باش بەت > پەتىۋالار > ناماز  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: دىنىمىزدا ئۇنداق بىر ناماز يوق. ناماز، پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا ئوقۇلىدىغان بىر ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ ياكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇلمايدۇ. ناماز ئوقۇشقا بولىدىغان ھەرقانداق ۋاقىتتا ناماز ئوقۇپ، ئاتا – ئانىمىزنىڭ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىزنىڭ ۋە باشقا ئەر – ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلەپ دۇئا قىلساق بولىدۇ. ئاتا – ئانىمىزغا قىلىدىغان دۇئانى مەلۇم بىر كۈن ياكى مېلۇم… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > ناماز  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: 1 – كېچىدە قوپۇپ تەھەججۈد نامىزى ئوقۇشقا قۇرئان كەرىمنىڭ بىر قانچە ئايىتىدە تەشۋىق قىلىنىدۇ. سەجدە سۈرىسىنىڭ (32 – سۈرىنىڭ) 16- ئايىتى بۇ ئايەتلەردىن بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ تەھەججۈد نامىزىنى ھېچ تەرك قىلماي ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. يەنى تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغانلار ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە مەدھىيىلىگەن ياخشى بەندىلەردۇر. 2 – تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتىغا كەلسەك: تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتى… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > ناماز  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: ئەرلەر يالاڭۋاشتاق ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. بۇنىڭ ھېچقانداق يامان تەرىپى يوق. چۈنكى قۇرئان ۋە ھەدىستە نامازدا ئەرلەرنىڭ بېشىنى يېپىشىنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل يوق. بو توغرىدىكى تالاش – تارتىشلار مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقى ياكى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بولۇشى مۇمكىن. بولمىسا، ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كىرگەن كىشىلەرگە «بېشىڭ ئوچۇق ئىكەن» دەپ مەسچىتكە كىرگىنىگە خاپا بولۇپ كېتىش، ئەقىللىق… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > ناماز  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: ئۇنداق كىشىگە، ئىنساننىڭ روھ ۋە تەندىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككى تەرەپنى ئوخشاش ھالدا ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى، مەسىلەن: كۈندە ئۈچ ۋاقىت تاماق يېيىش ئارقىلىق تېنىمىزنى ئۇزۇقلاندۇرغىنىمىزدەك، كۈندە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش ئارقىلىق روھىمىزنىمۇ ئۇزۇقلاندۇرمىساق بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا، نامازنىڭ دىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم پەرزلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، نامازنىڭ مۇسۇلمان دېگەن شەرەپلىك ئىسىم بىلەن ئاتىلىشنىڭ بىردىنبىر شەرتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى تەرك… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > شېرىك  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: توغرا ئەمەس. چۈنكى «خىزمەت يار بەرمەيدۇ دەپ كۈندە بىر ۋاخ ناماز ئوقۇساممۇ بولىدۇ» دېگۈچىلەرنىڭ ئۇ سۆزلىرىنىڭ تەرجىمىسى: «مەن دىنغا بويسۇنمايمەن، دىن ماڭا بويسۇنىدۇ» دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنداقلارنىڭ دەرھال تەۋبە قىلىپ، كۈندە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشى لازىم. چۈنكى بەش ۋاقىت ناماز، ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن ھېچبىر ئىشقا توسالغۇ بولمايدىغان شەكىلدە، ۋاقىتلارغا بۆلۈنۈپ پەرز قىلىنغان ۋە… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > غۇسۇل  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: ئالدى بىلەن دىنىمىزنىڭ ھاراق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىچىملىك ۋە چېكىملىكلەردىن قەتئىي مەنئى قىلغانلىقىنى بىلىۋېلشىمىز لازىم. شۇنداقتىمۇ سىز دېگەندەك ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا (ئاللاھ ھەر مۇئمىننى بۇ پالاكەتتىن ساقلىسۇن)، ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن غۇسۇل قىلماستىن، تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. چۈنكى غۇسۇل جۇنۇپلۇقتىن، ھەيز ۋە نىفاستىن پاكلىنىش ئۈچۈن قىلىنىدۇ.


باش بەت > پەتىۋالار > يېمەك - ئىچمەك  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: بىز بۇ مەسىلىگە بىر نەچچە قېتىم جاۋاپ بەردۇق. جاۋابىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى شۇ: قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەك – ئىچمىكىنىڭ ھالال ۋە پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقى بايان قىلىنىدۇ. بىز يېمەكچى ياكى ئىچمەكچى بولغان نەرسىلەردە بۇ ئىككى شەرتنى ئىزدىشىمىز لازىم. بۇ ئىككى شەرت تېپىلغان يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئستېمال قىلساق بولىدۇ. بۇ ئىككى شەرتكە ئۇيغۇن ئېتىلگەن… داۋامىنى ئوقۇش


باش بەت > پەتىۋالار > قۇرئان  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: بولمايدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم سۇغا دەمىدە قىلىپ ئىچىش ئۈچۈن ئەمەس، ئوقۇپ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. سۈرە ياسىننىڭ 70 – ئايىتىنى ئوقۇپ باقسىڭىز قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قىلىنىش سەۋەبىنى چۈشىنەلەيسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. قۇرئان كەرىمنى سوغا دەمىدە قىلىپ ئىچكەن كىشى، دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپنى قاينىتىپ ئىچكەن كېسەل كىشىگە ئوخشايدۇ.


باش بەت > پەتىۋالار > يېمەك - ئىچمەك  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: مۇسۇلمانننىڭ يېمەك – ئىچمىكىدە ئىككى نەرسە شەرت قىلىنىدۇ؛ بىرى- ھالال بولۇش، يەنە بىرى – پاكىز بولۇش. مەزكۇر رېستوران ۋە ئاشخانىلاردىكى يېمەك – ئىچمەكلەردە بۇ ئىككى شەرت تېپىلسا، يەنى ئۇ يېمەك – ئىچمەكلەر ھالال نەرسىلەردىن پاكىزلىق بىلەن ئېتىلگەن بولسا، «بىسمىللاھ» دەپ يەۋىرىشكە بولىدۇ. ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ.


باش بەت > پەتىۋالار > ھايۋان  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب: ئارزاڭ، ھاراق ئىشلىگەندە ئېچىتىلغان نەرسىدىن قېلىپ قالغان قالدۇقتۇر. بۇنىڭ بىلەن چارۋا ماللارنى بېقىشقا بولىدۇ. چۈنكى ھايۋانلار شەرىئەت ئەھكامىغا تەكلىپ قلىنمايدۇ. يەنى ھايۋانلارغا كىتاب نازىل قىلىنمايدۇ، پەيغەمبەر ئەۋەتىلمەيدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا: «ئى ھايۋانلار! بۇنى يېمەڭلار، ئۇنى قىلماڭلار…» دەپ چەكلىمىلەر قويۇلمايدۇ؛ «شۇنى يەڭلەر، مانى قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇقلارمۇ چۈشۈرۈلمەيدۇ. ياراتقۇچى ئۇلارنى ئۆزلىرىگە زىيانلىق نەرسىلەرنى يېمەيدىغان قىلىپ ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن… داۋامىنى ئوقۇش


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ