مۇسۇلمانلار
مۇسۇلمان تىرىشچان بولۇشى كېرەك 1

مۇسۇلمان تىرىشچان بولۇشى كېرەك

ئىش ۋە ئىشچى

ئىسلام دىنى ھەر كىشىنى ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشاشقا، تىلەمچىلىكتىن ۋە تەمەخورلۇقتىن ساقلىنىشقا بۇيرۇيدۇ. كىشىنىڭ ئۆزى ئىشلەپ ئېرىشكەن نېئمەت ۋە رىزىقنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاخىرەتتە ئەسقاتىدىغان ئەمەل – ئىبادەتنى ھەر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىشى لازىملىقىنى، دۇنيا ئىشلىرىدىمۇ ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە تايىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھۇرۇنلۇق ۋە بوشاڭلىق قىلىپ باشقىلارغا تايىنىپ ئۆزىنى خار قىلماسلىقنى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا ھەر كىشىنى جانلىق، كۈچلۈك، ئىشچان ۋە پائالىيەتچان بولۇشقا، ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە قولىدىن كەلگەن ئىشنى قىلىپ ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى ھالال بىلەن بېقىشقا، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە قولۇم – قوشنىلىرىغا ياردەم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

شۇنداقلا ئاللاھ بەندىلىرىگە رىزىق يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇنبەت تۇپراقلارنى، مول يامغۇرلارنى ۋە كۈندۈزنى يارىتىپ بەرگەن.  

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدۡ مَكَّنَّٰكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَجَعَلۡنَا لَكُمۡ فِيهَا مَعَٰيِشَۗ قَلِيلٗا مَّا تَشۡكُرُونَ  ١٠﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە زېمىندا كۈچ – قۇۋۋەت بەردۇق ۋە زېمىندا سىلەرگە ھەر خىل تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بار قىلدۇق. بەك ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!»[1].

﴿وَجَعَلۡنَا ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ ءَايَتَيۡنِۖ فَمَحَوۡنَآ ءَايَةَ ٱلَّيۡلِ وَجَعَلۡنَآ ءَايَةَ ٱلنَّهَارِ مُبۡصِرَةٗ لِّتَبۡتَغُواْ فَضۡلٗا مِّن رَّبِّكُمۡ وَلِتَعۡلَمُواْ عَدَدَ ٱلسِّنِينَ وَٱلۡحِسَابَۚ وَكُلَّ شَيۡءٖ فَصَّلۡنَٰهُ تَفۡصِيلٗا  ١٢﴾

«بىز كېچە بىلەن كۈندۈزنى  ئىككى ئايەت قىلدۇق. ئاندىن كېچە ئايىتىنى ئۆچۈردۇق، كۈندۈز ئايىتىنى كۆرسەتكۈچى قىلدۇق. بۇ رەببىڭلاردىن پەزل تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر ھەمدە يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بىز ھەر نەرسىنى ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلدۇق»[2].

﴿وَمِن رَّحۡمَتِهِۦ جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ لِتَسۡكُنُواْ فِيهِ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ٧٣﴾

«ئاللاھ رەھمەت قىلىپ ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى، پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»[3].

﴿وَجَعَلۡنَا ٱلنَّهَارَ مَعَاشٗا  ١١﴾

«بىز كۈندۈزنى مەئىشەت ۋاقتى[4] قىلدۇق»[5].

ئاللاھ تائالا ئىشلەشكە تەشۋىق قىلىدۇ ۋە بۇيرۇيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

﴿هُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ ذَلُولٗا فَٱمۡشُواْ فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُواْ مِن رِّزۡقِهِۦۖ وَإِلَيۡهِ ٱلنُّشُورُ  ١٥﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىننى سىلەرگە كۆنۈك ئۇلاغقا ئوخشاش قىلىپ بەردى. ئۇ ھالدا زېمىننىڭ ئۈستىدە مېڭىڭلار ۋە ئۇ زات بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار، قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر»[6].

﴿ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزۡقٗا لَّكُمۡۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡفُلۡكَ لِتَجۡرِيَ فِي ٱلۡبَحۡرِ بِأَمۡرِهِۦۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡأَنۡهَٰرَ  ٣٢ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ دَآئِبَيۡنِۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ  ٣٣ وَءَاتَىٰكُم مِّن كُلِّ مَا سَأَلۡتُمُوهُۚ وَإِن تَعُدُّواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ لَا تُحۡصُوهَآۗ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَظَلُومٞ كَفَّارٞ  ٣٤﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، سىلەرگە رىزىق بولسۇن دەپ ئۇ سۇ ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋە ۋە مەھسۇلاتلارنى چىقاردى، ئۆز ئەمرى بىلەن دېڭىزدا ئۈزۈشى ئۈچۈن كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۆستەڭلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، مۇنتىزىم ئايلىنىپ تۇرىدىغان قۇياشنى ۋە ئاينى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، كېچە بىلەن كۈندۈزنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە سىلەر ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى. ئەگەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى سانىغىلى تۇرساڭلار، ئۇلارنى ساناپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زالىمدۇر، تۇزكوردۇر»[7].

﴿لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَبۡتَغُواْ فَضۡلٗا مِّن رَّبِّكُمۡۚ …  ١٩٨﴾

«ھەج مەۋسۇمىدە تىجارەت قىلىپ رەببىڭلاردىن رىزىق تەلەپ قىلىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر»[8].

[1] 7 – سۈرە ئەئراف، 10 – ئايەت.

[2] 17 – سۈرە ئىسرا، 12 – ئايەت.

[3] 28 – سۈرە قەسەس، 73 – ئايەت.

[4] تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەش ۋاقتى.

[5] 78 – سۈرە نەبەئـ، 11 – ئايەت.

[6] 67 – سۈرە مۇلك، 15 – ئايەت.

[7] 14 – سۈرە ئىبراھىم، 32 ~ 34 – ئايەت.

[8] 2 – سۈرە بەقەرە، 198 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر