باش بەت > پەتىۋالار > سودا - سېتىق  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: دىنىمىز، ئاياللارنىڭ سودا – تىجارەت ۋە باشقا خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بەزى شەرتلەر ئاستىدا يول قويىدۇ. مەسىلەن: نامەھرەم ئەرلەر بىلەن قول سىقىشماسلىقى، خىزمەت جەريانىدا باشقا ئەرلەر بىلەن ئايرىم بىر يەردە يالغۇز تۇرۇپ قالماسلىقى … قاتارلىقلارغا ئوخشاش. ئاياللار بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا تىجارەت ياكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ


باش بەت > پەتىۋالار > قەبىر زىيارىتى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: ئاياللارنىڭ قەبىر زىيارەت قىلىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قەبىرلەرنى زىيارەت قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ لەنەت قىلدى» دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ئاياللارنىڭ قەبىر زىيارەت قىلىشنىڭ ياخشى كۆرۈلمەسلىكىنىڭ ھېكمىتى شۇكى: ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ھېسسىاياتچانراق بولغانلىقى ئۈچۈن قەبىر بېشىدا ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلاش ياكى ئۆلۈكلەرگە دۇئا قىلىش، ئۇلارنى چاقىرىش ۋە ئۇلاردىن بىر نەرسە تىلەش…قاتارلىق ئىشلارنى سادىر قىلىش ئېھتىمالى بار. بۇ ئىشلار… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > كىيىم - كېچەك  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: مۇسۇلمان دېگەن شەرەپلىك ئىسىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئۈچۈن ئىسلام دىنىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش كېرەك. ئىنسانلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي بەختىنى ياكى ئەبەدىي بەخىتسىزلىكىنى بۇ دۇنيادىكى سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بەلگىلەيدۇ. ھەر ئىنساننىڭ بولۇپمۇ ھەر مۇسۇلماننىڭ بۇنى ئۇنۇتماسلىكى لازىم. سىز گېپىنى قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتتا كۈچىنىڭ يېتىشىچە دىنىمىزنىڭ ئەمىرلىرىنى ئادا قىلىشقا ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىشقا تىرىشىشى لازىم. لېكىن… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > چاچ  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: ئاياللارنىڭ چېچى ئاياللارغا خاس بىر شەكىلدە بولۇشى كېرەك. شۇڭا ئاياللار چېچىنى كەستۈرگەندە ئەرلەرنىڭ چاچلىرىغا ئوخشاپ قالماسلىققا دىققەت قىلىشلىرى لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئاياللارغا، ئاياللارغا ئوخشىۋالغۇچى ئەرلەرگە لەنەت ئېيتقان».


باش بەت > ئايال > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: قىزلار (ئاياللار) نىڭ خىزمەت قىلىشى يەنى بىر يەردە ئىشلىشى. قىز (ئاياللار) نى ئىشلەشكە زورلاش توغرا ئەمەس. چۈنكى ئادەتتە ئايال كىشىنى ۋەلىيىسى (دادىسى ياكى ئېرى) باقىدۇ. ۋەلىيىسى بولمىغانلىقتىن ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان ياكى ۋەلىيىسى بولسىمۇ ئىشلەشنى خالىغان ئاياللار ئىشلىسە بولىدۇ. بۇنى چەكلەيدىغان بىر ھۆكۈم يوق. ۋەلىيىسى بار ئاياللارنىڭ، تاپقان پۇلىنى ئۆيىنىڭ چىقىملىرى ئۈچۈن خەشلەش مەجبۇرىيىتى… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > ئۆسۈم > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: مۆھتەرەم قېرىندىشىم! ئالدى بىلەن مەن سىزدىن سوراپ باقاي: مائاشىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى بانكىغا نېمىشقا قويۇسىز؟ سىز مۇسۇلمان تۇرسىڭىز، پۇلىڭىزنى قويىدىغانغا باشقا يەر تاپالمىدىڭىزمۇ؟ سىزگە چىققان ئاز ئۆسۈمنى «سەدىقە» قىلىۋېتىپ «قۇتۇلغىنىڭىز» بىلەن، بانكا سىزنىڭ پۇلىڭىزنى باشقىلارغا قەرز بېرىپ ئالغان ئۆسۈمچۇ؟ بۇنىڭغا سىز ياردەملەشكەن بولمامسىز؟ ئەلۋەتتە بولىسىز. ئاللاھدىن قورقىشىڭىز كېرەك! قېرىندىشىم! بانكىنىڭ سىزگە بېرىدىغىنى، سىزنىڭ پۇلىڭىز ئارقىلىق… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > ناماز  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: داۋاملىق قىلماسلىق شەرتى بىلەن بولىدۇ. چۈنكى دىنىمىزدا، بەزى چاغلاردا پېشىن بىلەن ئەسىرنى نامازشام بىلەن خۇپتەننى جەمئى تەقدىم قىلىشقا (يەنى پېشىن بىلەن ئەسىرنى پېشىننىڭ ۋاقىتدا، نامازشام بىلەن خۇپتەننى نامازشامنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇشقا) بولىدۇ. شۇنىڭدەك، جەمئى تەئخىر قىلىشقىمۇ (پېشىن بىلەن ئەسىرنى ئەسىرنىڭ ۋاقتىدا، نامازشام بىلەن خۇپتەننى خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا) بولىدۇ. بۇ ھەقتە نۇرغۇن ھەدىسلەر بار، ئايەتتىمۇ بۇنىڭغا ئىشارەت… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > ھايۋان  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: بولىدۇ. چۈنكى قىغنىڭ ھەممىسى ئوخاشلا قىغدۇر. دىنىمىزدا زىرائەتكە ھالال – ھارام تەكلىپى قويۇلمىغان. يەنى زىرائەتكە «ئى زىرائەت! ساڭا بۇ ھارام، ئۇ ھالال» دەپ بىر چەكلىمە يوق.


باش بەت > پەتىۋالار > ناماز  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: ئاللاھ سىزنى بالىڭىزغا، بالىڭىزنى سىزگە قاندۇرسۇن. ئۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن نامازنى ناھايىتى ئۇيغۇن بىر پەيتتە باشلىڭىز بەك ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئۆزىڭىزمۇ دىققەت قىلىدىغانسىز. شۇنداقتىمۇ ئەگەر سىز دېگەندەك ناماز ئوقۇۋاتقان چېغىڭىزدا بالىڭىز يىغلاپ كېتىپ نامىزىڭىزنى توختىتىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىپ، توختاتقان بولسىڭىز، كېين نامازنى قايتىدىن باشلايسىز. چۈنكى سىزنىڭ ئۇ چاغدىكى ھەرىكەتلىرىڭىز بىلەن نامىزىڭىز بۇزۇلۇپ… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > ئىسىم > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: بالا دۇنياغا كېلىپ تۇنجى قېتىم ئىسلامنىڭ شۇئارىنى ۋە ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەزاننى ئاڭلىىشى ئۈچۈن، تۇغۇلغان چېغىدا ئۇنىڭغا ئەزان ئوقۇش سۈننەتتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بار. دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئىنسان سەكراتتا چاغدىمۇ ئۇنىڭغا تەۋھىد كەلىمىسى تەلقىن قىلىنىدۇ (يەنى ئۇنىڭ يېنىكىدىكى كىشى ياكى كىشىلەردىن بىرى ئۇنىڭغا تەۋھىد كەلمىسىنى ئۆگىتىشى، ئەگەر ئوقۇيالمىسا ئۆزى ئۈنلۈك… داۋامىنى ئوقۇش


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ