باش بەت > پەتىۋالار > يېمەك - ئىچمەك  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: پىياز، سامساق ۋە كۈدە قاتارلىق كۆكتاتلار ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەردىن بولۇپ، ئۇلارنى پىشۇرۇپ يېسە ھېچقانداق مەسىلە يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ «بۇ نەرسىلەرنى يېمەكچى بولغانلار پىشۇرۇپ يېسۇن» دېگەن مەزمۇندا ھەدىسى بار. – (بۇخارىي، ئەزان 160؛ مۇسلىم، كىتابۇل مەساجىد ۋە مەۋادىئىسسالاھ 17؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەتىسسالاھ ۋەسسۈننەتى فىيھا 58). لېكىن بۇ نەرسىلەرنى خام يېيىش ياخشى ئىىش ئەمەس. چۈنكى… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > قەبىر زىيارىتى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش مۇستەھەپ ئىشتۇر. چۈنكى ئۇ، زىيارەت قىلغۇچىلارغا ئۆلۈمنى ئەسلىتىدۇ، دۇنيانىڭ مەشغۇلاتلىرىدىن كۆڭۈل سوغۇتۇپ، ئاخىرەتتە ئەسقېتىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش مۇسۇلمان بولۇشنىڭ شەرتى ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشى توپراق بېشىغا چىقمىغان بولسا، باشقىلارنىڭ بۇنى ئەيىپلىشى توغرا ئەمەس. مۇھىمى، ئاتا – ئانىمىز ئۈچۈن ھەر پۇرسەتتە دۇئا قىلىپ تۇرۇشىمىز لازىم. بۇنى… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > بالا > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: ھازىرقى جەمئىيەتتە نۇرغۇن يەرلەردىكى مەكتەپلەردە ئۆسمۈرلەرگە دىنى تەلىم- تەربىيە بېرىلمەيدۇ. لېكىن ئۇ مەكتەپلەردە ھاياتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك پەنلەر ئوقۇتۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى شۇ مەكتەپلەرگە بېرىشىمىز، دىنى جەھەتتە ئۆزىمىز تەربىيىلىشىمىز لازىم. ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇمكىن بولسا مىللىي مەكتەپلەرگە بەرگىنىمىز ياخشىدۇر. مۇھىمى بالىلارنىڭ ئىلىم ئەھلى بولۇپ يېتىلىشىدۇر.


باش بەت > پەتىۋالار > گۇناھ  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: بولمايدۇ. چۈنكى ھېچقانداق سەۋەپ، نامەھرەم بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشقا باھانە بولالمايدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس – شەرىپلەردە كەسكىن چەكلىمە بار. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسرا سۈرىسىنىڭ 32- ئايىتىدە: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار! چۈنكى ئۇ، قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر» دېيىلگەن. ھەدىس- شەرىپتە بولسا:«ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى، ئۆزى ھالال بولمايدىغان ۋە يېنىدا مەھرىمى بولمىغان… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > ئۇنىۋېرسال > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

مۇدەررىس ۋە مۇئەللىملەرنىڭ چوڭ – كىچىك ئۇقۇغۇچىلارغا مېھرىبانلىق قىلىشى ۋە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىشى ياخشى بىر ئىشتۇر. لېكىن ئۇلار ئۇرۇپ ئەدەپلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئەدەپلىنىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ بىرەر ئەزاسىنى سۇندۇرۇۋەتمەستىن ۋە كۆكەرتمەستىن، قان چىقارماستىن ئۇرسا بولىدۇ. چۈنكى بەزى ئوقۇغۇچىلار ياخشى مۇئامىلە ۋە ھۆرمەت دېگەن نەرسىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قاتتىق قوللۇق قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قاتتىق… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > سودا - سېتىق  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ئەگەر سىز سوئالىڭىزدىن دۇكانلاردا كېيىم كىچەك كىيگۇزۇپ قويىدىغان ئادەم شەكلىدىكى ھەيكەللەرنى دېمەكچى بولسىڭىز بۇنىڭ بىر يامان تەرىپى يوق. شۇنداقتىمۇ يالىڭاچ ئەر – ئاياللارنىڭ ھەيكەللىرىگە ئىچ كېيىملەرنى كېيگۇزۇپ دۇكانلاردا قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ شەھۋانىي ھېس – تۇيغۇلارنى قوزغاپلا قالماستىن چوڭ گۇناھلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە، شۇنداقلا ئەخلاقنىڭ بوزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. دىنىمىزدا بىر مۇسۇلمانغا قويۇلغان تەلەپ، گۇناھ قىلماسلىق ۋە… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > يېمەك - ئىچمەك  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: ئات سۈتىنى سېغىپلا ئىچسە بولىدۇ. لېكىن ئۇنى ئېچىتىپ ياكى ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىش سەۋەبىدىن ئۆزى ئېچىپ قېلىپ قىمىزغا ئۆزگەرگەن بولسا، ئىچىشكە بولمايدۇ. چۈنكى قىمىز، ئات ياكى تۆگە سۈتىنى ئېچىتىپ ئىشلەنگەن ياكى ئۆزلىكىدىن ئىچىغان بىر خىل ئىچىملىك بولۇپ، مەست قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ مائىدە سۈرىسىنىڭ 90 – ئايىتىدە ھاراق ھارام قىلىنغان. بۇ ئايەتتە ھاراق دەپ… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > قىمار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام قېرىندىشىم! تىجارەت، مال ھېسابلىنىدىغان بىر نەرسىنى ياكى مەلۇم بىر خىزمەتنى ئىككى تەرەپ ئۆزئارا رازىلىشىپ تۈزۈشكەن بىر توختام بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر ئېلىش – بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن: سىز بىر قويىڭىزنى ساتىمەن، دېسىڭىز بىر كىشى خېرىدار بولىدۇ. سىز بۇ قوي مانچە پۇل، دەيسىز، قارشى تەرەپ تەكلىپىنى سۇنىدۇ. ئۇ يانغا تارتىپ، بۇيانغا تارتىپ ئاخىرى ئىككى تەرەپ… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > گۇناھ  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: مەيلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچى بولۇڭ، مەيلى باشلانغۇچتا، «نىكاھلاپ ئالماقچى بولغان قىز ياكى چوكان بىلەن يالغۇز بىر يەردە بولۇپ قالماسلىق شەرتى بىلەن نىكاھلىنىش ھەققىدە پاراڭلىشىش»تىن باشقا ھېچقانداق مۇھەببەتلىشىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭغا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دىققەت قىلىشى كېرەك. بىر قىز كۆڭلىدە بىر ئوغۇلنى ياكى بىر ئوغۇل كۆڭلىدە بىر قىزنى ياخشى كۆرۇشى مۇمكىن. بۇ چەكلەنمەيدۇ. لېكىن بۇ كۆڭۈلدىكى… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > تاماكا  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

سوئال: تاماكا چېكىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ جاۋاب: تاماكا چېكىش ھارامدۇر. بۇنىڭ ئىككى تۈرلۈك دەلىلى بار؛ بىرى ئەقلىي دەلىلدۇر، يەنە بىرى نەقلىي دەلىلدۇر. ئەقلىي دەلىل: ئىسلام دىنى بەدەنگە، ئەقىلگە، مالغا، جەمئىيەتكە ۋە ئەخلاققا زىيانلىق بولغان ھەر قانداق نەرسىدىن مەنئى قىلىدۇ. تاماكا يۇقىرىدىكى بەش خىل نەرسىنىڭ ھەممىگە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى چېكىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. تۆۋەندە ئۇ زىيانلارنى… داۋامىنى ئوقۇش


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ