باش بەت > ئەھكام > تەتقىقاتلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

تاھارەت ھەققىدە ساۋات

مۇقەددىمە

ئىسلام دىنى باشقا بارلىق دىنلار ۋە پۈتۈن نىزاملار ئىچىدە پاكىزلىققا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان دىندۇر. بۇ دىندا پۈتكۈل ئىبادەتلەردە پاكىزلىق شەرت قىلىنغان، دىنى ھايات پاكىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان، ھەتتا بۇ دىندا پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمى ھېساپلىنىدۇ. بۇ پاكىزلىق بەدەن پاكىزلىقىدىن مۇھىت پاكىزلىقىغىچە خىلمۇخىل ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پاكىزلىقنىڭ تەپسىلاتىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا پاكىزلىق ھەققىدە ئومۇمىي بىر چۈشەنچە بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

پاكىزلىق مەيلى ماددىي ۋە مەيلى مەنىۋى بولسۇن بىر مۇسۇلماننىڭ شەرتسىز رىئايە قىلىشى لازىم بولغان بىر مەسىلە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ”پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمى“[1]، ”نامازنىڭ ئاچقۇچى پاكىزلىق“[2] دېگەندەك سۆزلىرى بىلەن ناپاكلىق بىلەن دىنى ھاياتنىڭ ۋە دىندارلىقنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى مۇئمىنلارنىڭ قەلبلرىگە يەرلەشتۈرۈشكە تىرىشقان. ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ پاكىزلىققا باغلىق بولۇشىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ”پاكىزلىق بولمىسا ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ“[3] دېگەن. دىققەت قىلىدىغان بولساق، پاكىزلىق شەرتى نامازغىلا خاس ئىش ئەمەسلىكىنى، ئەكسچە ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىدىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۇ ئىشنىڭ پاكىز بولۇشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. مەسىلەن: شېرىك بىلەن بۇلغانغان ئەقىدە، رىيا بىلەن كىرلەنگەن ئەمەل، ناتوغرا يوللاردىن قولغا كەلگەن پۇل بىلەن قىلىنغان ئىقتىسادىي ئىبادەتلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ[4].

بۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمان  مۇسۇلمانچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن پاكىز بولۇشى كېرەك. بۇ پاكىزلىق مۇتلەق مەنىدىكى پاكىزلىق بولۇپ، ئۇنى ماددىي ياكى مەنىۋى پاكىزلىق دەپ ئايرىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئىسلام بەدەن ۋە روھنى بىر- بىرىدىن ئايرىمايدۇ. شۇنداقلا ھەر ئىككىلىسىنىڭ تەربىيلىنىشىنى ۋە مۇكەممەللىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ تەربىيىسىدە پاكىزلىقنى بىرىنچى شەرت قىلىدۇ.

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، تەكەببۇرلۇق، يالغانچىلىق، غەيۋەت، ھەسەتخورلۇق، ئۇرۇنسىز ئاچچىقلىنىش، پىتنە-پاسات، بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش، نامەھرەمگە قاراش، پىسق، غەپلەت، يامان سۆز، ئۇمىدسىزلىك، پوچىلىق، ئىسراپخورلۇق، بېخىللىق ۋە مەرھەمەتسىزلىك … قاتارلىق روھنى بۇلغايدىغان مەنىۋى كىرلەردىن قاتتىق مەنئى قىلىش بىلەن بىرگە، ئىبادەتكە توسالغۇ بولىدىغان بىر قىسىم ماددىي نىجاسەتلەردىنمۇ يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

ھەتتا قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرى نۇرغۇنلىغان دىنى ئىشلارنىڭ پاكىزلىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: ناماز ئوقۇش ئۈچۈن شەرت قىلىنغان غۇسل، تاھارەت ۋە تەيەممۇم بايان قىلىنغان ئايەتلەر پاكىزلىق قىلىشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن ”ئاللاھ سىلەرگە تەسلىكنى خالىمايدۇ، لېكىن سىلەرنى پاك – پاكىز قىلىشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى خالايدۇ“[5] دەيدۇ. زاكات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە ”ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن بىر زاكات ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلايسەن ۋە ياخشلىقلىرىنى كۆپەيتسەن“[6] دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ھەر نەرسىنىڭ بىر زاكىتى (پاكىزلىغۇچىسى) بار. بەدەننىڭ زاكىتى بولسا، روزا تۇتۇش“[7] دېگەن سۆزى روزىنىڭمۇ باشقا بىر پاكىزلىق ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

نىجاسەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. بىرىنچىسى – كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، پەقەت ھۆكۈم جەھەتتىكى نىجاسەت. ئىككىنچىسى – كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ماددىي نىجاسەت.  دىنىمىز بۇ ئىككى خىل نىجاستتىن پاكىزلىنىشقا بۇيرۇيدۇ.

بىرىنچى خىلدىكى نىجاسەت جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئېھتىلام بولۇش بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ نىجاسەتتىن پاكىزلىنىش ئۈچۈن پۈتۈن بەدەننى پاكىز يۇيۇش (غۇسۇل قىلىش) كېرەك.

ئىككىنچى خىلدىكى نىجاسەت تاھارەتنىڭ سۇنۇشى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن پاكىزلىنىش ئۈچۈن داۋاملىق ئوچۇق تۇرىدىغان ئەزالارنى؛ يەنى ئىككى قولنى،  يۈزنى، ئىككى بىلەكنى يۇيۇش، باشقا مەسىھ قىلىش ۋە ئىككى پۇتنى يۇيۇش كېرەك.  بۇ پاكىزلىقلار بولمىسا ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ.

پۈتۈن بەدەننى يۇيۇش چوڭ تاھارەتسىزلىك (جۇنۇپلۇق) شەرتىگىلا باغلىق ئەمەس. بەلكى ھەر بىر مۇسۇلمان ھەپتىدە ئەڭ ئاز بىر قېتىم يۇيۇنىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ”سىلەردىن جۈمە نامىزىغا كېىلىدىغان كىشى يۇيۇنسۇن“[8] دېيىش بىلەنلا قالماي، ”جۈمە كۈنى يۇيۇنۇش بالاغەتكە يەتكەن ھەرقانداق كىشىگە ۋاجىپتۇر“[9] دەپ تەكىتلەيدۇ.

مەيلى تاھارەت بولسۇن، مەيلى غۇسۇل بولسۇن مۇكەممەل بولۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ”ھەر ئەزانى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇشنى تەشۋىق قىلغان[10] ۋە ئالدىراپ تاھارەت ئېلىپ، ئوشۇقىلىرىنى تولۇق يۇمىغان بىر كشىىنى كۆرگەندە «ئوتتا كۆيىدىغان شۇ ئوشۇقلارنىڭ ھالىغا ۋاي!»[11] دەپ، تاھارەت ئالغۇچىنى ئاگاھلاندۇرغان. مۇسۇلمانلارغا تاھارەت سۇنمىغۇچە بىر قانچە ۋاقىتنىڭ نامىزىنى بىرلا تاھارەت بىلەن ئوقۇشقا رۇخسەت بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھەر بىر ناماز ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم تاھارەت ئېلىشقا تەشۋىق قىلىنىدۇ[12].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قول بىلەن ئېغىزغا ئوخشاش تەن سالامەتلىك نۇقىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئەزالارنىڭ يۇيۇلىشىنى تاھارەت ئېلىش جەريانىغىلا باغلاپ قويمىغان. ئەكسىچە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، تاھارەت ئېلىشتىن ئىلگىرى قوللارنى يۇيۇشقا بۇيرۇغان[13].

قول بىلەن ئېغىزنى تاماقتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن يۇيۇشتىن باشقا، سۈتكە ئوخشاش ياغلىق نەرسىلەرنى يەپ-ئىچكەندىن كېيىنمۇ يۇيۇش لازىم[14]. بولۇپمۇ يېتىشتىن بۇرۇن قوللارنىڭ پاكىز بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك[15]. تاھارەت بىلەن يېتىشمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلاردىن بىرى[16].

دىنىمىزدا ئېغىز تازىلىقى ئۈچۈن مىسۋاك ئىشلىتىش پەۋقۇلئاددە مۇھىم[17]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسۋاكنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا ئىشتىلىپلا قالماستىن، باشقا ۋاقىتلاردىمۇ پات – پات ئىشلىتىپ تۇراتتى[18]. ھەتتا ھەر قېتىم نامازغا چىقىشتا، ھەر قېتىم ئۆيگە كىرگەندە، كېچە ئۇيقۇدىن ئويغانغان چاغلىرىدا بىرىنچى قېتىم قىلىدىغان ئىشى چىشلىرىنى مىسۋاكلاش ئىدى[19].

تەرەت سۇندۇرغاندىن كېيىن بەدەنگە ۋە كىيىم كېچەككە نىجاسەت يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاھارەت يوللىرىنى سۇ بىلەن تازىلاش كېرەك. بولمىسا بەدەن ۋە كىيىم – كېچەكنى پاكىز تۇتقىلى بولمايدۇ.[20]. سۇ يوق يەردە باشقا تازىلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ[21].

بەدەن تازىلىقى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غۇسل قىلىشقا، تاھارەت ئېلىشقا، ئىستىنجا ۋە ئىستىبرا قىلىشقا، ھەمدە مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇپلا قالماي بۇرۇت ۋە تىرناقلارنى ئېلىشقا، قولتۇقنى تازىلاشقا ۋە سۈننەت قىلىشقىمۇ بۇيرۇيدۇ[22].

بەدەن ۋە تۇرالغۇ جايلارنىڭ پاكىز بولۇشىدىن باشقا ناماز ئوقۇلىدىغان يەرلەرگە ئوخشاش ئاممىۋى ئىبادەت ۋە پائالىيەت سورۇنلىرنىڭمۇ ھەر خىل نىجاسەتتىن پاكىزلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسلارنى يوللارغا، ئېرىق – ئۆستەڭلەرگە ئوخشاش سۇ ئاقىدىغان يەرلەرگە، تۇرغۇن سۇغا، كۆل ۋە قۇدۇق باشلىرىغا، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تۈۋىگە، كىشىلەر سايىدايدىغان دەرەخلەرنىڭ سايىلىرىغا تەرەت سۇندرۇشنى مەنئى قىلغان، شۇنداقلا قاتتىق لەنەتلىگەن[23].

مەيلى پاكىزلىق جەھەتتە بولسۇن مەيلى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن ھاياتنىڭ پۈتكۈل ساھەسىدە يەككە-يىگانە ھەقىقەتنى ئوتتۇرغا قويغان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان مۇسۇلمانلار، قۇلىدىكى بۇ گۆھەرنىڭ قەدرىنى بىلىپ ئۇنى نەزىرىيە شەكلىدىلا تاشلاپ قويماي ئەمەلىيتىگە تەدبىقلىغاندىلا ھەقىيقى مۇسۇلمان ۋە مەدەنىيەتلىك ئىنسان بولالايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىق داۋاسى يالغانچىلىق بولۇپ ئاللاھ ئالدىدا ساختا مۇسۇلمان، ئىنسانلار ئالدىدا قالاق ئىنسان بولۇپ ياشايدۇ. يەنە كىلىپ ئۇنىڭ بۇ قالاقلىقى ئۆزىگىلا ئەمەس بەلكىدە ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلام دىنى ئوتتۇرغا قويغان پاكىزلىق نەزىرىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى پاكىزلىق چۈشەنچىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇساپىنىڭ بۇ قەدەر يىراقلىشىپ كېتىشى ئىنساننى ئېچىندۇرماي قويمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قۇرئان -سۈننەتتىن بىۋاستە پايدىلنىش ئىمكانىيتى بولمىغان كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن  قۇرئان – سۈننەت روھى ئاستىدا «تاھارەت ھەققىدە ساۋات» نى تۈزۈپ چىقتۇق. ئەھلى ئىلمىلىرىمىزنىڭ ۋە كەڭ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بىزدىن ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

سۇلارنىڭ ھۆكمى

سۇ، ئۆزى پاك ۋە ئۆزىدىن باشقا نەرسىلەرنى پاكىزلاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل سۇيۇق جىسىمدۇر. ئاللاھ تائالا “ … بىز ئاسماندىن پاك ۋە پاكىزلىغۇچى سۇ  چۈشۈردۇق“[24] دەيدۇ. بۇ ئايەتتىكى پاك ۋە پاكىزلىغۇچى سۇ – يامغۇر، قار ۋە مۆلدۈر  سۇلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ”دېڭىز سۈيى بىلەن تاھارەت ئالساق بولامدۇ“ دەپ سورىغان كىشىگە: ”دېڭىزنىڭ سۈيى پاكتۇر ۋە پاكىزلىغۇچىدۇر…“[25] دېگەن سۆزىدىن دېڭز – ئوكيان سۇلىرىنىڭمۇ پاكىزلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  بىر چىلەك زەمزەم سۈيى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئىچكەنلىكى ۋە تاھارەت ئالغانلىقى مەلۇم[26]. بۇ  قۇدۇق ۋە بۇلاق سۇلىرىنىڭ پاكىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئېرىق – ئۆستەڭلەر ۋە دەريالارنىڭ سۇلىرى قار، يامغۇر ياكى بۇلاق سۇلىرىدىن ھاسىل بولغانلىقى ئۈچۈن  بۇلارمۇ پاكىز ھېساپلىنىدۇ.

نىجاسەت ۋە ئۇنى تازىلاش

قۇرئان كەرىمدە مۇشرىكلار[27]، ئۆلتۈرۈپ يىگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغىنى، قان، چوشقا گۆشى[28]، مەست قىلغۇچى نەرسىلەر، قىمار ئويناش، پال بېقىش/باقتۇرۇش، پۇتلارغا چوقۇنۇش[29]، مۇناپىقلىق[30] قاتارلىقلارنىڭ نىجىس ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن ئىنساننى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بۇلغايدىغان نەرسىلەرنىڭ نىجىس ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى چىقىدۇ.

بىز بۇ يەردە ماددىي نىجاسەت ئۈستىدىلا توختىلىمىز. چۈنكى مەنىۋى نىجاسەتلەر ئەقىدە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئۇلارنىڭ تاھارەت بىلەن ئالاقىسى يوق.

ئاللاھ تائالا ناماز ئۇقۇغۇچىغا بەدىنىنى ۋە كىيىم-كىچىكىنى پاك تۇتۇشنى[31] ئەگەر نىجاسەت يۇقۇپ قالسا پاكلىۋىتىشنى بۇيرۇغان. تاھارەتنى ۋە غۇسلىنى پەرىز قىلغان ئەيەتلەردە ھاجەت قىلىشنىڭ ۋە جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇشنىڭ بەدەننى ناپاك ھالەتكە كەلتۈرىدىغانلىقىنى، ھاجەت قىلىش بىلەن ناپاك بولغانلارنىڭ كىچىك تاھارەت. جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن ناپاك ھالەتكە كەلگەنلەرنىڭ بولسا غۇسۇل بىلەن پاكلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن بەدەنگە ۋە كىيىم-كىچەككە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا ئۇنى پاكىزلىۋىتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى چىقىدۇ.

نىمىنىڭ ماددىي نىجاسەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق شەكىلدە پاكىزلىنىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن بىلىۋالالايمىز. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ بايانى ماھىيتىدە بولۇپ ئۇ ئايەتلەرگە قانداق ئەمەل قىلىشنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

1 – سۈت ئېمىۋاتقان ۋە تېخى تاماق يېمىگەن ئوغۇل بوۋاق سىيىپ قويغان يەر سۇ سېپىۋېتىش بىلەن پاك بولىدۇ. چۈنكى مىھسەننىڭ قىزى ئۇممۇ قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ”مەن تېخى تاماق يەپ باقمىغان بوۋاق ئوغلۇمنى ئېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىنى قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزدى، بوۋاق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇ ئەكەلدۈرۈپ، كىيىمىگە سۇ سەپتى، يۇمىدى“[32].

2 – تاماق يېگەن ياكى يېمىگەن بولسۇن قىز بوۋاق سىيىپ قويغان يەر يۇيۇش بىلەن پاك بولىدۇ. چۈنكى  لۇبابە بىنتى ھارىس مۇنداق دەيدۇ: ”ئەلىي رەزەيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ھەسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇچىقىدا ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى. مەن: ”ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! باشقا بىر كىيىم كىيىپ، ئۈستىلىرىدىكى كىيىمنى ماڭا بەرسلە يۇيۇپ بېرەي“ دېدىم. ئۇ ماڭا جاۋاب بېرىپ، ”قىز بالىنىڭ سۈيدۈكى بولغان بولسا، يۇيۇۋېتىش كېرەك ئىدى، لېكىن ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكى سۇ سېپىۋېتىش بىلەن پاكىزلىنىدۇ“ دېدى[33].

بۇ ھەدىسلەر ئىنساننىڭ تەرەت يوللىرىدىن چىققان نەرسىلەرنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

3 – نىجىس بولۇپ قالغان يەر ئۈستىگە سۇ تۆكىۋېتىش بىلەن پاك بولىدۇ. چۈنكى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە مەسچىتتىكى چېغىمىزدا بىر سەھرالىق ئەرەب كېلىپ، مەسجىدنىڭ ئىچىگە سىيىشكە باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۇنىڭغا: ”توختا، ھەي! توختا!“ دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشقا ئارىلىشىپ ”ئۇنى سىيىشتىن توسماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن“ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر ئۇنى ئۆز ئىخىيارىغا قويۇۋەتتى. ئۇ كىشى ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يېنىغا چاقىردى ۋە ئۇنىڭغا: ”بۇ مەسجىدلەر سۈيدۈك ۋە نىجاسەت ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ناماز ئوقۇش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈنلا ياسالغان“ دېدى ۋە جامائەتتىن بىرىنى بۇيرىدى، بۇيرۇققا ئاساسەن ئۇ كىشى دەرھال بىر چىلەك سۇ ئەكىلىپ، سۈيدۈكنىڭ ئۈستىگە تۆكىۋەتتى[34].

4 – نىجاسەتكە تېگىپ قالغان كىيىم – كېچەك، پاكىز يەرگە تېگىش ياكى پاكىز يەرگە سۈركىلىش بىلەن پاك بولىدۇ. چۈنكى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ”بىر ئايال ماڭا: ”مەن ئېتىكى ئۇزۇن كىيىم كىيىمەن ۋە پاسكىنا يەردە ماڭىمەن“ دېدى. مەن ئۇ ئايالغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ”ئۇنى كېيىنكىسى پاكىزلايدۇ“ دېگەن سۆزىنى سۆزلەپ بەردىم“[35].

بەنى ئابدۇل ئەشھەل قەبىلىسىدىن بىر ئايال مۇنداق دەيدۇ: مەن:“ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزنىڭ مەسجىدكە بارىدىغان يولىمىز سېسىقچىلىق بىر يول. يامغۇر ياغسا قانداق قىلىمىز؟“ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئۇ يولدىن كېيىن باشقا پاكىزراق يول يوقمۇ؟“ دېدى. مەن: ”ھەئە، بار“ دېگەن ئىدىم. ئۇ، ”مانا بۇنىڭ بىلەن ئۇ پاكىزلىنىدۇ“ دېدى[36].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەردىن بىر كىشى ئاياغ كىيىمى بىلەن نىجاسەتكە دەسسىگەن بولسا، بىلسۇنكى تۇپا ئۇنى پاكىزلايدۇ“[37].

5 – كىيىم – كېچەككە يۇقۇپ قالغان مەنى قۇرۇق بولسا ئۇۋۇلىۋېتىش بىلەن، ھۆل بولسا يۇيۇۋېتىش بىلەن پاك بولىدۇ. چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ”مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىگە يۇقۇپ قالغان مەنىينى يۇياتتىم. ئۇ كىيىمىنىڭ يۇيۇلغان يېرى قۇرۇماستىن نامازغا چىقاتتى“[38].  مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە ئائىشە رەزەيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ”مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ كىيىمىدىن يۇقۇپ قالغان مەنىينى ئۇۋۇلاپ چىقارغانلىقىمنى بىلىمەن. ئۇ، شۇ كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇيتتى“. باشقا بىر رىۋايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ كىيىمىدىن قۇرۇق مەنىينى تىرنىقىم بىلەن تاتىلاپ چىقىرىۋەتكەنلىكىمنى ئۇبدان بىلىمەن“[39].

6 – ھەيزنىڭ قېنى يۇقۇپ قالغان يەر قۇرۇق بولسا، ئۇۋۇلىۋەتكەندىن كېيىن، ھۆل بولسا، سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق پاكلىنىدۇ. چۈنكى ئەسما بىنتى ئەبى بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: ”بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، كىيىمىگە ھەيزنىڭ قېنى يۇقۇپ قالغان ئايال قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئاۋۋال سۈرتىۋېتىدۇ، ئاندىن كېيىن سۇ تۆكۈپ بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەن قاننىڭ تەسىرى يۇقالغانغا قەدەر ئۇۋۇلايدۇ. ئاخىرىدا يۇيىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىيم بىلەن ناماز ئوقۇۋېرىدۇ“[40].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ”ھەر بىرىمىزنىڭ بىر دانىدىنلا كىيىمى بولاتتى. ئۇنىڭدا ھەيز كۆرەتتى. ئۇنىڭغا ھەيزنىڭ قېنى يۇقۇپ قالسا، ئۇنى تۈكۈرۈكى بىلەن ھۆل قىلاتتى. ئاندىن ئۇنى تىرنىقى بىلەن ئۇۋۇلىۋېتەتتى“[41]. يەنە بىر رىۋايەتتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ”بىرىمىز ھەيز كۆرەتتى. كېيىن پاك بولغان چېغىدا يۇقۇپ قالغان قاننى ئۇۋۇلاپ يۇياتتى ۋە كيىمىنىڭ قالغان قىسمىغا سۇ سېپىۋېتەتتى. ئاندىن شۇ كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇيتتى“[42].

7 – ئىت چېپىلىپ قويغان قاچا بىرىنچى قېتىم توپا بىلەن يۇيۇش شەرتى بىلەن يەتتە قېتىم يۇيۇش ئارقىلىق پاكلىنىدۇ. چۈنكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بىر قاچىغا ئىت چېپىلىپ قويسا، ئۇ قاچا  يەتتە قېتىم  يۇيۇش بىلەن پاكىزلىنىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق يۇيۇش توپا بىلەن بولۇشى لازىم“[43].

8 – ئىتلار دەسسىگەن يەر نىجىس بولمايدۇ. چۈنكى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئىتلار مەسجىدكە كىرىپ – چىقاتتى، بۇ سەۋەپتىن ساھابىلەر ھېچبىر يەرگە سۇ سەپمەيتتى“[44].

9 –  مۈشۈك يەپ – ئىچىپ ئېشىپ قالغان نەرسە نىجىس بولمايدۇ. چۈنكى ئىبنى ئەبى قەتادىنىڭ ئايالى كەبەشە بىنتى كەئب ئىبنى مالىك مۇنداق دەيدۇ: ”ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېنىمغا كىردى. ئۇنىڭغا تاھارەت سۈيى ھازىرلىدىم. بۇ ئەسنادا تاھارەت سۈيىدىن ئىچىش ئۈچۈن بىر مۈشۈك كەلدى. ئەبۇ قەتادە ى مۈشۈككە قاچىنى تەڭلەپ تۇردى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: ئەبۇ قەتادە مېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ، ”ئى قېرىندىشمىنىڭ قىزى! ھەيران قېلىۋاتامسەن“ دېدى.  مەن، – ھەئە، دېگەن ئىدىم. ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ”مۈشۈك نىجىس ئەمەس. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردا ئايلىنىپ يۈرگۈچىلەردىن“ دېگەن، دېدى[45].

داۋۇد ئبنى سالىھ ئىبنى دىينار ئەت – تەممار  رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ كىشىنىڭ ئانىسى مۇنداق دېگەن: ”خوجايىنىم مېنى ھەرىيسە[46] (بىر خىل تاماق) بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. كەلسەم ئائىشە ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن، ماڭا ”قولۇڭدىكىنى قويۇپ قوي“ دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدى. مەن قويۇپ قويغان ئىدىم بىر مۈشۈك كېلىپ، ئۇنىڭدىن يېدى. ئائىشە نامازدىن پارىغ بولۇپ، مۈشۈك يېگەن يەردىن يېدى ۋە مۇنداق دېدى: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”مۈشۈك نىجىس ئەمەس. ئۇ سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردا ئايلىنىپ يۈرگۈچىلەردىن“ دېگەن ئىدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۈشۈك ئىچىپ ئېشىپ قالغان سۇ بىلەن تاھارەت ئالغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم“[47].

10 – چاشقان چۈشۈپ كەتكەن ماي قويۇق بولسا، چاشقاننى ۋە ئەتراپىنى ئېلىۋېتىپ قالغان قىسمىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر سۇيۇق بولسا، ئۇ ماي نىجىس بولىدۇ. چۈنكى مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سېرىق مايغا چۈشۈپكەتكەن چاشقان توغرۇلۇق سوئال سورالغان ئىدى. ئۇ ”چاشقاننى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئېلىپ تاشلىۋېتىپ مېيىڭلارنى يەۋېرىڭلار“ دېدى[48]. ئەبۇ داۋۇدنىڭ ئەبۇ ھۇرەيرىدىن قىلغان باشقا بىر رىۋايىتىدە ”ئەگەر چاشقان چۈشۈپ كەتكەن ماي ئۇيۇغان ماي بولسا، چاشقاننى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئېلىپ تاشلىۋېتىڭلار. ئەگەر ماي سۇيۇق بولسا، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار“ ديىلىدۇ.

11 – خام گۆش ۋە تېرىگە تېىگىپ كەتكەن نەرسە نىجىس بولمايدۇ. چۈنكى ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قوينى ئۇبدان سويالمايۋاتقان بىر خىزمەتچىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋېتىپ، ئۇنىڭغا: ”بۇياققا ئۆت، مەن ساڭا كۆرسىتىپ قوياي“ دېدى. ئاندىن دەرھال قولىنى تېرە بىلەن گۆشنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈپ، قولىنى قولتۇقىغىچە تىرە بىلەن گۆشنىڭ ئارىسىغا ماڭدۇردى. كېيىن بېرىپ تاھارەت ئالماستىن كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى[49].

12 – ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ تېرىسىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ”ئۆلۈپ قالغان بىر قوينىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋېتىپ، ”بۇنىڭ تېرىسىدىن نېمىشقا پايدىلانمىدىلار؟“ دېگەن ئىدى. كىشىلەر، – چۈنكى بۇ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بىر ھايۋان، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: – ئۇنى يېيىش ھارام، دېدى“[50].

13 -تېرە ئاشلانسا پاك بولىدۇ. چۈنكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ”تېرە ئاشلانسا پاك بولىدۇ“ دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغان ئىدىم[51].

14 – مەزىي چىقىش بىلەن غۇسلى قىلىش لازىم ئەمەس. چۈنكى ئەلىي رەزىەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن مەزىيى كۆپ بىر كىشى ئىدىم. يەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى مەندە بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا بىر كىشىنى سوراشقا بۇيرۇدۇم. ئۇ كىشى سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ”تاھارەت ئالغىن ۋە زەكىرىڭنى يۇيىۋەتكىن“ دېگەن[52].

تاھارەت سۇندۇرۇشنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرى

1 – ئاللاھنىڭ ئىسمى يېزىلغان نەرسىلەرنى ھاجەتخانىغا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كىرگەندە (مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ دەپ ئۇيۇلغان تامغا) يۈزۈكىنى چىقىرىۋېتەتتى[53]. لېكىن ئۇ نەرسىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن قورقسا، بىللە ئېلىپ كىرسە بولىدۇ.

2 – تەرەت سۇندۇرماقچى بولغان كىشى ئىنسانلاردىن يىراقلىشىشى لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  تەرەت سۇندۇرۇماقچى بولغاندا ئىنسانلاردىن يىراقلىشاتتى[54]. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرەت سۇندۇرماقچى بولغاندا ھېچكىم كۆرمەيدىغان دەرىجىدە يىراق جايلارغا كېتىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[55].

3 -تەرەت سۇندۇرۇشقا ئولتۇرىدىغان چاغدا ”بىسمىللاھ ۋە ئەئۇزۇ بىللاھ“نى ئۈنلۈك دېيىش كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولغاندا ”بىسمىللاھ ئاللاھۇممە ئىننى ئەئۇزۇبىكە مىنەلخۇبسى ۋەلخەبائىس“ دەيتتى[56].

4 – ھاجەت قىلىۋېتىپ گەپ قىلشقا بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرەت سۇندۇرۇۋاتقاندا بىر كىشى يېنىدىن ئۆتۈۋېتىپ سالام قىلغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالامغا جاۋاب قايتۇرمىغان[57]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ”ھاجەتخانىدا  گەپلەشكەن ئىككى كىشىگە ئاللاھنىڭ غەزەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان“[58].

بۇنىڭغا ئاساسەن تەرەت سۇندۇرۇۋېتىپ گەپ قىلىش، سالامغا ۋە سوئالغا جاۋاب قايتۇرۇش ۋە ئەزانغا ئەگىشىپ بىر نەرسە ئوقۇشقا بولمايدۇ. لېكىن چۇقۇرغا چۈشۈپ كېتىش ئالدىدىكى ئەمانى ئاگاھلاندۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ چۈشكۈرگەن بولسا، تىلىنى ھەرىكەتلەندۈرمەستىن ئىچىدە ”ئەلھەمدۇ لىللاھ“ دېسە بولىدۇ.

5 – تەرەت سۇندۇرغاندا قىبلىغا ئالدىنى ياكى ئارقىسىنى قىلشتىن ساقىلىنىش لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”تەرەت سۇندۇرىدىغان چېغىڭلاردا قىبلىگە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، ئارقاڭلارنىمۇ قىلماڭلار. لېكىن شەرق ياكى غەرب تەرەپكە قاراپ[59] ئولتۇرۇڭلار“[60]. ئەگەر  ھاجەت قىلىدىغان يەرنىڭ ئەتراپى ئېتىگلىك بولسا، قىبلىگە ئالدى ياكى ئارقىسى بولۇپ قېلىشنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق. چۈنكى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  ھەپسىنىڭ  ئۆگزىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شامغا ئالدىنى قىلىپ، قىبلىگە ئارقىسىنى قىلىپ، تەرەت سۇندۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ[61].

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ”تەرەت سۇندۇرغۇچى بىلەن قىبلىنىڭ ئارىسىدا بىر نەرسە بولسا، ئالدىنى ياكى ئارقىسىنى قىبلىگە قىلىپ تەرەت سۇندۇرۇشنىڭ زىيىنى يوق“ دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[62].

6 – تەرەت سۇندۇرغاندا نىجاسەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۇمشاق يەرگە تەرەت سۇندۇرۇش لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر تامنىڭ تۈۋىدىكى يۇمشاق بىر يەرگە كېلىپ، تاھارەت سۇندۇرغان ئىدى[63].

7 – تەرەت سۇندۇرغاندا ئۇۋىغا تەرەت سۇندۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇۋىغا تەرەت سۇندۇرۇشتىن توسقان ئىدى[64].

8 – ئىنسانلارنىڭ سايىدايدىغان يېرى، سۇ مەنبەلىرى ۋە ئەتراپى، ماڭىدىغان يوللىرى قاتارلىق جايلارغا تەرەت سۇندۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق يەرگە تەرەت سۇندۇرغان كىشىلەرنىڭ لەنەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بايان قىلغان[65].

9 – تاھارەت ئالىدىغان يەرگە، مۇنچىغا ۋە سۇغا تەرەت سۇندۇرماسلىق لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنچىغا ۋە سۇغا سيىشتىن توسقان[66].

10 – ئۆرە تۇرۇپ سىيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۆرە تۇرۇپ سىيگەنلىكىمنى كۆرۈپ، ”ئى ئۆمەر ئۈرە تۇرۇپ سىيمىگىن!“ دېگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئۆرە تۇرۇپ سىيمىدىم[67].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە كىم  ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆرە تۇرۇپ سىيگەن“ دېسە، ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داۋاملىق ئولتۇرۇپ  سىيەتتى[68].

11 – تەرەت سۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تەرەت يوللىرىنى پاكىزلاش (ئىستىنجا قىلىش) لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەردىن بىر كىشى ھاجەتخانىغا بارسا، ئۈچ دانە تاش بىلەن تەرەت يوللىرىنى تازىلىسۇن. چۈنكى ئۈچ دانە تاش ئۇنىڭغا يېتەرلىك[69]. باشقا بىر ھەدىستە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرەت سۇندۇرغىلى چىقسا، مەن ۋە بىزدىن بىر بالا ئىستىنجا قىلىشى ئۈچۈن بىر قاچىدا سۇ ئېلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقاتتۇق[70].

بۇ يەردە مەقسەت تەرەت يوللىرىنى پاكىزلاش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشنى سۇ بىلەن ئادا قىلىش بەك ياخشى. شۇنىڭ بىلەن بىللە تاش، چالما ۋە قەغەز قاتارلىق ئۆزى پاكىز، نىجاسەتنى چىقىرالايدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ ئادا قىلىشقا بولىدۇ[71].

12 – ئوڭ قولى بىلەن تەرەت يوللىرىنى تۇتماسلىق ۋە ئوڭ قۇلى بىلەن تەرەت يوللىرىنى تازىلىماسلىق لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”سىلەردىن بىر كىشى سىيگەندە زەكىرىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتمىسۇن، ئوڭ قولى بىلەن ئىستىنجا قىلمىسۇن ۋە قاچىنىڭ ئىچىگە تىنمىسۇن“ دېگەن ئىدى[72].

13 – ئىستىنجادىن كېيىن قولنى تۇپىغا سۈرۈتۈۋېتىش كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىپ بولۇپ، قولىنى يەرگە سۈرتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[73].

بۇ يەردە قولنىڭ  تېخىمۇ پاكىز بولۇشى مەقسەت قىلىنغان. ھازىرقى زاماندا بۇ مەقسەتنى سوپۇن بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

14 – تەرەتخانىدىن چىققاندا ”پەرۋەردىگارىم مېنى كەچۈرگىن“ دېگەن دۇئانى ئوقۇش لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خالادىن چىققاندا ”پەرۋەردىگارىم مېنى كەچۈرگىن“ دەيتتى[74].

تاھارەت

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! نامازغا تۇرساڭلار يۈزلىرىڭلارنى ۋە جەينەكلىرىڭلار بىلەن قوشۇپ قوللىرىڭلارنى يۇيۇڭلار. باشلىرىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار. ئىككى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇڭلار“[75].

بۇ ئايەت ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنىڭ تاھارەت ئېلىشىنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىللە تاھارەتنىڭ يۈزنى يۇيۇش، ئىككى قولنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش، باشقا مەسىھ قىلىش ۋە ئىككى پۇتىنى ئىككى ئوشۇقى بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغانلىقىنى تەرتىپلىك ھالدا بايان قىلىدۇ. يۇقرىدىكى ئايەتنى بىر پۈتۈن ھالدا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بىلەن قۇشۇپ بىرلىكتە چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا تۆۋەندىكى ھۆكۈملەر ئوتتۇرغا چىقىدۇ:

1 – تاھارىتى يوق كىشى ناماز ئوقۇماقچى بولسا، تاھارەت ئېلىشى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”بىرىڭلار تەرەت سۇندۇرسا، قايتا تاھارەت ئالمىغۇچىلىك ئاللاھ ئۇنىڭ ھېچبىر نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ“[76] ۋە ”تاھارەتسىز ھېچقانداق ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ“[77] دېگەن ئىدى.

2 – تاھارەت تۆرۋەندىكى شەكىلدە ئېلىنىدۇ:

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق دەيدۇ: ئۇسمان سۇغا بۇيرىغان ئىدى مەن سۇ ئەكەلدىم. ئۇ، ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن ئوڭ قولىنى قاچىغا تىقىپ سۇ ئېلىپ، ئاغزى ۋە بۇرنىنى چايقىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ قېتىم يۈزىنى ۋە ئۈچ قېتىم بىلىكىنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ يۇدى. ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ ئىككى پۇتىنى ئۈچ قېتىم يۇيۇپ بولۇپ ماڭا: ”مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەن تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم“ دېدى[78].

ئابدى خەير مۇنداق دەيدۇ: ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېنىمىزغا كەلدى ۋە ناماز ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن سۇغا بۇيرۇدى. بىز ئۇ تاھارەت سۈيىنى قانداق قىلىدىغاندۇ؟ ھالبۇكى ئۇ ناماز ئوقۇپ بولغان تۇرسا. بەلكى بىزگە ئۆگىتىپ قويماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن، دېيىشتۇق. دەرھال بىر قاچا سۇ ۋە بىر دانە داس كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قاچىدىن ئوڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ، ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئېغىز ۋە بۇرنىنى سۇ ئالغان قولى بىلەن سۇ بېرىپ ئۈچ قېتىمدىن چايقىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ قېتىم يۈزىنى يۇدى. ئوڭ بىلىكىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. سول بىلىكىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قولىنى سۇ قاچىسىغا تىقىپ، بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ پۇتىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. سول پۇتىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن كىمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەتىنى بىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن ئۇنىڭ تاھارىتىنى مانا مۇشۇنداق، دېدى[79].

3 – تاھارەتنى بىر قېتىمدىن يۇيۇپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئىبنى ئابباس مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قېتىم يۇيۇپ تاھارەت ئالدى[80].

4 – تاھارەتنى ئىككى قېتىمدىن يۇيۇپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالدى ۋە بۇ، ”نۇر ئۈستىگە نۇر“ دېدى[81].

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەتنى بىر قېتىم، ئىككى قېتىم ۋە ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇپ ئالغانلىقى، لېكىن ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق يۇمىغانلقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[82].

5 – ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئشلىتىش ئەۋزەل. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئۇممىتىمگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشتىن قورقمىغان بولسام، ئۇلارنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولاتتىم[83].

6 – تاھارەت ئالغاندا قولى بىلەن ساقالنىڭ ئارىسىغا سۇ ئۆتكۈزۈش كېرەك. چۈنكى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تا�


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ