باش بەت > پەتىۋالار > تەتقىقاتلار > مەزھەبلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

قېرىنداشلار! مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن سۈننىي ۋە شىيئە دەپ ئىككى چوڭ مەزھەپكە ئايرىلغان. بۇلارنىڭ بىرى بولغان سۈننى مەزھىپىگە مەنسۇپ مۇسۇلمانلار ئەقىدىدە 3 مەزھەپكە (بۇلار مەشھۇر تاھاۋىيە مەزھىپى، ئەشئەرىيە مەزھىپى ۋە ماتۇرىيدىييە مەزھپى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت)، ئەمەل ـ ئىبادەتتە 4 مەزھەپكە ئايرىلغان. مەن (ئەبۇلفاتىھ) تۆۋەندە سۈننى مەزھىپىنىڭ ئەمەل ـ ئىبادەتتىكى 4 تارماق مەزھىپىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن:

1 – ھەنەفىيە مەزھىپى

بۇ مەزھەبنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇ ھەنىيفە نوئمان ئىبنى سابىت رەھىمەھۇللاھ (80 ھ~150ھ) بولۇپ، ئۇ فارىسىي ئەسىللىك تەبىئىي تابىئىندۇر (تابىئىن دېگەنلەرمۇ بار). ئۇ ئىراقلىقلارنىڭ فەقىھشۇناسى ۋە ئەھلى رەي (ئەقلىيەتچى) دۇر. ئۇ فىقىھ ئىلمىنى ھەمماد دېگەن ئۇستازىدىن ئۇگەنگەن. ھەممادنىڭ ئۇستازى ئىبراھىم نەخەئىي بولۇپ ئۇ فىقىھنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن ئۆگەنگەنىكەن. ئۇ مەزھەب قاراشلىردا قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، قىياس، ئىستىھسان، ئۆرپ- ئادەت ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىگە تايانغان. ئۇنىڭ ئەقىدە توغرىسىدا «فىقھۇل ئەكبەر» ناملىق كىتابى بار1.

بۇ مەزھەب تارقالغان رايون ۋە دۆلەتلەر:

تۈركىيە، بالقان دۆلەتلىرى، ئالبانىيە، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، لەھىستان، ئوكرائىنا، قىرىم، ئازەربەيجان، داغىستان، كافكاسىيە (چەركەزلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى)، قازان، ئوفا، ئۇرال، سىبىرىيە ۋە تۈركىستان، جۇڭگو، مانجۇرىيە، ياپونىيە، ئافغانىستان، خوراسان، بلۈجىستان، سىيام، ھىندىستان، كەشمىر ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمى ھەنەفىيە مەزھىپىگە باغلىق. يەمەن، ئەدەن، ھىجاز، مىسىر ۋە پەلەستىندە ئاز ساندا ھەنەفىيە مەزھىپى مەنسۇبى بار. سۈرىيە ۋە ئىراقتا ھەنەفىيىلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئالجىرىيە ۋە تۇنىستىمۇ ھەنەفىيە مەزھىپى مەنسۇپىلىرى ئۇچرايدۇ2.

2 – مالىكىيە مەزھىپى

بۇ مەزھەبنىڭ قۇرغۇچىسى مالىك ئىبنى ئەنەس ئەلئەسبەھىي رەھىمەھۇللاھ (93ھ~179) بولۇپ، ئۇ ئابدۇرراھمان ئىبنى ھۇرمۇز، ئىبنى ئۇمەرنىڭ ئازات قىلىۋەتكەن قۇلى ناپىئ، شىھاب ئىبنى زۆھرىي ۋە رەبىئە ئىبنى ئابدۇرراھمان قاتارلىقلاردىن ئىلىم ئالغان بولۇپ فىقىھ ۋە ھەدىس ساھەسىدە تابىئىنلاردىن قالسىلا مەدىنىنىڭ ئىمامى دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ مەزھەب قاراشلىرىدا قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، قىياس، مەدىنىلىكلەرنىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرى، ساھابىلارنىڭ سۆزلىرى، ئىستىھسان، سەددۇززەرائىئ ۋە مەسالىھۇلمۇرسەلە قاتارلىقلارغا تايانغان3.

بۇ مەزھەب تارقالغان دۆلەت ۋە رايونلار:

لىۋىيە، ترابلۇس، تۇنىس، ئالجىرىيە ، فاس، ماراكەش، سۇدان ۋە ئافرىقا ساھىللىرىدا مالكىيىلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئىراق، سۈرىيە، ھىجاز ۋە مىسىرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىمۇ مالىكىيە مەزھىپى مەنسۇبلىرى بار4.

3 – شافىئىيە مەزھىپى

بۇ مەزھەبنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئەششافىئىي رەھىمەھۇللاھ (150~204ھ) بولۇپ، نەسەبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇۋىسى ئابدۇ مەننافقا تۇتىشىدۇ. ھىجرىيە 150- يىلى فەلەستىننىڭ گازا شەھرىدە تۇغۇلغان. 204- يىلى مىسىردا ۋاپات بولغان. ئۇ مۇسلىم ئىبنى خالىد ئەززەنجى، مەككە مۇفتىسى، داۋۇد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلئەتتار، تاغىسى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى شافىئ، سۇفيان ئىبنى ئۈيەينە، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى بەكىر ئەلمەلىيكى، سەئىد ئىبنى سالىم ۋە فۇزەيىل ئىبنى ئەيياز قاتارلىق كىشىلەردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇ مەزھەب قاراشلىرىدا قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، ۋە قىياسقىلا تايانغان. ساھابىلارنىڭ سۆزلىرىگە (خاتا ئىجتىھاد بولۇش ئېھتىماللىقى بار دېگەن قاراش بىلەن) تايانمىغان. ھەنەفىيلەر ۋە مالىكىيلەر تايانغان ئىستىھسانغىمۇ تايانمىغان ۋە «ئىستىھسان قىلىش شەرىئەت پەيدا قىلغانلىق» دېگەن. «مەسالىھۇلمۇرسەلە» نى رەت قىلغان. مەدىنە ئەھلىنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرىنى ھۆججەت قىلىشنى ئىنكار قىلغان. باغداتلىقلار شافىئىيچىلارغا «سۈننەت ياردەمچىلىرى» دەپ نام بەرگەن5.

بۇ مەزھەب تارقالغان دۆلەت ۋە رايونلار:

مىسىر، سۈرىيە، ھىجاز ۋە پەلەستىن راينىدا شافىئىيە مەزھىپى مەنسۇپلىرى كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. فىلىپىن، جاۋا، سوماترا ۋە سىيام رايۇنىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى شافىئىيە مەزھىپىگە باغلىق. داغىستان، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالى ۋە شەرقىي ئافرىقىدىمۇ بۇ مەزھەپ كەڭ تارقالغان. يەمەن، ئەدەن، ھىندىستان ۋە شەرقىي ئاناتولىيىدىمۇ شافىئىيىلەر بار6.

4 – ھەنبەلىيە مەزھىپى

بۇ مەزھەبنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەششەيبانى رەھىمەھۇللاھ (164~241ھ) بولۇپ، باغداتتا توغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە باغداتتا ۋاپات بولغان. ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن كۇفە، بەسرە، مەككە، مەدىنە، يەمەن، شام ۋە باشقا ئارال مەملىكەتلىرىگە بارغان. باغداتتا شافىئىي مەزھىبى بويىچە فىقىھ ئۆگەنگەن. ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مۇجتەھىتلىك مەرتىبىسىگە يەتكەن. ھەدىس، ھەدىس توپلاش ۋە يادلاشقا ئەھمىيەت بەرگەچكە ئۆز زامانىدا ھەدىسشۇناسلار پىشىۋاسى دېگەن نامغا نائىل بولغان. شۇڭا تەبەرىيگە ئوخشاش بىر قىسىم ئالىملار ئۇنى فىقىھشۇناسلار قاتارىدا ئەمەس، ھەدىسشۇناسلار قاتارىدا سانىغان. مەزھەب قاراشلىرىمۇ ئىمامى شافىئىينىڭكىگە يېقىن بولۇپ قاراشلىرىدا قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، ساھابىلار فەتىۋاسى، ئىجائ، قىياس، ئىستىسھاب، مەسالىھۇلمۇرسەلە ۋە سەددۇززەرائىئ لارغا تايانغان. ھەدىسنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇتۇش بىلەن نامى بار. ساھابىلەرنىڭ سۆزىنى ھەرقانداق قاراش ياكى قىياسلارنىڭ ئۈستىگە قويغان. فىقىھ ھەققىدە بىرەر ئەسەر يېزىپ قالدۇرمىغان. ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭ قاراشلىرىنى، ئۇنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرى ۋە فەتىۋالىرىدىن ئالغان. ھەدىس ھەققىدە چوڭ ھەجىملىك كىتابى (مۇسنەد) نى يېزىپ قالدۇرغان7.

بۇ مەزھەب تارقالغان دۆلەت ۋە رايۇنلار:

ئەڭ كۆپ ھىجازدا بولۇش بىلەن بىرگە ئىراق، سۈرىيە، پەلەستىن ۋە مىسىر قاتارلىق جايلاردا ھەنبەلىيە مەزھىپى مەنسۇپى مۇسۇلمانلار ياشىماقتا8.

*****************************************************

1 – سىيەرۇ ئەئلامىننۇبەلائ  6/390 .. كېيىنكى بەتلىرى. ئەل فىقھۇل ئىسلامىي، دوكتۇر ۋەھبەتۇز زۇھەيلى 1/29.. كېيىنكى بەتلىرى.

2 – خەيرۇددىن قارامان، ئىسلام ھوقۇقى تارىخى، ئىستانبۇل 1989، 248- بەت.

3 – سىيەرۇ ئەئلامىننۇبەلائ  8/48 .. كېيىنكى بەتلىرى. ئەل فىقھۇل ئىسلامىي، دوكتۇر ۋەھبەتۇز زۇھەيلى 1/31.. كېيىنكى بەتلىرى.

4 – خەيرۇددىن قارامان، ئىسلام ھوقۇقى تارىخى، ئىستانبۇل 1989، 248- بەت.

5 – سىيەرۇ ئەئلامىننۇبەلائ  10/5 .. كېيىنكى بەتلىرى. ئەلفىقھۇل ئىسلامىي، دوكتۇر ۋەھبەتۇز زۇھەيلى 1/35.. كېيىنكى بەتلىرى.

6 – خەيرۇددىن قارامان، ئىسلام ھوقۇقى تارىخى، ئىستانبۇل 1989، 248- بەت.

7 – سىيەر ئەئلامىننۇبەلائ  11/177 .. كېيىنكى بەتلىرى، ئەلفىقھۇل ئىسلامى، دوكتۇر ۋەھبەتۇز زۇھەيلى 1/38.. ۋە كېيىنكى بەتلىرى.

8 – خەيرۇددىن قارامان، ئىسلام ھوقۇقى تارىخى، ئىستانبۇل 1989، 248- بەت.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ