مۇسۇلمانلار

قېيىن ئانا بىلەن كىيئوغۇل مۇناسىۋىتى

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

سىز قېيىن ئانىڭىز بىلەن ياخشى ئۆتەش ئۈچۈن قولىڭىزدىن كەلگەننى قىلسىڭىز، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلسا، سىزگە ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. سىزنىڭ دىققەت قىلىدىغىنىڭىز قېيىن ئانام ماڭا مۇنداق قىلدى دەپ ئۇنى رەنجىتمەڭ، قولىڭىزدىن كېلىشىچە گەپ ـ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىڭىزدە ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىشقا تىرىشىڭ.

ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:

ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش ئوخشاش بولمايدۇ، يامان خىسلەتكە ياخشى خىسلەت بىلەن تاقابىل تۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ، سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار بولغان ئادەم سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ خسىلەتكە پەقەت سەۋرىچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نەسىۋە ئېگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ. ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ يۇقىرىدىكى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە، ئاللاھ سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.} (فۇسىىلەت سۈرىىس، 34 ـ 36 ئايەتلەر)

ئاللاھ تەئەلا نىسا سۈرىسىنىڭ 119 ـ ئايىتىدە بىز مۇسۇلمانلارنى ئاياللىرىمىز بىلەن چىرايلىقچە تېرىكچىلىك قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

سىز قېين ئانىڭىزغا يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئايالىڭىز بىلەن چىرايلىق ئۆتۈشكىمۇ تىرىشقان بولۇسىز.

بۇ يەردە سىزنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر ئىشىڭىز شۇكى، ئاناڭ مۇنداق قىلدى دەپ، ئائىلىڭىزگە زۇلۇپ قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. ئايالىڭىزنىڭ قېيىن ئانىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەمچى بولۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئاللاھ تەئەلانىڭ ۋەدە قىلغىنى بويىچە قېيىن ئانىڭىز بىلەن ئارىڭىز ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر