مۇسۇلمانلار

پۇل سودىسى

پۇل ۋە قەرز ھۆججىتى ئېلىم-سېتىمى
قەغەز پۇل ئومۇملاشقانغا قەدەر پۇل دېسە خىيالغا كېلىدىغىنى ئالتۇن-كۈمۈش پۇللار ئىدى. ئالتۇن پۇل دىنار، كۈمۈش پۇل دىرھەم دەپ ئاتىلاتتى. بېسىلمىغان ئالتۇن-كۈمۈش پۇل دېيىلمەيتتى. ئەمما نۇرغۇن يەردە نۆكچە ئالتۇن-كۈمۈشلەرمۇ ئېلىپ-سېتىلاتتى. بۇ سەۋەبتىن پۇل ئېلىم-سېتىمى بىلەن ئالتۇن-كۈمۈش ئېلىم-سېتىمى ئوخشاش ئاساسلار بىلەن قىلىنىپ كەلگەن. بۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قەرز ھۆججەتلىرىنىڭ ئېلىم-سېتىمىدىمۇ ئوخشاش قائىدىلەر كۈچكە ئىگە. بۈگۈن پۇل دېسە ئالتۇن-كۈمۈش ئەمەس، قەغەز پۇل خىيالغا كېلىدۇ.
1- ئالتۇن ۋە كۈمۈش سودىسى
قۇرئان كەرىمدە ئالتۇن، كۈمۈش، دىنار ۋە دىرھەملەرنىڭ ئېلىم-سېتىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت يوق، لېكىن بۇ ھەقتە ھەدىسلەر بار. ئالدى بىلەن ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر، ئاندىن فەقىھلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.
ئا- ھەدىسلەر
ئەلى (ر.ئە)نىڭ نەۋرىسى ئاتىسى مۇھەممەدتىن، بۇ ئۇنىڭ بوۋىسى ئەلىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
دىنارغا دىنار، دىرھەمگە دىرھەم تېگىشكەندە بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولسا بولمايدۇ. كىمنىڭ كۈمۈشكە ئېھتىياجى بولسا ئۇنى ئالتۇنغا تېگشسۇن، كىمنىڭ ئالتۇنغا ئېھتىياجى بولسا ئۇنى كۈمۈشكە تېگىشسۇن. تېگىشىش ئال-بەر شەكلىدە نەقمۇنەق بولىدۇ[1].
1- ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە ئېلىش
ئەبۇ سەئىد خۇدرى (ر.ئە)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«ئالتۇننى ئالتۇنغا ساتماڭلار، ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا ساتساڭلار بولىدۇ، بەزىسىنى بەزىسىدىن پەرقلىق قىلماڭلار. كۈمۈشنى كۈمۈشكە ساتماڭلار، ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا ساتساڭلار بولىدۇ، بەزىسىنى بەزىسىدىن پەرقلىق قىلماڭلار. بۇلاردىن نېسىنى نەقكە ساتماڭلار[2].
ئەبۇ ھۇرەيرە (ر.ئە)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«ئالتۇنغا ئالتۇن ۋەزنى ۋەزنىگە، ئوخشىشى ئوخشىشىغا، كۈمۈشكە كۈمۈش ۋەزنى ۋەزنىگە، ئوخشىشى ئوخشىشىغا سېتىلىدۇ. كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ.[3]
«ئالتۇننى ئالتۇنغا ساتماڭلار، لېكىن ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولسا ساتساڭلار بولىدۇ. كۈمۈشنى كۈمۈشكە ساتماڭلار، لېكىن ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولسا ساتساڭلار بولىدۇ. ئالتۇننى كۈمۈشكە، كۈمۈشنى ئالتۇنغا خالىغىنىڭلارچە ساتساڭلار بولىدۇ.[4]
2- دىنارنى دىىنارغا، دىرھەمنى دىرھەمگە ئېلىش
ئوسمان (ر.ز)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«بىر دىنارنى ئىككى دىنارغا، بىر دىرھەمنى ئىككى دىرھەمگە ساتماڭلار»[5].
ئەبۇ ھۇرەيرە (ر.ئە)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
دىنارغا دىنار[6] ساتقاندا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارتۇقلۇق بولسا بولمايدۇ. دىرھەمگە دىرھەم[7] ساتقاندا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارتۇقلۇق بولسا بولمايدۇ»[8].
3- كۈمۈشنى ئالتۇنغا ئېلىش
ئىبىن ئۆمەر (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ:
مەن ئالتۇننى كۈمۈشكە ياكى كۈمۈشنى ئالتۇنغا ساتاتتىم. رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ يېنىغا كېلىپ بۇ ئىشنى سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىرى بىلەن ئۇنداق سودا قىلىشساڭ، ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ھېساب قالسا ئۇنىڭدىن  ئايرىلما»[9].
ئۇبادە ئىبىن سامىت مۇنداق دەيدۇ:
«كۈمۈشكە ئالتۇننى نەقمۇنەق سېتىشتا كۈمۈشنىڭ مىقدارى ئارتۇق بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن نېسى سېتىشقا بولمايدۇ.[10]
4- دىنارنى ئالتۇنغا ئېلىش
 ئۇبادە ئىبىن سامىت (ر.ز)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«ئالتۇنغا ئالتۇن، نۆكچىسى بولسۇن دىنارى بولسۇن نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ سېتىلىدۇ. كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ»[11].
5- دىرھەمنى كۈمۈشكە ئېلىش
ئۇبادە ئىبىن سامىت (ر.ز)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«كۈمۈشكە كۈمۈش، نۆكچىسى بولسۇن دىرھەمى بولسۇن نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ سېتىلىدۇ. كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ»[12].
6- دىنارنى دىرھەمگە ئېلىش
ئىبىن ئۆمەر (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەقىدە تۆگە ساتاتتىم، دىنارغا سېتىپ دىرھەم، دىرھەمگە سېتىپ دىنار ئالاتتىم. بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ يېنىغا كەلدىم، ئۇ ھەفسىنىڭ ئۆيىدە ئىدى، مەن ئۇنىڭغا: يا رەسۇلەللاھ! رۇخسەت قىلىسلا بىر نەرسە سورىماقچى ئىدىم: مەن بەقىدە تۆگە ساتىمەن، دىنارغا سېتىپ دىرھەم، دىرھەمگە سېتىپ، دىنار ئالىمەن، بۇنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئالىمەن، ئۇنىڭ ئورنىغا بۇنى بېرىمەن دېدىم. ئۇ مۇنداق دېدى:
«شۇ كۈننىڭ باھاسى بىلەن ئالساڭ بولىدۇ. سېتىۋالغۇچى بىلەن ئاراڭلاردا ھېسابتىن بىر نەرسە قويۇپ ئايرىلىپ كەتمىسەڭلارلا بولىدۇ»[13].
مالىك ئىبىنى ئەۋس مۇندا دەيدۇ: «مەن 100 دىنار ساتماقچى بولۇپ، تەلھە ئىبىن ئۇبەيدۇللاھ بىلەن كېلىشتۇق. تەلھە ئالتۇنۇمنى قولىغا ئېلىپ ئۆرۈپ ـ چۆرۈشكە باشلىدى ۋە «بوغالتىرىم ئورمانلىقتىن كەلگۈچە…» دېدى. ئۆمەر (ر.ز) ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ سۆزگە ئارىلاشتى ۋە مۇنداق دېدى: «ۋەللاھى، تەلھەدىن ئېلىشىڭنى ئالغانغا قەدەر ئايرىلما. چۈنكى رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«ئالتۇنغا ئالتۇن سېتىش ئۆسۈملۈك مۇئامىلىدۇر. پەقەت ئالغىن، بەرگىن شەكلىدە بولسا ئۇنداق بولمايدۇ»[14].
7- مارجانلىق بۇلاپكىنى ئالتۇنغا ئېلىش
فەدالە ئىبىن ئۇبەيد مۇنداق دەيدۇ:
«خەيبەر كۈنى 12 دىنارغا مارجان ۋە ئالتۇن ئارىلاش بىر بۇلاپكىنى سېتىۋالدىم. ئالتۇن بىلەن مارجاننى ئايرىسام، ئۇنىڭدىن 12 دىناردىن ئارتۇق ئالتۇن چىقتى. بۇ ئەھۋالنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا مەلۇم قىلغان ئىدىم،
«ئۇ بۇلاپكا ئايرىلماستىن سېتىلمايدۇ» دېدى[15].
ھەنەش مۇنداق دەيدۇ:
بىز بىر ئۇرۇشتا فەدالە ئىبىن ئۇبەيد بىلەن بىللە ئىدۇق. دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە بىزنىڭ نېسىۋىمىزگە ئالتۇن، كۈمۈش ۋە جەۋھەردىن ياسالغان بىر بۇلاپكا چۈشتى. مەن ئۇنى سېتىۋالماقچى بولۇپ فەدالە ئىبىن ئۇبەيددىن سورىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇلاپكىنىڭ ئالتۇنىنى ئايرىپ، ئۇنى تارازىنىڭ بىر پەللىسىگە، سېنىڭ ئالتۇنۇڭنى تارازىنىڭ يەنە بىر پەللىسىگە قوي. ئاندىن ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا ھەرگىز ئالما. شۈبھىسىزكى، مەن رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:
«كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە، ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا ئالمىسۇن»[16].

[1]– ئىبىن ماجە، سۇنەن، تىجارەت 50، ھەدىس نومۇرى: 2261.

[2]– بۇخارى، بۇيۇئ 78؛ مۇسلىم مۇساقات 75 (1584)؛ نەسائى، بۇيۇئ 47.

[3]– مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 84 (1588)؛ نەسائى، سۇنەن، بۇيۇئ 45.

[4]بۇخارى، بۇيۇئ 77.

[5]– مۇسلىم، مۇساقات 78 (1585).

[6]– دىنار ئالتۇندىن قۇيۇلغان پۇل.

[7]– دىرھەم كۈمۈشتىن قۇيۇلغان پۇل.

[8]– مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 84 (1588)؛ نەسائى، سۇنەن، بۇيۇئ 45.

[9]– نەسائى، بۇيۇئ 51.

[10]– ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12 (3349).

[11]ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12 (3349)؛ نەسائى، بۇيۇئ 44.

[12]– ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12 (3349)؛ نەسائى، بۇيۇئ 44.

[13]ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 14 (3354).

[14]– بۇخارى، بۇيۇئ 76.

[15]– مۇسلىم، مۇساقات 90 (1591).

[16]– مۇسلىم، مۇساقات 92 (1591).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر