مۇسۇلمانلار

بىز ۋە دىنىمىز

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنى ئۇلۇغ، دەرىجىسى ئۈستۈن بولسۇن.

مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ھەقىقىي بەخت-سائادەت، ئارزۇ قىلىنغان راھەت-پاراغەت ۋە تەلەپ قىلىنغان ھۇزۇر-ھالاۋەت، دىنىمىز ئىسلامنىڭ تەلىماتلىرىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلغاندىلا قولغا كېلىدۇ. بەختسىزلىك، جاپا-مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەت، پاراكەندىچىلىك، پېشكەللىك، ئەنسىزلىك ۋە بىئارامچىلىقلار دىنىمىزدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەنلىكىمىز ئۈچۈنلا بېشىمىزغا كېلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن سۆز-ھەرىكىتىمىزنى ۋە بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىمىزنى دىنىمىزنىڭ تارازىسى بىلەن تارتىپ، ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزنى ئۆلچەپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلغان چېغىمىزدا، ئىمانىمىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە توغرا ئىكەنلىكى ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا قانچىلىك دەرىجىدە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلغانلىقىمىز ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

كىتابىمىز قۇرئان، دىنىمىز ئىسلام ۋە يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇرۇقلۇق مىنگىنىمىز جاھالەت، شوپۇرىمىز شەيتان، يولىمىز پىتنە- پاسات، ھەمراھىمىز ھاۋايى- ھەۋەس، غايىمىز نەپسىمىزنى قاندۇرۇش بولۇۋاتىدۇ. ئاللاھ تەئالا بىزنى توغرا يولىغا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. بىز ئاڭلىمايۋاتىمىز. قۇلىقىمىزدا بىر ئېغىرلىق بارمۇ؟ ياكى قىلىمىشلىرىمىزنىڭ تۈپەيلىدىن قۇلاقلىرىمىز پېچەتلىنىپ كەتتىمۇ؟ ياكى دىللىرىمىز شۇنچىۋالا قېتىپ كەتتىمۇ؟

ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن ۋە ئەلچىسىنىڭ سۈننىتىدىن ئۇ قەدەر ئۇزاقلىشىپ كەتتۇقكى ھەق بىلەن باتىلنى، تەۋھىد بىلەن شېرىكنى، ئىبادەت بىلەن ئادەتنى، سۈننەت بىلەن بىدئەتنى ۋە راست بىلەن يالغاننى ئېنىق پەرق ئېتىلمەيۋاتىمىز. ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىگە چاقىرىلساق: «… بىزگە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ تۇتقان يولى يېتەرلىك…» دېيىشكە جاسارەت قىلىۋاتىمىز.

بېشىمىزغا كەلگەن بالا-مۇسىبەتلەر ئەنە شۇلارنىڭ تۈپەيلىدىن كەلمەكتە. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت، ئۆز قوللىرىڭلار ئىشلىگەن ئىشلارنىڭ تۈپەيلىدىن يېتىدۇ. ئاللاھ كۆپىنچىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ» – (شۇرا سۈرىسى 30 – ئايەت).

ھەقتىن يۈز ئۆرۈۋاتىمىز. باتىلغا چۆكۈۋاتىمىز. گۇناھ تەرەپكە يۈگۈرۈشۈۋاتىمىز. فىتنە- پاسات ئىچىدە ئۈزۈۋاتىمىز. توغرا گەپ تېتىمايۋاتىدۇ. يالغان گەپ خۇشيېقىۋاتىدۇ. كۈن ئۆتكەنسېرى ئۆمرىمىز قىسقىرىۋاتىدۇ، خىياللىرىمىز ئۇزىرىۋاتىدۇ. ۋاقىتلار مەنىسىز ئۆتۈۋاتىدۇ. ھەر قەدىمىمىزدە توغرا يولدىن ئۇزاقلىشىۋاتىمىز. قىلىمشلىرىمىز بىلەن ئاللاھ تەئالانى غەزەپلەندۈرۈۋاتىمىز، شەيتاننى سۆيۈندۈرۈۋاتىمىز. دىنى ئەنئەنىلىرىمىز، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە زەئىپلىشىۋاتىدۇ. قىز- ئوغۇل پەرزەنتلىرىمىزنى چوڭ بىر بالايىئاپەت كۈتمەكتە. دېمەك، ئىشىمىز ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر!

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھدىن كەلگەن نەسىھەت ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتنىڭ تەسىرى بىلەن مۇئمىنلارنىڭ دىللىرىنىڭ يۇمشايدىغان ۋاقتى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلىپ زامان ئۇزارغاسېرى قەلبلىرى قېتىب كەتكەن ۋە كۆپىنچىسى يولدىن چىققان كىشىلەردەك بولمىسۇن» – (ھەدىد سۈرىسى 16 – ئايەت) . مۆھتەرەم قېرىنداشلار! تەۋبە قىلىشىمىزنىڭ زامانى كەلمىدىمۇ؟ قەلبلىرىمىز قاچان يۇمشايدۇ؟ كۆزلىرىمىز قاچان ئېچىلىدۇ؟ ئۆزىمىزگە قاچان كۆيىنىمىز؟

قېرىنداشلار! ئاللاھغا تەۋبە قىلىشىمىز لازىم. ئۆزىمىزنى، ئائىلىمىزنى تۈزىتىشىمىز كېرەك. راۋرۇس تۈزۈك كىشىلەردىن ھاسىل بولغان ئائىلە ۋە تۈزۈك ئائىلىلەردىن قۇرۇلغان جەمئىيەت ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە چوقۇم ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر» -(ئەئراف سۈرىسى 56 – ئايەت). ئەقىدىسى تۈزۈك، ئەمىلى سالىھ، ئەخلاقى گۈزەل ۋە مۇئامىلىسى دۇرۇس بولغان كىشىلەر «ياخشى ئىش قىلغۇچىلار» دۇر.

قەلبىمىزنى كۇپۇر، شېرىك، ھەسەد ۋە يامان نىيەت قاتارلىقلاردىن تازىلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئىمان، تەۋھىد، ۋە ياخشى نىيەتلەرنى يەرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. دىنمىز ئەمر قىلغان ئەمەللەرنى ئورۇنداش ۋە توسقان سۆز- ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تۈزىتىشىمىز، ئائىلىمىزنىمۇ بۇ شەكىلدە تۈزىتىشىمىز، بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ۋە ئائىلىمىزنى دوزاخنىڭ ئوتىدىن ساقلىشىمىز لازىم. بۇ ئۆستىمىزگە يۈكلەنگەن ئەڭ بۈيۈك ۋەزىپە. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلار بولغان ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇ ئوتقا رەھىمسىز، كۈچلۈك، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدىغان ۋە نېمىگە بۇيرۇلغان بولسا شۇنى قىلىدىغان پەرىشتىلەر مەسئۇلدۇر» – تەھرىم 66/6.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پاداڭلار توغرۇلۇق سوراق قىلىنىسىلەر. باشلىق پادىچىدۇر. ئەر كىشى ئائىلىسىگە پادىچىدۇر. ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا پادىچىدۇر. دېمەك، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار ئۆز پادىلىرىڭلاردىن سوراق قىلىنىسىلەر» ـ (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر