مۇسۇلمانلار

توي قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

نىكاھنىڭ دىنىمىزنىڭ ھۆكمىگە ئۇيغۇن بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە رىئايە قىلىش لازىم:

1 – نىكاھلىنىش تەكلىپى قويۇلماقچى بولغان قىز/ئايال، نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان بىرى بولماسلىقى لازىم. بۇ نىسا سۈرىسىنىڭ 23- ئايىتى ۋە 24- ئايىتىنىڭ بېشىدا بايان قىلىنىدۇ.

2 – نىكاھلىنىش ئائىلە قۇرۇپ بالا-چاقا تېرىش نىيىتى بىلەن بولۇشى شەرت. نىسا سۈرىسىنىڭ 24- ئايتىدىكى «مۇھسىنىينە غەيرە مۇسافىھىينە» دېگەن كەلىمىلەر بۇنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى مۇھسىنىينە نىڭ مەنىسى ئەرلەرنىڭ نىكاھلىنىشتىن مەقسىتىنىڭ نىكاھىغا ئالغان قىز/ئايالنى نىكاھىغا ئېلىش ئارقىلىق ئائىلە قورغانىغا ئېلىش ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە ساقلاش دېگەن بولىدۇ؛ غەيرە مۇسافىھىينە بولسا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھلىنىشتىكى مەقسىتى جىنسىي ھەۋەسىنى قاندۇرۇشلا بولمىسۇن بەلكىدە ھەر ئىككى تەرەپ بۇ نىكاھتىن بىر ئائىلە قۇرۇپ بالا-چاقا ۋە نەۋرە-چەۋرە تېرىش (نەھل سۈرىسىنىڭ 72- ئايىتىمۇ بۇنى بايان قىلىدۇ)، جەمئىيەتتە قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋىتىنى پەيدا قىلىش (فۇرقان سۈرىسىنىڭ 54- ئايىتىمۇ بۇنى بايان قىلىدۇ) نى مەقسەت قىلسۇن دېگەن بولىدۇ. بۇ ئىككى كەلىمىنىڭ (مۇھسىنىينە غەيرە مۇسافىھىينە) جۈملىدىكى ئورنى بۇ ئىشلارنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ

3 – ھەر ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھلىنىش يېشىغا يەتكەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا نىسا سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتىدە نىكاھلىنىشنىڭ ۋاقتىنى زىكىر قىلىدۇ. دېمەك نىكاھلىنىشنىڭ بىر ۋاقتى بار. بۇ ۋاقىت بالاغەتكە يېتىپ بولغان ۋاقىتتۇر. بالاغەتكە يەتمىگەن ئوغۇلغا خوتۇن ئېلىپ بېرىش توغرا بولمىغاندەك بالاغەتكە يەتمىگەن قىز بالىنى ئەرگە بېرىشمۇ توغرا بولمايدۇ.

4 – قىز/ئايالغا باشقا بىرىنىڭ ئۆيلىنىش تەكلىپى قويمىغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھېكىم، قېرىندىشى مېلىنى ساتماقچى بولغان كىشىگە مېلىنى ساتمىسۇن ۋە قېرىندىشى توي قىلىش تەكىلىپى قويغان قىز/ئايالغا توي قىلىش تەكىلىپى قويمىسۇن» دېگەن. بۇ ھەدىس (بۇخارى نىكاھ، مۇسلىم نىكاھ، تىرمىزى نىكاھ، نەسەئى نىكاھ، ئىبنى ماجە نىكاھ) زىكىر قىلىنىدۇ

5 – نىكاھلىنىش تەكىلىپى قويۇلماقچى بولغان ئايال ئىددەت ئىچىدە بولماسلىقى لازىم. يەنى ئېرى ئۆلۈپ قالغانلىقى ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالغا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويۇشقا بولمايدۇ. (بەقەرە سۈرىسىنىڭ 228- ۋە 235- ئايەتلىرى، تالاق سۈرىسىنىڭ 1- ئايىتى بۇنى بايان قىلىدۇ).

6 – ئەر تەرەپتىن قىز/ئايال تەرەپكە نىكاھلىنىش تەكلىپى قويۇلغاندىن كېيىن قىز/ئايال ھېچقانداق بېسىم ئاستىدا قالماستىن ماقۇل ياكى ياق دەيدۇ. ئەگەر ماقۇل دېگەن تەقدىردە بۇ نىكاھنىڭ شەرىئەت ئەھكامىغا ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ئۇيغۇن بولۇپ بولمىغانلىقىنى قىز/ئايالنىڭ ۋەلىيىسى (دادىسى ياكى قېرىنداشلىرى ياكى تاغىلىلىرى) كونترول قىلىدۇ. ئەگەر بولار نىكاھنىڭ شەرىئەت ئەھكامىغا ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقىغا قانائەت قىلسا رۇخسەت قىلىدۇ.

ئىش بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، (نىكاھ ئىدارىسىدىن توي خېتى ئېلىپ) ئاندىن ئەل-يۇرتنى چاقىرىپ توي قىلىش كېرەك. يەنى ئەر شۇ قىز/ئايالنى نىكاھىغا ئالغانلىقىنى، ئايال شۇ ئەرنىڭ نىكاھىغا كىرگەنلىكىنى  ئەل-ئالەمگە ئېلان قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئۇ كىشى شۇ ئايال بىلەن، ئۇ ئايالمۇ شۇ ئەر بىلەن نىكاھلانغان بولىدۇ.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش لازىمكى، ھازىر جەمئىيىتىمزدە «توي خېتى ئېلىپ توي قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ كاپىرغا بويسۇنغانلىق بولۇپ شېرىك ھېسابلىنىدۇ» دەپ كەڭ مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرىدىغان بىر سۆز بار. بۇ ھېچقانداق ئاساسى يوق گەپ.

بۇنداق ئاساسسىز گەپلەرگە ئالدانماسلىق كېرەك. بۇ سۆزنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ياكى قەستەن چىقىرىۋاتقانلاردىن سوراپ باقايلى: بىر جۈپ ئەر- ئايال توي خېتى ئالماي نىكاھلانغان تەقدىردە يۇقىرىدىكى شەرتلەرنىڭ قايسىسىنى ئورۇندىيالايدۇ؟ بالىلارنىڭ نوپۇسى، ئائىلىنىڭ رەسمىيلىشىشى قانداق بولىدۇ؟

نىكاھنىڭ يۇقارقى شەرتلىرىدىن بىرىگە رىئايە قىلىنمىسا نىكاھ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. توي خېتى ئالماي توي قىلسا ئۇ شەرتلەرگە تولۇق رىئايە قىلىش  مۇمكىنمۇ؟

بۇ ھەرەمگە بېرىش ئۈچۈن پاسپورت ئېلىشقا، مۇناسىۋەتلىك كۇنسۇلدىن ۋىزا ئېلىشقا، قانتاش ۋاسىتىلىرىغا چىقىپ، ئىنسانلار تۈزۈپ قويغان يوللاردا، ئىنسانلار رۇخسەت قىلغان بويىچە مېڭىشقا ئوخشايدۇ. ھەتتا ئەتىگەن مەھەللىدىكى مەسچىتكە چىقىشمۇ يەنە ئىنسانلار تۈزۈپ قويغان يولدا مېڭىش بىلەن بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن توي قىلماقچى بولغانلار چوقۇم ياشاۋاتقان رايۇن ياكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىسىدىن رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ ئائىلە قۇرۇشلىرى لازىم. باشقا شەكىلدە بولغاندا دىنىمىزنىڭ نىكاھلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىنمايدۇ. بۇنداق بىر نىكاھ شەرئەن كۈچكە ئىگە ھېساپلانمايدۇ. شەرئەن كۈچكە ئېگە بولمىغان نىكاھ بىلەن «توي قىلدۇق» دەپ تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرغانلار ئۆزىنى ئۆزىنى ئالدىغان بولىدۇ. بۇ ئىش، دىنىمىز ھارام قىلغان بىر نەرسىنى «بىسمىللاھ…» دەۋىتىپ يەپ – ئىچكەنگە ئوخشايدۇ.

تويلۇقنىڭ ئۆلچىمىگە كەلسەك، ئاللاھ تەئەلا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر نىكاھىڭلارغا ئالماقچى بولغان ئاياللارغا مەھرىلىرىنى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن سوغا قىلىپ بېرىڭلار»- (نىسا، 4-ئايەت).

بۇ ئايەتكە ئاساسەن تويدا ئەر، ئايالغا تويلۇق بېرىشى لازىم. بۇنىڭ مىقدارى شۇ ئايال ياشاۋاتقان رايوندا، شۇ ئايالغا ياش، چىراي – شەكىل ۋە جەمىيەتتىكى ئېتىبارى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاش كېلىدىغان ئايالنىڭ تويلۇقى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك بولىدۇ. بۇ مىقدار مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە ۋە فىقىھ كىتابلىرىدا «مەھرى مىسلى» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە تويلۇقنى بۇ مىقداردىن ئاز بېرىشكە بولمايدۇ. لېكىن نىسا سۈرىسىنىڭ 20- ئايىتىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تويلۇقنى يۇقىرىدىكى مىقداردىن ئارتۇق بېرىشكە بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر