باش بەت > چاچ  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

سوئال:

چاچ-ساقالنى قارا بوياشقا بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

جاۋاب:

قۇرئان كەرىمدە ۋە سەھىھ سۈننەتتە بۇ ھەقتە بىرەر ھۆكۈم يوقتۇر. كەلگەن رىۋايەتلەر بىر-بىرىگە زىتتۇر. بۇ، مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىي قائىدە-قوراللار ئىچىدە چۈشىنىشكە ۋە ھۆكمىنى بېكىتىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ قائىدە-قوراللار تۆۋەندىكىچە:

1- كۇفرىنىڭ سىمۋولى بولغان رەڭ ۋە شەكىللەردىن ساقلىنىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ كَفَرُوا}

«ئى مۇئمىنلار! كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار»- 3-سۈرە ئال ئىمران، 156-ئايەت.

{وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ نَسُوا اللَّهَ فَأَنْسَاهُمْ أَنْفُسَهُمْ أُولَئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ}

«ئاللاھنى ئۇنتۇغان، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۆزلىرىگە ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار. ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر»-59-سۈرە ھەشىر، 19-ئايەت.

رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقا بىر قەۋمگە (مىللەتكە) ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ»[1]

2- ئەر- ئاياللار بىر-بىرىگە ئوخشىۋالماسلىق

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

{وَلاَ تَتَمَنَّوْاْ مَا فَضَّلَ اللّهُ بِهِ بَعْضَكُمْ عَلَى بَعْضٍ لِّلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِّمَّا اكْتَسَبُواْ وَلِلنِّسَاء نَصِيبٌ مِّمَّا اكْتَسَبْنَ وَاسْأَلُواْ اللّهَ مِن فَضْلِهِ إِنَّ اللّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا}

«ئاللاھ بەزىڭلارغا بېرىپ بەزىڭلارغا بەرمىگەن نەرسىلەرنى ئارزۇ قىلماڭلار. ئەرلەرگە ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار، ئاياللارغىمۇ ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھتىن ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىشىنى تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- نىسا 4/32.

بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى:

ئاللاھ تائالا بەزىڭلارغا ئىلىم-بىلىم، ئىززەت-ئېتىبار، مال-مۈلۈك ۋە بالا-چاقا قاتارلىق نېمەتلەرنى بەرگەن بولسا، بۇ نېمەتلەر بېرىلمىگەن كىشىلەر، بېرىلگەن كىشىلەرگە ھەسەت قىلمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئىلكىدىكى مەزكۇر ئىلاھىي نېمەتلەرگە كۆز تىكمىسۇن، ئۇلارنىڭ يوق بولۇشىنى ئارزۇ قىلمىسۇن. شۇنىڭدەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى ئەر، بەزىڭلارنى ئايال قىلىپ ياراتقان ۋە ھەر بىرىڭلارغا ئايرىم-ئايرىم ئالاھىدىلىكلەر ئاتا قىلغان. ئەر ئايالنىڭ، ئايال ئەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئارزۇ قىلمىسۇن، ھەر جىنس ئۆز ئالاھىدىلىكىگە قانائەت قىلسۇن، باشقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ھەۋەسلەنمىسۇن.

«رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئەرلەرگەئوخشىۋالغۇچىئاياللارغا،ئاياللارغائوخشىۋالغۇچىئەرلەرگەلەنەتئېيتقان»[2].

3- ئالدىماسلىق

قېرىلارنىڭ ياش ۋە كۈچلۈك كۆرۈنۈش ئۈچۈن چېچىنى بويىشى ئالدامچىلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئالدامچىلىقنىڭ يامان ئەخلاق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ[3].

{وَلَا تَكُونُوا كَالَّتِي نَقَضَتْ غَزْلَهَا مِنْ بَعْدِ قُوَّةٍ أَنْكَاثًا تَتَّخِذُونَ أَيْمَانَكُمْ دَخَلًا بَيْنَكُمْ أَنْ تَكُونَ أُمَّةٌ هِيَ أَرْبَى مِنْ أُمَّةٍ}

«يىپىنى پىششىق ئېگىرىپ بولۇپ چۇۋۇۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار. يەنى، بىر ئۈممەتنىڭ يەنە بىر ئۈممەتتىن ئۈستۈن بولغانلىقىغا قاراپ قەسەملىرىڭلار بىلەن بىر- بىرىڭلارنى ئالدىماڭلار…»- 16-سۈرە نەھل، 92 –ئايەت.

{وَلَا تَتَّخِذُوا أَيْمَانَكُمْ دَخَلًا بَيْنَكُمْ فَتَزِلَّ قَدَمٌ بَعْدَ ثُبُوتِهَا وَتَذُوقُوا السُّوءَ بِمَا صَدَدْتُمْ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَلَكُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ}

«بىر- بىرىڭلارنى ئالداش ئۈچۈن قەسەم ئىچمەڭلار. بولمىسا يەرگە مۇستەھكەم دەسسەپ تۇرغان قەدىمىڭلار تېيىلىپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار ئۈچۈن بېشىڭلارغا يامانلىق كېلىدۇ، ئاندىن چوڭ ئازابقا دۇچار بولىسىلەر»-16-سۈرە نەھل، 94 –ئايەت.

بۇ ئىككى ئايەتتە ئالدامچىلىقنىڭ يامان ئەخلاق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان.

ئەبۇ ھۇرەيرە (ر.ئە)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «كىم بىزنى ئالدىسا، ئۇ بىزدىن ئەمەستۇر»، «كىم ئالدامچىلىق قىلسا، ئۇ بىزدىن ئەمەستۇر»[4].

4- تەكەببۇرلۇق قىلماسلىق

تەكەببۇرلۇق قىلىش يامان ئەخلاقلاردىن بولۇپ قەتئىي چەكلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەر كۆپتۇر. قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغان ۋە ھەدىسلەردىن خەۋەردار بولغان ھەر كىشى بۇنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چېچىنى بوياش توغرا بولمايدۇ.

خۇلاسە:

چاچنى كۇپۇر ۋە شېرىكنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان رەڭلەر بىلەن بويىماسلىق، ئاياللار ئەرلەرگە ياكى ئەرلەر ئاياللارغا ئوخشىۋېلىش ئۈچۈن بويىماسلىق، تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە ئالداش ئۈچۈن بويىماسلىق قاتارلىق شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا بويىسا، قانداق رەڭدە بويىسا بويىسۇن مۇباھ (رۇخسەت بېرىلگەن) بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

1- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىي ۋە ناسارالار بويىمايدۇ، سىلەر بوياپ ئۇلارغا خىلاپلىق قىلىڭلار»[5].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ رىۋايەتتە يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىر ئادىتىنى بايان قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ ئادىتىگە قارشى تۇرۇپ،بۇ ئادەتتە ئۇلارغا ئوخشاپ قالماسلىقنى مەقسەت قىلغان. ئەمما قانداق شەكىلدە، قانداق رەڭدە بوياش ھەققىدە بىر نەرسە دېمىگەن. چۈنكى قانداق رەڭنى تاللاش ئىنساننىڭ زوقىغا باغلىقتۇر، شۇڭلاشقا ئۇنى ھەر ئىنسان ئۆزىنىڭ زوقىغا قارىتا بەلگىلەيدۇ.

2- جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، مەككىنى پەتىھ قىلىش كۈنىدە ئەبۇ بەكىرنىڭ ئاتىسى ئەبۇ قۇھافە چېچى بىلەن ساقىلى ئاقىرىپ خۇددى ئاق چېچەكلىگەن دەرەخكە ئوخشاپ قالغان ھالەتتە كەلتۈرۈلگەندە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «بۇنى بىر نەرسە بىلەن ئۆزگەرتىڭلار، قارىدىن ساقلىنىڭلار» دېگەن[6].

بۇ رىۋايەتتىكى «قارىدىن ساقلىنىڭلار» دېگەن ئىپادە نەبىمىزنىڭ ئىپادىسى بولماستىن ئىبىن جۇرەيج دېگەن راۋىنىڭ قوشۇپ قويغان ئىپادىسىدۇر. بۇ ھەقتە ئىمام ئەھمەد بۇ رىۋايەتنى نەقىل قىلغاندا ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا راۋىلاردىن زۇھەيرنىڭ ئەبى زۇبەيرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قارىدىن ساقلىنىڭلار»دېگەنمۇ، دېگەندە ئەبۇ زۇبەيرنىڭ، «ياق» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ[7].

3- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زامانى ئاخىردا كەپتەرنىڭ پوكانلىرىدەك قارا بويىۋالىدىغان شۇنداق بىر قەۋملەر بولىدۇكى، ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ»[8].

4-ئابدۇلھەمىد ئىبنى سەيفىي ئاتىسىدىن، ئاتىسى ئۆز ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر بويىنىدىغان رەڭلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مانا بۇ قارادۇر. قارا ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈندۈرىدۇ، دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆڭلىگە قورقۇنچ سالىدۇ[9].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، بىرىنچى رىۋايەتتە رەڭ زىكىر قىلىنمىغان. ئىككىنچى رىۋايەتنىڭ «قارىدىن ساقلىنىڭلار» دېگەن قىسمى ھەققىدە بەزى راۋىلار سەلبىي كۆزقاراشتا بولغان. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى رىۋايەت بىر-بىرىگە تامامەن زىت مەنىلەرنى ئىپادىلىگەن.

 


[1]  ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، لىباس 4/4031.

[2]  بۇخارى، سەھىھ، لىباس 5885؛ تىرمىزى، سۇنەن، ئەدەب 2784؛ ئىبىن ماجە، سۇنەن،  نىكاھ 22، 1904.

[3] بەقەرە 2/9، ئەنفال 8/61.

[4] مۇسلىم، سەھىھ، ئىمان 164؛ تىرمىزى، سۇنەن، بۇيۇئ 74؛ ئەبۇداۋۇد، سۇنەن، بۇيۇئ 52؛ ئىبىن ماجە،  سۇنەن، تىجارەت 36.

[5]بۇخارى سەھىھ، ما زۇكىرە ئەن بەنى ئىسرائىل، 3203، خداب، 5448. مۇسلىم، سەھىھ، فى مۇخالىفەتۇل يەھۇدى فىس سەبغى، 3926. ئەبۇ داۋۇد، سۈنەن، فىل خىداب، 3671. نەسەئى، سۈنەن، ئەلئەمرۇ بىلخداب، 5146. ئىبن ماجە، سۈنەن، ئەلخىداب بىلھىنائى، 3611.

[6] مۇسلىم، سەھىھ، ئىستىھبابۇ خىدابۇششەيبى بىسۇفرەتىن ئەۋ ھۇمرەتىن ۋە تەھرىيمۇھۇ، 3925. ئەبۇ داۋۇد، سۈنەن، فىل خىداب، 3672. نەسەئى، سۈنەن، نەھيۇ ئەنىلخداب بىسسەۋاد، 4989.

[7]ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد 29/163.

[8]ئەبۇ داۋۇد، سۈنەن، ما جائە فى خىدابىس سەۋاد، 3679.

[9]ئىبن ماجە، سۈنەن، ئەلخىداب بىسسەۋاد، 3615.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ