مۇسۇلمانلار

ئەتتەھىياتۇدا نېمە ئوقۇيمىز؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرغاندا، ئەتتەھىيياتۇ … ئەللاھمۇممە ساللىئەلا … ئەللاھۇممە بارىكئەلا … ۋە رەببەنا … لارنى ئوقۇيمىز. ئۇلار ۋە مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1 – ئەتتەھىيياتۇ …

«ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى ۋەسسالەۋاتۇ ۋەتتاييىباتۇ، ئەسسەلامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، ئەسسەلامۇ ئەلەينا ۋە ئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىن، ئەشھەدۇ ئەنلا لائىلاھە ئىللەللاھ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھ».

مەنىسى:

«سۆز، بەدەن ۋە مال بىلەن بولىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھغا مەخسۇستۇر. ئى شەنى ئۇلۇغ پەيغەمبەر، سالام ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بەرىكەتلىرى سېنىڭ ئۈستۈڭدە بولسۇن. سالام بىزلەرگىمۇ ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگىمۇ بولسۇن. مەن، شاھىتلىق قىلىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. يەنە شاھىتلىق قىلىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر».

2 – ئەللاھۇممە ساللىئەلا …

«ئەللاھۇممە سەللىئەلا مۇھەممەدىن، ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن، كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىمە، ئىننەكە ھەمىدۇم مەجىد».

مەنىسى:

«ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا رەھمەت ياغدۇرغىن. خۇددى ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا رەھمەت ياغدۇرغىنىڭغا ئوخشاش. سەن مەدھىيىگە لايىقدۇرسەن ۋە ئۇلۇغدۇرسەن!».

3 – ئەللاھۇممە بارىكئەلا …

«ئەللاھۇممە بارىكئەلا مۇھەممەدىن، ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن، كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىمە، ئىننەكە ھەمىدۇم مەجىد».

مەنىسى:

«ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا بەرىكەت ياغدۇرغىن. خۇددى ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا بەرىكەت ياغدۇرغىنىڭغا ئوخشاش. سەن مەدھىيىگە لايىقسەن ۋە ئۇلۇغسەن!».

4 – رەببەنا …

«رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن، ۋە فىلئاخىرەتى ھەسەنەتەن، ۋە قىنا ئەزابەننار».

مەنىسى:

« رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىل، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىل، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلا».

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

دۇئايى قۇنۇت:

«ئەللاھۇممە ئىننا نەستەئىنۇكە، ۋە نەستەغفىرۇكە، ۋە نەستەھدىكە، ۋە نۇئمىنۇ بىكە، ۋە نەتەۋەككەلۇ ئەلەيكە، ۋە نۇسنى ئەلەيكەلخەيرە كۇللەھۇ (كۇللەھ)، نەشكۇرۇكە، ۋە لا نەكفۇرۇكە، ۋە نەخلەئۇ ۋە نەترۇكۇ مەن يەفجۇرۇكە (يەفجۇرۇك).

ئەللاھۇممە ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە لەكە نۇساللى ۋە نەسجۇدۇ، ۋە ئىلەيكە نەسئا ۋە نەھفىدۇ، نەرجۇ رەھمەتەكە، ۋە نەخشا ئەزابەكە (ئەزابەك) ئىننە ئەزابەكە بىلكۇففارى مۇلھىق»

مەنىسى:

«ئى ئاللاھ! بىز سەندىن ياردەم تىلەيمىز، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمىز، سەندىن ھىدايەت تىلەيمىز، ساڭا ئىمان كەلتۈرىمىز، ساڭا تەۋبە قىلىمىز، ساڭا تايىنىمىز، سېنى پۈتكۈل ياخشىلىقلار بىلەن ماختايمىز، ساڭا شۈكۈر ئېيتىمىز، ساڭا نان كورلۇق قىلمايمىز، ساڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنى تاشلىۋىتىمىز ۋە تەرك ئېتىمىز.

ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەن ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇيمىز، ساڭىلا سەجدە قىلىمىز، سەن تەرەپكىلا يۈگۈرىمىز ۋە ئالدىرايمىز، رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمىز، ئازابىڭدىن قورقىمىز، چۈنكى سېنىڭ ئازابىڭ كاپىرلارغا يېپىشىۋالغۇچىدۇر».

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر