشامغا تەكبىر ئوقۇدى. ئاندىن بىلالنى بۇيرۇدى. شەپەق (كۈن پېتىش ئۇپۇقىدا كۈن پاتقاندىن كېيىن كۆرۈنىدىغان قىزىللىق) يوقالغان ۋاقىتتا خۇپتەنگە تەكبىر ئوقۇدى. ئاندىن بىلالنى بۇيرۇدى. ئۇ تاڭنىڭ سۈزۈلۈشى بىلەن بامداتقا تەكبىر ئوقۇدى. ئىككىنچى كۈنى بىلالنى بۇيرۇدى. ئۇ پېشىننى ھاۋا خېلى يانغان ۋاقىتقا كېچىكتۈردى. رەسۇلۇللاھ ئەسىرنى كۈن خېلى ئىگىز ۋاقىتتا، لېكىن تۈنۈگۈنكىدىن بىرئاز كېين ئوقۇدى. نامازشامنى شەپەق يوقۇلۇشتىن ئىلگىرى ئوقۇدى. خۇپتەننى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتكەندە ئوقۇدى. بامداتنى تاڭنى خېلى يورۇتۇپ ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن ناماز ۋاقىتلىرىنى سورىغان كىشى قېنى؟ دېگەن ئىدى. ھېلىقى كىشى: «مانا مەن، يارەسۇلەللاھ!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ: «نامىزىڭلارنىڭ ۋاقتى كۆرگىنىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدۇر» دېدى[7].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 51 – 54.

[1]  بامدات نامىزىنى.

[2] قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا، 78 – ئايەت.

[3] 20 – سۈرە تاھا، 130 – ئايەت.

[4] 30 – سۈرە رۇم، 17 – ۋە 18 – ئايەتلەر.

[5] 50 – سۈرە قاف، 39 – ئايەت.

[6]  بۇخارى، «مەۋاقىت»، 2؛ مۇسلىم، «مەساجىد»، 166 – 167؛ تىرمىزى،  «سالات»، 1؛ ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 2.

[7]  مۇسلىم، «مەساجىد»، 176، 177؛ تىرمىزى، «سالات»، 1.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر