مۇسۇلمانلار

بۇزغۇنچى بولما!

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. اللەغا قورقۇنچ ۋە ئۈمىد ئىچىدە دۇئا قىلىڭلار. اللەنىڭ رەھمىتى، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر» – (ئەئراف سۈرىسى 56- ئايەت).

بۇ ئايەتنىڭ قىسقىچە تەپسىرى:

ئاللاھ تەئالا زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارغا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە يارىتىش، ئاندىن كىتاب نازىل قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، سىلەر ئىبادەت، ئىتائەت ۋە دۇئا قاتارلىق قۇلچىلىقلىرىڭلارنى ئاللاھدىن غەيرىيگە قارىتىش، ئۆزئارا زۇلۇم قىلىشىش ۋە دۈشمەنلىشىش ئارقىلىق ئۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، يەنى ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلماڭلار.

تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى مۇنداق:

ئى ئىنسانلار!  اللە تائالا زېمىننى ۋە زېمنىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارغا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە يارىتىپ، ئاندىن سىلەرنى ئۇنىڭغا يەرلەشتۈردى (بەقەرە سۈرىسىنىڭ 29- ئايىتىنىڭ بېشى بىلەن ئەئراف سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىمۇ بۇنى بايان قىلىدۇ). ئاندىن كېيىن پايدا- زىيىنىڭلارنى شۇ زېمىننىڭ تۈزىلىش ۋە بۇزۇلۇشىغا باغلىق قىلدى. ئاندىن سىلەرنى ئۇنى تۈزىتىشكە مەسئۇل، بۇزۇشتىن جاۋابكار قىلدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر اللەنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، دۇئا ۋە باشقا ئىبادەتلىرىڭلارنى اللەغىلا قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈۋاتقان ۋە چەكلىمىلىرىدىن ساقلىنىۋاتقان، بولۇپمۇ ئاللاھغا دۇئا قىلىۋاتقان چېغىڭلاردا ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىنى ئۈمىد قىلىڭلار.

غايەڭلار شېرىك ئەمەس تەۋھىد، كۇپۇر ئەمەس ئىمان، گۇناھ ئەمەس ئىبادەت، قالايمىقانچىلىق ئەمەس ئىنتىزام، زۇلۇم ئەمەس ئادالەت، ۋەيران قىلىش ئەمەس گۈللەندۈرۈش، قىسقىسى بۇزۇش ئەمەس تۈزەش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەمەس ئىسلاھ قىلىش بولسۇن.

سىلەر، ھاياتىڭلار ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان بىرەر نەرسىنىڭ يوق چېغىدىكى ھالىتىڭلارنى، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا بىر لوقما يېمەكلىكمۇ، بىر يۇتۇم سۇمۇ تېپىلمىغان چاغدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىڭلارنى، ئاستىڭلاردىكى زېمىننىڭ ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ سىلكىنگىلى باشلىغان چاغدا بېشىڭلارغا كېلىدىغان پالاكەتنى ئويلاپ ھەر تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىقتىن ساقلىنىڭلار.

ئاللاھ توغرا يولدىن ئايرىمىسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر