مۇسۇلمانلار

قەبرە يوقلاپ قۇرئان ئوقۇش

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام سىز ئويلىغاندەك بۇ سۆزنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. چۈنكى ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئىبادەت قىلمايدۇ ۋە ئىبادەت قىلىشقىمۇ تەكلىپ قىلىنمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:

«سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن» (ھىجر سۈرىسى، 99 ـ ئايەت) لېكىن سىز شۇنى بىلىۋېلىڭكى، قەبرىستان ئۆلۈكلەرگە ئاتاپ ئايەت ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئىبرەت ئىلىش ئۈچۈن ۋە قەبرىدىكىلەرگە سالام قىلىش ئۈچۈن زىيارەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قەبرىستانلىققا چىققان ۋاقتىمىزدا بىرىنچىدىن ئۆزىمىزنىڭ ھامىنى بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمىزنى، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن توغرا ئەقىدە ۋە ياخشى ئەمەلدىن باشقا ھېچنەرسىنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئويلىشىمىز لازىم. ئىككىنچىدىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەي قەبرىدە يېتىۋاتقان ئەر ـ ئايال مۇئمىن ـ مۇسۇلمانلار! ئاللاھ بىزنى ۋە سىلەرنى ئەپۇ قىلسۇن، سىلەر بۇ جايغا بىزدىن بۇرۇن كەلدىڭلار، بىزمۇ ئاللاھ خالىغان بىر پەيتتە سىلەرگە يېتىشىمىز» دەپ سالام قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا نامازلىرىمىزنىڭ ئارقىسىدىن ۋە ھەر پۇرسەتتە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتى ئۈچۈن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىمىز.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر