مۇسۇلمانلار

ناماز ھەققى ۋە ئىسقات

جاۋاب:

دىنىمىزدا، بىر مۇسۇلمان ئۆلۈپ كەتسە، قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن مېيىت نامىزى ئوقۇشى بەلگىلەن. ھەتتا بۇ، ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلماننىڭ، قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ھەققى دەپ بېكىتىلگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن مېيت نامىزى ئوقۇش، ئۆز زىممىسىدىكى ھەقنى ئادا قىلغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭغا ھەق ئېلىش، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆز زىممىسىگە يۈكلەنگەن ھەقنى ئادا قىلغانلىققا ھەق ئالغانلىق بولىدۇ.

بۇ ئىشنىڭ ئىبادەت تەرىپىنى چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا ئىش تېخىمۇ خەتەرلىكتۇر. چۈنكى ئىبادەت دېگەن خالىس نىيەت بىلەن ئاللا تائالا ئۈچۈن ئادا قىلىنىدىغان بىر ئىشتىن ئىبارەت. بۇ ئىش تەلەپكە لايىق ئادا قىلىنغان بولسا، ھەققىنى (ساۋابىنى) ئاللاھ ئۆزى بېرىدۇ.

مېيت نامىزى ئوقۇپ ھەق ئېلىش، بۇ ئىبادەتنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلمىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. يەنى بۇ، پۇل ئۈچۈن ئۈچۈن مېيىت نامىزى ئوقۇغانلىق بولۇپ، ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، مېيتت نامىزى ئوقۇپ ھەق ئالىدىغانلارنىڭ تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزىتىشى، پۇل بېرىدىغانلارنىڭ گۇناھقا ۋاسىتە بولماسلىقى، شۇنداقلا بۇ ئىشتىن قول يىغىشى لازىم.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر