مۇسۇلمانلار

مىسكىن دېگەن كىم؟

جاۋاب:

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىنى زاكات پۇل بىلەن سېلىپ بەرسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئايال مىسكىن ھېسابلىنىدۇ. مىسكىن بولسا، زاكات بېرىشكە بولىدىغانلارنىڭ بىرىدۇر.

زاكات بېرىلىدىغان كىشى ۋە ئورۇنلار بايان قىلىنغان ئايەتتە يەنى تەۋبە سۈرىسىنىڭ 60 – ئايىتىدە زاكات بېرىلىدىغانلارنىڭ ئىككىنچىسى «مىسكىنلەر» دۇر. «مىسكىن» نىڭ مەنىسىنى تۆۋەندىكى ئايەت – ھەدىسلەر بايان قىلىپ بېرىدۇ:

1 – ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «كېمىگە كەلسەك، ئۇ دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە مىسكىننىڭ كېمىسى ئىدى…» (كەھف 18/79).

2 – ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ياكى توپىدا ياتقان مىسكىنگە» (بەلەد 90/16).

بىرىنچى ئايەتتە كېمىسى بولغان ۋە دېڭىزدا ئىشلەيدىغان مىسكىنلەر زىكىر قىلىنىدۇ؛ ئىككىنچى ئايەتتە مىسكىننىڭ ھېچ نەرسىسى يوقلىقى بايان قىلىنىدۇ. دېمەك، مىسكىن مەلۇم بىر ئىشى بولغان، ئۇ ئىشى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ ھالىغا يارىشا ياشاۋاتقان، ئەگەر ئۇ ئىشىدىن ئايرىلىپ قالسا، ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغان كىشىدۇر. تۆۋەندىكى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە تىلەمچىلىك قىلىدىغان، بىر- ئىككى لوقما ياكى بىر – ئىككى خورما بەرسە يېنىپ كېتىدىغان كىشى مىسكىن ئەمەس؛ لېكىن ئۆز ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا يەتكۈدەك بايلىق تاپالمىغان كىشى مىسكىندۇر…» (بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئىي ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

خۇلاسە:

يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدسلەرگە ئاساسەن ئۇ ئايال مىسكىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئايالنىڭ تۇرمۇشى قولىدىكى پۇلىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق قامدىلىۋاتىدۇ. بۇ ئايال بۇ ئەھۋالدا دېڭىزدا ئۆزلىرىنىڭ كېمىسى بىلەن ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان مىسكىنلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ ئايال ئەگەر قولىدىكى پۇلىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئەڭ قاتتىق كۈنگە قالغان مىسكىنگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ياكى باشقا بىرى بۇ ئايالنىڭ ئۆيىنى زاكىتىڭلاردىن سەرپ قلىپ سېلىپ بەرسەڭلار ناھايىتى ياخشى ئىش قىلغان بولىسىلەر. ھەتتا ئىككى قات ساۋابقا ئېرىشىسىلەر؛ بىرى زاكات ئايرىغانلىقنىڭ ساۋابى، يەنە بىرى سىيلە – رەھىم قىلغانلىقنىڭ ساۋابى.

ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر