مۇسۇلمانلار
قۇربانلىق قىلىش ھەر شەرىئەتتە بارمىدى؟ 1

قۇربانلىق قىلىش ھەر شەرىئەتتە بارمىدى؟

قۇربانلىق قىلىش ھەر پەيغەمبەرنىڭ شەرىئىتىدە بارمىدى؟

ھەج ئىبادىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن بېرى بار بولغان ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈن ھەج پائالىيىتنىڭ بىر قىسمى بولغان قۇربانلىق قىلىشمۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن بېرى ھەر پەيغەمبەرنىڭ شەرىئىتىدە بار ئىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَلِكُلِّ أُمَّةٖ جَعَلۡنَا مَنسَكٗا لِّيَذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلۡأَنۡعَٰمِۗ …

«بىز ھەر ئۇممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق. بىز بۇنى ئۇلارنىڭ ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلارنى بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق…»-(22-سۈرە ھەج، 34- ئايەت).

بۇ ئايەتتىكى قۇربانلىق، قۇربان ھېيتتا قىلىنىدىغان قۇربانلىقتۇر. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەت بايان قىلىپ بېرىدۇ:

وَأَذِّن فِي ٱلنَّاسِ بِٱلۡحَجِّ يَأۡتُوكَ رِجَالٗا وَعَلَىٰ كُلِّ ضَامِرٖ يَأۡتِينَ مِن كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٖ  لِّيَشۡهَدُواْ مَنَٰفِعَ لَهُمۡ وَيَذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ فِيٓ أَيَّامٖ مَّعۡلُومَٰتٍ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلۡأَنۡعَٰمِۖ فَكُلُواْ مِنۡهَا وَأَطۡعِمُواْ ٱلۡبَآئِسَ ٱلۡفَقِيرَ 

«ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلغىن. ئۇلار يېنىڭغا پىيادىمۇ كېلىدۇ، چوڭقۇر ۋە كەڭ يوللاردىن كەلگەن ئورۇق ئۇلاغلارنىڭ ئۈستىدىمۇ كېلىدۇ. ئۇلار مەنپەئەتلىرىنى كۆرسۇن، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلاردىن مەلۇم كۈنلەردە بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلسۇن. ئى قۇربانلىق قىلغۇچىلار! قۇربانلىقىڭلاردىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، موھتاجلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار» -(22-سۈرە ھەج، 27 -29- ئايەتلەر).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر