باش بەت > ئىبادەت > ئىبادەتلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

كېسەل ۋە مېيىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر

بىر كىشى ئاغرىپ قالسا، سەۋر قىلىغىنى ۋە ئاچچىقلانمىغىنى تۈزۈك. چۈنكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سەۋر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە كېسەل بولماسلىق ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغان بىر ئىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن سەۋر قىلمىغاننىڭمۇ پايدىسى يوق.

مۇسۇلمان كىشى ئۆزىگە يەتكەن ھەرقانداق بالا – مۇسىبەتكە سەۋر قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا كۆپ ئەجىر ئاتا قىلىدىغانلىقى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە بايان قىلىنىدۇ. لېكىن دوختۇرغا ۋە دوست – يارەنلىرىگە كېسەل بولۇپ، دەرت چەككەنلىكىنى سۆزلىسە، بۇنىڭ زىيىنى يوق. ئەمما يەنىلا ”ئەلھەمدۇ لىللاھى ئەلا كۇللى ھال“ دېگىنى ياخشىدۇر.

كېسەل يوقلاش

بىر مۇسۇلمان كېسەل بولۇپ قالسا، يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ۋە كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئۇنى يوقلىشى ئىسلامنىڭ ئەدەبلىرىدىن بىر ئەدەبدۇر.

ئايال مۇسۇلماننىڭ، كېسەل بولۇپ قالغان ئەر مۇسۇلماننى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك مۇسۇلماننىڭ كاپىرنى ياكى مۇشرىكنى يوقلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنىدۇ.

كېسەل داۋالاش

دىنىمىز كېسەلنى داۋالاشقا بۇيرۇيدۇ. لېكىن ھارام نەرسە بىلەن كېسەل داۋالاش توغرا ئەمەس. ئەمما دورىلارغا ئارىلاشتۇرۇلغان ئاز مىقداردىكى ھارام نەرسىنىڭ زىيىنى يوقتۇر.

دوختۇرنىڭ كاپىر ياكى باشقا جىنستىن بولۇشى

كېسەلنى داۋالىماقچى بولغان دوختۇر مۇسۇلمان بولمىسىمۇ، ئىشەنچلىك بولسا، ئۇنىڭدا داۋالانسا بولىدۇ. شۇنىڭدەك زۆرۈر تېپىلغاندا ئەرنىڭ ئايال دوختۇردا، ئايالنىڭ ئەر دوختۇردا داۋالىنىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنىدۇ.

دۇئا ئوقۇش

كېسەلگە، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرىنى ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەن دۇئالارنى ئوقۇسا بولىدۇ. مەسىلەن: «ئۇلۇغ رەببىمىزدىن ئۆزلىرىگە شىپالىق تىلەيمەن، ئى ئاللاھ، بۇ كىشىگە شىپالىق ئاتا قىلغىن، ئاللاھ ئاسان قىلسۇن» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن كېسەلگە دۇئا قىلسا بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسەل يوقلىغاندا قىلغان بەزى دۇئالىرى:

1 – «ئى ئاللاھ! ئى ئىنسانلارنىڭ رەببى! بۇ كىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتكىن، بۇ كىشىگە شىپالىق ئاتا قىلغىن، پەقەت سەنلا شىپالىق ئاتا قىلغۇچىسەن. سېنىڭ شىپالىقىڭدىن باشقا ھېچ شىپالىق يوقتۇر. سېنىڭ شىپالىقىڭ ھېچقانداق ئاغرىقنى چالا قويماي ھەممىنى ساقايتىۋېتىدۇ».

2 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئاغرىپ قالدىم دەپ يېنىغا كەلگەن ئوسمان بىننى ئەبىلئاسقا مۇنداق دېگەن: ”ئاغرىغان يېرىڭگە قولۇڭنى قويۇپ تۇرۇپ، ”بىسمىللاھ“ دېگىن ۋە يەتتە قېتىم ”ئەئۇزۇ بىئىززەتىللاھى ۋە قۇدرەتىھى مىن شەررىما ئەجىدۇ ۋە ئۇھازىرۇ“ نى ئوقۇغىن. (تەرجىمىسى: مەن ھېس قىلىۋاتقان ۋە قورقىۋاتقان نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن قېچىپ ئاللاھنىڭ ئىززىتى ۋە قۇدرىتىگە سېغىنىمەن).

ئۇ كىشى، شۇنداق قىلپ ساقايغانلىقىنى، ئاندىن ئائىلىسىدىن ۋە باشقىلاردىن كېسەل بولۇپ قالغانلارغا ئۇنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.

تۇمار ئېسىش

كېسەلنى داۋالاش ياكى كېسەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋە كۆز تېگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بويۇنغا، قولغا ۋە پاچاققا تۇمار ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئېسىش ياكى كىيىم – كېچەكلەرگە تىكىپ قويۇش ياكى يانچۇقىدا ساقلاش شېرىكتۇر. شۇنىڭدەك سېھىر قىلىش ۋە قىلدۇرۇشمۇ شېرىكتۇر. بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ سېلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن!

يۇقۇملۇق كېسەللەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم

دىنىمىزدا، يۇقۇملۇق كېسەللەرگە مۇبتىلا بولغانلارنىڭ ساق كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇشى، ساق كىشىلەرنىڭ يۇقۇملۇق تارقالغان جايلارغا بېرىشى، يۇقۇملۇق كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ساق كىشىلەر بار جايلارغا كېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

ئۆلۈمنى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىش

دىنىمىز ھەر دائىم ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرۇشنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ھازىرلىق قىلىشنى تەشۋىق قىلىدۇ. لېكىن يوقسۇللۇق، كېسەل، قىيىنچىلىق ۋەھاكازالارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىش ياخشى ئىش ئەمەستۇر.

سەكراتقا چۈشۈپ قالغان كىشىنىڭ يېنىدا قىلىنىدىغان ئىشلار:

بىر مۇسۇلماننىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەن مۇسۇلمان/مۇسۇلمانلار تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشى كېرەك:

1 – سەكراتقا چۈشۈپ قالغان كىشىنىڭ يېنىغا يېقىنلىشىپ، ”لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ“نى ئۇ كىشى ئاڭلىغۇدەك ھالدا ئوقۇشى كېرەك. بۇنى، سەكراتتىكى كىشى ئۆزىگە ئەگىشىپ ئوقۇغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇشى، ئەگەر سەكراتتىكى كىش ئوقۇشقا باشلىسا، توختىشى، ناۋادا باشقا گەپ قىلسا يەنە ئوقۇشى لازىم.

2 – سەكراتتىكى كىشىنى ئوڭ تەرىپى بىلەن قىبلىگە ئالدىنى قىلدۇرۇپ، يېنىچە ياتقۇزۇپ قويىدۇ.

ئۆلۈمدىن باشلاپ دەپنىگىچە

1 -مېيىتنىڭ ئىككى كۆزى يومدۇرۇپ قويۇلىدۇ.

2 – مېيىت يۆگەپ قويۇلىدۇ.

3 – مېيىتنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقى ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنا ۋە ئەل- جامائەتكە خەۋەر قىلىنىدۇ.

4 – مېيىتنىڭ قەرزى ئادا قىلىنىدۇ.

5 – مېيىتنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلارنىڭ «ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن (بىز ئاللاھنىڭدۇرمىز ۋە بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلاردۇرمىز» دېيىشى ياخشىدۇر.

ئەگەر ئۆلۈپ كەتكەن كىشى يېقىنى بولسا، تۆۋەندىكى دۇئانىمۇ ئوقۇشى ياخشىدۇر: ”ئى ئاللاھ! بېشىمغا كەلگەن بۇ مۇسىبەتتە ماڭا ئەجىر ئاتا قىلغىن ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ياخشىراقىنى ئاتا قىلغىن“.

6 – ئۆلۈككە يىغلاش توغرا، لېكىن يىغلىغاندا ئاۋاز كۆتۈرۈش، داد – پەرياد قىلىش ۋە قوشاق قوشۇپ توۋىلاش ھارامدۇر.

7 – ئۆلۈككە ئايالىدىن باشقا تۇغقانلىرىنىڭ ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشى ھارامدۇر. لېكىن ئايالى تۆت ئاي ئون كۈنلۈك ئىددەت مۇددىتى ئىچىدە ھازا تۇتىدۇ. ئايالىنىڭ ھازا تۇتۇشى دېمەك، ئۇنىڭ مەزكۇر ئىددەت مۇددىتى ئىچىدە زىننەت بۇيۇملىرى، سۈرمە، يىپەك كىيىم، خۇشپۇراق نەرسە ۋە ئۇپا – ئەڭلىك قاتارلىق نەرسىلەرنى تەرك ئېتىشى دېمەكتۇر.

8 – مېيىتنىڭ ئائىلىسىگە باشقىلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك تەييارلاپ ئېلىپ كېلىپ يېگۈزۈشى ياخشى ئىشتۇر.

9 – ئۆلۈمدىن ئىلگىرى كېپەنلىكىنى ۋە قەبرىنى تەييارلاپ قويۇشقا بولىدۇ.

10 – مېيىتنى يۇيۇپ، نامىزىنى ئوقۇپ، يەرلىكىدە قويۇشقا ئالدىراش لازىم.

مېيىت تۆۋەندىكىدەك يۇيۇلىدۇ:

1 – مېيىت ئىگىز بىر يەردە قويۇلۇپ، كىيىم – كېچەكلىرى سالدۇرۇلىدۇ.

2 – ئەگەر مېيىت نارەسىدە بولمىسا، ئەۋرىتىنىڭ ئۈستىدە بىر نەرسە قويۇلىدۇ.

3 – يۇيۇشقا، ئېھتىياجدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتۇرۇلمايدۇ.

4 – مېيىت يۇغۇچىنىڭ ئىشەنچلىك، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىغان ۋە سالاھىيەتلىك بىر كىشى بولۇشى لازىم.

5 – مېيىتتىن چىقىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن، قورسىقى ئاستا سىقىلىدۇ.

6 – ئاندىن يۇغۇچى قولىغا لاتا يۆگەپ ياكى پەلەيگە ئوخشاش بىر نەرسە كىيىپ، مېيىتنى ئىستىنجا قىلدۇرىدۇ ۋە باشقا نىجاسەت يۇقۇپ قالغان يەرلەرنى يۇيىدۇ.

7 – قولىدىن لاتىنى چىقىرىۋېتىپ مېيىتقا كىچىك تاھارەت ئالدۇرىدۇ (تاھارەت ئالدۇرۇش جەريانىدا مېيىتنىڭ ئاغزى ۋە بۇرنىغا سۇ بېرىلمەيدۇ). تاھارەتتە مېيىتنىڭ ئوڭ تەرپى بۇرۇن يۇيۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ پۈتۈن بەدىنى ئۈچ قېتىم يۇيۇلىدۇ. يۇيۇش جەريانىدا سۇپۇن ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق يۇيۇش ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، بەش قېتىم ياكى يەتتە قېتىم يۇسىمۇ بولىدۇ.

8 – مېيىت ئايال كىشى بولسا، ئۆرۈلگەن چاچلىرى يېشىلىپ، يۇيۇلغاندىن كېيىن تەكرار ئۆرۈپ قويۇلىدۇ.

9 – يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن مېيىتنىڭ بەدىنى پاكىزە بىر رەخت بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇلىدۇ ۋە خۇشپۇراق نەرسە بار بولسا ئىشلەتسە بولىدۇ.

10 – مېيىت ئاندىن كېپەنگە ئېلىنىدۇ.

11 – مېيىتنى يۇيۇپ كېپەنلەشتىن بۇرۇن تەرىتى مېڭىپ كەتسە شۇ يەرنىلا پاكىزلىۋەتسە بولىدۇ.

12 – سۇ يوق يەردە بىر مۇسۇلمان ئۆلۈپ قېلىپ نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىشقا توغرا كەلسە، مېيىتقا تەيەممۇم قىلدۇرىلىدۇ.

13 – ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆلۈپ قالغان ئايال كىشىگىمۇ ۋە ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئۆلۈپ قالغان ئەر كشىگىمۇ تەيەممۇم قىلدۇرۇلىدۇ. ئايال مېيىتكە ئۆز مەھرىمى تەيەممۇم قىلدۇرىدۇ.

14 – ئەگە مەھرىمى بولمىسا باشقا بىر ئەر كىشى قولىغا بىر لاتا يۆگەپ ياكى پەلەيگە ئوخشاش بىر نەرسىنى كىيىپ تۇرۇپ تەيەممۇم قىلدۇرىدۇ.

15 – ئايال ئېرىنى، ئەر ئايالىنى يۇسا بولىدۇ.

16 – بالاغەتكە يەتمىگەن ئوغۇل بالىنى ئايال كىشى يۇسا بولىدۇ.

17 – مېيىت يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن كېپەنلىنىپ، نامازگاھقا كەلتۈرىلىدۇ. ئەگەر مېيىت ئېھراملىق كشى بولسا، نورمال مېيىت يۇيۇلغاندەك يۇيۇلىدۇ. ئېھرىمى بىلەن كېپەنلىنىدۇ. بېشى يۆگەلمەيدۇ ۋە خۇشپۇراق نەرسە ئىشلىتىلمەيدۇ.

18 – كېپەننىڭ قىممەت باھالىق رەخت بولۇشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر. بەلكىدە ئۇ، بىر ئىسراپچىلىقتۇر.

19 – ئەر مېيىتنىڭ يىپەك رەخت بىلەن كېپەنلىنىشى توغرا ئەمەستۇر. لېكىن ئايال مېيىتنى يىپەك رەخت بىلەن كېپەنلەشكە بولىدۇ.

20 – كېپەنلىك خىراجىتى مېيىتنىڭ مېلىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ مېلى بولمىسا، مېيىتنى بېقىشقا تېگىشلىك كىشى، ئۇمۇ بولمىسا، شۇ يەرنىڭ مۇسۇلمانلىرى كېپەنلىك چىقىمىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

مېيىت نامىزى

مېيىت كېپەنلىنىپ بولغاندىن كېيىن دەپنە قىلىنىشتىن بۇرۇن نامىزى ئوقۇلىدۇ. بۇ نامازنىڭ شەرتلىرىمۇ باشقا نامازلارنىڭ شەرتلىرىگە ئوخشايدۇ. لېكىن شەكىل جەھەتتە پەرقلىقتۇر. بۇ نامازنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى مۇنداق:

مېيىت، نامىزى ئوقۇلماقچى بولغان يەرگە كەلتۈرۈلۈپ، قىبلە تەرەپكە قويۇلىدۇ. ئىمام مېيىتنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرىدۇ (مېيىت، ئىمام بىلەن قىبلىنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ). جامائەت ئىمامنىڭ ئارقىسىدا سەپ بولۇپ ئۆرە تۇرىدۇ. ئۈرە تۇرۇشقا كۈچى يەتمىگەنلەر ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ.

ئىمام، ميېت ئەر بولسا ئەر كىشىنىڭ، ئايال بولسا ئايال كشىنىڭ، قىز بالا بولسا قىز بالىنىڭ، ئوغۇل بالا بولسا ئوغۇل بالىنىڭ نامىزى ئۈچۈن نىيەت قىلىپ، ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەپ نامازنى باشلايدۇ. جامائەتمۇ ئەينى شەكىلدە نىيەت قىلىپ، ئىمامغا ئەگىشىپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەيدۇ. ئىمام ۋە جامائەت ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەپ بولغاندىن كېيىن ”سۇبھانەكە ئاللاھۇممە…“نى ياكى فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ.

ئاندىن ئىمام ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەيدۇ. جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەيدۇ. بۇ ئىككىنچى تەكبىردىن كېيىن ئىمام ۋە جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇيدۇ. بۇ دۇرۇت نورمال نامازلاردا ”ئەتتەھەيياتۇ…“ دىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇرۇتتۇر. ئاندىن كېيىن ئىمام ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەيدۇ. جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەيدۇ.

بۇ ئۈچىنچى تەكبىردىن كېيىن مېيىتقا دۇئا ئوقۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىمام يەنە ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەيدۇ. جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەيدۇ. بۇ تۆتىنچى تەكبىردىن كېيىن ئىمام سالام بېرىپ نامازدىن چىقىدۇ. جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ سالام بېرىپ نامازدىن چىقىدۇ.

بۇ نامازدىكى تۆت تەكبىرنى ئىمام يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئوقۇيدۇ. جامائەت بولسا، ئىچىدە ئوقۇيدۇ. بىرىنچى تەكبىردە قول مۈرىگە قەدەر كۆتۈرۈلىدۇ. باشقا تەكبىرلەردە كۆتۈرۈلمەيدۇ. ناماز باشلىنىپ، ئاخىرلاشقۇچە قوللار نورمال نامازلارنىڭ قىيامىدا قويۇلغان يەردە قويۇلىدۇ.

تۆتىنچى تەكبىردىن كېيىنمۇ مېيىت ئۈچۈن قىسقىغىنا دۇئا قىلىش ياخشىدۇر.

مېيىت نامىزىدا ئۈچىنچى تەكبىردىن ئوقۇلىدىغان دۇئالار تۆۋەندىكىچە:

«ئى ئاللاھ! تىرىكلرىمىزنى، ئۆلۈكلىرىمزنى، كىچىكلىرىمىزنى، چوڭلىرىمىزنى، ئەرلىرىمىزنى، ئاياللىرىمىزنى، بۇ جىنازا نامىزىغا ھازىر بولغان ۋە بولمىغانلىرىمىزنى كەچۈرگىن.

ئى ئاللاھ، ئۇنى كەچۈرگىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنى سالامەت قىلغىن، ئۇنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇنى ياخشى كۈتۈۋالغىن، كىرىدىغان يېرىنى كەڭرى قىلغىن، ئۇنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن، ئۇنى ئاق كىيىمنى كىردىن پاكىزلىغىنىڭدەك خاتالىقلىرىدىن پاكىزلىغىن، ئۇنىڭغا يۇرتىنىڭ ئورنىغا ياخشى بىر يۇرت ئاتا قىلغىن، ئائىلىسىنىڭ ئورنىغا ياخشى بىر ئائىلە ئاتا قىلغىن، ئايالىنىڭ ئورنىغا ياخشى بىر ئايال ئاتا قىلغىن، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزگىن، ئۇنى قەبرىدىكى پىتنىدىن ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلغىن».

ئەگەر ئۆلگۈچى ئوغۇل بالا بولسا، يۇقىرىدىكى دۇئالارنى ئوقۇغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى دۇئا ئوقۇلىدۇ:

«ئى ئاللاھ! بۇ بالىنى جەننەتكە كىرىشتە ئاتا ئانىسىنىڭ ئالدىدا ماڭغىلى نىسىپ قىلغىن، بۇ بالىنى ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن يولباشلىغۇچى قىلغىن، بۇ بالىنى ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن بىر نېمەت قىلغىن، بۇ بالا بىلەن ئاتا – ئانىسىنىڭ تارازىلىرىنى ئېغىر كەلتۈرگىن، ئاتا – ئانىسىنىڭ قەلبلىرىگە سەبرى تۆككىن، بۇ بالىدىن كېيىن ئاتا – ئانىسىنى ئازدۇرمىغىن ۋە بۇ بالىنىڭ ئەجرىدىن ئاتا – ئانىسىنى مەھرۇم قىلمىغىن».

جىنازا نامىزىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر

1 – نامىزى ئوقۇلماي دەپنە قىلىنغان كىشىنىڭ نامىزى قەبرىسىنىڭ بېشىدا ئوقۇلىدۇ.

2 – ئۆلۈك توغۇلغان ياكى چۈشۈپ كەتكەن بالىلارغا مېيىت نامىزى ئوقۇلمايدۇ. لېكىن تۇغۇلۇپ ھەرىكەت قىلىپ ياكى ئاۋاز چىقىرىپ ئۆلۈپ قالغان بولسا، نامىزى ئوقۇلىدۇ.

مېيىت نامىزىدا جامائەت قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشىدۇر. لېكىن جامائەت ئاز بۇلۇپ قالسا، بار جامائەتنى ئۈچ سەپ قىلىش لازىم.

3 – مېيىت نامىزىنى مەسجىددە ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. لېكىن مەسجىدنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

4 – مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ جىنازىسىغا ئەگىشىشى ۋە جىنازىسىنى كۆتۈرۈشى لازىم.

5 – كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ، جىنازىنى تىز ئېلىپ مېڭىشى لازىم.

6 – جىنازىنى ئېلىپ ماڭغاندا ئۈنلۈك زىكىر – تەسبىھ ئوقۇش ياكى قۇرئان ئوقۇش ياخشى ئىش ئەمەستۇر.

7 – جىنازا بىلەن ئوت كۆتۈرۈپ مېڭىش توغرا ئەمەستۇر.

8 – قەبرىستانلىقتا جىنازا يەرگە قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئولتۇرماسلىق لازىم.

مېيىتنى دەپنە قىلىشقا دائىر مەسىلىلەر

1 – مېيىتنى قەبىرگە ئايىغى تەرەپتىن ئېلىپ كىرىش كېرەك.

2 – مېيىتنى يەرلىكىدە قويغۇچى «بىسمىللاھ ۋە ئەلا مىللەتى رەسۇلىللاھ(ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن قويدۇم» دېگەچ قويىدۇ ۋە قويۇپ بولۇپ، كېپەننىڭ باغلانغان يەرلىرىنى يېشىۋېتىدۇ.

3 – مېيىت قەبىرنىڭ ئىچىدە قىبلىگە مايىل قىلىپ ياتقۇزۇلىدۇ ۋە يۈزى قىبلە تەرەپكە قىلىپ قويۇلىدۇ. ئاندىن قەبىرنىڭ ئاغزىغا خىش ياكى تاختىغا ئوخشاش بىر نەرسە قويۇپ، تۇپا بىلەن ئاغزى ئېتىلىدۇ.

4 – مېيىت يەرلىكىدە قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن دەپنىگە ھازىر بولغۇچىلارنىڭ مېيىت ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ۋە سورالغان سوئاللارغا ياخشى جاۋاب بېرىشىنى تىلىشى ياخشىدۇر.

5 – مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن قەبىرنى يەر بىلەن تەڭ قىلىش لازىم. لېكىن بىر غېرىچ مىقدارى ئىگىزلىكتە بىلىق سىرتى قىلىپ توپا بىلەن ياساشقىمۇ رۇخسەت قىلىنىدۇ. قەبىرنى تونۇش ئۈچۈن ئۈستىدە تاشقا ئوخشاش بىر نەرسىلەر بىلەن بەلگە قويۇشقا بولىدۇ.

6 – قەبىرگە گەج ئىشلىتىش، قەبىرنىڭ ئۈستىگە ئۆي سېلىش ھارامدۇر. قەبىرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ.

7 – قەبىرنىڭ ئۈستىگە مەسجىد سېلىش، قەبرىدە چىراق ياندۇرۇش ھارامدۇر.

8 – قەبىرنىڭ يېنىدا مال بۇغۇزلاش توغرا ئەمەستۇر.

9 – قەبىرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇش، قەبرىگە يۆلۈنۈش ۋە قەبرە ئۈستىدە مېڭىش ھارامدۇر.

10 – قەبىرگە خەت يېزىپ قويۇش توغرا ئەمەستۇر.

11 – دېڭىزدا كېمىدە كېتىۋېتىپ بىر مۇسۇلمان ئۆلۈپ قالسا، دەپنە قىلىشقا يەر تېپىشنى ئۈمىت قىلىپ، بىر ئىككى كۈن ساقلاش لازىم. ئەگەر ئۇنى دەپنە قىلغۇدەك بىر يەر تېپىلمىسا، ئۇنى يۇيۇپ كېپەنلەپ نامىزىنى ئوقۇپ ئېغىر بىر نەرسىگە باغلاپ سۇغا قويۇپ بېرىش كېرەك.

12- قەبىرنىڭ بېشىغا خادا تىكلەپ قويۇش ۋە گۈلچېچەكلەرنى قويۇشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقتۇر.

13 -ئۆلۈپ قالغان ئايالنىڭ قورسىقىدا تىرىك بىر بالا بولسا ۋە بالىنىڭ ھاياتىدىن ئۇمىت بولسا، ئانىسىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ بالىنى چىقىرىۋېلىش لازىم. بۇ، ئىشەنچلىك دوختۇرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىدۇر.

14 – ئۆلۈپ قالغان مۇسۇلمانلارنى تىللاش ۋە ئۇلارنىڭ يامان تەرەپلىرىنى تىلغا ئېلىش ھارامدۇر.

15- مېيىتنىڭ ئائىلە تاۋابئاتىغا تەسەللى بېرىش ياخشى ئىشتۇر.

16 – مېيىت چىققان ئۆيگە تەزىيە ئۈچۈن يىغىلىپ، مېيىتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنى چىقىمدار قىلىش بىدئەت ئىشلاردىن بولۇپ، بۇنداق ئىشلارنى تەرك ئېتىش لازىم.

تەسەللى بېرىش دېمەك، ئۆيگە يىغىلىش دېگەن بولماستىن بەلكى قەبرىستانلىقتا ۋە باشقا ئۇچراشقان يەرلەردە كۆڭلى تەسكىن تاپىدىغان گەپلەرنى قىلىپ دەردىنىڭ يەڭگىلىشىگە ياردەمچى بولۇش دېمەكتۇر.

17 – مېيىتنىڭ ئائىلىسىگە تائام تەييارلاپ ئەكىلىپ يېگۈزۈش ياخشى ئىشتۇر. بۇنى تۇغقانلىرى، قولۇم – قۇشنىلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرى قىلىش لازىم.

18 – مېيىتنىڭ ھەققىدە سەدىقە قىلسا بولىدۇ.

19 – بىر مۇسۇلمان مەسجىددە ياكى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، تىلاۋەتتىن پارىغ بولغاندىن كېيىن مېيىتنىڭ گۇناھلىرىغا مەغپىرەت تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلسا، بۇنىڭ زىيىنى يوق. لېكىن قۇرئان ئوقۇغۇچىلار مېيىتنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ قۇرئان ئوقۇپ، ساۋابىنى مېيىتقا ھەدىيە قىلىشى ناھايىتى چوڭ بىدئەتتۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنداق بىدئەتلەردىن ساقلىنىشى لازىم.

20 – ئەرلەرنىڭ قەبرىنى زىيارەت قىلىشى ياخشى ئىشتۇر، لېكىن ئاياللارنىڭ زىيارەت قىلىش ياخشى ئىش ئەمەستۇر.

21 – زىيارەت قىلغۇچى قەبر بېشىدا تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىدۇ:

قەبرىگە يېقىن بېرىپ، مېيىتنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئۆتۈپ، قىبلىگە ئارقىسىنى قىلىپ تۇرۇپ (بۇ شەكىلدە تۇرالمىسىمۇ زيىنى يوق)، ”سالام سىلەرگە، ئى قەبىرلەردىكى مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلار! بىزمۇ ئاللاھ خالىسا سىلەرگە قوشۇلىمىز. سىلەر ئالدىمىزدا ماڭغۇچىلارسىلەر، بىز بولساق، سىلەرگە ئەگەشكۈچىلەرمىز. بىز ئۆزىمىزگە ۋە سىلەرگە ئاللاھتىن سالامەتلىك تىلەيمىز. ئى ئاللاھ! بۇلارنى كەچۈرگىن، بۇلارغا رەھىم قىلغىن“.

(بۇ بۆلۈمدىكى ھەدىسلەر: بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزي، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىق كىتاپلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىدە زىكىر قىلىنىدۇ).


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ