مۇسۇلمانلار

تاھارەت ھەققىدە ساۋات ـ3

تەيەممۇم

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : «ئەگەر كېسەل ياكى سەپەردە بولساڭلار ياكى سىلەردىن بىرى ھاجەتخانىدىن كەلسە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولساڭلار، ئاندىن مۇشۇنداق ئەھۋاللار ئاستىدا سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراق بىلەن تەيەممۇم قىلىڭلار. يەنى يۈزلىرىڭلارغا ۋە قوللىرىڭلارغا سۈرتۈڭلار. ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»[110].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ تاھارەت ۋە غۇسلىسى ئۈچۈن سۇ ئىستېمال قىلالمىغان ياكى سۇ تاپالمىغانلارنى تۇپا بىلەن تەيەممۇم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تەيەممۇم كىچىك تاھارەتنىڭ ھەمدە غۇسلى تاھارەتنىڭ ئورنىدا تۇرۇدۇ. غۇسلىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان تەيەممۇم تاھارەتنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان تەيەممۇم بىلەن ئوخشاشتۇر.

تەيەممۇمنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر سەپەرگە چىققانىدۇق. بەيدا ياكى زاتۇلجەيش دېگەن يەرگە يېتىپ كەلگەن چېغىمىزدا بويۇنچىقىم چۈشۈپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى تېپىش ئۈچۈن توختىدى. شۇنىڭ بىلەن باشقىلارمۇ توختىدى. يېقىن ئەتراپتا سۇ يوق ئىدى. يېنىمىزدىمۇ سۇ قالمىغان ئىدى. كىشىلەر ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، «ئائىشىنىڭ قىلغان ئىشىغا قارىمامسەن؟! ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە باشقىلارنى بۇ يەردە كاشىلا قىلدى. يېقىن ئەتراپتا سۇ يوق. يېنىمىزدىكى سۇمۇ تۇگەپ قالغان تۇرسا» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېنىمغا كەلدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىنى يوتامنىڭ ئۈستىدە قويۇپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى. ئۇ، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسام بىلەن ھەممەيلەننى بۇ يەردە توختىتىپ قويدۇڭ. يېقىن ئەتراپتا سۇ يوق. يېنىمىزدىكى سۇمۇ تۇگەپ قالغان تۇرسا، دەپ ماڭا كايىدى ۋە ئاغزىغا كەلگەننى دەپ قولى بىلەن بېقىنىمغا نوقۇشقا باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشى يوتامنىڭ ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن مەن مىدىرلىيالمىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاڭ ئاتقىچە سۇ يوق ھالەتتە ئۇخلىدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا تەيەممۇم ئايىتىنى نازىل قىلدى ۋە ئۇلار تەيەممۇم قىلدى[111].

ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇماي بىر تەرەپتە ئايرىم تۇرغان بىر كىشىنى كۆرۈپ، «ئى پالانى نېمىشقا جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇمايسەن» دېگەن ئىدى، ئۇ كىشى، «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن جۇنۇپ بولۇپ قالدىم، سۇ يوق» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «پاك تۇپراق ئىشلەت، ئۇ ساڭا كۇپايە قىلىدۇ»[112].

تەيەممۇمنىڭ شەكلى

ئىككى قۇلىنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ يۈزىنى سىلاش ۋە يەنە بىر قېتىم ئۇرۇپ ئىككى قۇلىنى سىلاش.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەيەممۇمدا قولىنى يەرگە ئۇرۇپ، يۈزىنى ۋە ئىككى قولىنى سىلىغان[113].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇدىن تەيەممۇم ھەققىدە سوئال سورالغاندا مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىدا تاھارەتنى بايان قىلغاندا «يۈزلىرىڭلارنى ۋە جەينەكلىرىڭلارغىچە قوللىرىڭلارنى يۇيۇڭلار» دېدى. تەيەممۇمدا بولسا، «يۈزلىرىڭلارنى ۋە قوللىرىڭلارنى سىلاڭلار» دېدى ۋە ئوغۇرلۇق ھەققىدە «ئەر – ئايال ئوغرىنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولنى بېغىشىدىن كەسكەن ئىدى. ئۇنداقتا تەيەممۇمدا سىلىنىدىغان يەر پەقەتلا يۈز بلەن ئىككى قولدۇر[114].

سۇ سۇغۇق بولۇپ غۇسلى قىلسا كېسەل بولۇپ قېلىشتىن قورققانلارمۇ كېسەلنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن زاتۇسسەلاسىل ئۇرۇشىدا سوغۇق بىر كېچىدە ئېھىتلام بولۇپ قالدىم. غۇسلى قىلسام ھالاك بولۇپ كېتىشىمدىن قورقتۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىپ ھەمرالىرىمغا ئىمام بولۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇدۇم. ئۇلار بۇ ھادىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەلۇم قىلىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ئەمر، سەن جۇنۇپ تۇرۇپ ھەمرالىرىڭغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدۇڭمۇ؟ دېدى. مەن ئۇنىڭغا مېنى غۇسلى قىلشتىن توسقان نەرسىنى ئېيتىپ بەردىم ۋە ئاللاھ تائالانىڭ «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مېھرىباندۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ كەتتى ۋە ھېچنېمە دېمىدى[115].

ئبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا يارىدار بىر كىشى ئېھتىلام بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ كىشى غۇسلى قىلىشقا بۇيرۇلدى ۋە غۇسلى قىلدى. ئاندىن ئۆلۈپ قالدى. بۇ ۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈپتۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالسۇن! بىلمىسە سورىسا بولمامدۇ؟ بىلمەسلىكنىڭ داۋاسى سوراش. ئۇنىڭ تەيەممۇم قىلىشى ياكى يارىسىنى تېڭىپ، ئۈستىگە مەسىھ قىلىشى ۋە بەدىنىنىڭ قالغان قىسمىنى يۇيۇشى يېتەرلىك بولاتتى»[116].

سۇ تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئۇقۇغانلار ناماز ۋاختى چىقىپ كىتىشتىن بۇرۇن سۇ تاپقان بولسا تاھارەت ئېلىپ نامىزىنى قايتا ئۇقۇش كېرەك ئەمەس. ئەگەر تاھارەت ئېلىپ قايتا ئوقۇسا ئىككى ئەجىرگە ئىرىشىدۇ.

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئىككى كىشى بىر سەپەرگە چىققان ئىدى. سەپەر ئەسناسىدا نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ قالدى. ئۇلارنىڭ يېنىدا سۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاك تۇپراق بىلەن تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن سۇ تاپتى. بۇ ئىككى كىشىدىن بىرى تاھارەت ئېلىپ نامازنى قايتا ئوقۇدى. يەنە بىرى ئۇنداق قىلمىدى، كېيىن بۇ ئىككى كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئېلىپ نامازنى قايتا ئوقۇمىغان كىشىگە «سەن سۈننەت بويىچە توغرا ئىش قىلدىڭ ۋە نامىزىڭ يېتەرلىكتۇر» دېدى. تاھارەت ئېلىپ نامازنى قايتا ئوقۇغان كىشىگە بولسا،»ساڭا ئىككى ئەجىر بار» دېدى[117].

تەيەممۇمنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەر

1 – تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەر تەيەممۇمنىمۇ سۇندۇرىدۇ.

2 – سۇنىڭ تېپىلىشى تەيەممۇمنى سۇندۇرىدۇ.

3 – تەيەممۇم قىلىشقا سەۋەب بولغان نەرسىلەرنىڭ يوقىلىشى تەيەممۇمنى سۇندۇرىدۇ.

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

مەنبە ۋە ئىزاھلار:


[1]  – مۇسلىم، تاھارەت 1، تىرمىزىي، دەئەۋات 91؛ نەسەئىي، زاكات 1.

[2]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 31؛ تىرمىزىي، تاھارەت 3.

[3]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 48؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 41؛ تىرمىزىي، تاھارەت 20، 25.

[4] – بۇخارى، تەۋھىد 23.  مۇسلىم زاكات 64. مۇسنەدى ئەھمەد 2/268. بۇخارىي زاكات 8. مۇسلىم زاكات 64.

[5]  – مائىدە، 6.

[6]  – تەۋبە، 103.

[7]  – ئىبنى ماجە، سىيام 44.

[8]  – بۇخارىي، جۇمۇئە 4؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 3؛ مۇۋاتتا، جۇمۇئە 3؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 129؛ تىرمىزىي، سالات 255.

[9]  – بۇخارىي، جۇمۇئە 2، 3، 12، ئەزان 161، شاھادا 18؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 5؛ مۇۋاتتا، جۇمۇئە 4؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 129؛ نەسەئىي، جۇمۇئە، 6، 8.

[10]  – بۇخارىي، تاھارەت 24؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 50؛ تىرمىزىي، تاھارەت 37؛ نەسەئىي، تاھارەت 75.

[11]  – تىرمىزىي، تاھارەت 31.

[12]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 32.

[13]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 26؛ مۇسلىم، تاھارەت 87؛ مۇۋاتتا، تاھارەت 9؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 49؛ تىرمىزىي، تاھارەت 19؛ نەسەئىي، تاھارەت 1.

[14]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 51، 52. ئەشرىبە 12؛ مۇسلىم، ھەيز 95؛ تىرمىزىي، تاھارەت 66؛ نەسەئىي، تاھارەت 124؛ ئبنى ماجە، تاھارەت 68؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەتئىمە 12؛ تىرمىزىي، ئەتئىمە 39.

[15]  – ئەبۇ داۋۇد، ئەتئىمە 54؛ تىرمىزىي، ئەتئىمە 48؛ ئبنى ماجە، ئەتئىمە 22.

[16]  – تىرمىزىي، ساۋابۇلقۇرئان 22، دەئەۋات 9، 21، جۇمۇئە 78؛ دارىمىي، فەزائىلۇل قۇرئان 19.

[17]  – بۇخارىي، سەۋم 27؛ نەسەئىي، تاھارەت 4؛ ئبنى ماجە، تاھارەت 7؛ دارىمىي، ۋۇدۇ 19.

[18]  – تىرمىزىي، سەۋم 29؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، 3/455؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، 3/445 – 446.

[19]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 25، 30؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل،  4/116،  5/193،6/236.

[20]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 17؛ مۇسلىم، تاھارەت 70؛ نەسەئىي، تاھارەت 40؛ دارىمىي، ۋۇدۇ 11.

[21]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 15، 20، ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 21، 22، 23؛ تىرمىزىي، تاھارەت 12، 13، 15؛ نەسەئىي، تاھارەت 40؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 16، 28؛ دارىمىي، ۋۇدۇ 14، 15.

[22]  – بۇخارىي، لىباس 63، 64، 65؛ تىرمىزىي ،ئەدەب 16.

[23]  – مۇسلىم، تاھارەت 68؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 14.

[24]  – فۇرقان، 25/48.

[25]  –  مۇۋاتتا، تاھارەت 12، ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 41، تىرمىزىي، تاھارەت، 52، نەسەئىي، مىياھ 5.

[26]  – مۇسنەدى ئەھمەد، دارۇلفىكر باسمىسى، 1 – توم، 76 – بەت.

[27] – تەۋبە 9/28.

[28] – ئەنئام 6/145.

[29] – مائىدە 5/90؛ ھەج 22/30.

[30] – تەۋبە 9/125.

[31] – مۇددەسسىر 74/4.

[32]  – بۇخارىي، كىتابۇل ۋۇدۇئ 59؛ مۇسلىم، تاھارەت 103؛ مۇۋاتتا، تاھارەت 110؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 139؛ تىرمىزىي، تاھارەت 54؛ نەسەئىي، تاھارەت 189.

[33]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 137.

[34]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 57 – 58، ئەدەب 35؛ مۇسلىم، تاھارەت 99؛ نەسەئىي، تاھارەت 45.

[35]  – مۇۋاتتا، تاھارەت 16؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 140؛ تىرمىزىي، تاھارەت 109.

[36]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 140.

[37]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 141.

[38]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 64-65؛ مۇسلىم، تاھارەت 108؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 136؛ تىرمىزى، تاھارەت 85-86؛ نەسەئىي، تاھارەت، 187-188.

[39]  – مۇسلىم، تاھارەت 105- 109.

[40]  – بۇخارىي، ھەيز 9، ۋۇدۇ 63؛ مۇسلىم، تاھارەت 110؛ مۇۋاتتا، تاھارەت 103؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 132؛ تىرمىزىي، تاھارەت 104؛ نەسەئىي، تاھارەت 185.

[41]  – بۇخارىي، ھەيز 11؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 132.

[42]  – بۇخارىي، ھەيز 9؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 107، 142؛ نەسەئىي، تاھارەت 179.

[43]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 33؛ مۇسلىم، تاھارەت 97؛ مۇۋاتتا، تاھارەت 35؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 37؛ تىرمىزىي، تاھارەت 68؛ نەسەئىي، تاھارەت 7.

[44]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 33؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 139.

[45]  – مۇۋاتتا، تاھارەت 13؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 38؛ تىرمىزىي، تاھارەت 69؛ نەسەئىي، تاھارەت 54.

[46]  – يارما ۋە گۆش بىلەن ياسىلىدىغان بىر خىل تاماق.

[47]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 38.

[48]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 67، زەبائىھ 34؛ مۇۋاتتا، ئىستىئزان 20؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەتئىمە 48؛ تىرمىزىي، ئەتئىمە 8؛ نەسەئىي، ئەلفەئرەتۇ ر ۋەل ئەىرەتۇ 15.

[49]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 73.

[50]  – بۇخارىي، بۇيۇ، 101، زەكات 61؛ زەبائىھ 30؛ مۇسلىم، ھەيز 100، 103، 104؛ مۇۋاتتا، سەيد 16؛ ئەبۇ داۋۇد، لىباس 41؛ تىرمىزىي، لىباس 7؛ نەسەئىي، فەراء ۋەل ئاتىرە 9.

[51]  – مۇسلىم، ھەيز 105.

[52]  – بۇخارىي، غۇسل 13.

[53]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 10؛  تىرمىزىي، لىباس 16؛ نەسەئىي، زىينەت 54.

[54]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 1، تىرمىزىي، تاھارەت 16؛ نەسەئىي، تاھارەت 16.

[55]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 1.

[56]  –  بۇ دۇئانىڭ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن. ئى ئاللاھ مەن ئەركەك ۋە چىشى جىنلاردىن قېچىپ ساڭا پاناھلىنىمەن. ياكى ئى ئاللاھ، مەن پاسكىنىچىلىقتىن ۋە پاسكىنا نەرسىلەردىن قېچىپ ساڭا پاناھلىنىمەن. (بۇخارىي، ۋۇدۇ 9، دوئەۋات 15؛ مۇسلىم، ھەيز 122؛ تىرمىزىي، تاھارەت 4؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 3؛ نەسەئىي، تاھارەت 18).

[57]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 8؛ تىرمىزىي، تاھارەت 67، ئىستىئزان 27؛ نەسەئىي، تاھارەت 32-33؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 27؛ دارەمى، ئىستىئزان 13.

[58]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 7؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 24؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 3/36.

[59]  – مەنىدە قىبلىگە ئالدىنى ياكى ئارقىسىنى قىلماسلىق ئۈچۈن  شەرق ياكى غەربكە قاراشقا توغرا كېلىدۇ. باشقا جايلاردا ياشايدىغان ئىنسانلار شەرق ياكى غەربنى ئۆلچەم قىلماي، قىبلىگە ئادى ياكى ئارقىسىنىڭ بولۇپ قالماسلىقىنى ئاساس قىلىشى لازىم.

[60]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 11، سالاھ 29؛ مۇسلىم، تاھارەت 59؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 4؛ تىرمىزىي، تاھارەت 6؛ نەسەئىي، تاھارەت 19؛ 20 ۋە 21.

[61]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 12، 14، خۇمۇس 4؛ مۇسلىم، تاھارەت 62؛ مۇۋاتتا، قىبلە 3؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 5؛ تىرمىزىي، تاھارەت 7؛ نەسەئىي، تاھارەت 22.

[62]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 4.

[63]  ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 2؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، مۇسنەد، 4/396، 399 ۋە 414.

[64]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 16؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، 5/82.

[65]  – مۇسلىم، تاھارەت 68؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 14.

[66]  – بۇخارىي، 48 – سۈرىنىڭ تەپسىرى 5؛ مۇسلىم، تاھارەت 94 ۋە 96؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 15؛ 36؛ تىرمىزىي، تاھارەت 17، 51، نەسەئىي، تاھارەت 31، 45، 146؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 12، 25؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، مۇسنەد 4/ 110 ۋە 111؛ نۇرۇددىن ئەلى ئىبنى ئەبى بەكرى ئەل – ھەيسەمىي، مەجمەئۇززەۋائىد ۋە مەنبەئۇل فەۋەائىد، بېيرۇت 1988، 1 – توم، 204 – بەت.

[67]  – تىرمىزىي، تاھارەت 8.

[68]  – تىرمىزىي، تاھارەت 8؛ نەسەئىي، تاھارەت 25.

[69]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 21؛ نەسەئىي، تاھارەت 40؛ دارە قۇتنىي، ئىستىنجا 4.

[70]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 15- 16- 17، 56، سالات 93؛ مۇسلىم، تاھارەت 70؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 23؛ نەسەئىي، تاھارەت 41.

[71]  مۇناسىۋەتلىك ھەدىس ئۈچۈن قاراڭ: ۆچمد، نسۆېي، ۆبو داود و الدارقطني

[72]  –  بۇخارىي، ۋۇدۇ 19.

[73]  – نەسەئىي، تاھارەت 43؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 29.

[74] –  ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 17؛ تىرمىزىي، تاھارەت 5؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 10؛ دارەمىي، ۋۇدۇ 17.

[75]  –  مائىدە، 5/6.

[76]  – بۇخارىي، تاھارەت 2؛ مۇسلىم، تاھارەت 2.

[77]  – بۇخارىي، تاھارەت2؛ مۇسلىم، تاھارەت 2.

[78]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 24، 28، سەۋم 27؛ مۇسلىم، تاھارەت 3، 4؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 50؛ نەسەئىي، تاھارەت 27، 28، 93.

[79]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 50؛ تىرمىزىي، تاھارەت 37؛ نەسەئىي، تاھارەت 75.

[80]  – بۇخارىي، ۋۇزۇ 22؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 53؛ نەسەئىي، تاھارەت 84-85.

[81]  – بۇخارىي، تاھارەت 23. بۇ ھەدىسنى رەزىن تەكشۈرۈپ چىققان.

[82]  – بۇخارىي، تاھارەت 1، 22، 23.

[83]  – ئىمام مالىك، مۇۋاتتا، تاھارەت 32.

[84]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 56.

[85]  – تىرمىزىي، تاھارەت 30؛ ئەيۇ داۋۇد 58.

[86]  ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 50.

[87]  – تىرمىزىي، تاھارەت 40.

[88]  مەن شاھىتلىق قىلىمەنكى، بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. ئۇنىڭ ھېچبىر شېرىكى يوقتۇر. يەنە شاھىتلىق قىلىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە ئەلچىسىدۇر (مۇسلىم، تاھارەت 6).

[89]  – مائىدە، 5/6؛ نىسا سۈرىسىنىڭ 43 – ئايىتىدىمۇ بۇ ھۆكۈملەر بايان قىلىنىدۇ.

[90]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 4، 34، بۇيۇ 5؛ مۇسلىم، ھەيز 98؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 68؛ نەسەئىي، تاھارەت 116.

[91]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 80.

[92]  – بۇخارىي، ۋۇدۇ 35، 48، 49، سالات 7، 25، جاھاد 90، مەغازىي 80، لىباس 10 – 11؛ مۇسلىم، تاھارەت 77، 79، 81، 82؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 59؛ تىرمىزىي، تاھارەت 72؛ نەسەئىي، تاھارەت 96، 97100؛ مۇۋاتتا، تاھارەت 42.

[93]  – شىۋەك، ئۈستىگە ئىككى قولدەك تاسما تىكىلگەن بىر خىل يازلىق كەش.

[94]  – تىرمىزىي، تاھارەت 74.

[95]  – مۇسلىم، تاھارەت 85، نەسەئىي، تاھارەت 99؛ ئبىنى ماجە، تاھارەت 86.

[96]  – ئىبنى ماجە، تاھارەت 134.

[97]  مائىدە، 5/6.

[98]  – نىسا، 4/43.

[99]  – بەقەرە، 2/222.

[100]  – مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات ئۈچۈن دارىمىي، تاھارەت 98 گە قاراڭ.

[101]  – بۇخارىي، غۇسل 1، 15، 19؛ مۇسلىم، ھەيز 35؛ مۇۋاتتا، تاھارەت 67؛ ئەبۇ داۋدۇد، تاھارەت 98؛ نەسەئىي،  تاھارەت 152، 153، 155، 156، 157؛ تىرمىزىي، تاھارەت 76.

[102]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 98؛ تىرمىزىي، تاھارەت 78.

[103]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 100.

[104]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 95؛ تىرمىزىي، تاھارەت 82.

[105]  – بۇخارىي، ھەيز 13، 14، ئىئتىسام 24؛ مۇسلىم، ھەيز 60، 61؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 122، نەسەئىي، تاھارەت 159.

[106]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 131؛ تىرمىزىي، سالات 429؛ نەسەئىي، تاھارەت 127.

[107]  – بۇخارىي، جەنائىز، 8- 17؛ مۇسلىم، جەنائىز 36؛ مۇۋاتتا، جەنەئىز 2؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 33؛ تىرمىزىي، جەنائىز 15؛ نەسەئىي، جەنائىز 28، 30-36.

[108]  – ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 39؛ تىرمىزىي، جەنائىز 17.

[109]  – بۇخارىي، جۇمۇئە 2-3، 12، ئەزان 161، شاھادا 18؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 5؛ مۇۋاتتا، جۇمۇئە 4، ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 129؛ نەسەئىي، جۇمۇئە 6، 8.

[110]  نىسا، 4/43. بۇ مەسىلىگە مائىدە سۇرىسىنىڭ 6 – ئايىتىمۇ دەلىل بولىدۇ.

[111]  – بۇخارىي، تەيەممۇم 2، فەزائىلۇسساھابە 5، 30، تەپسىر، نىسا 10، مائىدە 3، نىكاھ 65، 125، لىباس 52، ھۇدۇد 39؛ مۇسلىم، ھەيز 108، مۇۋاتتا، تاھارەت 89؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 123؛ نەسەئىي، تاھارەت 194.

[112]  – بۇخارىي، تەيەممۇم 6، 8، مەناقىب 25؛ مۇسلىم، مەساجىد 317؛ نەسەئىي، تاھارەت 203.

[113]  – بۇخارىي، تەيەممۇم 6، مۇسلىم، ھەيز 111.

[114]  – تىرمىزىي، تاھارەت 110.

[115]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 126.

[116]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 127؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 93.

[117]  – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 128؛ نەسەئىي، غۇسل 27.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر