قانداق ئىش شېرىك ھېسابلىنىدۇ؟
قانداق ئىش-ھەرىكەتلەر شىرىك بولىدۇ؟ تۆۋەندە بېرىلىدىغان زۈمەر سۈرىسىنىڭ 3-ئايىتى، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ خاتا ئېتىقادلىرىنى بايان قىلىدۇ. لېكىن بۇ ئايەت پەقەت تارىخى بىر ھادىسىنىلا خەۋەر بەرمەستىن، كېيىنكى نەسىلللەرنى ئوخشاش خاتالىققا چۈشۈپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىچە: ﴿أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاء مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَى إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي… داۋامىنى ئوقۇش
71 – ئاممىۋى سورۇنلاردا تەمكىنلىكنى ساقلاش
ناماز ۋە ئىلىم سورۇنلىرى قاتارلىق ئىبادەت ئورۇنلىرىغا كەلگەندە تەمكىنلىكنى ساقلاش توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ذَلِكَ وَمَن يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّهِ فَإِنَّهَا مِن تَقْوَى الْقُلُوبِ «ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنى ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدۇر»-(22 – سۈرە ھەج، 32- ئايەت). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان: «جامائەت نامىزى باشلىنىپ كەتكەن… داۋامىنى ئوقۇش
لۇت ئەلەيھىسسالام
لۇت ئەلەيھىسسالام «شۈبھىسىزكى، لۇتمۇ ئەلچىلىرىمدىن ئىدى»-(37-سۈرە ساففات، 133- ئايەت). «لۇتنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى»-(26-سۈرە شۇئەرا، 160- ئايەت). 1- لۇت ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنگەن «شۇنىڭ بىلەن لۇت ئىبراھىمغا ئىشەندى…»-(29-سۈرە ئەنكەبۇت، 26- ئايەت). «بىز ئىبراھىمنى ۋە لۇتنى قۇتقۇزۇپ، ئالەملەر ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان يۇرتقا يەرلەشتۈردۇق»-(21-سۈرە ئەنبىيا، 71- ئايەت). 2- ۋەزىپىسى «لۇتنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى. ئۆز ۋاقتىدا… داۋامىنى ئوقۇش
70 – ۋەز-نەسىھەتنى قىسقا قىلىش
يىغىنچاق ۋەز-نەسىھەت قىلىش توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ادْعُ إِلِى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن»-(16-سۈرە نەھل، 125- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ئەبۇ ۋائىل شەقىق ئىبن سەلەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبن مەسئۇد بىزگە ھەر پەيشەنبە ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى. بىر كىشى: «ئى ئىبن مەسئۇد، بىزگە ھەركۈنى ۋەز-نەسىھەت قىلساڭ،… داۋامىنى ئوقۇش
69- سۆزگە قۇلاق سېلىش
سورۇنداشنىڭ ياخشى سۆزىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاشنىڭ لازىملىقى، ئالىم ۋە تەبلىغ قىلغۇچىنىڭ سۆزلىگەندە باشقىلارنىڭ سۆزىنى توختىتىپ قويۇشى توغرىسىدا جابىر ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا ھەججەتۇلۋىدادا مۇنداق دېگەن: «سەن كىشىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا دەۋەت قىلغىن» ئاندىن يەنە مۇنداق دېگەن: «سىلەر مەندىن كېيىن، ھەرگىزمۇ بىر-بىرىڭلارنى قىرىدىغان كۇففار بولماڭلار»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت… داۋامىنى ئوقۇش
68 – سۆزنى چۈشىنىشلىك قىلىش
سۆز قىلغاندا سۆزنى چۈشىنىشلىك ۋە روشەن قىلىشنىڭ، قارشى تەرەپ بىر قېتىمدا چۈشۈنەلمىسە سۆزنى تەكرارلاشنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا قارشى تەرەپكە ئېنىق چۈشەندۈرۈش زۆرۈر بولغاندا، سۆزنى تەكرارلاش ئارقىلىق قارشى تەرەپتە چۈشەنچە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلىگەندە چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن، سۆزىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر جامائە قېشىغا كەلگەندە سالامنى ئۈچ قېتىم… داۋامىنى ئوقۇش
ئەھلى كىتاب ۋە ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى
سۇئال: كىتاب بېرىلگەنلەر كىملەر ۋە ئۇلاردىن يېمەكلىرى بىزگە ھالال قىلىنغانلىرى قايسىلار؟ جاۋاب: كىتاب بېرىلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الْيَوْمَ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ وَطَعَامُ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حِلٌّ لَكُمْ وَطَعَامُكُمْ حِلٌّ لَهُمْ «بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ تائامى سىلەرگە ھالالدۇر، سىلەرنىڭ تائامىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر»-(5-سۈرە مائىدە، 5- ئايەت). تۇنجى ئەسىر… داۋامىنى ئوقۇش
قۇرئاندا ھۇد ئەلەيھىسسالام
ھۇد ئەلەيھىسسالام 1- ۋەزىپىسى «بىز ئاد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. سىلەر بوھتانچى كىشىلەرسىلەر»-(11-سۈرە ھۇد، 50- ئايەت). «ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى ھۇد مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟ مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.… داۋامىنى ئوقۇش
قۇرئاندا نۇھ ئەلەيھىسسالام
نۇھ ئەلەيھىسسالام «بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەللىك يىل كەم مىڭ يىل تۇردى. ئاندىن ئۇلارنى توپان ھالاك قىلدى. ئۇلار بۇ ئەسنادا زۇلۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى»-(29-سۈرە ئەنكەبۇت، 14- ئايەت). ۋەزىپىسى: «بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، «قەۋمىڭگە ئەلەملىك ئازاب كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دېدۇق. نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.… داۋامىنى ئوقۇش
ۋەتەننى سۆيۈش ۋە ئىمان
سۇئال: «ۋەتەننى سۆيۈش ئىماندىندۇر» دېگەن سۆز ھەدىسمۇ؟ ھەدىس بولسا سەھىھ (توغرى)مۇ؟ جاۋاب: «ۋەتەننى سۆيۈش ئىماندىندۇر» دېگەن رىۋايەت ئەلىيۇل قارىنىڭ «ئەسرارۇل مەرفۇئە» ناملىق ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ، بۇ رىۋايەت ھەققىدە مۇنداق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ: زەركەشى: «مەن بۇ رىۋايەتنىڭ مەنبەسىنى تاپالمىدىم» دەيدۇ. سەفاۋىي: «بۇ رىۋايەتنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى نامەلۇم» دەيدۇ. سېھاۋىي: «مەن بۇ رىۋايەتنىڭ مەنبەسىنى تاپالمىدىم، ئەمما ئۇنىڭ مەنىسى… داۋامىنى ئوقۇش